كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ئاب 8-‏بۆل.‏ 26-‏28 ب.‏
  • بالا-‏قازا كۆرۈنۈپ كە‌لمە‌س

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • بالا-‏قازا كۆرۈنۈپ كە‌لمە‌س
  • ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • 1.‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايىنىڭ
  • 2.‏ ئۆزىڭىزگە ۋە ئاىلىڭىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىڭ
  • 3.‏ ياردە‌مدىن باش تارتماڭ
  • يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە نە‌زە‌ر سالىدۇ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • سىناقلارغا بە‌رداشلىق بە‌رگە‌ندە خۇ‌شاللىقنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
ئاب 8-‏بۆل.‏ 26-‏28 ب.‏
ه‌ر-‏ئايال بالىسىنىڭ ئولوٰمىگه قايغوُرىۋاتىدوُ

8-‏بۆلۈم

بالا-‏قازا كۆرۈنۈپ كە‌لمە‌س.‏.‏.‏

‏«گە‌رچە ئە‌مدى ئاز ۋاقىت،‏ كېرە‌ك بولسا،‏ تۈرلۈك سىناقلاردىن قايغۇ‌رساڭلارمۇ،‏ سىلە‌ر بۇ‌نىڭغا ناھايىتى خۇ‌رسە‌ن بولۇ‌ۋاتىسىلە‌ر» (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 1:‏6)‏.‏

ئائىلىڭىزنىڭ بە‌ختلىك بولۇ‌شى ئۈچۈن بار كۈچىڭىزنى سالسىڭىزمۇ،‏ كۆڭۈل ئارامىڭىزنى ۋە‌يران قىلىدىغان ۋە‌قە‌لە‌ر يۈز بېرىشى مۇ‌مكىن (‏ۋە‌ز 9:‏11)‏.‏ قىيىنچىلىقلار پە‌يدا بولغاندا،‏ خۇ‌دا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن سىزنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏ بېشىڭىزغا قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چۈشكە‌ندە،‏ تۆۋە‌ندە كە‌لتۈرۈلگە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلار سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

1.‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايىنىڭ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ «پۈتكۈل غە‌م-‏تە‌شۋىشلىرىڭلارنى ئۇ‌نىڭغا تاپشۇ‌رۇ‌ڭلار،‏ چۈنكى ئۇ سىلە‌رگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلماقتا» (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 5:‏7)‏.‏ بېشىڭىزغا كە‌لگە‌ن سىناقلارغا خۇ‌دا سە‌ۋە‌بچى ئە‌مە‌سلىكىنى دائىم ئېسىڭىزدا ساقلاڭ (‏ياقۇ‌پ 1:‏13)‏.‏ خۇ‌داغا يېقىنلىشىڭ ۋە ئۇ سىزگە چوقۇ‌م ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌ل بىلە‌ن ياردە‌م بېرىدۇ (‏يە‌شايا 41:‏10)‏.‏ «ئۇ‌نىڭ ئالدىغا ئىچ-‏باغرىڭلارنى تۆكۈڭلار» (‏زە‌بۇ‌ر 62:‏8)‏.‏

شۇ‌نداقلا،‏ تە‌سە‌للى تېپىش ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌ر كۈنى ئوقۇ‌پ،‏ تە‌تقىق قىلىڭ.‏ شۇ چاغدا يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ «بىزگە ھە‌ممە دە‌ردلىرىمىزدە تە‌سە‌للى بېرىۋاتقانلىقىنى» ھېس قىلىسىز (‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 1:‏3،‏ 4؛‏ رىملىقلارغا 15:‏4)‏.‏ ئۇ سىزگە «ھە‌رقانداق ئوي-‏پىكىردىن ئۈستۈن تۇ‌رىدىغان تە‌ڭرىنىڭ تىنچلىقىنى» بېرىشكە ۋە‌دە قىلىۋاتىدۇ (‏فىلىپپىلىقلارغا 4:‏6،‏ 7،‏ 13)‏.‏

دوختوُرخانىدا ياتقان ئه‌ر كىشی ئائىلىسی بىله‌ن دوُئا قىلىۋاتىدوُ

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • خاتىرجە‌ملىكنى ۋە ساغلام پىكىرلىكنى ساقلاشتا ئۆزىڭىزگە ياردە‌م بېرىشىنى سوراپ،‏ ئاللا يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىڭ

  • مە‌سىلىنى ھە‌ل قىلىشنىڭ ھە‌رخىل يوللىرىنى قاراشتۇ‌رۇ‌پ چىقىڭ ۋە ئۆزىڭىزگە مۇ‌ۋاپىق بولغىنىنى تاللاۋېلىڭ

2.‏ ئۆزىڭىزگە ۋە ئاىلىڭىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىڭ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ «يورۇ‌تۇ‌لغاننىڭ قە‌لبى بىلىمگە ئېرىشمە‌كتە؛‏ دانالار بولسا،‏ بىلىمگە ئىنتىلمە‌كتە» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 18:‏15)‏.‏ قىيىنچىلىق توغرۇ‌لۇ‌ق كە‌ڭىرە‌ك چۈشە‌نچىگە ئىگە بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ كۆپرە‌ك ئۇ‌چۇ‌ر ئېلىڭ.‏ ئائىلىڭىزنىڭ ھە‌ربىر ئە‌زاسى ھازىر نېمىگە مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىنى ئېنىقلاۋېلىڭ.‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن سۆزلىشىپ كۆرۈڭ.‏ دىققە‌ت قويۇ‌پ تىڭشاڭ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 20:‏5)‏.‏

يېقىن ئادىمىڭىز كۆز يۇ‌مغاندا،‏ نېمە قىلىش كېرە‌ك؟‏ قايغۇ-‏ھە‌سرىتىڭىزنى كۆرسىتىشتىن ئۇ‌يالماڭ.‏ مۇ‌شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە ھە‌تتا «ئە‌يسانىڭ ياشلىرى تۆكۈلدى» (‏يوھان 11:‏35؛‏ ۋە‌ز 3:‏4)‏.‏ شۇ‌نداقلا يېتە‌رلىك دە‌رىجىدە دە‌م ئېلىپ،‏ ئۇ‌يقىڭىزنى قاندۇ‌رۇ‌ڭ (‏ۋە‌ز 4:‏6)‏.‏ شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ سىزگە قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تكە بە‌رداشلىق بېرىش ئاسانراق بولىدۇ.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • ئۆي-‏ئىچىڭىز بىلە‌ن ئىللىق مۇ‌ئامىلە قىلىشقا ئادە‌تلىنىڭ.‏ شۇ چاغدا بىرە‌ر قايغۇ‌لۇ‌ق ھادىسە ياكى قىيىنچىلىقلار پە‌يدا بولغاندا،‏ ئۇ‌لار سىزگە بىمالال مۇ‌راجىئە‌ت قىلالايدۇ

  • سىزنىڭكىگە ئوخشاش قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌نلە‌ر بىلە‌ن سۆھبە‌تلىشىپ كۆرۈڭ

3.‏ ياردە‌مدىن باش تارتماڭ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ «ھە‌قىقىي دوست ھە‌ردائىم ساڭا مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌ر،‏ ھە‌قىقىي قېرىنداش بولسا،‏ يامان كۈنۈڭ ئۈچۈن دۇ‌نياغا كە‌لگە‌ندۇ‌ر» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 17:‏17)‏.‏ دوستلىرىڭىز سىزگە ياردە‌م بېرىشكە ھە‌رقاچان تە‌ييار بولسىمۇ،‏ لېكىن قانداق ياردە‌م بېرىشىنى بىلمە‌ي قېلىشى مۇ‌مكىن.‏ نېمىگە مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىڭىزنى ئۇ‌لارغا ئېيتىشقا ئۇ‌يالماڭ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 12:‏25)‏.‏ شۇ‌نداقلا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ياخشى چۈشىنىدىغانلارغا مۇ‌راجىئە‌ت قىلىپ،‏ روھىي مە‌دە‌ت سوراڭ.‏ ئۇ‌لارنىڭ خۇ‌دانىڭ سۆزىگە ئاساسلانغان مە‌سلىھە‌تلىرى سىزگە جە‌زمە‌ن ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ (‏ياقۇ‌پ 5:‏14)‏.‏

خۇ‌داغا ئېتىقادى كۈچلۈك بولغان ھە‌م ئۇ‌نىڭ ۋە‌دىلىرىگە ئىشە‌نگە‌نلە‌ر بىلە‌ن ئارىلىشىپ،‏ ھاجە‌تلىك بولغان يار-‏يۆلە‌كنى تاپالايسىز.‏ ئىلھامغا مۇ‌ھتاج بولغانلارغا ياردە‌م بېرىپ ئۆزىڭىزمۇ خېلىلا تە‌سە‌للى ئالىسىز.‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ‌نىڭ ۋە‌دىلىرىگە بولغان ئىشە‌نچىڭىز ھە‌ققىدە سۆزلىشىڭ.‏ قىيىن شارائىتلارغا ئۇ‌چراشقانلارغا قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لگىنىچە ياردە‌م بېرىڭ ھە‌م سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە سىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغان ئادە‌ملە‌ردىن ئۆزىڭىزنى ئايرىماڭ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 18:‏1؛‏ كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 15:‏58)‏.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • يېقىن دوستىڭىز بىلە‌ن سۆزلىشىڭ ۋە ئۇ‌نىڭ ياردىمىنى رە‌ت قىلماڭ

  • نېمىگە مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىڭىزنى ئېنىق ۋە ئوچۇ‌ق ئېيتىشتىن خىجىل بولماڭ

ۋە‌زىيە‌تكە كە‌ڭ دائىرىدە قاراشقا تىرىشىڭ

روھىي چۈشكۈنلۈككە بېرىلىپ كە‌تسىڭىزمۇ،‏ خۇ‌دا ھە‌ققىدە ئويلاشقا تىرىشىڭ.‏ بېشىغا قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چۈشكە‌ن ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌ر مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «پە‌رۋە‌ردىگارنىڭ نامىغا شۈكۈر-‏سانا بېرىلسۇ‌ن» (‏ئايۇ‌پ 1:‏21،‏ 22)‏.‏ بىزمۇ خۇ‌دانىڭ ئىسمى ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسى ھە‌رقانداق غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىمىزدىن ئۈستۈن ئىكە‌نلىكىنى ئە‌ستىن چىقارمايلى.‏ ئە‌گە‌ر شارائىتلار سىزنىڭ ئويلىقىنىڭىزدە‌ك بولمىسا،‏ قايغۇ‌رۇ‌پ كە‌تمە‌ڭ.‏ يە‌ھۋاغا تولۇ‌ق تايىنىڭ.‏ «چۈنكى ئۆزۈمنىڭ سىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق پىلانلىرىمنى،‏ ئاپە‌ت ئېلىپ كېلىدىغان ئە‌مە‌س،‏ تىنچ-‏ئاۋاتلىق ئېلىپ كېلىدىغان،‏ ئاخىرىدا سىلە‌رگە ئۈمىدۋار كېلە‌چە‌كنى ئاتا قىلىدىغان پىلانلىرىمنى ئۇ‌بدان بىلىمە‌ن،‏—‏ دە‌يدۇ پە‌رۋە‌ردىگار» (‏يە‌رە‌مىيا 29:‏11)‏.‏

ئۆزىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ.‏.‏.‏

  • كىچىك ئىشلاردىمۇ يە‌ھۋا خۇ‌داغا تولۇ‌ق تايىنىمە‌نمۇ؟‏

  • يە‌ھۋانىڭ بېرىۋاتقان بە‌رىكە‌تلىرىگە ھە‌ر كۈنى مىننە‌تدار بولۇ‌شىمغا قانداق سە‌ۋە‌بلە‌ر بار؟‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش