كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 ئاۋغۇ‌ست 15-‏20 ب.‏
  • مە‌رد ئىنسانلار بە‌ختلىك

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • مە‌رد ئىنسانلار بە‌ختلىك
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • مە‌رد بولساق يە‌ھۋا خۇ‌شال بولىدۇ
  • خۇ‌دا تاپشۇ‌رغان ئىشنى قىلىڭ
  • بىز بە‌ختكە قانداق ئېرىشە‌لە‌يمىز؟‏
  • داۋاملىق مە‌رد بولۇ‌ڭ
  • ‏«شاد-‏خۇ‌رام خۇ‌دا»غا خىزمە‌ت قىلىدىغانلار بە‌ختلىك!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • بېرىشتىن كېلىدىغان شاد-‏خۇ‌راملىقنىڭ تە‌مىنى تېتىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • ئە‌يسا قانداق ئادە‌م بولغان؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 ئاۋغۇ‌ست 15-‏20 ب.‏
بىر سامارىيە‌لىك كىشى يارىلانغان يە‌ھۇ‌دىيغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىۋاتىدۇ

مە‌رد ئىنسانلار بە‌ختلىك

‏«ئېلىشتىن كۆرە بېرىش بە‌ختلىكىرە‌ك» (‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏35)‏.‏

ناخشىلار:‏ 153،‏ 14

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • ھە‌ممە ئادە‌م مە‌رد بولالايدىغانلىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

  • بار كۈچىمىزنى چىقىرىپ خىزمە‌ت قىلىش بىزنى قانداق خۇ‌شال قىلىدۇ؟‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مە‌رد-‏سېخىي بولۇ‌شنىڭ قانداق سە‌ۋە‌بلىرى بار؟‏

1.‏ يە‌ھۋانىڭ سېخىيلىقىنى نېمىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ؟‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا يارىتىشنى باشلاشتىن ئاۋۋال يالغۇ‌ز ئۆزىلا مە‌ۋجۇ‌ت ئىدى.‏ كېيىن،‏ ئۇ يە‌ردە ۋە ئاسماندا ئاڭ-‏سېزىمى بار مە‌ۋجۇ‌داتلارنى يارىتىشنى قارار قىلغان.‏ «بە‌ختلىك خۇ‌دايىمىز» يە‌ھۋا سوۋغاتلارنى بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 1:‏11؛‏ ياقۇ‌پ 1:‏17)‏.‏ ئۇ بىزنىڭمۇ بە‌ختلىك بولۇ‌شىمىزنى خالىغانلىقتىن،‏ بىزنى مە‌رد-‏سېخىي بولۇ‌شقا ئۆگىتىدۇ (‏رىملىقلارغا 1:‏20)‏.‏

2،‏ 3.‏ ئا)‏ سېخىي بولۇ‌ش نېمە ئۈچۈن بىزگە خۇ‌شاللىق ئېلىپ كېلىدۇ؟‏ ئە)‏ بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

2 خۇ‌دا ئىنسانلارنى ئۆزىگە ئوخشىتىپ ياراتقان (‏يارىتىلىش 1:‏27)‏.‏ دېمە‌ك،‏ ئادە‌ملە‌ردىمۇ خۇ‌داغا خاس ئېسىل پە‌زىلە‌تلە‌ر بار.‏ ھە‌قىقىي بە‌ختكە ئىگە بولۇ‌ش ۋە يە‌ھۋانىڭ بە‌رىكىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ بىز ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىز باشقىلارنىڭ مە‌نپە‌ئىتىنى كۆزلە‌پ،‏ سېخىي بە‌رگۈچى بولۇ‌شىمىز لازىم (‏فىلىپپىلىقلارغا 2:‏3،‏ 4؛‏ ياقۇ‌پ 1:‏5)‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى يە‌ھۋا بىزنى شۇ‌نداق قىلىپ ياراتقان.‏ بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولساقمۇ،‏ يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىپ مە‌رد بولالايمىز.‏

3 ھازىر بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مە‌رد ياكى سېخىي بولۇ‌ش ھە‌ققىدە قانداق مىساللار بارلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ مە‌رد بولۇ‌ش نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانى خۇ‌شال قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالىمىز.‏ يە‌ھۋا بىزگە تاپشۇ‌رغان ئىشنى ياخشى ئورۇ‌نلىشىمىزغا مە‌ردلىك قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقى ۋە مە‌رد بولۇ‌ش نېمە ئۈچۈن خۇ‌شاللىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز.‏ ھە‌مدە نېمە ئۈچۈن داۋاملىق سېخىي بولۇ‌شىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

مە‌رد بولساق يە‌ھۋا خۇ‌شال بولىدۇ

4،‏ 5.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسا مە‌رتلىكنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن ۋە نېمە ئۈچۈن بىز ئۇ‌لاردىن ئۈلگە ئېلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

4 يە‌ھۋا بىزنىڭ ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىشىمىزنى خالايدۇ‏.‏ شۇ‌ڭا‏،‏ مە‌رد-‏سېخىي بولساق،‏ ئۇ خۇ‌شال بولىدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 5:‏1)‏.‏ يە‌ھۋا ئادە‌مزاتنىڭمۇ خۇ‌شال بولۇ‌شىنى خالايدۇ.‏ بۇ‌نى ئۇ‌نىڭ بىزنى ئاجايىپ ئۇ‌سۇ‌لدا ياراتقانلىقىدىن ۋە گۈزە‌ل بىر يە‌رنى بە‌رپا قىلىپ،‏ بىزگە خۇ‌شاللىق بېرىدىغان نە‌رسىلە‌رگە تولدۇ‌رغانلىقىدىن بىلىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 104:‏24؛‏ 139:‏13—‏16)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز باشقىلارنى خۇ‌شال قىلىشقا ھە‌رىكە‌ت قىلغاندا،‏ يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرىمىز.‏

5 بىز مە‌ردلىكنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگىسىنى كۆرسە‌تكە‌ن ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىمىز.‏ ئۇ:‏ «ئىنسان ئوغلىمۇ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلسۇ‌ن دە‌پ كە‌لمىدى،‏ لېكىن ئۆزى خىزمە‌ت قىلىپ،‏ كۆپلىرى ئۈچۈن جېنىنى تۆلە‌مگە پىدا قىلغىلى كە‌لدى»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏مە‌تتا 20:‏28‏)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بولسا،‏ مە‌سىھىيلە‌رنى:‏ «مە‌سىھ ئە‌يسا ئويلىغاندە‌ك،‏ سىلە‌رمۇ شۇ‌نداق ئويلاڭلار.‏.‏.‏ ئۇ ئۆزىنى ھە‌ممە نە‌رسىدىن مە‌ھرۇ‌م قىلىپ،‏.‏.‏.‏ قۇ‌لنىڭ قىياپىتىنى قوبۇ‌ل قىلدى»،‏—‏ دە‌پ ئۈندىگە‌نىدى (‏فىلىپپىلىقلارغا 2:‏5،‏ 7)‏.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئۆز-‏ئۆزۈمىزدىن:‏ «مە‌ن ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئىزىغا تېخىمۇ يېقىن ئە‌گىشىپ ماڭالايمە‌نمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىساق بولىدۇ ‏(‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 2:‏21نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

6.‏ ئە‌يسا مېھرىبان سامارىيە‌لىك ھە‌ققىدىكى تە‌مسىلنى ئېيتقاندا،‏ قانداق تە‌لىم بە‌رگە‌ن؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

6 يە‌ھۋانىڭ ۋە ئە‌يسانىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگىسىگە ئە‌گىشىپ،‏ ئادە‌ملە‌رگە كۆڭۈل بۆلسە‌ك ۋە ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىش يوللىرىنى ئىزدىسە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىمىز.‏ ئە‌يسا مېھرىبان سامارىيە‌لىك كىشى ھە‌ققىدىكى تە‌مسىلنى ئېيتقاندا،‏ بۇ‌نىڭ مۇ‌ھىملىقىنى كۆرسە‌تكە‌نىدى ‏(‏لۇ‌قا 10:‏29—‏37نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە باشقىلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا قارىماستىن،‏ ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىش كېرە‌كلىكىنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ ئە‌يسا نېمە ئۈچۈن بۇ تە‌مسىلنى ئېيتقان؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ بىر يە‌ھۇ‌دىي كىشى ئۇ‌نىڭدىن:‏ «مېنىڭ يېنىمدىكى كىشى كىم؟‏»—‏ دە‌پ سورىغان.‏ يە‌ھۋانىڭ قە‌لبىنى خۇ‌ش قىلىش ئۈچۈن،‏ ئە‌يسا سامارىيە‌لىك ئادە‌منى ئۈلگە قىلىپ،‏ مە‌رد بولۇ‌ش كېرە‌كلىكىنى ئۆگە‌تكە‌نىدى.‏

7.‏ يە‌ھۋانىڭ يولى بويىچە ئىش تۇ‌تۇ‌ش ئە‌ڭ ياخشى ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتىمىز؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

7 سېخىي بولۇ‌شنىڭ يە‌نە بىر سە‌ۋە‌بى،‏ ئېرە‌م بېغىدا يۈز بە‌رگە‌ن ۋە‌قە بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك.‏ شە‌يتاننىڭ ئېيتىشىچە،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا يە‌ھۋاغا قۇ‌لاق سالماي،‏ ئۆز مە‌نپە‌ئىتىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويسا،‏ خۇ‌شاللىق تاپالايتتى.‏ ھاۋا-‏ئانا شە‌خسىيە‌تچى بولۇ‌پ،‏ خۇ‌داغا ئوخشاش بولۇ‌شنى خالىغان.‏ ئادە‌م-‏ئاتىمۇ شە‌خسىيە‌تچى بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشقا قارىغاندا،‏ ئۆز ئايالىنىڭ كۆڭلىنى خۇ‌ش قىلىشنى بە‌كرە‌ك خالىغان (‏يارىتىلىش 3:‏4—‏6)‏.‏ بۇ‌نىڭ نە‌تىجىسى بە‌ك ئېچىنىشلىق بولغان.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ھېچبىر ئىنسان شە‌خسىيە‌تچى بولۇ‌پ،‏ خۇ‌شاللىق تاپالمايدۇ.‏ لېكىن،‏ بىز شە‌خسىيە‌تچى بولماي،‏ مە‌رد-‏سېخىي بولساق،‏ يە‌ھۋانىڭ يولى بويىچە ئىش تۇ‌تۇ‌شنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏

خۇ‌دا تاپشۇ‌رغان ئىشنى قىلىڭ

8.‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا،‏ نېمە ئۈچۈن باشقىلار ھە‌ققىدە ئويلىشى كېرە‌ك ئىدى؟‏

8 ئېرە‌م بېغىدا پە‌قە‌ت ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا ئىككىسىلا بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار باشقىلار ھە‌ققىدە ئويلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا:‏ «ئە‌ۋلات كۆرۈپ كۆپىيىڭلار،‏ يە‌ر يۈزىنى تولدۇ‌رۇ‌ڭلار»،‏—‏ دە‌پ تاپشۇ‌رۇ‌ق بە‌رگە‌ن (‏يارىتىلىش 1:‏28)‏.‏ تۇ‌نجى ئە‌ر-‏ئايال يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئوخشاش ئۆز بالىلىرىنىڭ بە‌ختلىك كېلە‌چىكى ھە‌ققىدە ئويلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ شۇ چاغدا ئۇ‌لار ئۆز كە‌لگۈسى ئە‌ۋلاتلىرى بىلە‌ن بىرلىكتە چوڭ بىر ئىش،‏ يە‌نى يە‌ر يۈزىنى جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌ش ئىشىنى قىلالايتتى!‏

9.‏ يە‌رنى جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌ۋاتقىنىدا،‏ ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن خۇ‌شال-‏خوراملىققا ئېرىشە‌لە‌يتتى؟‏

9 يە‌رنى جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌ش ۋە يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانلار ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن زىچ ھە‌مكارلىشىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ كۆز ئالدىڭىزغا كە‌لتۈرۈڭ،‏ بۇ ئىش كىشىنى قانچىلىك قانائە‌ت ۋە خۇ‌شاللىققا ئېرىشتۈرە‌لىگە‌ن!‏ ئىنسانلار شە‌خسىيە‌تچى بولماي،‏ باشقىلارنىڭ غېمىنى يېگە‌ن بولسا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى نۇ‌رغۇ‌ن بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرگە‌ن بولاتتى.‏

10،‏ 11.‏ ۋە‌ز قىلىش ۋە شاگىرتلارنى تە‌ييارلاشقا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

10 بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋا بىزگە ئالاھىدە ئىشنى تاپشۇ‌رغان.‏ ئۇ ۋە‌ز قىلىشىمىزنى ۋە شاگىرتلارنى تە‌ييارلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ بۇ خىزمە‌تنى ئورۇ‌نلاشنى خالىساق،‏ بىز سە‌مىمىيلىك بىلە‌ن باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈمىز.‏ مۇ‌شۇ ئىشنى پە‌قە‌ت توغرا نىيىتىمىز بولغاندىلا داۋاملاشتۇ‌رالايمىز،‏ يە‌نى خۇ‌داغا ۋە ئادە‌ملە‌رگە بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىزنى ۋە‌ز قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىشى كېرە‌ك.‏

11 بىرىنچى ئە‌سىردە،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئۆزىنى ۋە باشقا مە‌سىھىيلە‌رنى «خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تداشلىرى» دە‌پ ئاتىغان.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ‌لار ۋە‌ز قىلىپ،‏ ئادە‌ملە‌رگە ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌تكە‌ن (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 3:‏6،‏ 9)‏.‏ بىزمۇ «خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تداشلىرى» بولالايمىز.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن خۇ‌دا تاپشۇ‌رغان ۋە‌ز ئىشىنى قىلىشقا ۋاقتىمىزنى،‏ كۈچىمىزنى ۋە پۇ‌لىمىزنى سېخىيلىق بىلە‌ن چىقىرىمىز.‏ بۇ —‏ بىز ئۈچۈن چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ!‏

ئىككى قېرىنداش بىر ئايال بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىۋاتىدۇ

باشقىلارنىڭ ھە‌قىقە‌تنى بىلىشىگە ياردە‌م بېرىش خۇ‌شاللىق ئە‌كېلىدۇ (‏12-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

12،‏ 13.‏ شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشى قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرىدۇ؟‏

12 ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن تە‌تقىق دە‌رىسلىرىنى ئۆتكۈزىدىغان قېرىنداشلار ۋاقتى بىلە‌ن كۈچىنى ئايىماي ۋە‌ز قىلغاندا ۋە شاگىرتلارنى تە‌ييارلىغاندا،‏ خۇ‌شاللىق تاپىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقانلار مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى تە‌لىملە‌رنى چۈشىنىپ،‏ ھە‌قىقىي ئېتىقادنى يېتىلدۈرگە‌ندە ۋە ھاياتىنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ ئۈگە‌نگە‌نلىرىنى باشقىلارغا ئېيتىشنى باشلىغاندا،‏ خۇ‌شاللىقىمىز ئىچىمىزگە پاتمايدۇ.‏ ئە‌يسا ۋە‌ز قىلىشقا ئە‌ۋە‌تكە‌ن 70 شاگىرت،‏ ۋە‌ز خىزمىتىدە ياخشى ئىشلارنى باشتىن كە‌چۈرۈپ،‏ «خۇ‌شال-‏خورام قايتىپ كە‌لگە‌ندە»،‏ ئۇ‌مۇ خۇ‌رسە‌ن بولغانىدى (‏لۇ‌قا 10:‏17—‏21)‏.‏

13 دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى قېرىنداشلار خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئادە‌ملە‌رنىڭ ھاياتىنى ياخشى تە‌رە‌پكە ئۆزگە‌رتىۋاتقانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ ناھايىتى خۇ‌شال بولۇ‌شىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ توي قىلمىغان ئاننا ئىسىملىك ياش قېرىندىشىمىز يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشنى خالىغانa (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ شە‌رقىي ياۋرۇ‌پادىكى جاكالىغۇ‌چىلار ئاز رايونغا كۆچۈپ بارغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بۇ يە‌ردە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى خالايدىغان ئادە‌ملە‌ر نۇ‌رغۇ‌ن ۋە مە‌ن بۇ‌نى بە‌كمۇ ياخشى كۆرىمە‌ن.‏ خىزمىتىمدىن كۆپ خۇ‌شاللىق تاپىمە‌ن.‏ خىزمە‌ت بىلە‌ن ئالدىراش بولغاچقا،‏ ئۆز قىيىنچىلىقلىرىمنى ئويلاپ ئە‌نسىرە‌شكە ۋاقتىم يوق.‏ چۈنكى،‏ مە‌ن ئۈگە‌نگۈچىلە‌رنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ۋە غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرى ھە‌ققىدە ئويلىنىمە‌ن.‏ مە‌ن ئۇ‌لارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بېرىشكە تىرىشىمە‌ن.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق مە‌ن «ئېلىشتىن كۆرە بېرىش بە‌ختلىكىرە‌ك» ئىكە‌نلىكىگە تېخىمۇ چوڭقۇ‌ر ئىشە‌نچ قىلدىم» (‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏35)‏.‏

ئادە‌ملە‌ر مە‌يلى قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رسۇ‌ن،‏ يە‌ھۋا چىقارغان كۈچىمىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ

14.‏ ئادە‌ملە‌ر سىزنى تىڭشىمىسىمۇ،‏ ۋە‌ز ئىشىدىن قانداق خۇ‌شاللىق تاپالايسىز؟‏

14 ئادە‌ملە‌رگە ۋە‌ز قىلغاندا ئۇ‌لار بىزنى تىڭشىمىسىمۇ،‏ بۇ ئىشىمىزدىن خۇ‌شاللىق تاپالايمىز،‏ چۈنكى ئۇ‌لارنىڭ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئاڭلىشىغا پۇ‌رسە‌ت يارىتىپ بېرىمىز.‏ بىزگە تاپشۇ‌رۇ‌لغان ۋە‌زىپە ھە‌زە‌كىيال پە‌يغە‌مبە‌رنىڭكىگە ئوخشايدۇ.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا:‏ «سە‌ن ئۇ‌لار تىڭشىسۇ‌ن،‏ تىڭشىمىسۇ‌ن مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئۇ‌لارغا يە‌تكۈز»،‏—‏ دېگە‌ن (‏ھە‌زە‌كىيال 2:‏7؛‏ يە‌شايا 43:‏10)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئادە‌ملە‌ر مە‌يلى قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رسۇ‌ن،‏ يە‌ھۋا چىقارغان كۈچىمىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ ‏(‏ئىبرانىيلارغا 6:‏10نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىر قېرىندىشىمىز ئۆزىنىڭ ۋە‌ز خىزمىتى ھە‌ققىدە:‏ «بىز خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئۇ‌رۇ‌قىنى تېرىدۇ‌ق،‏ سۇ‌غاردۇ‌ق ھە‌مدە ئۈمىد بىلە‌ن يە‌ھۋا ئۇ‌نى ئۆستۈرسۇ‌ن دە‌پ دۇ‌ئا قىلدۇ‌ق»،‏—‏ دېگە‌ن (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 3:‏6)‏.‏

ئىككى قېرىنداش ھە‌ربىر ئۆيگە كىرىپ ۋە‌ز قىلىۋاتىدۇ

ھە‌ربىر ئۆيگە كىرىپ،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئاڭلىشىغا مۇ‌مكىنچىلىك بېرىمىز (‏14-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

بىز بە‌ختكە قانداق ئېرىشە‌لە‌يمىز؟‏

15.‏ پە‌قە‌ت باشقىلار مىننە‌تدار بولغاندىلا سېخىي بولۇ‌شىمىز كېرە‌كمۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

15 ئە‌يسا بىزنىڭ مە‌رد-‏سېخىي بولۇ‌شىمىزنى خالايدۇ،‏ چۈنكى سېخىيلىق بىزنى خۇ‌شاللىققا ئېرىشتۈرىدۇ.‏ سېخىي بولساق،‏ كۆپ ئادە‌ملە‌ر بىزگىمۇ سېخىيلىق كۆرسىتىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بېرىڭلار،‏ سىلە‌رگىمۇ بېرىلىدۇ.‏ سىلە‌رنىڭ قوينۇ‌ڭلارغا چىڭدالغان ھە‌م ئېشىپ-‏تاشقان تولۇ‌ق ئۆلچە‌منى سېلىپ بېرىدۇ.‏ چۈنكى قانداق ئۆلچە‌م بىلە‌ن ئۆلچىسە‌ڭلار،‏ سىلە‌رگىمۇ شۇ‌نداق ئۆلچە‌م بىلە‌ن ئۆلچىنىدۇ» (‏لۇ‌قا 6:‏38)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ھە‌ممە ئادە‌ملە‌ر بىز كۆرسە‌تكە‌ن سېخىيلىق ئۈچۈن مىننە‌تدارلىق بىلدۈرمە‌يدۇ،‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ سېخىي بولۇ‌شنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏ كىم بىلىدۇ،‏ بە‌لكىم بىر قېتىم مە‌ردلىك بىلە‌ن قىلغان ئىشىمىز كۆپ مېۋىلە‌رنى ئە‌كېلە‌ر!‏

16.‏ بىز كىملە‌رگە سېخىيلىق كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

16 ھە‌قىقىي مە‌رد ئادە‌ملە‌ر ھە‌ردائىم سېخىيلىق قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار ھە‌رگىزمۇ باشقىلارمۇ ماڭا قايتۇ‌رسىكە‌ن دە‌پ ئۈمىد قىلمايدۇ.‏ ئە‌يسا بۇ ھە‌ققىدە:‏ «زىياپە‌ت بە‌رگە‌ندە،‏ گادايلارنى،‏ ناكالارنى،‏ ئاقساق-‏چولاقلارنى،‏ قارغۇ‌لارنى چاقىرىڭ ۋە بە‌ختلىك بولىسىز،‏ چۈنكى ئۇ‌لار سىزگە ھېچنە‌رسە قايتۇ‌رالمايدۇ»،‏ دېگە‌نىدى (‏لۇ‌قا 14:‏13،‏ 14)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌نە «سېخىي ئادە‌م بە‌رىكە‌ت تاپار» ۋە «غېرىپ-‏ئاجىزلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلغان كىشى نە‌قە‌دە‌ر بە‌ختلىك»،‏ دە‌پ يېزىلغان (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏9؛‏ زە‌بۇ‌ر 41:‏1)‏.‏ ئادە‌ملە‌رگە چىن يۈرىكىمىزدىن ياردە‌م بېرىشنى خالىغاچقا،‏ بىز مە‌رد بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏

17.‏ بىز مە‌ردلىكنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

17 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س،‏ ئە‌يسانىڭ «ئېلىشتىن كۆرە بېرىش بە‌ختلىكىرە‌ك»،‏ دېگە‌ن سۆزلىرىنى نە‌قىل كە‌لتۈرگە‌ندە،‏ پە‌قە‌ت ماددىي نە‌رسىلە‌ر ھە‌ققىدە ئېيتمىغان.‏ بىز ئادە‌ملە‌رگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن نە‌سىھە‌ت ۋە ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بېرىش ئارقىلىقمۇ تە‌سە‌للىي بېرە‌لە‌يمىز (‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏31—‏35)‏.‏ پاۋلۇ‌س سۆزلىرىدە ۋە ئىشلىرىدا سېخىي بولۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بىزمۇ ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىپ ۋاقتىمىز،‏ كۈچىمىز،‏ دىققە‌ت-‏ئېتىبارىمىز ۋە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ئايىماي،‏ سېخىي بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏

18.‏ تە‌تقىقاتچىلار مە‌رد بولۇ‌ش ھە‌ققىدە نېمە ئېيتىدۇ؟‏

18 ئىنسانلارنىڭ يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىنى تە‌تقىق قىلىدىغان تە‌تقىقاتچىلارمۇ،‏ باشقىلارغا بېرىشنىڭ خۇ‌شاللىق ئە‌كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان.‏ بىر ماقالىدە يېزىلغاندە‌ك،‏ ئادە‌ملە‌ر باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغاندا ئۆزىنى خۇ‌شال-‏خورام سېزىدىغانلىقىنى ئېيتىشقان.‏ تە‌تقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە،‏ باشقىلارغا ياردە‌م بە‌رگە‌ندە ھاياتىمىزنىڭ مە‌قسىتى ۋە مە‌نىسى بولىدۇ.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ بە‌زى مۇ‌تە‌خە‌سسىسلە‌ر،‏ كىشىلە‌رنىڭ تە‌ن ساغلاملىقى ياخشىراق بولۇ‌شى ۋە خۇ‌شال-‏خورام ياشىشى ئۈچۈن جە‌مئىيە‌تتە پىدائىي خىزمە‌تلە‌رنى قىلىشقا ئۈندىگە‌ن.‏ بۇ تە‌تقىقاتلارنىڭ نە‌تىجىسى بىزنى ھە‌يران قالدۇ‌رمايدۇ،‏ چۈنكى كۆيۈمچان ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋا مە‌رد بولۇ‌ش بىزنى خۇ‌شال قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏16،‏ 17)‏.‏

داۋاملىق مە‌رد بولۇ‌ڭ

19،‏ 20.‏ سىز نېمە ئۈچۈن سېخىي بولۇ‌شنى خالايسىز؟‏

19 ئە‌تراپىمىزدىكى ئادە‌ملە‌ر پە‌قە‌ت ئۆز مە‌نپە‌ئىتىنى كۆزلىسە،‏ سېخىيلىق كۆرسىتىش قىيىن بولىدۇ.‏ بىراق‏،‏ ئە‌يسا ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىككى ئە‌مىرنى ئېسىمىزگە سالغان:‏ يە‌ھۋانى پۈتۈن قە‌لبىمىز،‏ پۈتۈن جېنىمىز،‏ پۈتۈن ئە‌قلىمىز ھە‌م پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن سۆيۈش ۋە يېقىنىمىزنى ئۆزۈمىزنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆيۈش (‏مارك 12:‏28—‏31)‏.‏ بۇ ماقالىدە ئۈگە‌نگىنىمىزدە‌ك،‏ يە‌ھۋانى سۆيىدىغان ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌نى ئۈلگە قىلىدۇ.‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا ھە‌ر ئىككىلىسى مە‌رد-‏سېخىلىقنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئۇ‌لار بىزنىمۇ مە‌رد بولۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ،‏ چۈنكى ئۇ‌لاردە‌ك مە‌رد بولساق،‏ ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىققا ئېرىشە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ياراتقۇ‌چىمىز ۋە باشقىلارغا سېخىيلىق كۆرسە‌تسە‌ك،‏ يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرىمىز ۋە بۇ ئۆزۈمىزگە ھە‌م ئۆزگىلە‌رگە پايدا ئە‌كېلىدۇ.‏

20 شۈبھىسىزكى،‏ سىز باشقىلارغا،‏ بولۇ‌پمۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا مە‌ردلىك كۆرسىتىپ،‏ ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لگە‌ننىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىۋاتىسىز (‏گالاتىلىقلارغا 6:‏10)‏.‏ داۋاملىق شۇ‌نداق يول تۇ‌تسىڭىز،‏ باشقىلارنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى بىلە‌ن مىننە‌تدارلىقىغا ئېرىشىسىز ۋە خۇ‌شاللىق تاپالايسىز.‏ خۇ‌دا سۆزىدە:‏ «مە‌رت ئادە‌م راۋاج تاپار،‏ باشقىلارنى سۇ‌غارغۇ‌چى ئۆزىمۇ سۇ‌غىرىلار»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 11:‏25)‏.‏ كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا ۋە ۋە‌ز خىزمىتىمىزدە باشقىلارغا سېخىيلىقنى كۆرسىتىشنىڭ ھە‌رخىل يوللىرى بار.‏ كېيىنكى ماقالىدە مۇ‌شۇ يوللارنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

a ئىسىم ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • مە‌رد ياكى سېخىي ئادە‌م باشقىلارنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە چىن يۈرە‌كتىن ئۇ‌لارنىڭ غېمىنى يە‌يدۇ.‏ ئۇ قولىدا بار مال-‏مۈلكىنى ئىككىلە‌نمە‌يلا بېرىۋېتىدۇ،‏ ھە‌تتا باشقىلارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ۋاقتى بىلە‌ن كۈچىنى ئايىمايدۇ

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش