ئادەملەرنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقى بۇزۇلۇپ كەتتى
سىزنىڭچە، ئىنسانلارنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقى قاچان بۇزۇلۇپ كېتىشكە باشلىغان؟ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ياكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياشىغان زامانىدا؟ بەزىلەر 1914-يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندا، ئىنسانلارنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقى بۇزۇلۇشقا قەدەم قويغان دېيىشىدۇ. تارىخشۇناس روبېرت ۋول ئۆز كىتابىدا مۇنداق يازغان: «ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەن كىشىلەر، 1914-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ بىر دەۋرى ئاخىرلىشىپ، باشقا دەۋرى باشلانغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ» (1914 The Generation of).
باشقا بىر تارىخشۇناس نورمان كانتور مۇنداق دېگەن: «ئەدەپ-ئەخلاق ئۆلچەملىرى ئاللىقاچان ناچارلاشقانىدى، ئەمدى تېخىمۇ بۇزۇلۇپ كەتتى. ئۇرۇش مەزگىلىدە سىياسەتچىلەر ۋە ھەربىي قوماندانلار ئۆزىنىڭ قولى ئاستىدىكى مىليونلىغان كىشىلەرنى سويۇلىدىغان ھايۋانلار قاتارىدا كۆرۈپ، ئۆلۈم مەيدانىغا يولغا سالغاندا، قايسى بىر دىنىي ياكى ئەدەپ-ئەخلاق ئۆلچەملىرى ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە ۋەھشىي ھايۋانلاردەك مۇئامىلە قىلىشتىن توسۇپ قالالىدى؟ . . . بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى (1914–1918) مەزگىلىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىق ئىنسان ھاياتىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى پۈتۈنلەي دەپسەندە قىلغان».
ئىنگلىز تارىخشۇناسى ھ. ج. ۋېللىس، ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئەسىرىدە ئىنسانىيەت تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، «ئەدەپ-ئەخلاق بۇزۇلۇشقا باشلىغان» دەپ يازغان (The Outline of History). ئۇ نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەپ يازغان؟ چۈنكى، بەزى تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى تەرەپدارلىرى ئىنسان بىلەن ھايۋاننىڭ ھېچقانداق پەرق يوق. ئىنسان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر جانلىق دەپ قارايدۇ. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگۈچى ۋېللىس ئۆزىمۇ 1920-يىلى مۇنداق دەپ يازغان: «ئۇلار ئىنسانلارنى ھىندىستاندىكى توپلىشىپ ياشايدىغان ئوۋ ئىتلىرىغا ئوخشاش دەپ قارايدۇ. . . . شۇڭا، ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى بويىچە، ئىنسانلار توپىدىكى چوڭ ۋە كۈچلۈك ئىتلار زوراۋانلىق قىلىپ، باشقا كىچىك ئىتلارنى قورقۇتۇپ، بويسۇندۇرۇشى تەبئىي ئەھۋال».
كانتور ھەم بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئىنسانلارنىڭ توغرا-خاتاغا بولغان كۆز قارىشىنى تامامەن ئۆزگەتكەنلىكىگە دىققەت قىلغان. ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «ياشلار ياشانغانلارنىڭ سىياسەت، كىيىنىش ياكى ياسىنىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتكە بولغان كۆز قاراشلىرىنى پۈتۈنلەي خاتاغا چىقىرىۋەتتى». چېركاۋلار بولسا، كىشىلەرگە ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىنى تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ۋە ئۇلارنى ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىپ، ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ بۇزۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشتى. ئەنگلىيىلىك قوماندان فرانك كروزېر مۇنداق دېگەن: «خرىستىئان دىنىي چېركاۋلىرى كىشىلەرنىڭ قان تۆكۈش ۋە زوراۋانلىق قىلىش خاھىشىنى قوزغايدىغان ئەڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە بىز بۇ كۈچتىن خالىغانچە پايدىلاندۇق».
ئەدەپ-ئەخلاق قائىدە-نىزاملىرى كۈچتىن قالدى
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئون يىل «گۈللەنگەن 20-يىللار» دەپمۇ ئاتالغان. شۇ مەزگىلدە ئىنسانلار ئەنئەنىۋى قىممەت كۆز قاراشلىرى ۋە ئەدەپ-ئەخلاق كۆز قاراشلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، نېمىلا قىلساڭ بولىدۇ، خالىغىنىڭنى قىل دېگەن كۆز قاراش بويىچە ياشىغان. تارىخشۇناس فرېدېرىك لېۋىس ئاللېن مۇنداق دېگەن: «ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئون يىلنى «ئەدەپ-ئەخلاق كۈچتىن قالغان دەۋر» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. . . . كونا ئەنئەنىۋى قىممەت كۆز قارىشى ھاياتنىڭ قەدىر-قىممىتىگە ۋە مەنىلىك ھايات كەچۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن، مانا ئەمدى زامانغا ئەگىشىپ بۇ كۈچتىن قىلىپ يوقالسا، ئۇنىڭ ئورنىنى ئالدىغان يېڭى قىممەت كۆز قارىشىنى تېپىش ئاسان ئەمەس».
1930-يىللاردا دۇنيا ئىقتىسادى چۆكۈپ، نۇرغۇن كىشىلەر كەمبەغەللىشىپ كەتكەن. ئەمما، 30-يىللارنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدە، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا يەنە بىر قېتىم ئىنسانلارنى ۋەيرانچىلىققا باشلاپ كىرگەن، رەھىم-شەپقەتسىز ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، كۆپلىگەن دۆلەتلەر قورقۇنچلۇق قورال-ياراقلارنى ياساشقا باشلاپ، ئىشسىزلىق ئازىيىپ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي قايتا ياخشىلىنىشقا باشلىدى. شۇنداقتىمۇ، دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانىيەتنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلىپ باقمىغان قورقۇنچ ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار قىلغان. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا، سان-ساناقسىز شەھەرلەر خارابىلىككە ئايلىنىپ قالغانىدى. بىر ئاتوم بومبىسى ياپونىيەدىكى ئىككى شەھەرنى تۈپتۈز قىلىۋەتكەن. مىليونلىغان كىشىلەر دەھشەتلىك جازا لاگېرلىرىدا ئۆلۈپ كەتكەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۇرۇش تۈپەيلى، ئەرلەر، ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ، تەخمىنەن 50 مىليوندىن كۆپرەك ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئىنسانلار قىيىنچىلىق پاتقىقىغا چۆكۈپ قېلىپ، ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان قەدىرلىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئەخلاق كۆز قاراشلىرىنىڭ ئورنىغا، ئۆزلىرىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش ئۆلچەملىرىنى دەسسىتىپ، خالىغانچە ياشايدىغان بولغان. بىر كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: «ئۇرۇش مەزگىلىدە كىشىلەر جىنسىي مۇناسىۋەتكە قارىتا ھېچقانداق چەكلىمىلەرنى قويمىغان، ھەركىم خالىغىنىنى قىلغانىدى. جەڭ مەيدانىدا، ئادەملەر ئۆزىنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن تارتمىغان. مۇشۇ كۆز قاراش ئاددىي پۇقرالاغا ھەم تەسىر قىلغان. . . . ئۇرۇش مەزگىلىدە، ھايات قىسقا، دۇنيا ۋەزىيىتى ئېنىقسىز، كۆڭۈل خاتىرجەمسىز بولغاچقا، كىشىلەر ئەدەپ-ئەخلاق كۆز قارىشىنى بىر چەتكە تاشلىۋەتكەن. ئالدىنقى سەپكە ئۇرۇشقا بارمىغان كىشىلەرمۇ ھاياتنى قەدىر-قىممەتسىز دەپ قارايدىغان كۆز قاراشقا كەلگەن» ( 45-1939 ٬The book Love٬ Sex and War—Changing Values).
ئىنسانلار شۇ زامانلاردا دائىم ئۆلۈم خەۋپ-خەتىرى ئاستىدا بولغاچ، ئۇلار ھېسسىيات جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغاچ، جىنسىي مۇناسىۋەتكە قارىتا ناھايىتى ئەركىن كۆز قاراشتا بولۇپ، خالىغانچە ئەخلاقسىزلىق قىلىشقان. برىتانىيىدە ياشايدىغان بىر ئايال شۇ زاماندا كەڭ ئومۇملاشقان ئەخلاقسىزلىقنى ئاقلاش مەقسىتىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇرۇش دەۋرى بولغاچقا، بىز شۇنداق قىلغان ئىدۇق. ئەسلىدە بىز ئۇنداق ئەخلاقسىز كىشىلەر ئەمەس». بىر ئامېرىكىلىق ئەسكەر مۇنداق دېگەن: «نۇرغۇن كىشىلەر بىزنى ئەدەپ-ئەخلاق كۆز قارىشى يوق ئويلايدۇ. بىراق، بىز بەك ياش ئىدۇق ۋە بۈگۈن ياكى ئەتىسى ئۆلۈپ كېتىشىمىز مۇمكىن ئىدى».
ئۇرۇشتىن ئامان قالغان نۇرغۇن كىشىلەر كۆزلىرى كۆرگەن دەھشەتلىك ۋەقەلەر سەۋەبلىك، ئازابلىق ئەسلىمىلەر بىلەن ياشىغان. بۈگۈنكى كۈنگىچە، بەزىلەرنىڭ يادىغا بالىلىق چېغىدىكى ئازابلىق ئەسلىمىلەر كېلىپ قالسا، ئىلگىرىكى ئىش-ۋەقەلەر خۇددى ھازىر قايتا يۈز بېرىۋاتقاندەك ھېس-تۇيغۇغا كېلىدۇ. ئۇرۇش مەزگىلىدە نۇرغۇن كىشىلەر خۇداغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقاچ، نېمە توغرا ۋە نېمە ناتوغرا ئىكەنلىكىنىڭ پەرق ئېتەلمەي، ئەدەپ-ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى ئورنىتىدىغان ھەرقانداق ھوقۇقدار كىشىلەرنى ياكى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ھۆرمەت قىلمىغان. ئەكسىنچە، ۋەزىيەتلەرگە قاراپ، ھەرقانداق ئىش تۇراقلىق ئەمەس، بەلكى نىسپىي ياكى ئۆزگىرىشچان بولىدۇ دەپ قاراشقا باشلىغان.
يېڭى ئەدەپ-ئەخلاق ئۆلچەم قائىدىلىرى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت توغرىسىدا ئىزدىنىپ يازغان تەتقىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلاندى. مەسىلەن، ئامېرىكىدا 1940-يىللىرىدا كىنزى دوكلاتى ناملىق 800 بەتلىك دوكلات نەشر قىلىنغانىدى. ئىلگىرى ئادەملەر ئادەتتە جىنسىي مۇناسىۋەت توغرۇلۇق كۆپ سۆزلىمەيتتى. ئەمما، شۇنىڭدىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر جىنسىي مۇناسىۋەت توغرىسىدا ئوچۇق-ئاشكارا پاراڭلىشىشقا باشلىغان. گەرچە بۇ دوكلاتتا ئوخشاش جىنىسلىقلار ئارىسىدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغانلار ۋە باشقا غەيرى جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلار توغرىسىدا ستاتىستىكا قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار ئوتتۇرغا قويۇلغان بولسىمۇ، كېيىنچە شۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ مۇبالىغە قىلغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان. شۇنداقتىمۇ، شۇ دوكلاتتا ئۇرۇشتىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ئەخلاقسىزلىق پاتقىقىغا پاتقانلىقى ئاشكارا ئوتتۇرغا قويغانىدى.
بىر مەزگىل، كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئەدەپ-ئەخلاق ئۆلچەم قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىۋاتقاندەك كۆرسىتىشكە تىرىشقان. مەسىلەن، رادىئو، كىنو-فىلىملەر ۋە تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىدىن ئەخلاقسىز مەزمۇنلار ئېلىپ تاشلانغانىدى. ئەمما، بۇ ئەھۋال ئۇزۇن داۋام قىلمىغان. ئامېرىكا مائارىپ ئىشلىرى مىنىستىرى بولۇپ ئىشلىگەن ۋىليام بېننېت چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «1960-يىللارغا كەلگەندە، ئامېرىكىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقى بۇزۇلۇپ كەتتى». بۇ باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى كىشىلەرگىمۇ تەسىر قىلغانىدى. نېمە ئۈچۈن 60-يىللاردا ئىنسانلارنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقى شۇنچە تېز بۇزۇلۇپ كەتتى؟
ئاشۇ 60-يىللاردا، ئاياللارنىڭ ئەركىنلىك ھوقۇقىنى قوغداش ھەرىكىتى ۋە يېڭى ئەدەپ-ئەخلاق دەپ ئاتالغان جىنسىيەت ئىنقىلابى كەڭ قانات يايدۇرۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېڭى دورىلار ياسىلىپ، كىشىلەر خالىغانچە جىنسىي ئالاقە قىلىدىغان ۋە ئاياللار ھامىلىدار بولۇپ قېلىشتىن قورقمايدىغان بولۇشقانىدى. شۇڭا، توي قىلماي بىللە ياشاپ، جىنسىي ئالاقە قىلىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغان.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، گېزىت-ژۇرناللار، كىنو-فىلىملەر ۋە تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىغا ئىلگىرىكىدەك چەكلىمە قويۇلمايدىغان بولدى. ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن زبىگنىيۇۋ برازىنسكىي تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىدا تەشۋىق قىلىنغان قىممەت قاراشلىرى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ناھايىتى ئېنىق، كۆرسىتىلگەن نومۇرلار كىشىلەرنى ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قانائەت تاپقۇزۇشنى ۋە شەخسىيەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىپ، چەكتىن ئاشقان ياۋۇزلۇق ۋە زوراۋانلىققا ئۈندەيدۇ، ھەتتا بىرنەچچە كىشى بىلەن بىرلىكتە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى ئادەتتىكى ئىشتەك كۆرسىتىدۇ».
1970-يىللارغا كەلگەندە، ماگنىت لېنتىلىق سىن قويغۇچلار كەڭ ئومۇملىشىپ، ئەمدى ئادەملەر شەھۋانىي مەزمۇندىكى فىلىملەرنى ئۆز ئۆيلىرىدە يوشۇرۇنچە كۆرۈشكە باشلىغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا، كومپيۇتېرى بار كىشىلەر دۇنيانىڭ قايسى بىر جايىدا ياشىمىسۇن، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئەڭ يىرگىنىچلىك شەھۋانىي مەزمۇندىكى تۈرلۈك نەرسىلەرنى خالىغان ۋاقتىدا كۆرەلەيدۇ.
بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېچىنارلىق. يېقىندا ئامېرىكىدىكى بىر تۈرمىنىڭ قاراۋۇلى مۇنداق دېگەن: «ئون يىل ئىلگىرى، تۈرمىگە چۈشكەن ئۆسمۈر بالىلار بىلەن نېمە توغرا، نېمە ناتوغرا ئىكەنلىكى ھەققىدە پاراڭلىشالايتتىم. ئەمما، ھازىرقى بالىلار بولسا، بۇ ماۋزۇ توغرۇلۇق ئېغىز ئاچسام، ئۇلار مېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىمنى تامامەن چۈشەنمەيدۇ».
ئىشەنچىلىك يوليورۇقنى قەيەردىن تېپىشقا بولىدۇ؟
دۇنيادىكى دىنلار ئەدەپ-ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك ئىشەنچىلىك يوليورۇقنى بېرەلمەيدۇ. ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ بىرىنچى ئەسىردىكى شاگىرتلىرىغا ئەگىشىپ، ھەققانىي قائىدە-پرىنسىپلارغا قەتئىي ئەمەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ ئېقىمىغا ئەگىشىپ، ئۇلارغا قوشۇلۇپ يامانلىقلارنى قىلىۋاتىدۇ. بىر يازغۇچى مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى تەرەپ خۇدا بىزگە ياردەم بېرىدۇ دەپ ئۇرۇشلارنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ». نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى نيۇ-يورك شەھىرىدىكى بىر دىنىي رەھبەر شۇنداق دېگەنىدى: «چېركاۋنىڭ ئەزاسى بولۇش ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇشتىن ئاسان بولۇپ قالدى. ھازىر چېركاۋنىڭ ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن كىشىلەردىن ئەدەپ-ئەخلاق ئۆلچەملىرى بويىچە ياشاش تەلەپ قىلىنمايدۇ».
شۇ ناھايىتى ئېنىقكى، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقى ئاللىقاچان بۇزۇلۇپ كەتتى. بىراق، زادى نېمە قىلىش كېرەك؟ قانداق ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىش كېرەك؟ كىم بۇ ئۆزگەرتىشلەرنى قىلالايدۇ ۋە بۇ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ؟
[قىستۇرما تېكىسىت]
«بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىق (1914–1918) ئىنسان ھاياتىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى پۈتۈنلەي دەپسەندە قىلدى»
[رامكا]
ئەدەپ-ئەخلاق قارىشى ياكى قىممەت قارىشى
بۇرۇن كىشىلەرنىڭ ئەدەپ-ئەخلاق كۆز قارىشى ناھايىتى ئېنىق ئىدى. بىر كىشى سەمىمىي، سادىق، پاك ۋە دۇرۇس بولغان ياكى بولمىغان. بىراق، بۈگۈنكى كۈندە ئەدەپ-ئەخلاق كۆز قارىشىنىڭ ئورنىنى قىممەت كۆز قارىشى ئىگەللىدى. ئەمما، بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟ گېرترود ھىمئەلفارب ئىسىملىك تارىخشۇناس ئۆز كىتابىدا مۇنداق يازغان: «ھەربىر كىشى ئۆزۈمنىڭ قىممەت كۆز قارىشى بار دېسە بولىدۇ، . . . لېكىن، ھەممە ئادەم ئۆز ئالدىغا ئەدەپ-ئەخلاق كۆز قارىشىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ». (The De-Moralization of Society).
شۇ تارىخشۇناس ئېيتىپ ئۆتكەندەك، قىممەت كۆز قارىشى ھەرقانداق بىر ئىنسان، كوللېكتىپ ياكى جەمئىيەت، ھەرقانداق بىر ۋاقىتتا، ھەرقانداق سەۋەب ئاساسىدا مۇھىم دەپ قارىغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بۇ كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى، كۆز قاراشلىرى، تۇتقان يوللىرى، ھېس-تۇيغۇلىرى، كۆنۈپ قالغان ئادەتلىرى، ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرى، قىزىقىشلىرى، بىر تەرەپلىمە قاراشلىرى، ھەتتا غەلىتە قىلىقلىرى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۈگۈنكى ئەركىن جەمئىيەتتە، كىشىلەر خۇددى تاللا بازىرىدىن يېمەك-ئىچمەكلەرنى تاللىغاندەك، ئۆز قىممەت قاراشلىرىمىزنى تاللاشقا ھوقۇقىمىز بار دەپ قارايدۇ. ئەگەر ھەممە ئادەم شۇنداق قىلسا، توغرا ئەدەپ-ئەخلاق كۆز قارىشى بولامدۇ؟
[رەسىم]
ئەدەپ-ئەخلاقسىز مەزمۇندىكى ئويۇن-تاماشىلار كەڭ تارقالماقتا