كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 ئاۋغۇ‌ست 21-‏26 ب.‏
  • ھە‌ردائىم يە‌ھۋا بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلايلى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ھە‌ردائىم يە‌ھۋا بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلايلى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئۆيىڭىزدىكىلە‌ر ۋە جامائە‌تتىكىلە‌رگە ياردە‌م بېرىڭ
  • مېھماندوست بولۇ‌ڭ
  • تە‌شكىلاتنىڭ ئىش-‏پائالىيە‌تلىرىگە قاتنىشىڭ
  • خىزمە‌ت دائىرىسىنى كە‌ڭە‌يتىڭ
  • جامائە‌تتىكى ئايال قېرىنداشلارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
  • مېھماندوستلۇ‌ق بە‌ك مۇ‌ھىم ۋە ئۇ كۆڭۈلنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدۇ!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • يە‌ھۋاغا قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لگىنىچە خىزمە‌ت قىلىپ خۇ‌شاللىق تېپىڭ!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
  • بىر-‏بىرىڭلارنى چىن يۈرە‌كتىن ياخشى كۆرۈڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 ئاۋغۇ‌ست 21-‏26 ب.‏
قېرىنداشلار سالامە‌تلىكى ناچار ئېتىقاددىشىنى يوقلاپ كە‌لگە‌ن

ھە‌ردائىم يە‌ھۋا بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلايلى

‏«بىز —‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تداشلىرى» (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 3:‏9)‏.‏

ناخشىلار:‏ 44،‏ 28

تۆۋە‌ندىكى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە يە‌ھۋا بىلە‌ن قانداق ھە‌مكارلىشالايسىز:‏

  • ئائىلىڭىز ياكى جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارغا ياردە‌م بە‌رگە‌ندە؟‏

  • مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسە‌تكە‌ندە؟‏

  • خىزمە‌تنىڭ دائىرىسىنى كە‌ڭە‌يتكە‌ندە؟‏

1.‏ بىز قانداق قىلىپ يە‌ھۋاغا خىزمە‌تداش بولالايمىز؟‏

يە‌ھۋا ئادە‌ملە‌رنى ياراتقاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۆزىگە خىزمە‌تداش بولۇ‌شىنى خالىغان.‏ گە‌رچە ھازىر ئادە‌ملە‌ر نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولسىمۇ،‏ سادىق ئادە‌ملە‌ر يە‌نىلا ھە‌ر كۈنى يە‌ھۋا بىلە‌ن بىرگە خىزمە‌ت قىلالايدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتقاندا ۋە شاگىرتلارنى تە‌ييارلىغاندا،‏ بىز «خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تداشلىرى» بولالايمىز (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 3:‏5—‏9)‏.‏ ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دايىمىزنىڭ بىزگە بۇ مۇ‌ھىم ۋە‌زىپىنى تاپشۇ‌رغانلىقى،‏ نېمە دېگە‌ن چوڭ ئىمتىياز-‏ھە!‏ ئە‌مما،‏ ۋە‌ز ئىشى يە‌ھۋاغا خىزمە‌تداش بولۇ‌شنىڭ يالغۇ‌ز ئۇ‌سۇ‌لى ئە‌مە‌س.‏ بۇ ماقالىدە بىز يە‌نە ئۆيۈمىزدىكىلە‌ر ۋە جامائە‌تتىكىلە‌رگە ياردە‌م بېرىش،‏ مېھماندوست بولۇ‌ش،‏ تە‌شكىلاتىمىزنىڭ دۇ‌نياۋىي ئىش-‏پائالىيە‌تلىرىگە قاتنىشىش ۋە خىزمە‌ت دائىرىسىنى كە‌ڭە‌يتىش ئارقىلىقمۇ يە‌ھۋاغا خىزمە‌تداش بولالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏23)‏.‏

2.‏ نېمە ئۈچۈن بىز ھە‌رگىزمۇ ئۆزۈمىزنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏

2 مۇ‌شۇ ماقالىنى مۇ‌ھاكىمە قىلغاندا،‏ ھە‌ممىمىز بىر-‏بىرىمىزدىن پە‌رقلىق ئىكە‌نلىكىمىزنى ئۇ‌نتۇ‌مايلى.‏ بىزنىڭ يېشىمىز،‏ سالامە‌تلىكىمىز،‏ شارائىتىمىز ھە‌م قابىلىيە‌تلىرىمىز ھە‌ر تۈرلۈك.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئۆزىڭىزنىڭ يە‌ھۋا ئۈچۈن قىلالايدىغان ئىشىڭىزنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رماڭ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ھە‌ركىم ئۆزىنىڭ ئە‌مە‌لىيىتىگە قاراپ باقسۇ‌ن.‏ پە‌خىرلىنىشكە تېگىشلىك بولسا،‏ پە‌خىرلە‌نسۇ‌ن.‏ ئۆزىنى باشقىلار بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رمىسۇ‌ن» (‏گالاتىلىقلارغا 6:‏4)‏.‏

ئۆيىڭىزدىكىلە‌ر ۋە جامائە‌تتىكىلە‌رگە ياردە‌م بېرىڭ

3.‏ نېمە ئۈچۈن ئائىلىسىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغان ئادە‌منى خۇ‌دا بىلە‌ن خىزمە‌تداش بولۇ‌ۋاتىدۇ،‏ دېيىشكە بولىدۇ؟‏

3 يە‌ھۋا بىزدىن ئائىلىمىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئائىلىڭىزنى تە‌مىنلە‌ش ئۈچۈن پۇ‌ل تېپىشىڭىز كېرە‌ك.‏ كۆپلىگە‌ن ئانىلار كىچىك بالىلىرىغا قاراش ئۈچۈن ئۆيدە ئولتۇ‌رىدۇ.‏ ھە‌مدە ياشانغان ئاتا-‏ئانىمىز ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولسا،‏ ئۇ‌لارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشىمىز زۆرۈر بولىدۇ.‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى ناھايىتى مۇ‌ھىم ۋە‌زىپىلە‌ر.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «كىمدە‌كىم يېقىنلىرىنىڭ،‏ بولۇ‌پمۇ ئۆز ئۆيدىكىلىرىنىڭ،‏ ئېھتىياجلىرى ھە‌ققىدە غە‌مخورلۇ‌ق قىلمىسا،‏ ئۇ ئېتىقادىدىن ۋاز كە‌چكە‌ن‏،‏ ھە‌تتا ئىشە‌نچىسى يوق ئادە‌مدىنمۇ يامان بولىدۇ» (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 5:‏8)‏.‏ سىز ئائىلىدە شۇ‌نداق مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى ئۈستىڭىزگە ئالغان بولسىڭىز،‏ يە‌ھۋاغا ئۆزىڭىز خالىغاندە‌ك كۆپ خىزمە‌ت قىلالماسلىقىڭىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ھە‌رگىزمۇ ئۈمىدسىزلە‌نمە‌ڭ!‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا ئۆز ئائىلىڭىزدىن خە‌ۋە‌ر ئالغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ خۇ‌رسە‌ن بولىدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 10:‏31)‏.‏

4.‏ ئاتا-‏ئانىلار قانداق قىلىپ پادىشاھلىق ئىشلىرىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويالايدۇ ۋە بۇ‌نىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولىدۇ؟‏

4 ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىنىڭ روھىي مە‌قسە‌تلە‌ر قويۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىش ئارقىلىق خۇ‌دا بىلە‌ن خىزمە‌تداش بولالايدۇ.‏ كۆپ ئاتا-‏ئانىلار شۇ‌نداق قىلغان.‏ نە‌تىجىدە بالىلىرى كېيىنىرە‌ك يە‌ھۋاغا تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىشنى قارار قىلىپ،‏ ھە‌تتا ئۆيىدىن يىراق جايلاردا خىزمە‌ت قىلغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى يات ئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ،‏ يە‌نە بە‌زىلىرى جاكالىغۇ‌چىلار ئاز يە‌رلە‌رگە بېرىپ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلماقتا.‏ يە‌نە بە‌زىلىرى بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بالىلىرى يىراقتا بولغاچقا،‏ ئاتا-‏ئانىلىرى ئۇ‌لار بىلە‌ن ئۆزى خالىغاندە‌ك كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزە‌لمە‌يدۇ.‏ لېكىن،‏ بالىلىرى قە‌يە‌ردە بولسۇ‌ن،‏ ئاتا-‏ئانىلار ئۇ‌لارنى داۋاملىق خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار بالىلىرىنىڭ يە‌ھۋانى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغانلىقىدىن بە‌كمۇ خۇ‌رسە‌ن بولىدۇ (‏يوھاننىڭ 3-‏خېتى 4)‏.‏ بۇ ئاتا-‏ئانىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنى خۇ‌ددى ئۆز ئوغلى سامۇ‌ئىلنى يە‌ھۋاغا تە‌غدىم قىلغان ھانناغا ئوخشاش ھېس قىلىشىدۇ.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا بىلە‌ن خىزمە‌تداش بولۇ‌ش ئىمتىيازىنى بە‌ك قە‌دىرلە‌يدۇ (‏سامۇ‌ئىلنىڭ 1-‏يازمىسى 1:‏28)‏.‏

5.‏ سىز جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

5 ئە‌گە‌ر سىز ئائىلىدە ئېغىر مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى ئۈستىڭىزگە ئالمىغان بولسىڭىز،‏ ئاغرىق،‏ ياشانغان ياكى باشقا مۇ‌ھتاجلىقتا بولغان قېرىنداشلارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌مسىز؟‏ ۋە ياكى شۇ‌لارغا قاراۋاتقانلارنىڭ قولىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرالامسىز؟‏ جامائىتىڭىزدە شۇ‌نداق ياردە‌مگە كىمنىڭ مۇ‌ھتاج بولۇ‌ۋاتقانلىقىغا دىققە‌ت قىلىڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ياشانغان ئاتا-‏ئانىسىدىن خە‌ۋە‌ر ئالىدىغان بىر قېرىنداش بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌نىڭ باشقا ئىشلارنى قىلىۋېلىشى ئۈچۈن،‏ سىز ئۇ‌نىڭ ئاتا-‏ئانىسى بىلە‌ن ئولتۇ‌رۇ‌پ تۇ‌رالامسىز؟‏ ياكى بولمىسا،‏ بىرسىنى جامائە‌ت ئۇ‌چرىشىشىغا ياكى بازارغا ئاپىرىپ ئە‌كېلە‌لە‌يدىغانسىز ياكى دوختۇ‌رخانىدا ياتقان قېرىنداشنى يوقلالايدىغانسىز.‏ سىز شۇ‌نداق قىلغاندا،‏ يە‌ھۋا سىز ئارقىلىق بىر قېرىنداشنىڭ دۇ‌ئاسىغا جاۋاب قايتۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ دېمە‌ك،‏ بۇ ئۇ‌سۇ‌لدا خۇ‌داغا خىزمە‌تداش بولالايسىز ‏(‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 10:‏24نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

مېھماندوست بولۇ‌ڭ

6.‏ بىز مېھماندوستلۇ‌قنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

6 خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تداشلىرى مېھماندوستلۇ‌قى بىلە‌ن تونۇ‌لىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ‏«مېھماندوستلۇ‌ق»،‏ دېگە‌ن گرېك سۆزى «ناتونۇ‌ش ئادە‌مگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىش» دېگە‌ننى بىلدۈرىدۇ (‏ئىبرانىيلارغا 13:‏2)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسە‌تكە‌ن كىشىلە‌رنىڭ مىساللىرى بار.‏ ئۇ‌لاردىن باشقىلارغا مېھرىبان بولۇ‌شنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز (‏يارىتىلىش 18:‏1—‏5)‏.‏ «ئېتىقادداشلىرىمىزغا» ھە‌م باشقىلارغا ياردە‌م بېرىش پۇ‌رسىتى كە‌لگە‌ندە،‏ بىز ئۇ‌لارغا ياردە‌م قولىمىزنى سۇ‌نالايمىز ۋە چوقۇ‌م سۇ‌نۇ‌شىمىز كېرە‌ك (‏گالاتىلىقلارغا 6:‏10)‏.‏

7.‏ تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تچىلە‌رگە مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسىتىش قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرىدۇ؟‏

7 تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تچىلە‌رگە ۋاقتىنچە تۇ‌رىدىغان قونالغۇ جاي كېرە‌ك بولسا،‏ ئۇ‌لارغا مېھماندوستلۇ‌ق كۆرسىتىش ئارقىلىق يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تدىشى بولالامسىز؟‏ ‏(‏يوھاننىڭ 3-‏خېتى 5،‏ 8نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ بۇ‌نىڭ پايدىسىنى ئۇ‌لارمۇ،‏ بىزمۇ كۆرىمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ «ئۆزئارا ئىلھام» دە‌پ ئاتالغان (‏رىملىقلارغا 1:‏11،‏ 12)‏.‏ ئولاف ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئولاف ياش ۋاقتىدا ئۇ‌نىڭ جامائىتىنى بىر بويتاق رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال زىيارە‌ت قىلغان ۋە ئۇ‌نىڭغا قونالغۇ جاي كېرە‌ك بولغان.‏ ئە‌مما،‏ جامائە‌تتە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان ھېچكىم تېپىلمىغانىدى.‏ شۇ چاغدا،‏ ئولاف گۇ‌ۋاھچى ئە‌مە‌س ئاتا-‏ئانىسىدىن رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقالنىڭ ئۇ‌لارنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇ‌شىغا رۇ‌خسە‌ت سورىغان.‏ ئۇ‌لار رۇ‌خسە‌ت بە‌رگە‌ن،‏ بىراق ئولافنىڭ دىۋاندا يېتىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ ئولاف شۇ‌نىڭغا كېلىشىپ،‏ قۇ‌ربانلىق بە‌رگىنىگە ھېچ ئۆكۈنمىگە‌ن.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال بىلە‌ن بۇ ھە‌پتىنى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزگە‌نىدى.‏ ئۇ‌لار ھە‌ر كۈنى ئە‌تىگە‌ندە تۇ‌رۇ‌پ تاماق يېگە‌ندە،‏ ھە‌رخىل قىزىقارلىق ماۋزۇ‌لار ھە‌ققىدە پاراڭلاشقان.‏ رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال ئولافقا كۆپ ئىلھام بە‌رگە‌ن،‏ كېيىن ئۇ تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تنى باشلاشنى قارار قىلغان.‏ ئۇ 40 يىل جە‌ريانىدا،‏ بىرنە‌چچە دۆلە‌تتە يات ئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلغان.‏

8.‏ ئە‌گە‌ر بە‌زىلە‌ر دە‌سلە‌پتە مىننە‌تدارلىق بىلدۈرمىسىمۇ،‏ نېمە ئۈچۈن بىز چوقۇ‌م مېھرىبان بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

8 بىز ناتونۇ‌ش كىشىلە‌رگە ھە‌رخىل يوللار بىلە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ بۇ ھە‌ققىدە بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئىسپانىيىدىكى بىر قېرىنداش ئېكىۋاتۇ‌ردىن كۆچۈپ كە‌لگە‌ن يېسىكا ئىسىملىك ئايال بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغان.‏ بىر كۈنى ئۆگىنىش قىلىۋاتقاندا،‏ ھېلىقى ئايال يىغلاپ كۆز يېشىنى تۇ‌تالمىغان.‏ قېرىنداش ئۇ‌نىڭ نېمە سە‌ۋە‌بتىن يىغلاۋاتقانلىقىنى سورىغاندا،‏ ئۇ تېخى ئىسپانىيىگە كە‌لمىگە‌ندە ئۆزىنىڭ ناھايىتى كە‌مبە‌غە‌ل بولغانلىقىنى ئېيتىپ بە‌رگە‌نىدى.‏ بىر كۈنى ھە‌تتا قىزىغا قۇ‌رۇ‌ق سۇ‌دىن باشقا بېرىدىغان ھېچقانداق نە‌رسىسى بولمىغان ئىكە‌ن.‏ يېسىكا كىچىك قىزىنى ئۇ‌خلىتىۋاتقاندا،‏ دۇ‌ئا قىلىپ خۇ‌دادىن ياردە‌م سوراپتۇ.‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي ئۇ‌نىڭغا ئىككى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى كېلىپ،‏ ژۇ‌رنال بە‌رگە‌ن.‏ لېكىن،‏ يېسىكا ئۇ‌نى يىرتىۋېتىپ،‏ ئۇ‌لارغا:‏ «بۇ ژۇ‌رنال بىلە‌ن قىزىمنىڭ قوسىقى توياتتىمۇ؟‏»—‏ دە‌پ ۋاقىرىغان ئىكە‌ن.‏ قېرىنداشلار ئۇ‌نىڭغا تە‌سە‌للىي بېرىشكە تىرىشسىمۇ،‏ يېسىكا تىڭشىمىغان ئىدى.‏ كېيىنرە‌ك قېرىنداشلار ئۇ‌نىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىر سېۋە‌ت ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈك قالدۇ‌رۇ‌پ كە‌تكە‌ن.‏ شۇ چاغدا ئۇ دۇ‌ئاسىغا خۇ‌دانىڭ جاۋاب بە‌رگە‌نلىكىنى چۈشە‌نمىگە‌نىدى.‏ ئە‌مدى شۇ ئىشلار ئېسىگە كېلىپ،‏ كۆز ياش قىلغان.‏ كېيىن،‏ يېسىكا يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى قارار قىلغان.‏ بۇ‌نىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ‌كى،‏ شۇ ئىككى قېرىندىشىمىزنىڭ سېخىيلىقى ياخشى نە‌تىجە ئېلىپ كە‌لگە‌ن (‏ۋە‌ز 11:‏1،‏ 6)‏.‏

تە‌شكىلاتنىڭ ئىش-‏پائالىيە‌تلىرىگە قاتنىشىڭ

9،‏ 10.‏ ئا)‏ ئىسرائىللىقلار قانداق قىلىپ پىدائىي خىزمە‌ت قىلالىغان؟‏ ئە)‏ بۈگۈنكى كۈندە قېرىنداشلار جامائە‌تتە قانداق خىزمە‌ت قىلالايدۇ؟‏

9 قە‌دىمدە،‏ ئىسرائىللىقلاردا پىدائىي خىزمە‌ت قىلىشنىڭ ھە‌رخىل پۇ‌رسە‌تلىرى بولغان (‏چىقىش 36:‏2؛‏ تارىخنامە 1-‏يازما 29:‏5؛‏ نە‌ھە‌مىيا 11:‏2)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە سىزنىڭمۇ ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ،‏ مال-‏مۈلكىڭىز ۋە قابىلىيە‌تلىرىڭىزنى ئىشلىتىپ،‏ ئېتىقادداشلارغا پىدائىي ياردە‌م بېرىدىغان كۆپ پۇ‌رسە‌تلىرىڭىز بار.‏ شۇ‌نداق قىلغىنىڭىزدا،‏ سىز شاد-‏خوراملىققا چۆمىسىز ۋە خۇ‌دا سىزنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏

10 خۇ‌دا سۆزى جامائە‌تتىكى ئە‌ر كىشىلە‌رنى خىزمە‌ت ياردە‌مچىسى ۋە ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ.‏ بۇ ئارقىلىق ئۇ‌لار يە‌ھۋاغا خىزمە‌تداش بولالايدۇ (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 3:‏1،‏ 8،‏ 9؛‏ پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 5:‏2،‏ 3)‏.‏ بۇ ئە‌ر كىشىلە‌ر باشقىلارغا ئە‌مە‌لىي ياردە‌م قولىنى سۇ‌نۇ‌پ قالماستىن،‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن ياردە‌م بېرىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 6:‏1—‏4)‏.‏ جامائە‌تتە ئاقساقاللار سىزدىن ياردە‌مچى بولۇ‌پ،‏ ماتېرىياللارغا،‏ ۋە‌ز قىلىش رايونلىرىغا،‏ ئىبادە‌ت قىلىدىغان جايلارنى ئاسراپ-‏تۈزە‌شكە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىشلاردا ياردە‌م بېرىشنى سورىغانمۇ؟‏ ياكى بولمىسا باشقا ئىشلاردا ياردە‌م سورىغانمۇ؟‏ شۇ‌نداق ئىشلارغا قاتناشقان قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ بە‌كمۇ خۇ‌شال بولغانلىقىنى ئېيتىشقان.‏

ئىككى قېرىنداش بىللە قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشىغا قاتنىشىپ،‏ دوست بولغان

تە‌شكىلاتنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىغا قاتناشقانلار يېڭى دوستلارنى تاپالايدۇ (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

11.‏ بىر قېرىنداش قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىغا قاتنىشىپ،‏ قانداق پايدا ئالغان؟‏

11 قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان قېرىنداشلار ھە‌ردائىم يېڭى دوستلارنى تاپىدۇ.‏ مارگى ئىسىملىك ئايال قېرىنداش 18 يىل ئىبادە‌ت زاللىرىنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىغا قاتناشقان.‏ ئۇ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شلارغا قاتناشقان ياش قىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ،‏ ئۇ‌لارنى قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىغا ئۆگە‌تكە‌ن.‏ مارگى ئېيتقاندە‌ك،‏ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شتا پىدائىي خىزمە‌تچىلە‌ر بىر-‏بىرىنى ئىلھاملاندۇ‌رالايدۇ (‏رىملىقلارغا 1:‏12)‏.‏ ماردژى قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ندە،‏ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شتا تونۇ‌شقان دوستلىرى ئۇ‌نىڭغا تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن.‏ سىز قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشىغا قاتنىشىپ كۆرگە‌نمۇ؟‏ ھە‌تتا ئالاھىدە بىر قابىلىيىتىڭىز بولمىسىمۇ،‏ قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىغا قاتنىشالايسىز.‏

12.‏ تە‌بىئىي ئاپە‌تكە ئۇ‌چراپ،‏ قىيىنچىلىق تارتقان قېرىنداشلارغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏

12 يە‌ھۋاغا خىزمە‌تداش بولۇ‌شنىڭ يە‌نە بىر يولى —‏ تە‌بىئىي ئاپە‌تكە ئۇ‌چراپ،‏ قىيىنچىلىق تارتقان قېرىنداشلارغا ياردە‌م بېرىش.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن ئىئانە پۇ‌للىرىنى بېرە‌لە‌يمىز (‏يوھان 13:‏34،‏ 35؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 11:‏27—‏30)‏.‏ ياكى ئاپە‌ت بولغان يە‌رنى تازىلاش ياكى قايتا قۇ‌رۇ‌ش ئىشلىرىغا قاتنىشالايمىز.‏ پولشادا ياشايدىغان گە‌برېللا ئىسىملىك قېرىندىشىمىزنىڭ ئۆيى كە‌لكۈن سۈيىدە بۇ‌زۇ‌لۇ‌پ كە‌تكە‌ن.‏ قوشنا جامائە‌تلە‌ردىكى قېرىنداشلارنىڭ ئۇ‌نىڭغا ياردە‌مگە كە‌لگە‌نلىكىنى كۆرۈپ،‏ ئۇ بە‌ك خۇ‌شال بولغانىدى.‏ گە‌برېللا بۇ ۋە‌قە ھە‌ققىدە ئويلىغاندا،‏ شۇ ئاپە‌تتە يوقاتقان مال-‏مۈلكى ھە‌ققىدە غە‌م قىلىشنىڭ ئورنىغا،‏ ئېرىشكە‌ن بە‌رىكە‌تلىرىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «كە‌لكۈندىن كېيىن جامائە‌تنىڭ ئە‌زاسى بولۇ‌ش چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ ۋە خۇ‌شاللىق ئىكە‌نلىكىگە كۆزۈم يە‌تتى».‏ ئاپە‌تتىن كېيىن شۇ‌نداق ياردە‌مگە ئېرىشكە‌ن باشقا نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلارمۇ ئوخشاش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغان.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن خىزمە‌تداش بولۇ‌پ،‏ ئاپە‌تكە ئۇ‌چرىغان قېرىنداشلارغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن شۇ پىدائىي خىزمە‌تچىلە‌رمۇ خۇ‌شاللىققا ئېرىشىپ،‏ قانائە‌ت تېپىشقان ‏(‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏35؛‏ كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 9:‏6،‏ 7نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

13.‏ پىدائىي خىزمە‌ت قىلغاندا يە‌ھۋاغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

13 ستېفانى ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىر رايوندىكى ئېتىقادچىلار يە‌ھۋاغا باشقا بىر ئۇ‌سۇ‌لدا خىزمە‌تداش بولغان.‏ ئۇ‌لار ئۇ‌رۇ‌ش بولۇ‌ۋاتقان دۆلە‌تلە‌ردىن قوشما شتاتلارغا قېچىپ كە‌لگە‌ن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇ‌رالغۇ جاي ۋە ئۆي-‏جاھازلىرىنى تېپىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ستېفانى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز ئۇ‌لارنىڭ دۇ‌نياۋىي قېرىنداشلىق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئۈچۈن بىلدۈرگە‌ن مىننە‌تدارلىقىنى ئاڭلاپ،‏ خۇ‌شاللىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ بە‌كمۇ تە‌سىرلە‌ندۇ‌ق.‏ قىيىنچىلىق تارتقان قېرىنداشلار،‏ بىزنى ئۇ‌لارغا ياردە‌م بە‌ردى دە‌پ ئويلايدۇ،‏ بىراق ئە‌مە‌لىيە‌تتە بولسا بىز ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌لار بىزگە ياردە‌م بە‌ردى.‏ بىز ئۇ‌لارنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى،‏ ئىناقلىقى،‏ ئېتىقادى ۋە يە‌ھۋاغا تايانغانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ يە‌ھۋاغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز كۈچە‌يدى.‏ بۇ ئارقىلىق خۇ‌دا تە‌شكىلاتى تە‌مىنلە‌پ بە‌رگە‌ن بارچە نە‌رسە ئۈچۈن تېخىمۇ مىننە‌تدار بولدۇ‌ق».‏

خىزمە‌ت دائىرىسىنى كە‌ڭە‌يتىڭ

14،‏ 15.‏ ئا)‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر تە‌ييارلىق روھىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ ئە)‏ مە‌سىھىيلە‌ر يە‌شايادىن قانداق ئۈلگە ئالالايدۇ؟‏

14 يە‌ھۋاغا خىزمە‌تداش بولۇ‌پ تېخىمۇ كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشنى خالامسىز؟‏ ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارغا مۇ‌ھتاج يە‌رلە‌رگە كۆچۈپ بارالامسىز؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ سېخىيلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن يىراق يە‌رلە‌رگە كۆچۈش شە‌رت ئە‌مە‌س.‏ لېكىن،‏ بە‌زى قېرىنداشلارنىڭ كۆچۈشكە مۇ‌مكىنچىلىكى بار.‏ ئۇ‌لار يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌رگە ئوخشاش تە‌ييارلىق روھىنى كۆرسىتىدۇ.‏ يە‌ھۋا:‏ «مە‌ن كىمنى ئە‌ۋە‌تىمە‌ن ۋە كىم بىزگە ۋە‌كىل بولۇ‌پ بارىدۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىغاندا،‏ يە‌شايا:‏ «مانا مە‌ن!‏ ئە‌ۋە‌تكە‌يسە‌ن،‏ مېنى!‏»—‏ دە‌پ جاۋاب بە‌رگە‌نىدى (‏يە‌شايا 6:‏8،‏ 9)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىنى قوللاشنى خالامسىز؟‏ خالىسىڭىز،‏ مۇ‌مكىنچىلىكىڭىز بارمۇ؟‏ شۇ‌نداق قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

15 ئە‌يسا ۋە‌ز قىلىش ۋە شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشى ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ھوسۇ‌ل مول،‏ لېكىن ئىشچىلار ئاز.‏ شۇ‌ڭلاشقا ھوسۇ‌ل ئېگىسىدىن ئورمىغا ئىشچىلارنى ئە‌ۋە‌تىشنى سوراڭلار» (‏مە‌تتا 9:‏37،‏ 38‏)‏.‏ سىز ۋە‌ز ئېتقۇ‌چىلارغا مۇ‌ھتاج يە‌رلە‌ردە،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلالامسىز؟‏ ئۆزىڭىز بارالمىسىڭىز،‏ باشقىلارنىڭ بېرىشىغا ياردە‌م قولۇ‌ڭىزنى سۇ‌نالامسىز؟‏ نۇ‌رغۇ‌ن قېرىنداشلار،‏ خۇ‌داغا ھە‌م يېقىنلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لى —‏ ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارغا مۇ‌ھتاج يە‌رلە‌ردە پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشتۇ‌ر،‏ دە‌پ ئويلايدۇ.‏ ئۆز خىزمە‌ت دائىرىسىنى كە‌ڭە‌يتىشنىڭ باشقا يوللىرى ھە‌ققىدە ئويلاپ باققانمۇ‌سىز؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ كۆپ خۇ‌شاللىققا ئېرىشىسىز.‏

16،‏ 17.‏ يە‌ھۋاغا تېخىمۇ كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش پۇ‌رسىتىگە قانداق ئېرىشە‌لە‌يسىز؟‏

16 سىز بە‌يتە‌لدە ياكى قۇ‌رۇ‌لۇ‌ش ئىشلىرىدا ۋاقىتلىق ياكى ھە‌پتىسىگە بىر نە‌چچە كۈن خىزمە‌ت قىلىشقا تە‌ييارمۇ؟‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى ھە‌تتا بىرە‌ر ئىشتا تە‌جرىبىسى يوق بولسىمۇ،‏ بىراق ھە‌ردائىم ئە‌ۋە‌تىلىدىغان يە‌ردە خىزمە‌ت قىلىشقا ۋە تاپشۇ‌رۇ‌لغان ئىشنى ئورۇ‌نلاشقا تە‌ييار خىزمە‌تچىلە‌رگە مۇ‌ھتاج.‏ يە‌ھۋا ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج بولغان جايلاردا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن قۇ‌ربانلىق بېرىشكە تە‌ييار بولغان ھە‌ربىر ئادە‌منى قە‌دىرلە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 110:‏3)‏.‏

17 يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن كۆپرە‌ك تە‌لىم-‏تە‌ربىيىگە ئېرىشىشنى خالامسىز؟‏ ئۇ‌نداقتا،‏ پادىشاھلىق خە‌ۋىرى يە‌تكۈزگۈچىلە‌رنى تە‌ربىيىلە‌ش مە‌كتىپىدە ئوقۇ‌ش ئۈچۈن ئىلتىماس خېتىنى تولدۇ‌رسىڭىز بولىدۇ.‏ بۇ مە‌كتە‌پتە،‏ ئاللىقاچان يە‌ھۋاغا تولۇ‌ق ۋاقىت خىزمە‌ت قىلىۋاتقان يېتىلگە‌ن ئېتىقادچىلار تە‌لىم-‏تە‌ربىيە ئالىدۇ.‏ كېيىن ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلالايدۇ.‏ بۇ مە‌كتە‌پتە ئوقۇ‌غانلارنى قە‌يە‌رگە ئە‌ۋە‌تسە،‏ ئۇ‌لار شۇ يە‌رگە بېرىشقا تە‌ييار بولۇ‌شى شە‌رت.‏ سىز شۇ‌نداق تە‌لىم-‏تە‌ربىيىگە ئىگە بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش پۇ‌رسىتىگە ئېرىشىشنى خالامسىز؟‏ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 9:‏23)‏.‏

18.‏ ھە‌ر كۈنى يە‌ھۋا بىلە‌ن خىزمە‌تداش بولساق،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىمىز؟‏

18 بىز يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى بولغانلىقتىن،‏ مە‌ردلىك،‏ مېھرىبانلىق ھە‌م سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن باشقىلارغا ھە‌ر كۈنى كۆڭۈل بۆلىمىز.‏ بۇ بىزگە خۇ‌شاللىق،‏ تىنچلىق ۋە بە‌خت ئېلىپ كېلىدۇ (‏گالاتىلىقلارغا 5:‏22،‏ 23)‏.‏ شارائىتىمىز قانداق بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ يە‌ھۋانىڭ سېخىيلىقىنى ئۈلگە قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ خىزمە‌تدىشى بولساق كۆپ بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىمىز (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏9،‏ 10)‏.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھاتى

  • بىز يە‌ھۋانىڭ ئۆز مە‌ردلىكى ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى بىز ئارقىلىق كۆرسىتىشكە يول بە‌رگىنىمىزدە،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌تداش بولىمىز‏.‏ شۇ‌نداقلا،‏ بىز باشقىلارنىڭ خۇ‌دانى تونۇ‌شىغا ھە‌مدە ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشىغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ ئۇ بىزگە تە‌مىنلە‌پ بە‌رگە‌ن بارچە نە‌رسىلە‌رنى ئىشلىتىمىز

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش