151-ناخشا
خۇدا ئوغۇللىرىنىڭ ئايان بولۇشى
(رىملىقلارغا 8:19)
پات ئارىدا روشەن بولار
خۇدا ئوغۇللىرى.
مەسىھ بىلەن بىللە قىلار
ئەرش ھۆكۈمرانلىقى.
(قايتۇرما)
تاللاۋالغان پەرزەنتلىرىن
ئايان قىلار خۇدا.
ئۇلار مەسىھ ئەيسا بىلەن
قازىنار غەلىبە.
ئاڭلىغاندا ئەڭ ئاخىرقى
كاناي ئاۋازىنى،
پادىشاھىمىز جەم قىلار
شۇ چاغ قالغانلارنى.
(قايتۇرما)
تاللاۋالغان پەرزەنتلىرىن
ئايان قىلار خۇدا.
ئۇلار مەسىھ ئەيسا بىلەن
قازىنار غەلىبە.
(كۆچۈش)
باش پەرىشتە، ئەيسا، بىلەن
ئۇلار جەڭگە چىقار.
قوزا بىلەن قۇرغان نىكاھ
مەڭگۈگە سوزۇلار.
(قايتۇرما)
تاللاۋالغان پەرزەنتلىرىن
ئايان قىلار خۇدا.
ئۇلار مەسىھ ئەيسا بىلەن
قازىنار غەلىبە.
(شۇنداقلا دان. 2:34، 35؛ كور. 1-خ. 15:51، 52؛ سال. 1-خ. 4:15—17نى قاراڭ.)