كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ئى‌ش‌ت 1-‏دە‌رس
  • باشقىلار قىزىقىدىغان ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق پاراڭلىشىش

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • باشقىلار قىزىقىدىغان ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق پاراڭلىشىش
  • ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئە‌يسا مە‌سىھ نېمە قىلغان؟‏
  • ئە‌يسا مە‌سىھتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏
  • ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىش
  • سۆھبە‌تنى تە‌بىئىي داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش
    ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
  • مېھرىبانلىق
    ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
ئى‌ش‌ت 1-‏دە‌رس

سۆھبە‌ت باشلاش

ئە‌يسا مە‌سىھ ۋە قۇ‌دۇ‌ق بېشىدىكى ئايال.‏

يۇ‌ھاننا 4:‏6–‏9

1-‏دە‌رس

باشقىلار قىزىقىدىغان ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق پاراڭلىشىش

پرىنسىپ:‏ «مۇ‌ھە‌ببە‌ت … ئۆز مە‌نپە‌ئىتىنى كۆزلىمە‌يدۇ».‏—‏1-‏كورىنت.‏ 13:‏4،‏ 5.‏

ئە‌يسا مە‌سىھ نېمە قىلغان؟‏

ئە‌يسا مە‌سىھ ۋە قۇ‌دۇ‌ق بېشىدىكى ئايال.‏

فىلىم:‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ۋە قۇ‌دۇ‌ق بېشىدىكى ئايال

1.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى يۇ‌ھاننا 4:‏6–‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  1. ئە‌يسا مە‌سىھ ئايال بىلە‌ن سۆھبە‌ت باشلاشتىن ئىلگىرى نېمىلە‌رگە دىققە‌ت قىلغان؟‏

  2. ئە‌يسا ئايالغا:‏ «ماڭا ئىچكىلى سۇ بە‌رسىڭىز»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ نېمە ئۈچۈن بۇ سۆھبە‌ت باشلاشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى بولغان؟‏

ئە‌يسا مە‌سىھتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

2.‏ ئە‌گە‌ر بىز كىشىنى قىزىقتۇ‌رىدىغان ماۋزۇ‌دا گە‌پ باشلىساق،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ياخشى سۆھبە‌تتە بولالىشىمىز مۇ‌مكىن.‏

ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىش

3.‏ ماسلىشىشچان بولۇ‌ش.‏ ئۆزۈم تە‌ييارلىق قىلغان ماۋزۇ‌دا سۆھبە‌ت باشلايمە‌ن دە‌پ چىڭ تۇ‌رۇ‌ۋالماڭ.‏ بۈگۈن كۈندە باشقىلار ئويلاۋاتقان ئىشلار توغرىسىدا سۆز باشلاڭ.‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:‏

  1. قانداق يېڭى خە‌ۋە‌رلە‌ر بار؟‏

  2. قولۇ‌م-‏قوشنىلىرىم،‏ خىزمە‌تداشلىرىم ياكى تە‌ڭتۇ‌شلىرىم نېمىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق سۆزلىشىۋاتىدۇ؟‏

4.‏ دىققە‌تچان بولۇ‌ش.‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:‏

  1. كىشى ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟‏ ئۇ نېمە ئويلاۋاتقان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

  2. كىشىنىڭ كىيىم-‏كېچە‌كلىرى،‏ تاشقى كۆرۈنۈشى ياكى ئۆيى ئۇ‌نىڭ كۆز قاراشلىرى ياكى مە‌دە‌نىيىتى توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە دە‌يدۇ؟‏

  3. ھازىر بۇ كىشى بىلە‌ن پاراڭلىشىشنىڭ قولاي ۋاقتىمۇ؟‏

5.‏ تىڭشاش.‏

  1. ئارتۇ‌قچە گە‌پ قىلماڭ.‏

  2. كىشىنى ئۆز ئوي-‏پىكىرلىرىنى ئە‌ركىن-‏ئازادە بايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ڭ.‏ مۇ‌ۋاپىق پە‌يتتە،‏ ئۇ‌نىڭدىن سوئاللارنى سوراڭ.‏

بۇ ئايە‌تلە‌رگىمۇ قاراڭ

مە‌تتا 7:‏12؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 9:‏20–‏23؛‏ فىلىپى.‏ 2:‏4؛‏ ياقۇ‌پ 1:‏19

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش