كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ئى‌ش‌ت 2-‏دە‌رس
  • سۆھبە‌تنى تە‌بىئىي داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • سۆھبە‌تنى تە‌بىئىي داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش
  • ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • فىلىپ نېمە قىلغان؟‏
  • فىلىپتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏
  • فىلىپنى ئۈلگە قىلىش
  • باشقىلار قىزىقىدىغان ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق پاراڭلىشىش
    ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
  • سۆھبە‌تنى ئاخىرلاشتۇ‌رۇ‌ش كېرە‌كمۇ؟‏
    ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
  • سىز بىلە‌مسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
ئى‌ش‌ت 2-‏دە‌رس

سۆھبە‌ت باشلاش

ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى فىلىپ ھارۋىدا ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئورام يازمىنى ئوقۇ‌ۋاتقان ئېفىئوپىيىلىك كىشى بىلە‌ن پاراڭلىشىۋاتىدۇ.‏

ئە‌لچى.‏ 8:‏30،‏ 31

2-‏دە‌رس

سۆھبە‌تنى تە‌بىئىي داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش

پرىنسىپ:‏ «مۇ‌ۋاپىق پە‌يتتە ئېيتىلغان سۆز نە‌قە‌دە‌ر ياخشى!‏».‏​—‏پە‌ند.‏ نە 15:‏23.‏

فىلىپ نېمە قىلغان؟‏

ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى فىلىپ ھارۋىدا ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئورام يازمىنى ئوقۇ‌ۋاتقان ئېفىئوپىيىلىك كىشى بىلە‌ن پاراڭلىشىۋاتىدۇ.‏

فىلىم:‏ فىلىپنىڭ ئېفىئوپىيىلىك ئە‌مە‌لدارغا ۋە‌ز قىلىشى

1.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى ئە‌لچىلە‌ر 8:‏30،‏ 31-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  1. فىلىپ سۆھبە‌تنى قانداق باشلىغان؟‏

  2. نېمە ئۈچۈن بۇ سۆھبە‌ت باشلاشنىڭ ۋە كىشىگە ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىشنىڭ تە‌بىئىي يولى بولغان؟‏

فىلىپتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

2.‏ ئە‌گە‌ر سۆھبە‌تنى تە‌بىئىي داۋاملاشتۇ‌رساق،‏ كىشى ئۆزىنى ئە‌ركىن-‏ئازادە ھېس قىلىشى ۋە خە‌ۋىرىمىزنى تىڭشاشقا تە‌ييار بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

فىلىپنى ئۈلگە قىلىش

3.‏ دىققە‌تچان بولۇ‌ش.‏ كىشىنىڭ تۇ‌رۇ‌ش ھالىتى،‏ ئىما-‏ئىشارىتى ۋە چىراي ئىپادىسى نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌رنى ئېيتىپ بىرىدۇ.‏ ئۇ سىز بىلە‌ن پاراڭلىشىشنى خالامدۇ؟‏ سىز ئۇ‌نىڭدىن:‏ «سىز بىلە‌مسىز … ؟‏»،‏—‏ دە‌پ ئاددىي سوئال سوراپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بىر ھە‌قىقە‌تنى ئېيتىپ بە‌رسىڭىز بولىدۇ.‏ گە‌پ قىلىشنى خالىمايدىغان كىشىنى پاراڭلىشىشقا مە‌جبۇ‌رلىماڭ.‏

4.‏ سە‌ۋرچان بولۇ‌ش.‏ چوقۇ‌م مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تنى دە‌رھال ئېيتىپ بېرىشىم كېرە‌ك دە‌پ ئويلىماڭ.‏ مۇ‌ۋاپىق پە‌يتىنى كۈتۈڭ،‏ تە‌بىئىي ھالدا ھە‌قىقە‌ت توغرىسىدا سۆزلە‌ش ئۈچۈن پۇ‌رسە‌ت چىقىدۇ.‏ بە‌زىدە،‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن كېيىنكى قېتىملىق سۆھبە‌تنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ.‏

5.‏ ماسلىشىشچان بولۇ‌ش.‏ كىشى سىز كۈتمىگە‌ن ماۋزۇ ھە‌ققىدە گە‌پ باشلىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ كىشى ئۈچۈن ئە‌ھمىيە‌تلىك بولغان ماۋزۇ ھە‌ققىدە گە‌پ قىلىشقا تە‌ييار تۇ‌رۇ‌ڭ.‏ كىشى سىز تە‌ييارلىق قىلغان ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى باشقا بىر ماۋزۇ ھە‌ققىدە سۆھبە‌تلىشىشنى خالىشى مۇ‌مكىن.‏

بۇ ئايە‌تلە‌رگىمۇ قاراڭ

ۋە‌ز 3:‏1،‏ 7؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 9:‏22؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 2:‏17؛‏ كولوسى.‏ 4:‏6

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش