كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • خ‌خ 1-‏دە‌رس 1-‏3 سۇ‌ئال.‏
  • قانداق خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر بار؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • قانداق خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر بار؟‏
  • خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • خۇ‌دانىڭ يە‌رشارى ئۈچۈن قانداق مە‌قسىتى بار؟‏
    خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • ھە‌ق خۇ‌دا كىم؟‏
    خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
خ‌خ 1-‏دە‌رس 1-‏3 سۇ‌ئال.‏

1-‏دە‌رس

قانداق خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر بار؟‏

1.‏ خۇ‌دا بىزگە نېمىنى خە‌ۋە‌ر قىلىدۇ؟‏

يه‌رده ياشاشتىن به‌خرىمان بولوُۋاتقان ئاده‌مله‌ر

خۇ‌دا ئادە‌ملە‌رنىڭ يە‌ر يۈزىدە خۇ‌شال-‏خۇ‌رام تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشىنى خالايدۇ.‏ ئۇ ئىنسانلارنى سۆيگە‌چ،‏ يە‌ر يۈزى ۋە ئۇ‌نىڭدىكى بارلىق مە‌ۋجۇ‌داتلارنى ياراتقان.‏ پات-‏ئارىدا،‏ ئۇ جاي-‏جايلاردىكى كىشىلە‌رنى گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ھە‌رىكە‌تكە كېلىپ،‏ ئىنسانىيە‌تنى بارچە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ردىن خالاس قىلىدۇ.‏​‏—‏​1-‏تىموتىي 6:‏19⁠-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

ھېچ بىر ھۆكۈمە‌تنىڭ زوراۋانلىق،‏ كېسە‌للىك ياكى ئۆلۈمنى يوق قىلىشقا قۇ‌ربىتى يە‌تكە‌ن ئە‌مە‌س.‏ بىراق،‏ بىر خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر بار!‏ ئۇ‌زۇ‌نغا بارماي،‏ خۇ‌دا ئۆز ھۆكۈمىتىنى ئىنسانلار قۇ‌رغان بارلىق ھاكىمىيە‌تلە‌رنىڭ ئورنىغا دە‌سسىتىدۇ.‏ شۇ ھۆكۈمە‌تنىڭ باشقۇ‌رۇ‌شى ئاستىدا كىشىلە‌ر تىنچ-‏ئامان،‏ ساق-‏سالامە‌ت ۋە خۇ‌شال-‏خۇ‌رام تۇ‌رمۇ‌شتىن بە‌ھرىمە‌ن بولىدۇ.‏​‏—‏ يە‌شايا 25:‏8؛‏ 33:‏24؛‏ دانىيال 2:‏44-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

2.‏ نېمە ئۈچۈن بۇ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏

خۇ‌دا يە‌ر يۈزىدىكى بارلىق رە‌زىل ئادە‌ملە‌رنى يوق قىلغاندىلا،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر ئاخىرلىشىدۇ (‏سە‌فنىيا 2:‏3)‏.‏ ئۇ قاچان شۇ‌نداق قىلىدۇ؟‏ خۇ‌دا سۆزى بېشارە‌ت قىلغاندە‌ك،‏ بۈگۈنكى كۈندە دۇ‌نيادا يۈز بېرىۋاتقان رە‌زىللىكلە‌ر ئىنسانىيە‌تكە تە‌ھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ بۇ خۇ‌دا ھە‌رىكە‌تكە كېلىدىغان ۋاقىت-‏سائە‌تنىڭ يېقىنلاشقانلىقىدىن خە‌ۋە‌ر بە‌رمە‌كتە.‏​‏—‏ 2-‏تىموتىي 3:‏1–‏5-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

3.‏ نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

بىز خۇ‌دا سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ياراتقۇ‌چى ئىگىمىز توغرىسىدا بىلىم ئېلىشىمىز زۆرۈر.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك ئاتا بالىلىرىغا يازغان خە‌تكە ئوخشاش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە ھازىرنىڭ ئۆزىدە قانداق قىلىپ ياخشى تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش ۋە قانداق قىلىپ كە‌لگۈسىدە يە‌ر يۈزىدە مە‌ڭگۈ ھاياتتىن بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌ش ھە‌ققىدە ئېيتىپ بېرىدۇ.‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ بە‌زىلە‌ر سىزنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى چۈشىنىشكە ھە‌رىكە‌ت قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ياقتۇ‌رمايدۇ.‏ لېكىن،‏ خۇ‌دا ۋە‌دە قىلغان ئاشۇ گۈزە‌ل كېلە‌چە‌كتىن مە‌ھرۇ‌م قېلىشتىنمۇ ئە‌پسۇ‌سلىنارلىق ئىش يوق،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏!‏​‏—‏​پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 29:‏25؛‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 14:‏6،‏ 7-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش