سۆھبەت باشلاش
يۇھاننا 4:6–9
1-دەرس
باشقىلار قىزىقىدىغان ئىشلار توغرۇلۇق پاراڭلىشىش
پرىنسىپ: «مۇھەببەت … ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىمەيدۇ».—1-كورىنت. 13:4، 5.
ئەيسا مەسىھ نېمە قىلغان؟
1. فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى يۇھاننا 4:6–9-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
ئەيسا مەسىھ ئايال بىلەن سۆھبەت باشلاشتىن ئىلگىرى نېمىلەرگە دىققەت قىلغان؟
ئەيسا ئايالغا: «ماڭا ئىچكىلى سۇ بەرسىڭىز»،— دېگەن. نېمە ئۈچۈن بۇ سۆھبەت باشلاشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى بولغان؟
ئەيسا مەسىھتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
2. ئەگەر بىز كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان ماۋزۇدا گەپ باشلىساق، ئۇنىڭ بىلەن ياخشى سۆھبەتتە بولالىشىمىز مۇمكىن.
ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىش
3. ماسلىشىشچان بولۇش. ئۆزۈم تەييارلىق قىلغان ماۋزۇدا سۆھبەت باشلايمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋالماڭ. بۈگۈن كۈندە باشقىلار ئويلاۋاتقان ئىشلار توغرىسىدا سۆز باشلاڭ. ئۆز-ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:
قانداق يېڭى خەۋەرلەر بار؟
قولۇم-قوشنىلىرىم، خىزمەتداشلىرىم ياكى تەڭتۇشلىرىم نېمىلەر توغرۇلۇق سۆزلىشىۋاتىدۇ؟
4. دىققەتچان بولۇش. ئۆز-ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:
كىشى ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇ نېمە ئويلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن؟
كىشىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، تاشقى كۆرۈنۈشى ياكى ئۆيى ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى ياكى مەدەنىيىتى توغرۇلۇق نېمە دەيدۇ؟
ھازىر بۇ كىشى بىلەن پاراڭلىشىشنىڭ قولاي ۋاقتىمۇ؟
5. تىڭشاش.
ئارتۇقچە گەپ قىلماڭ.
كىشىنى ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى ئەركىن-ئازادە بايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇڭ. مۇۋاپىق پەيتتە، ئۇنىڭدىن سوئاللارنى سوراڭ.
بۇ ئايەتلەرگىمۇ قاراڭ
مەتتا 7:12؛ 1-كورىنت. 9:20–23؛ فىلىپى. 2:4؛ ياقۇپ 1:19