44-تەتقىق ماقالىسى
38-ناخشا يۈكۈڭنى يەھۋاغا تاشلا!
ئادالەتسىزلىككە قانداق بەرداشلىق بېرەلەيسىز؟
«يامانلىققا تىز پۈكمەڭلار، بەلكى يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار».—رىملىقلار 12:21.
مەركىزى ئىدىيە
ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغاندا، ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىمىز.
1، 2. بىز قانداق ئادالەتسىزلىكلەرگە ئۇچرىشىمىز مۇمكىن؟
ئەيسا بىر تۇل ئايال ھەققىدە تەمسىل ئېيتقان ئىدى. شۇ تۇل ئايال ئۆزى ئۇچرىغان ئادالەتسىزلىككە ھەق ھۆكۈم چىقىرىشنى ئۆتۈنۈپ، قازىنىڭ ئالدىغا قايتا-قايتا بارغان. شۇ ئايالنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى چوقۇم ياخشى چۈشەنگەن. چۈنكى، شۇ چاغلاردا كۆپلىگەن كىشىلەر ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ئىدى (لۇقا 18:1–5). ئەمەلىيەتتە، بۈگۈنكى كۈندە بىزمۇ شۇ ئايالنىڭ قانداق ھېس-تۇيغۇلاردا بولغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز، چۈنكى ھەممىمىز بەزىدە تۈرلۈك ئادالەتسىزلىككە دۇچ كېلىمىز.
2 بۈگۈنكى كۈندە بىز ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلگەندە، ھەيران قالمايمىز. چۈنكى، بۇ دۇنيادا كەمسىتىش، تەڭسىزلىك، زۇلۇم كەڭ تارقالغان (ۋەز 5:8). بەزىدە، ھەتتا جامائەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئادالەتسىز مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ھەقىقەتكە قارشى چىققۇچىلار ئەمەس، ئەتەي بىزگە ئادالەتسىزلىك قىلمايدۇ. بىراق، ھەممىمىز نامۇكەممەل بولغاچقا، شۇنداق ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئەيسانىڭ ئۆزىگە ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلغان رەزىل كىشىلەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى ئويلاپ كۆرسەك، كۆپ نەرسىلەرگە ئۆگىنەلەيمىز. ئەگەر بىز ھەقىقەتكە قارشى چىققۇچىلارنىڭ ئادالەتسىز مۇئامىلىسىگە بەرداشلىق بېرىپ، سەۋر-تاقەتلىك بولغان ئىكەنمىز، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا تېخىمۇ سەۋر-تاقەتلىك بولۇشىمىز كېرەك، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا، مۇشۇ دۇنيادا ياكى جامائەتتە ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىساق، يەھۋا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟ ئۇ بىزگە كۆڭۈل بۆلەمدۇ؟
3. بىز ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىساق، يەھۋا كۆڭۈل بۆلەمدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟
3 يەھۋا بىزنىڭ قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرىشىمىزغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. مۇقەددەس كىتاب: «يەھۋا سۆيەر ئادالەتنى»،— دەيدۇ (زەبۇر 37:28). ئەيسا شۇنداق كاپالەت بەرگەنكى: يەھۋا ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، «دەرھال ئادالەتنى ئورنىتىدۇ» (لۇقا 18:7، 8). پات ئارىدا ئۇ بارچە ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزنى يوق قىلىپ، پۈتكۈل ئادالەتسىز ۋە ناھەق ئىشلارنى يىلتىزدىن تۈگىتىدۇ.—زەبۇر 72:1، 2.
4. بۈگۈنكى كۈندە يەھۋا خۇدا بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
4 يەھۋا ئادالەتنى ئورنىتىدىغان زامان كەلگۈچە، ئۇ بىزنىڭ ئادالەتسىزلىككە بەرداشلىق بېرىپ، سەۋرچان بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (2-پېتر. 3:13). ئۇ بىزگە ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىغاندا، ئۇ ئەخمىقانە ئىش قىلشتىن ساقلىنىشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ يەنە ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ مۇكەممەل ئۈلگىسى ئارقىلىق، ناھەق مۇئامىلىگە ئۇچرىغاندا ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتابتىن بىزگە قوللىنىشچان ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ.
ئادالەتسىزلىككە توغرا ئىنكاس قايتۇرۇڭ
5. ئادالەتسىزلىككە ئىنكاس قايتۇرغاندا، نېمە ئۈچۈن ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك؟
5 ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغاندا، كۆڭلىمىز قاتتىق ئاغرىشى مۇمكىن (ۋەز 7:7). ئەمەلىيەتتە، قەدىمقى زاماندا خۇدانىڭ بەزى سادىق خىزمەتچىلىرى، مەسىلەن ئايۇپ ۋە ھاباققۇق شۇنداق ھېس-تۇيغۇلاردا بولغان (ئايۇپ 6:2، 3؛ ھاباق. 1:1–3). گەرچە، شۇنداق ئىنكاس قايتۇرۇش ناھايىتى تەبئىي بولسىمۇ، ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويۇپ، پۇشايمانغا قالماسلىق ئۈچۈن ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك.
6. ئابشالومنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
6 ئۆزىمىز ياكى يېقىن كىشىمىز ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىسا، بىز ئۆچ ئېلىشنى ئويلىشىمىز مۇمكىن، بىراق شۇنداق قىلساق، ئىشلار تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىپ قالىدۇ. داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوغلى ئابشالومنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئابشالوم ئۆز سىڭلىسى تامارنىڭ نومۇسىغا تەگكەن ئاتا بىر، ئانا باشقا ئاكىسى ئامنونغا قاتتىق غەزەپلەنگەن. تەۋرات قانۇن بويىچە ئامنون ئۆلۈمگە لايىق ئىدى (لاۋى. 20:17). گەرچە ئابشالومنىڭ غەزەپلىنىشى ئورۇنلۇق بولسىمۇ، ئامنوننى ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى يوق ئىدى.—2-سام. 13:20–23، 28، 29.
تامار ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغاندا، ئابشالوم ئۆز غەزىپىنى باسالمىدى. (6-ئابزاسقا قاراڭ)
7. ئادالەتسىزلىكنى كۆرگەن زەبۇر يازغۇچىسى قانداق ئوي-خىيالدا بولغان ئىدى؟
7 رەزىل ئادەملەر جازاسىز قالغاندەك كۆرۈنگەندە، ھەق، توغرا ئىش قىلىشقا تىرىشىپ، جان قىيناشنىڭ پايدىسى بارمۇ؟ دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن. بىر زەبۇر يازغۇچىسى دەل شۇنداق ھېس-تۇيغۇدا بولغان. ئۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ ھەققانىي ئادەملەرنى بوزەك قىلىپ، راھەت-پاراغەت ئىچىدە خۇشال ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇھ تارتىپ شۇنداق دېگەن: «مانا رەزىل كىشىلەر، ھەمىشە ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولار» (زەبۇر 73:12). ئۇنىڭ شۇنداق ناھەقچىلىكنى كۆرۈپ، كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولغاچقا، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى ئەھمىيەتسىز ھېس قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «مەن بۇنى بىلمەكچى بولۇپ، ئۇيان-بۇيان ئويلاندىم، بۇ ئىش ماڭا ئېغىر كېلىپ، بەك قىينالدىم» (زەبۇر 73:14، 16). ئۇ ھەتتا شۇنداق دېگەنىدى: «ماڭا كەلسەك، يولدىن چەتنەپ كەتكىلى تاس قالدى پۇتلىرىم، قەدەملىرىمدە تېيىلىپ، يىقىلىپ چۈشۈشكە ئازلا قالغان ئىدىم» (زەبۇر 73:2). ئالبېرتو ئىسىملىك بۇرادەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ھېس-تۇيغۇلاردا بولغان.
8. بىر بۇرادەرگە ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
8 بەزى بۇرادەرلەر ئالبېرتونى جامائەتنىڭ ئىئانە ساندۇقىدىن پۇل ئوغرىلىدى دەپ خاتا ئەيىبلىگەن. نەتىجىدە، ئۇ جامائەتتىكى ۋەزىپىلىرىدىن ئايرىلىپ قالماي، كېيىن بۇ ئىشنى ئاڭلىغان ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىدىن ھەم ئايرىلىپ قالغان. ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «ئىچىم ئىنتايىن ئاچچىق بولغان، كۆڭلۈم بەك رەنجىپ، قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدىم». ئۇ شۇنچىلىك ئازابلانغان، ئۇنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمگە تەسىر يەتكۈزۈپ، بەش يىل جامائەت يىغىلىشلىرىغا بارمىغان. مۇشۇ مىسال شۇنى ئېنىق كۆرسىتىدۇكى، ئەگەر بىز ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغاندا، سەلبىي ھېس-تۇيغۇلارنى كۆڭلىمىزدە ساقلاپ يۈرسەك، ئاقىۋەتتە تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىمىز مۇمكىن.
ئادالەتسىزلىككە تاقابىل تۇرۇشتا، ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىڭ
9. ئەيسا مەسىھ قانداق ئادالەتسىزلىكلەرگە دۇچ كەلگەن؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
9 ئەيسا ئادالەتسىزلىككە تاقابىل تۇرۇشتا، ئەڭ ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. ئۇ سىرتلاردا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئادالەتسىز مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ قالماي، ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ناھەق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمىغان بەزى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنى ئەقلىدىن ئادىشىپ قاپتۇ دېگەن. دىنىي رەھبەرلەر بولسا، ئەيسا مەسىھنى جىنلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئىش قىلىدۇ دەپ ئەيىبلەشكەن. رىم ئەسكەرلىرى ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، ئۇنى قىيناپ خورلاپ، ئاخىرىدا ئۆلتۈرۈۋەتكەن (ماركۇس 3:21، 22؛ 14:55؛ 15:16–20، 35–37). بىراق، ئەيسا ئاشۇ بارچە ئادالەتسىزلىكلەرگە ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بەرگەن، ھەرگىزمۇ يامانلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرمىغان. بىز ئەيسادىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
ئادالەتسىزلىككە تاقابىل تۇرۇشتا، ئەيسا مۇكەممەل ئۈلگە قالدۇرغان (9، 10-ئابزاسلارغا قاراڭ)
10. ئەيسا مەسىھ ئادالەتسىزلىككە قانداق تاقابىل تۇرغان؟ (1-پېترۇس 2:21–23)
10 1-پېترۇس 2:21–23-نى ئوقۇڭa. ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلگەندە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش ھەققىدە ئەيسا مەسىھ مۇكەممەل ئۈلگە قالدۇرغان. ئۇ قاچان سۆزلەپ، قاچان سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكىنى ياخشى بىلگەن (مەتتا 26:62–64). ئەيسا بەزىدە ئۆزىگە تۆھمەت قىلغانلارغا ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىغان (مەتتا 11:19). جاۋاب قايتۇرغان ھالەتتىمۇ، ئۇ ھاقارەتلىك گەپ-سۆزلەرنى قىلمىغان ياكى ئۇلارغا تەھدىت سېلىپ قورقۇتمىغان. ئەيسا ئۆزىنى تۇتۇۋالالىغان، سەۋەبى «ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان». ئۇ ئۆزى ئۇچراۋاتقان ئادالەتسىزلىكنى يەھۋا خۇدانىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىغا ۋە ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە ئادالەتنى ئورنىتىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.
11. قانداق ۋەزىيەتلەردە گەپ-سۆزلىرىمىزگە دىققەتچان بولۇشىمىز كېرەك؟ (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ).
11 بىز ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلگەندە، نېمە دېيىش ۋە قاچان دېيىشكە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. بەزىدە كىچىكىنە ناھەق ئىشلارغا ئۇچراپ قالساق ياكى بىر نېمە دېسەك ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك ئىش بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن سۈكۈت قىلىپ جىم تۇرۇشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن (ۋەز 3:7؛ ياقۇپ 1:19، 20). بەزى چاغلاردا ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان بىرىنى ھىمايە قىلىش ياكى ئىمان-ئېتىقادىمىز توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى قوغداش ئۈچۈن يۈرەكلىك ھالدا ھەقنى سۆزلىشىمىز كېرەك (ئەلچى. 6:1، 2). بىراق، گەپ قىلغاندا چوقۇم ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن مۇلايىم گەپ-سۆزلەرنى قىلىشقا تىرىشىشىمىز لازىم.—1-پېتر. 3:15b.
بىز ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلگەندە، قاچان ۋە قانداق سۆزلەشتە ئېھتىياتچان بولۇپ، ئەيسانى ئۈلگە قىلالايمىز (11، 12-ئابزاسلارغا قاراڭ)
12. بىز نېمە قىلساق، ھەممىنى «ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىنىڭ قولىغا تاپشۇرغان» بولىمىز؟
12 بىزمۇ ئۆزىمىزنى «ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىنىڭ قولىغا» تاپشۇرۇش ئارقىلىق، ئەيسانى ئۈلگە قىلالايمىز. ئەگەر باشقىلار بىزنى خاتا چۈشەنسە ياكى بىزگە ناھەق مۇئامىلە قىلسا، يەھۋانىڭ ھەممە ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرغانلىقىغا ئىشىنىڭ. بۇ ئىشەنچ بەرداشلىق بېرىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. چۈنكى، بىز ئۇ ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە چوقۇم بارچە ئادالەتسىزلىكلەرنى پۈتۈنلەي يوق قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئەگەر ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى يەھۋانىڭ قولىغا تاپشۇرساق، قەھىر-غەزەپ ياكى ئۆچ-ئاداۋەت ساقلاشنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز. ئاچچىقلىنىش ۋە ئۆچ-ئاداۋەت بىزنى پۇشايمان قىلىدىغان ئىشلارغا باشلاپ خۇشاللىقىمىزنى يوق قىلىشى، ھەتتا يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.—زەبۇر 37:8.
13. ئادالەتسىزلىككە سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
13 ئەلۋەتتە، بىز ھەرگىزمۇ ئەيسا مەسىھنى مۇكەممەل ئۈلگە قىلالمايمىز. بەزىدە قىلغان گەپ-سۆزلىرىمىز ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزگە كېيىنرەك پۇشايمان قىلىپ قالىمىز (ياقۇپ 3:2). ئۇچرىغان بەزى ئادالەتسىزلىكلەر قەلبىمىزدە ياكى تېنىمىزدە ساقايماس جاراھەت پەيدا قىلىپ، تاكى دۇنيانىڭ ئاخىرىغىچە ئاغرىق ئازاب ياكى قايغۇ-ھەسرەت چېكىپ ياشىشىمىز مۇمكىن. يەھۋا سىزنىڭ قانداق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىڭىزنى ئوبدان بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ. ئەيسامۇ سىزنىڭ قانداق ھېس-تۇيغۇلاردا بولۇۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزى ئادالەتسىزلىككە ئۇچراپ، ئاچچىق ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەككەن (ئىبرانىي. 4:15، 16). ئەيسانىڭ ئۈلگىسىدىن باشقا، يەھۋا يەنە بىزگە ئادالەتسىزلىككە تاقابىل تۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى بەرگەن. ھازىر رىملىقلارغا يېزىلغان خەتتىكى ئىككى ئايەت بىزگە ياردەم بېرىدىغان كۆرۈپ باقايلى.
«خۇدانىڭ غەزىپىگە يول بېرىڭلار»
14. «خۇدانىڭ غەزىپىگە يول بېرىڭلار» دېگەن سۆزلەر نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ (رىملىقلار 12:19)
14 رىملىقلار 12:19-نى ئوقۇڭ. ئەلچى پاۋلۇس ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا نەسىھەت بېرىپ: «خۇدانىڭ غەزىپىگە يول بېرىڭلار»— دېگەن. بۇ يەھۋانىڭ ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى تاللىغان ئۇسۇلدا ئادالەتنى ئورنىتىشىغا يول بېرىشنى بىلدۈرىدۇ. ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان جون ئىسىملىك بۇرادەر مۇنداق دەيدۇ: «خاتا ئىش قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۆز غەزىپىمنى بېسىۋېلىپ، ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىشقا بەك تىرىشتىم، بىراق بۇ ئاسان بولمىدى. شۇنداقتىمۇ، رىملىقلار 12:19-ئايەتتىكى سۆزلەر مېنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن يەھۋانى كۈتۈپ تۇرۇشىمىزغا ياردەم بەردى».
15. نېمە ئۈچۈن ئىشلارنى يەھۋانىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتىشىمىز كېرەك؟
15 سەۋرچانلىق بىلەن يەھۋانى كۈتۈش ئاقىلانە يول تۇتقانلىق بولىدۇ. ئەگەر بىز ھەمىشە مەسىلىنى ئۆزىمىز ھەل قىلىشقا تىرىشساق، ئېغىر يۈكنى ئۈستىمىزگە ئېلىۋېلىپ، چۈشكۈنلۈك ۋە ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالىمىز. يەھۋا بىزگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئۇ ئادالەتسىزلىكنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشىمىزنى ئېيتقان، يەنى «مەن ئۆزۈم ياندۇرىمەن» دەپ ۋەدە قىلغان. ئەگەر بىز شۇ ۋەدىگە ئىشەنسەك، ئۆز ئۈستىمىزگە ئېغىر يۈكنى ئېلىۋالماي، يەھۋاغا تاپشۇرىمىز. چۈنكى، يەھۋا چوقۇم ئادالەتسىزلىكلەرنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. يۇقىرىدا ئېيتىلغان جون شۇنداق قىلغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن سەۋرچانلىق بىلەن يەھۋا خۇدانى كۈتىمەن، چۈنكى ماڭا قارىغاندا ئۇ ئىشلارنى ناھايىتى ياخشى ھەل قىلىدۇ».
«يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار»
16، 17. يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىشكە دۇئا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ (رىملىقلار 12:21)
16 رىملىقلار 12:21-نى ئوقۇڭ. پاۋلۇس يەنە ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا «يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار» دەپ نەسىھەت بەرگەن.تاغدىكى ۋەز نەسىھىتىدە، ئەيسا مەسىھ مۇنداق دېگەن: «داۋاملىق دۈشمەنلىرىڭلارنى سۆيۈڭلار ۋە سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار» (مەتتا 5:44). ئەيسا مەسىھ ئۆزى دەل شۇنداق قىلغان. رىملىق ئەسكەرلەر ئۇنى ۋەھشىيلەرچە قىيناپ، تۈۋرۈككە مىخلىغان. ئۇ شۇ ئاغرىق ئازابىغا ۋە ئاشۇ ناھەقچىلىككە قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى تولۇق چۈشىنەلمەيمىز.
17 بىراق، ئەيسا مەسىھ ئادالەتسىزلىكنى يەڭگەن. ئۇ خۇدادىن ئاشۇ ئەسكەرلەرنى جازالاشنى سوراشنىڭ ئورنىغا، مۇنداق دۇئا قىلغان: «ئەي ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرگىن. چۈنكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ» (لۇقا 23:34). بىزمۇ ئەيسانى ئۈلگە قىلالايمىز. بىزگە ناھەق مۇئامىلە قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىش، غەزىپىمىزنى بېسىپ، ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىماسلىققا ياردەم بېرەلەيدۇ. ھەتتا شۇ كىشىلەرگە قارىتا كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز.
18. ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ئالبېرتو ۋە جون ئىسىملىك بۇرادەرلەرگە دۇئا قانداق ياردەم بەرگەن؟
18 بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ئىككى بۇرادەرگە دۇئا ياردەم بەرگەن. ئالبېرتو مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا ناھەق مۇئامىلە قىلغان بۇرادەرلەر ئۈچۈن دۇئا قىلدىم. شۇ ئادالەتسىزلىكنى ئۇنتۇپ كېتىش ئۈچۈن قايتا-قايتا بىرنەچچە قېتىم يەھۋادىن ياردەم سورىدىم». خۇشاللىنارلىقى، ئالبېرتو ساداقەتمەنلىك بىلەن قايتا يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. جون مۇنداق دەيدۇ: «مەن كۆڭلۈمنى ئاغرىتقان بۇرادەر ئۈچۈن كۆپ قېتىم دۇئا قىلدىم. يەھۋانىڭ ياردىمىدە، ئۇ بۇرادەرنى كەچۈردۈم. ئۇنىڭغا قايتا سەلبىي كۆز قاراشتا بولمىدىم. نەتىجىدە كۆڭۈل ئارام تاپتى».
19. بۇ رەزىل دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى كەلگۈچە نېمە قىلىشنى توختاتماسلىقىمىز كېرەك؟ (1-پېترۇس 3:8، 9)
19 بىز رەزىل دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى كەلگۈچە، ھەر تۈرلۈك ناھەق ئىشلارغا، ئادالەتسىز مۇئامىلىلەرگە ئۇچراپ تۇرۇشىمىز مۇمكىن. مەيلى قانداق ئىشلارغا بەرداشلىق بېرىۋاتقان بولايلى، ھەرگىزمۇ يەھۋا خۇداغا دۇئا قىلىشنى توختاتمايلى. ئەيسانىڭ دۇچ كەلگەن ئادالەتسىزلىكلەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى ئويلاپ، ئۇنى ئۈلگە قىلايلى. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارنى داۋاملىق ئەمەلىي قوللىنايلى. مۇشۇنداق قىلساق، يەھۋانىڭ بىزنى بەرىكەتلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل بولىدۇ.—1-پېترۇس 3:8، 9-نى ئوقۇڭ.
23-ناخشا يەھۋا بىزنىڭ كۈچىمىز
a پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت 2 ۋە 3-بابلاردا، پېترۇس 1-ئەسىردىكى بەزى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنى قۇللار ئىكەنلىكىنى ۋە تاش يۈرەك خوجايىنلىرى ئۇلارغا ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. يەنە بەزى ئايال ئېتىقادچىلارنىڭ يەھۋا خۇداغا ئىشەنمەيدىغان ئەرلىرىنىڭ ناچار مۇئامىلىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ھەم ئېيتقان.—1-پېتر. 2:18–20؛ 3:1–6، 8، 9.
b jw.org تور بېكىتىدىن «سۆيگۈ-مۇھەببەت ھەقىقىي تىنچلىققا باشلايدۇ» (باشقا تىلدا) فىلىمنى كۆرۈڭ.