19-تەتقىق ماقالىسى
15-ناخشا مەۋجۇداتلار نامايان قىلار يەھۋانىڭ شان-شەرىپىنى
سادىق پەرىشتىلەرنى ئۈلگە قىلىڭ
«يەھۋانى مەدھىيىلەڭلار، ئەي بارچە ئۇنىڭ قۇۋۋەتلىك پەرىشتىلىرى!».—زەبۇر 103:20.
مەركىزى ئىدىيە
بىز سادىق پەرىشتىلەردىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
1، 2. (1) بىز قايسى جەھەتلەردە پەرىشتىلەردىن پەرقلىنىمىز؟ (2) بىزنىڭ ئۇلار بىلەن قانداق ئوخشاش تەرەپلىرىمىز بار؟
يەھۋا بىزنى ھەقىقەتكە جەلپ قىلغاندا، مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. بۇ ئائىلىدە دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى ئېتىقادچى قېرىنداشلاردىن باشقا، يەنە مىليونلىغان پەرىشتىلەرمۇ بار (دانىيال 7:9، 10). پەرىشتىلەرنىڭ بىزدىن قانداق پەرقلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرەيلى. مەسىلەن، پەرىشتىلەر ئۇزۇن دەۋرلەر ئىلگىرى، ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشىدىن ئاۋۋال يارىتىلغانىدى (ئايۇپ 38:4، 7). ئۇلار بىزگە قارىغاندا كۆپ كۈچلۈك. ئۇلار مۇقەددەس ۋە ھەققانىي. بىز نامۇكەممەل بولغاچقا، ئۇلارغا ئوخشاش بولالمايمىز.—لۇقا 9:26.
2 گەرچە بىز ئۇلاردىن مۇشۇ جەھەتلەردە پەرقلەنسەكمۇ، بىراق ئوخشاش تەرەپلىرىمىز كۆپ. پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، بىزمۇ ياراتقۇچى يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرەلەيمىز ۋە تاللاش ئەركىنلىكىمىز بار. ئۇلارغا ئوخشاش ھەربىرىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس ئىسىمىمىز، مىجەز-خۇلقىمىز ۋە يەھۋا تاپشۇرغان ۋەزىپىلىرىمىز بار. ئۇنىڭدىن باشقا، بىزمۇ پەرىشتىلەرگە ئوخشاش ياراتقۇچىمىزغا ئىبادەت قىلىشقا موھتاجمىز.—1-پېتر. 1:12.
3. پەرىشتىلەردىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
3 بىزنىڭ پەرىشتىلەر بىلەن نۇرغۇن ئوخشاشلىق تەرەپلىرىمىز بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىلىرىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ، ئىلھام-مەدەتكە ئېرىشەلەيمىز. بۇ ماقالىدە، پەرىشتىلەرنىڭ كەمتەرلىكى، ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى، سەۋر-تاقىتى ۋە جامائەتنى پاك تۇتۇش ئۈچۈن قانداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنى ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن نېمىلەر قىلالايدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
كەمتەر پەرىشتىلەر
4. (1) پەرىشتىلەر كەمتەرلىكنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟ (2) پەرىشتىلەر نېمە ئۈچۈن كەمتەر؟ (زەبۇر 89:7)
4 سادىق پەرىشتىلەر بەك كەمتەر. ئۇلار مول تەجرىبە، كۈچ-قۇدرەت ۋە دانالىققا ئىگە بولسىمۇ، يەھۋانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنىدۇ (زەبۇر 103:20). پەرىشتىلەر تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىغاندا، ھېچقاچان ئۆز ئىشلىرى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى قابىلىيەتلىرى بىلەن ماختانمايدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ھېچكىم بىلمىسىمۇ، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى خۇشاللىق بىلەن ئورۇنلايدۇa (يارىت. 32:24، 29؛ 2-پادىشاھ. 19:35). ئۇلار يەھۋا لايىق بولغان شان-شەرەپنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدۇ. پەرىشتىلەر نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك كەمتەر؟ چۈنكى، ئۇلار يەھۋانى چىن قەلبىدىن سۆيىدۇ ۋە ئۇنىڭغا چوڭقۇر ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ.—زەبۇر 89:7-نى ئوقۇڭ.
5. پەرىشتە ئەلچى يۇھاننانى تۈزەتكەندە كەمتەرلىكنى قانداق كۆرسەتكەن؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
5 پەرىشتىلەرنىڭ كەمتەرلىكىنى تەسۋىرلەيدىغان بىر ۋەقەنى كۆرۈپ چىقايلى. تەخمىنەن مىلادى 96-يىلى ئىسىمى تىلغا ئېلىنمىغان بىر پەرىشتە ئەلچى يۇھانناغا كىشىنى ئەيمەندۈرىدىغان ۋەھىينى كۆرسەتكەن (ۋەھىي. 1:1). يۇھاننا بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ ئۇ يەرگە تىزلىنىپ، پەرىشتىگە سەجدە قىلماقچى بولغانىدى. بىراق ھېلىقى پەرىشتە ئۇنى توساپ، مۇنداق دېگەن: «ئېھتىيات قىل، بۇنداق قىلمىغىن! مەنمۇ، سەن ۋە سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭغا ئوخشاش ئەيسا توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان قۇل. سەن خۇداغا سەجدە قىلغىن!» (ۋەھىي. 19:10). بۇ نېمە دېگەن كەمتەر پەرىشتە! ئۇ ھەم شان-شەرەپ ۋە ماختاشلارنى قوبۇل قىلمىغان. پەرىشتە دەرھال يۇھاننانى يەھۋاغا سەجدە قىلىشقا دەۋەت قىلغان. گەرچە بۇ پەرىشتىنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلغان ۋاقتى يۇھاننادىن كۆپ ۋە ئۇنىڭدىن كۈچلۈكرەك بولسىمۇ، ئۇ يۇھاننانى كەمسىتمىگەن. ئۇ كەمتەرلىك بىلەن ئۆزىنىڭمۇ يۇھانناغا ئوخشاش قۇل ئىكەنىنى ئېيتقان. گەرچە يۇھاننانى تۈزىتىشكە توغرا كەلسىمۇ، پەرىشتە ئۇنىڭغا قوپاللىق قىلمىغان ۋە ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، مېھرىبانلىق بىلەن سۆزلىگەن. چۈنكى، پەرىشتە يۇھاننانىڭ كىشىنى ئەيمەندۈرىدىغان ۋەھىينى كۆرۈپ، قورقۇنچ باسقانلىقىنى چۈشەنگەن.
پەرىشتە يۇھاننا بىلەن كەمتەرلىك بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنى تۈزەتكەن (5-ئابزاسقا قاراڭ)
6. پەرىشتىلەرنىڭ كەمتەرلىكىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟
6 پەرىشتىلەرنىڭ كەمتەرلىكىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ بىز پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، يەھۋا خۇداغا تىرىشچانلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ، قىلغان ئىشلىرىمىز ياكى قابىلىيەتلىرىمىز بىلەن ماختانمايمىز (1-كورىنت. 4:7). ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋاغا ئۇزۇنراق ۋاقىت خىزمەت قىلغاچقا ياكى قانداقتۇ بىر شان-شەرەپلىك ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغاچقا باشقىلارنى ئۆزىمىزدىن تۆۋەن كۆرمەسلىكىمىز كېرەك. ئەكسىنچە، قانچىلىك كۆپ ۋەزىپىلەرگە ئىگە بولساق، ئۆزىمىزنى شۇنچىلىك تۆۋەن تۇتۇشىمىز كېرەك (لۇقا 9:48). پەرىشتىلەرگە ئوخشاش بىزمۇ باشقىلارغا خىزمەت قىلىشنى خالايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، باشقىلارنى ئۆزىمىزدىن ئۈستۈن كۆرىمىز.
7. ئەگەر بىرلىرىنى تۈزىتىشكە ياكى يۈزتۇرانە نەسىھەت بېرىشكە توغرا كەلسە، كەمتەرلىكنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
7 بىز يەنە بىرلىرىگە نەسىھەت بەرگەندە، كەمتەرلىكنى كۆرسىتەلەيمىز. بەزىدە ئېتىقادچى قېرىنداشقا ياكى ئۆز بالىمىزغا يۈزتۇرانە نەسىھەت بېرىپ تۈزىتىشكە توغرا كېلىشى مۇمكىن. شۇ چاغدا، بىز ئەلچى يۇھاننانى مېھرىبانلىق بىلەن تۈزەتكەن پەرىشتىنى ئۈلگە قىلساق، يۈز تۇرانە بەرگەن نەسىھەت سۆزلىرىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىشىدىن ساقلىنالايمىز. ئەگەر بىز باشقىلارنى ئۆزىمىزدىن ئۈستۈن كۆرسەك، مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان مەسلىھەتلەرنى ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن بېرەلەيمىز.—كولوسى. 4:6.
پەرىشتىلەر ئىنسانلارنى سۆيىدۇ
8. (1) لۇقا 15:10-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، پەرىشتىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانلارنى سۆيىدىغانلىقىنى قانداق نامايان قىلىدۇ؟ (2) پەرىشتىلەر ۋەز خىزمەتتە بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ (رەسىمگە قاراڭ).
8 پەرىشتىلەرنىڭ ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى ناھايىتى چوڭقۇر. ئۇلار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بىزنى قەدىرلەيدۇ. ئەگەر بىر گۇناھكار توۋا قىلىپ، يەھۋاغا قايتىپ كەلسە ياكى بىرى ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىپ، ھاياتىدا ئۆزگىرىشلەرنى قىلسا، پەرىشتىلەر شۇلارنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ (لۇقا 15:10-نى ئوقۇڭ). يەنە پەرىشتىلەر بىزنىڭ ۋەز قىلىش ئىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (ۋەھىي. 14:6). پەرىشتىلەر ئۆزلىرى بىۋاستە ئىنسانلارغا ۋەز قىلمىسىمۇ، يەھۋانى تونۇشنى خالايدىغان كىشىلەرنى تېپىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، بىز پەرىشتىلەر بىزنى مەلۇم بىر كىشى بىلەن ئۇچرىتىش ئۈچۈن يول باشلايدۇ دەپ كېسىپ ئېيتالمايمىز، چۈنكى يەھۋا باشقا يوللار بىلەن، مەسىلەن ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى ئارقىلىق بىزنى يېتەكلەيدۇ. (ئەلچى. 16:6، 7). قانداقلا بولمىسۇن، بىز ۋەز قىلغاندا، پەرىشتىلەر بىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل («يەھۋا ئۇلارنىڭ دۇئالىرىغا جاۋاب بەرگەن» ناملىق رامكىغا قاراڭ).
بىر جۈپ ئەر-ئايال ماتېرىياللار ھارۋىسى بىلەن ۋەز قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆيىگە قايتىپ كېتىۋاتىدۇ. قېرىنداش روھى چۈشكۈن بىر ئايالنى كۆرۈپ قالدى. قېرىندىشىمىزدا شۇ ئايالغا تەسەللى بېرىش خاھىشى پەيدا بولدى. ئۇ پەرىشتىلەرنىڭ بىزنى روھىي جەھەتتىن ياردەمگە مۇھتاج بولغان ئادەملەرنى تېپىشقا يېتەكلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ (8-ئابزاسقا قاراڭ)
9. پەرىشتىلەرنىڭ ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟
9 پەرىشتىلەرنىڭ ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ جامائەتتە بىرىنىڭ قايتىدىن يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، پەرىشتىلەرگە ئوخشاش بىزنىڭ قەلبىمىز ھەم شاد-خۇراملىققا تولىدۇ. بىز شۇ ئېتىقادچى قېرىنداشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ۋە يەھۋاغا قايتىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن بەك خۇشال بولغانلىقىمىزنى ئېيتالايمىز (لۇقا 15:4–7؛ 2-كورىنت. 2:6–8). يەنە پۈتۈن كۈچىمىزنى چىقىرىپ ۋەز قىلساق، پەرىشتىلەرنى ئۈلگە قىلغان بولىمىز (ۋەز 11:6). پەرىشتىلەر بىزنىڭ ۋەز قىلىش ئىشىمىزغا ياردەم بەرگىنىگە ئوخشاش، بىزمۇ ئېتىقادداشلارنىڭ ۋەز قىلىش ئىشىغا ياردەم بېرەيلى. مەسىلەن، يېڭىدىن ۋەز ئېيتقۇچى بولغان قېرىنداش بىلەن بىللە ۋەز خىزمىتىگە چىقالامسىز؟ ياكى بولمىسا، ياشانغان ياكى تەن-سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئېتىقادداشلار بىلەن بىللە ۋەز قىلالامسىز؟
10. سارا قېرىندىشىمىزنىڭ مىسالىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز؟
10 ئەگەر ۋەزىيىتىمىز سەۋەبلىك، يەھۋاغا بۇرۇنقىدەك خىزمەت قىلالمىساق، نېمە قىلساق بولىدۇ؟ پەرىشتىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ۋەز قىلىشنىڭ باشقا يوللىرىنى ئىزدەيلى. ھىندىستاندا ياشايدىغان ساراb ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ 20 يىل پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. كېيىن كېسەل بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان. بۇ ئۇنىڭغا ناھايىتى ئېغىر كېلىپ، چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن. لېكىن، جامائەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى بىلەن، دائىم مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ئارقىسىدا ئۇ ئاستا-ئاستا قايتا خۇشاللىققا ئېرىشكەن. ۋەز قىلىشنىڭ باشقا ئۇسۇللىرىنى ئىزدىگەن. ئۇنىڭ ھەتتا ئولتۇرۇپ خەت يېزىشقا ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، ئۇ پەقەت تېلېفون ئارقىلىق ۋەز قىلالىغان. شۇنداق قىلىپ، سارا ھەقىقەتكە قىزىققۇچىلارغا قايتا تېلېفون قىلغان، ئۇلار ھەم مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشنى خالايدىغان باشقا تونۇشلىرىنىڭ تېلېفون نومۇرلىرىنى بەرگەن. ئۇنداقتا، نەتىجىسى قانداق بولغان؟ سارا بىرنەچچە ئاي ئىچىدە 70 كىشى بىلەن مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنى باشلىغان. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈشكە ۋاقىت چىقىرالمىغاچقا، بەزى ئۆگەنگۈچىلەرنى جامائەتتىكى باشقا ئېتىقادچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ھازىر شۇ ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى جامائەت يىغىلىشلىرىغا بېرىشقا باشلىغان. نۇرغۇن قېرىنداشلار ساراغا ئوخشاش پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋەز خىزمەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، پەرىشتىلەر شۇنداق قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلغاندا، چوقۇم ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ!
پەرىشتىلەر سەۋر-تاقەت قىلىدۇ
11. سادىق پەرىشتىلەر سەۋرچانلىقنىڭ قانداق ئاجايىپ ئۈلگىسىنى قالدۇرغان؟
11 پەرىشتىلەر سەۋرچان بولۇشنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى قالدۇرغان. ئۇلار نەچچە ئون مىڭلىغان يىللاردىن بېرى، ئادالەتسىزلىك ۋە يامانلىقلارغا سەۋر-تاقەت قىلىپ كەلمەكتە. پەرىشتىلەر ئۆز كۆزى شەيتان ۋە باشقا نۇرغۇن روھىي مەۋجۇداتلارنىڭ يەھۋا خۇداغا قارشى ئىسيان كۆتەرگەنلىكىنى كۆرگەن. ئاشۇ ئىسيانچىلار ئەسلىدە ئاشۇ پەرىشتىلەر بىلەن بىرلىكتە يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلغان ئىدى (يارىت. 3:1؛ 6:1، 2؛ يەھۇدا 6). مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابتا بىر سادىق پەرىشتىنىڭ كۈچلۈك بىر جىننىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقى بايان قىلىنغان (دانىيال 10:13). ئۇنىڭدىن باشقا، قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە، پەرىشتىلەر پەقەت ئاز بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ پاك ئىبادەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇلار يەھۋاغا خۇشاللىق ۋە قىزغىنلىق بىلەن داۋاملىق خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە خۇدانىڭ بارلىق ئادالەتسىزلىكنى يوق قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
12. سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرىشىمىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
12 پەرىشتىلەرنىڭ سەۋرچانلىقىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ پەرىشتىلەرگە ئوخشاش بىزمۇ نۇرغۇن ئادالەتسىزلىكلەرنى كۆرۈۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن. بىراق، مۇۋاپىق ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، خۇدا چوقۇم بارلىق يامانلىقلارنى يوق قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. شۇڭا، بىزمۇ سادىق پەرىشتىلەرگە ئوخشاش «ياخشىلىق قىلىشتىن ۋاز كەچمەيلى» (گالاتىيا. 6:9). خۇدا بىزنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ (1-كورىنت. 10:13). بىز سەۋرچانلىق ۋە خۇشاللىقنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان مۇقەددەس روھنى سوراپ، يەھۋاغا دۇئا قىلالايمىز (گالاتىيا. 5:22؛ كولوسى. 1:11). ئەگەر قارشىلىققا دۇچ كەلگەن بولسىڭىز، نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟ پۈتۈن قەلبىڭىز بىلەن يەھۋاغا ئىشەنچ باغلاڭ، قورقۇپ ھودۇقۇپ كەتمەڭ. يەھۋا سىزگە چوقۇم ياردەم بېرىپ، ئىشەنچىڭىزنى مۇستەھكەملەيدۇ.—ئىبرانىي. 13:6.
پەرىشتىلەر جامائەتنىڭ پاكلىقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ
13. ئاخىرقى كۈنلەردە يەھۋا پەرىشتىلەرگە قانداق ئالاھىدە بىر ۋەزىپىنى تاپشۇرغان؟ (مەتتا 13:47–49)
13 مۇشۇ ئاخىرقى كۈنلەردە، يەھۋا پەرىشتىلەرگە ئالاھىدە بىر ۋەزىپىنى تاپشۇرغان (مەتتا 13:47–49-نى ئوقۇڭ). دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى مىليونلىغان كىشىلەر خۇش-خەۋەرگە قىزىقىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يەھۋانىڭ تەلەپلىرىگە ماس ياشاش ئۈچۈن ھاياتىدا ئۆزگىرىشلەرنى قىلىدۇ، يەنە بەزىلىرى بۇنداق قىلماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، پەرىشتىلەر تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە بويىچە، «يامان كىشىلەرنى ئادىل كىشىلەردىن ئايرىيدۇ». دېمەك، ئۇلارغا جامائەتنىڭ پاكلىقىنى ساقلاش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان. ئەلۋەتتە، بىر كىشى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن خۇدانىڭ خەلقى بىلەن باردى-كەلدى ئالاقىدە بولۇشنى توختاتقان بولسا، بۇ ئەمدى ئۇنىڭ قايتا يەھۋاغا قايتىپ كېلىشىگە پۇرسەت يوقلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بۇ يەنە پەرىشتىلەر يادەم بېرىدىغان بولغاچقا، جامائەتتە ھېچقانداق قىيىنچىلىقلار بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بىراق، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، جامائەتلەرنىڭ پاكلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن پەرىشتىلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
14، 15. جامائەتنىڭ پاكلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنىڭ كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ (رەسىمگە ھەم قاراڭ).
14 جامائەتنىڭ پاكلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنىڭ كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟ بىز جامائەتنىڭ ئەخلاقىي ۋە روھىي جەھەتتىن پاك بولۇپ قېلىشىغا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۈلگە قىلالايمىز. بىز ئۆزىمىزنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ساقلاش ئۈچۈن يەھۋانى ياخشى كۆرىدىغانلارنى دوست تاللىشىمىز ۋە روھىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق يامان نەرسىلەردىن نېرى تۇرۇشىمىز زۆرۈر (زەبۇر 101:3). ئۇنىڭدىن باشقا، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم بېرەلەيمىز. مەسىلەن، بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغانلىقىنى بايقىغان بولساق، نېمە قىلساق بولىدۇ؟ بىز ئۇنى ياخشى كۆرگەچكە، ئۇنى ئاقساقاللار بىلەن سۆزلىشىشكە دەۋەت قىلالايمىز. ئەگەر ئۇ ئاقساقاللار بىلەن سۆزلەشمىسە، ئۇنداقتا ئۆزىمىز بېرىپ، ئاقساقاللارغا ئېيتىشىمىز كېرەك. بىز خاتا يولغا قەدەم قويغان قېرىنداشنىڭ تېزراق يەھۋانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشىنى خالايمىز.—ياقۇپ 5:14، 15.
15 بەك ئەپسۇسكى، ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغان بەزى ئېتىقادداشلارنى جامائەتتىن چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق ۋەزىيەتلەردە، بىز ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلمايمىزc (1-كورىنت. 5:9–13). بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش جامائەتنىڭ پاكلىقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، جامائەتتىن چىقىرىلغان كىشى بىلەن ئالاقە قىلمىساق، ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن بولىمىز. چۈنكى، بىز يەھۋاغا بويسۇنساق، بەلكىم ئۇ ئەس-ھوشىنى تېپىپ، جامائەتكە قايتىپ كېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇلار جامائەتكە قايتىپ كەلسە، بىز يەھۋا خۇدا ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى بىلەن بىرلىكتە شاد-خۇراملىققا چۆمىمىز.—لۇقا 15:7.
ئەگەر ئېتىقادچى قېرىندىشىمىز ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلسەك، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ (14-ئابزاسقا قاراڭ)d
16. بىز قايسى جەھەتتىن پەرىشتىلەرنى ئۈلگە قىلالايمىز؟
16 يەھۋا خۇدانىڭ بىزگە پەرىشتىلەر ھەققىدە ئېيتىپ بەرگەنلىكى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ھەمكارلىشىشقا پۇرسەت بەرگەنلىكى بىز ئۈچۈن چوڭ شان-شەرەپتۇر! ئۇلارنىڭ كەمتەرلىگى، ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتى، تاقابىل تۇرغانلىقى ۋە جامائەتنىڭ ئەخلاقىي ۋە روھىي پاكلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى قاتارلىق پەزىلەتلەرنى تەقلىت قىلايلى. ئەگەر بىز سادىق پەرىشتىلەرنى تەقلىت قىلساق، بىزمۇ يەھۋا خۇدانىڭ ئائىلىسىنىڭ مەڭگۈ بىر ئەزاسى بولالايمىز.
43-ناخشا ھوشيار تۇر، چىڭ تۇر ۋە قەيسەر بول!
a مۇقەددەس كىتابتا مىليونلىغان پەرىشتىلەردىن پەقەت ئىككىلا پەرىشتىنىڭ ئىسىمى تىلغا ئېلىنغان. بۇ — مىكائىل ۋە جەبرائىل.—دانىيال 12:1؛ لۇقا 1:19.
b ئىسىمى ئۆزگەرتىلگەن.
c «يېتەكچى كېڭەش خەۋەر قىلغان يېڭىلىقلار (2، 2024)»دا چۈشەندۈرۈلگەندەك، ئەگەر جامائەتتىن چىقىرىلغان كىشى جامائەت ئىبادەت يىغىلىشلىرىغا كەلسە، ئېتىقادداشلار مۇقەددەس كىتاب بويىچە تەربىيىلەنگەن ۋىجدانىغا ئاساسەن، ئۇ كىشى بىلەن سالاملىشىش ياكى سالاملاشماسلىقنى شەخسىي ئۆزى قارار قىلىدۇ.
d رەسىملەردە. بىر قېرىنداش دوستىنى ئاقساقاللار بىلەن سۆزلىشىشكە دەۋەت قىلىۋاتىدۇ. ۋاقىت ئۆتۈپ دوستىنىڭ ئاقساقاللار بىلەن سۆزلەشمىگەنلىكىنى بىلگەندە، ئۇ ئۆزى بېرىپ ئاقساقاللارغا ئېيتىدۇ.