كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ئى‌ش‌ت 5-‏دە‌رس
  • پە‌م-‏پاراسە‌ت

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • پە‌م-‏پاراسە‌ت
  • ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئە‌لچى پاۋلۇ‌س نېمە قىلغان؟‏
  • پاۋلۇ‌ستىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏
  • پاۋلۇ‌سنى ئۈلگە قىلىش
  • كە‌متە‌رلىك
    ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
  • تېررىتورىيىڭىزدىكى ئادە‌ملە‌رگە قانداق قارايسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
  • باشقىلار قىزىقىدىغان ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق پاراڭلىشىش
    ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
  • سۆھبە‌تنى تە‌بىئىي داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش
    ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
ئى‌ش‌ت 5-‏دە‌رس

سۆھبە‌ت باشلاش

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئافىنالىقلار بىلە‌ن مۇ‌نازىرە قىلىۋاتىدۇ.‏

ئە‌لچى.‏ 17:‏22،‏ 23

5-‏دە‌رس

پە‌م-‏پاراسە‌ت

پرىنسىپ:‏ «گە‌پ-‏سۆزۈڭلار ھە‌مىشە يېقىملىق،‏ … بولسۇ‌ن».‏​—‏كولوسى.‏ 4:‏6.‏

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س نېمە قىلغان؟‏

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئافىنالىقلار بىلە‌ن مۇ‌نازىرە قىلىۋاتىدۇ.‏

فىلىم:‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ ئافىنالىقلارغا ۋە‌ز قىلىشى

1.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى ئە‌لچىلە‌ر 17:‏22،‏ 23-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  1. ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئافىنا شە‌ھىرى ساختا ئىلاھلارغا چوقۇ‌نۇ‌ش بىلە‌ن تولغانلىقىنى كۆرگىنىدە،‏ ئۇ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغان؟‏​—‏ئە‌لچى.‏ 17:‏16.‏

  2. ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئافىنالىقلارنى ئە‌يىبلە‌شنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌لارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن،‏ پە‌م-‏پاراسە‌ت بىلە‌ن ئۇ‌لارنىڭ دىننى كۆز قاراشلىرىنى قانداق قوللانغان؟‏

پاۋلۇ‌ستىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

2.‏ قايسى گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى،‏ قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا ۋە قاچان سۆزلە‌شنى ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن تاللىساق،‏ كىشىلە‌ر بىزنى تىڭشاشقا تېخىمۇ مايىل بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

پاۋلۇ‌سنى ئۈلگە قىلىش

3.‏ ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن سۆزلە‌رنى تاللاش.‏ ئە‌گە‌ر خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان كىشى بىلە‌ن پاراڭلاشسىڭىز،‏ بە‌لكىم مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش ياكى ئە‌يسانى پە‌رقلىق نام-‏ئۇ‌نۋان بىلە‌ن ئاتاش ئۈچۈن سۆز-‏جۈملىلە‌رنى ئۆزگە‌رتىشكە توغرا كېلىدۇ.‏

4.‏ كىشىنىڭ كۆز قارىشىنى تۈزىتىشكە ئالدىرىماسلىق.‏ كىشىنى ئۆز ئوي-‏پىكىرلىرىنى ئە‌ركىن-‏ئازادە بايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرىگە زىت بولغان بە‌زى نە‌رسىلە‌رنى ئېيتسا،‏ تالاش-‏تارتىش قىلىشتىن ساقلىنىڭ (‏ياقۇ‌پ 1:‏19)‏.‏ كىشىنى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشىسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭ نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن ئىشىنىدىغانلىقىنى چۈشىنە‌لە‌يسىز.‏—‏پە‌ند.‏ نە 20:‏5.‏

5.‏ مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر كىشىنىڭ ئوي-‏پىكرىگە قوشۇ‌لۇ‌ش ۋە ماختاش.‏ كىشى ئۆز دىنىي-‏ئېتىقادىنىڭ توغرىلىقىغا چىن كۆڭلىدىن ئىشىنىشى مۇ‌مكىن.‏ ئاۋۋال،‏ ھە‌ر ئىككىڭلار ئورتاق قوشۇ‌لىدىغان ماۋزۇ ھە‌ققىدە پاراڭلىشىشقا تىرىشىڭ.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ ئاستا-‏ئاستا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بېرىڭ.‏

بۇ ئايە‌تلە‌رگىمۇ قاراڭ

پە‌ند.‏ نە 25:‏15؛‏ 2-‏تىموت.‏ 2:‏23–‏26؛‏ 1-‏پېتر.‏ 3:‏15

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش