كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ئاب 7-‏بۆل.‏ 22-‏25 ب.‏
  • بالىنى ياشتىن ئۆگە‌ت

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • بالىنى ياشتىن ئۆگە‌ت
  • ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • 1.‏ بالىڭىزنى تىڭشاشقا ھە‌رقاچان تە‌ييار بولۇ‌ڭ
  • 2.‏ ئۇ‌لارنىڭ نېمە دېمە‌كچى بولغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ
  • 3.‏ مە‌سلىھە‌تلىك ئىش بۇ‌زۇ‌لماس
  • 4.‏ پۇ‌ختا ئويلىنىپ ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلىڭلار
  • بە‌خت-‏سائادە‌تلىك ئائىلە.‏ 2-‏قىسىم
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • ئاتا-‏ئانىلار،‏ بالىلىرىڭلارغا يە‌ھۋانى سۆيۈشنى ئۆگىنىشكە ياردە‌م بېرىڭلار!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
ئاب 7-‏بۆل.‏ 22-‏25 ب.‏
دادىسی بىله‌ن بالىسی ۋېلسىپىتنی بىلله جونده‌ۋاتىدوُ

7-‏بۆلۈم

بالىنى ياشتىن ئۆگە‌ت

‏«مە‌ن بۇ كۈن ساڭا بېرىدىغان بۇ‌يرۇ‌قلىرىمنى كۆڭلۈڭگە ئېلىپ،‏ ئۇ‌لارنى بالىلىرىڭغىمۇ ئۇ‌قتۇ‌ر» (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 6:‏6،‏ 7)‏.‏

ئائىلىنىڭ ئاساسچىسى يە‌ھۋا خۇ‌دا ئاتا-‏ئانىلارغا بالىلىرىنى تە‌ربىيىلە‌ش ۋە‌زىپىسىنى تاپشۇ‌ردى (‏كولوسىلىقلارغا 3:‏20)‏.‏ ئاتا-‏ئانىلارنىڭ ۋە‌زىپىسى بالىلىرىدا يە‌ھۋا خۇ‌داغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى يېتىلدۈرۈپ،‏ ئۇ‌لارنى مە‌سئۇ‌لىيە‌تچان ئادە‌م قىلىپ تە‌ربىيىلە‌شتىن ئىبارە‌تتۇ‌ر (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 1:‏5؛‏ 3:‏15)‏.‏ ئوغلىڭىزنىڭ ياكى قىزىڭىزنىڭ قە‌لبىدە نېمە بارلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ‌لار ئۈچۈن سىزنىڭ ئۈلگىڭىز ناھايىتى مۇ‌ھىم.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ سۆزى قە‌لبىڭىزدە بولسا،‏ ئۇ‌نى بالىلىرىڭىزغا ئۆگىتىش ئاسان بولىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 40:‏8)‏.‏

1.‏ بالىڭىزنى تىڭشاشقا ھە‌رقاچان تە‌ييار بولۇ‌ڭ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ «ھە‌رقانداق ئادە‌م ئاڭلاشقا تېز،‏ سۆزلە‌شكە ئالدىرىمايدىغان.‏.‏.‏ بولۇ‌شى كېرە‌ك» (‏ياقۇ‌پ 1:‏19)‏.‏ بالىلىرىڭىزنىڭ سىز بىلە‌ن ھە‌رقانداق ماۋزۇ‌غا ئە‌ركىن-‏ئازادە سۆزلىشە‌لىشى ئىنتايىن مۇ‌ھىم.‏ سىزنىڭ تىڭشاشقا ھە‌رقاچان تە‌ييار ئىكە‌نلىكىڭىزگە پە‌رزە‌نتلىرىڭىزنىڭ ئىشە‌نچى كامىل بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ ئۆيىڭىزدە تىنچلىق ۋە خاتىرجە‌ملىك ھۆكۈم سۈرسە،‏ ئۇ‌لار ئوي-‏پىكىرلىرىنى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى بىمالال ئىپادىلە‌شتىن قورقمايدۇ (‏ياقۇ‌پ 3:‏18)‏.‏ ئە‌گە‌ر پە‌رزە‌نتلىرىڭىز سىزنى ئاچچىقى يامان ئادە‌م دە‌پ بىلسە ياكى ئاھانە‌ت قىلىدۇ دە‌پ ئويلىسا،‏ سىز بىلە‌ن ئوچۇ‌ق-‏ئاشكارە سۆزلىشىشى ناتايىن.‏ شۇ‌ڭا بالىلىرىڭىزغا سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى پات-‏پات ئىپادىلە‌پ تۇ‌رۇ‌ڭ (‏مە‌تتا 3:‏17؛‏ كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 8:‏1)‏.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • بالىلىرىڭلار سىز بىلە‌ن سۆزلە‌شمە‌كچى بولغاندا،‏ ئۇ‌لارنى تىڭشاشقا تە‌ييار بولۇ‌ڭ

  • بالىلىرىڭلار بىلە‌ن پە‌قە‌ت قىيىنچىلىقلار پە‌يدا بولغاندىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى مۇ‌نتىزىم سۆزلىشىشكە ۋاقىت چىقىرىڭلار

2.‏ ئۇ‌لارنىڭ نېمە دېمە‌كچى بولغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ «ئادە‌منىڭ سۆزلىرى چوڭقۇ‌ر سۇ‌لارغا ئوخشار» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 18:‏4)‏.‏ بە‌زىدە بالىنىڭ گە‌پ-‏سۆزلىرىنىڭ تېگىدە نېمە ياتقانلىقىنى دە‌رھال چۈشىنىش ئاسان ئە‌مە‌س.‏ ئۆسمۈرلە‌رنىڭ تۈگمىدە‌ك نە‌رسىنى تۆگىدە‌ك قىلىپ كۆرسىتىش ياكى ئە‌سلى ئويىدا بولمىغان نە‌رسىنى ئېيتىش ئادىتى بار.‏ «سۆزنى ئاڭلىماي تۇ‌رۇ‌پ جاۋاب بە‌رگە‌ن،‏ جاۋاب بېرىشكە ئالدىرىغان،‏ ئە‌خمە‌قلىقىنى كۆرسىتىدۇ» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 18:‏13)‏.‏ خاپا بولۇ‌شقا ئالدىرىماڭ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 19:‏11)‏.‏

انىسی قىزىنىڭ سوزلىرىگه ئاچچىقلىنىۋاتىدوُ

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • بالىلىرىڭىز نېمە دېسىمۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ سۆزىنى بۆلۈشكە ئالدىرىماڭ ۋە ئۆزىڭىزنى قايناپ كېتىشتىن تۇ‌تۇ‌ڭ

  • ئۇ‌لارنىڭ يېشىدا ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ئويلىغانلىقىڭىزنى ۋە سىز ئۈچۈن نېمىلە‌رنىڭ مۇ‌ھىم بولغانلىقىنى ئېسىڭىزغا ئېلىڭ

3.‏ مە‌سلىھە‌تلىك ئىش بۇ‌زۇ‌لماس

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ «ئە‌ي ئوغلۇ‌م،‏ ئاتاڭنىڭ نە‌سىھىتىگە قۇ‌لاق سال،‏ ئاناڭنىڭ سۆز-‏نە‌سىھىتىدىن ئايرىلما» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 1:‏8)‏.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا بالىلارنى تە‌ربىيىلە‌شنى ھە‌م ئاتىغا،‏ ھە‌م ئانىغا تاپشۇ‌رغان.‏ پە‌رزە‌نتلىرىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى ھۆرمە‌تلە‌شكە ۋە گېپىڭلارغا قۇ‌لاق سېلىشقا ئۆگىتىڭلار (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 6:‏1—‏3)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئاتا-‏ئانا «پىكىرلە‌ردە.‏.‏.‏ بىرلە‌شكە‌ن» بولمىسا،‏ بالىلار بۇ‌نى بىردىنلا تۇ‌يۇ‌پ قالىدۇ (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 1:‏10)‏.‏ ئاراڭلاردىكى كېلىشمە‌سلىكلە‌رنى بالىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يالغۇ‌ز قېلىپ مۇ‌ھاكىمە قىلىڭلار.‏ ئە‌كسىچە بولغاندا بالىلار ئالدىدىكى ئابرويۇ‌ڭلار تۆكۈلىدۇ.‏

دادىسی ئوغلىنی ئانىسی بىله‌ن ئاكىسىدىن ئايته‌ن ئه‌چىقىپ توٰزىتىۋاتىدوُ

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • پە‌رزە‌نتلىرىڭىزنى قانداق تە‌ربىيىلە‌يدىغىنىڭلارنى ۋە قانداق جازالايدىغىنىڭلارنى كېلىشىۋېلىڭلار

  • تە‌ربىيە مە‌سىلىلىرىدە ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىڭىز بىلە‌ن كۆزقاراشلىرىڭلار ئوخشاش بولمىسا،‏ بىر-‏بىرىڭلارنىڭ ئوي-‏پىكرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭلار

4.‏ پۇ‌ختا ئويلىنىپ ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلىڭلار

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ «بالىغا كىچىكىدە مىجە‌زىگە قاراپ توغرا تە‌ربىيە بە‌ر» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏6)‏.‏ بالىلار ئۆز-‏ئۆزىدىنلا ئە‌دە‌بلىك ۋە تە‌ربىيىلە‌نگە‌ن بولۇ‌پ قالمايدۇ.‏ سىزگە ئويلىنىپ ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلىش كېرە‌ك ۋە تە‌ربىيىلە‌شنىڭ تۈزىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌ش كېرە‌ك (‏زە‌بۇ‌ر 127:‏4؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 29:‏17)‏.‏ لېكىن تۈزىتىش پە‌قە‌ت جازالاشتىنلا ئىبارە‌ت ئە‌مە‌س.‏ بالىغا نېمىشقا ئۇ‌نىڭدىن ئۇ ياكى بۇ قائىدىلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى چۈشىنىشكە ياردە‌م بېرىش لازىم (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 28:‏7)‏.‏ شۇ‌نداقلا بالىلىرىڭلارنى يە‌ھۋانىڭ سۆزىنى ياخشى كۆرۈشكە ۋە ئۇ‌نىڭدىكى پرىنسىپلارنى چۈشىنىشكە ئۆگىتىڭلار (‏زە‌بۇ‌ر 1:‏2)‏.‏ شۇ چاغدا ئۇ‌لارنىڭ ۋىجدانى توغرا تە‌ربىيىلىنىدۇ (‏ئىبرانىيلارغا 5:‏14)‏.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • بالىلىرىڭلارغا خۇ‌دانى ھە‌قىقىي تايىنىشقا بولىدىغان مە‌ۋجۇ‌ت شە‌خس دە‌پ تونۇ‌پ-‏بىلىشكە ياردە‌م بېرىڭ

  • ئۇ‌لارغا ئە‌خلاقىي خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌رلە‌ر بىلە‌ن تۇ‌زاقلاردىن،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ تور ۋە ئىجتىمائىي تورلاردىكى خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌رلە‌ردىن،‏ نېرى بولۇ‌شقا ئۆگىتىڭلار.‏ شۇ‌نداقلا بالىلارغا جىنسىي خورلۇ‌ق قىلىدىغانلاردىن قانداق ساقلىنىش كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌ندۈرۈڭلار

اتا-‏ئانىسی بالسىنی كىچىك چېغىدىن باشپ چومدوٰروٰلوٰشتىن ئوتكىچه يه‌هۋاغا خىزمه‌ت قىلىشقا ته‌ربىيىله‌ۋاتىدوُ

‏«بالىغا كىچىكىدە ھە‌ققانىي يولدا مېڭىشنى ئۆگە‌ت»‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا تىرىشچانلىقىڭىزنى مۇ‌كاپاتلايدۇ

ئاتا-‏ئانىلار،‏ سىلە‌رنىڭ ئالاھىدە بىر ۋە‌زىپە‌ڭلار —‏ بالاڭلارنى تە‌ڭرى يە‌ھۋانىڭ كۆزقارىشىنى چۈشىنىشكە ئۆگىتىش (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌رگە 6:‏4)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بۇ ۋە‌زىپىنىڭ ئاسان ئە‌مە‌سلىكىنى چۈشىنىدۇ،‏ لېكىن سىزنىڭ ئە‌جرىڭىز ياخشى مېۋىلە‌رنى ئە‌كېلىدىغانلىقىغا گۇ‌مانلانمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ۋە بۇ خۇ‌داغا شان-‏شە‌رە‌پ ھە‌م سىزگە شات-‏خوراملىق ئە‌كېلىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 23:‏24)‏.‏

ئۆزىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ.‏.‏.‏

  • بالىنىڭ مە‌ن بىلە‌ن ھە‌رقانداق ماۋزۇ‌دا سۆزلىشە‌لىشى ئۈچۈن نېمە قىلالايمە‌ن؟‏

  • بالىلارنى تە‌ربىيە‌لە‌ۋاتقان باشقا ئاتا-‏ئانىلاردىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمە‌ن؟‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش