ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
1-تىموتىي 5:21-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەر» كىملەر؟
ئەلچى پاۋلۇس ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلغان تىموتىيغا مۇنداق دەپ يازغان: «خۇدانىڭ، مەسىھ ئەيسانىڭ ۋە خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنداق نەسىھەت بېرىمەنكى، بۇ يول-يورۇقلارغا ئەمەل قىل، ھېچكىمنى كەمسىتمە ۋە يان باسما».—1-تىموت. 5:21.
«خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەرنىڭ» كىملەر ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئاۋۋال بىر توپ پەرىشتىلەر قاتارىغا كىملەر كىرمەيدىغانلىقىنى بىلىۋالايلى. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇلار 144 000 مەسىھ قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا ئەمەس. چۈنكى، ئەلچى پاۋلۇس بۇ خەتنى تىموتىيغا يازغان ۋاقىتتا، مۇقەددەس روھ بىلەن مەسىھ قىلىنغانلاردىن ھېچبىرى، مەيلى ئەلچىلەر ياكى باشقا شاگىرتلار بولسۇن، تېخى تىرىلدۈرۈلۈپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلمىگەنىدى. دېمەك، ئەلچىلەر ۋە باشقا مەسىھ قىلىنغانلار «خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەرنىڭ» قاتارىغا كىرمەيدۇ.—1-كورىنت. 15:50–54؛ 1-سالونىكا. 4:13–17؛ 1-يۇھاننا 3:2.
ئۇنىڭدىن باشقا، «خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەر» نۇھ پەيغەمبەر زامانىدا خۇداغا بويسۇنمىغان پەرىشتىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. چۈنكى، شۇ زاماندا، ئاشۇ پەرىشتىلەر شەيتانغا ئەگىشىپ، نەتىجىدە جىنلارغا ئايلىنىپ، ئەيسانىڭ دۈشمەنلىرى بولغانىدى (يارىت. 6:2؛ لۇقا 8:30، 31؛ 2-پېتر. 2:4). كېلەچەكتە بولسا، ئۇلار 1000 يىلغا كىشەنلىنىپ، ھاڭغا تاشلىنىدۇ ۋە كېيىن شەيتان ئىبلىس بىلەن بىرگە يوق قىلىنىدۇ.—يەھۇدا 6؛ ۋەھىي. 20:1–3، 10.
ئەلچى پاۋلۇس «خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەر» توغرىسىدا ئېيتقاندا، ئۇ چوقۇم خۇدا ۋە مەسىھ ئەيساغا سادىق خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان پەرىشتىلەرنى نەزەردە تۇتقان.
ئاسماندا مىڭلىغان سادىق پەرىشتىلەر بار (ئىبرانىي. 12:22، 23). ئۇلار ھەرتۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدۇ (ۋەھىي. 14:17، 18). مەسىلەن، بىر پەرىشتە ئاسسۇرىيىلىك 185 000 ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن (2-پادىشاھ. 19:35). بەزى پەرىشتىلەر «[ئەيسانىڭ] پادىشاھلىقىدىن باشقىلارغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغانلارنى ۋە يامانلىق قىلغۇچىلارنى يىغىپ» توپلاش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىشى مۇمكىن (مەتتا 13:39–41). يەنە بەزى پەرىشتىلەر بولسا، «تاللانغانلارنى» يىغىپ، ئاسماندا توپلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى مۇمكىن (مەتتا 24:31). ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدا يەنە بەزى پەرىشتىلەرنى بىزنى ھىمايە قىلىشقا ئەۋەتىدۇ.—زەبۇر 91:11؛ مەتتا 18:10؛ مەتتا 4:11-نى سېلىشتۇرۇڭ؛ لۇقا 22:43.
1-تىموتىي 5:21-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەر»، بەلكىم خۇدانىڭ خەلقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مەسئۇل قىلىپ تەيىنلەنگەن پەرىشتىلەرنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ ئايەتنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا قارىساق، ئەلچى پاۋلۇس ئاقساقاللارغا ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى قانداق ئورۇندىشى كېرەكلىكى ۋە جامائەتتىكىلەرنىڭ ئاقساقاللارنى ھۆرمەتلىشى لازىملىقى ھەققىدە نەسىھەت بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پاۋلۇس ئاقساقاللارنى ھېچكىمنى كەمسىتمەسلىك، ھېچكىمگە يان باسماسلىق ۋە ئالدىراپ قارار چىقارماسلىق ياكى ھۆكۈم قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. ئاقساقاللارنىڭ بۇ نەسىھەتلەرگە بويسۇنۇشىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى، «خۇدانىڭ، مەسىھ ئەيسانىڭ ۋە خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەر» ھەممىسى ئاقساقاللارنىڭ جامائەتكە قانداق غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىغا نەزەر سېلىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىزكى، بەزى پەرىشتىلەرنىڭ ۋەزىپىسى جامائەت بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. مەسىلەن، ئۇلار جامائەتنى ھىمايە قىلىدۇ، ۋەز خىزمىتىدە يول باشلاپ كۆرسىتىدۇ ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى يەھۋاغا مەلۇم قىلىپ تۇرىدۇ.—مەتتا 18:10؛ ۋەھىي. 14:6.