كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ئى‌ش‌ت 3-‏دە‌رس
  • مېھرىبانلىق

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • مېھرىبانلىق
  • ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئە‌يسا مە‌سىھ نېمە قىلغان؟‏
  • ئە‌يسا مە‌سىھتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏
  • ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىش
  • باشقىلار قىزىقىدىغان ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق پاراڭلىشىش
    ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
  • ھە‌ردائىم مېھرىبانلىق كۆرسىتىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • ھېسداشلىق
    ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
  • سۆھبە‌تنى تە‌بىئىي داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش
    ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
كۆپرەك ئۇچۇرلار
ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
ئى‌ش‌ت 3-‏دە‌رس

سۆھبە‌ت باشلاش

قارىغۇ كىشىنى ساقايتىش ئۈچۈن ئە‌يسا مە‌سىھ مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن،‏ ئاستا ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشىۋاتىدۇ.‏

يۇ‌ھاننا 9:‏1–‏7

3-‏دە‌رس

مېھرىبانلىق

پرىنسىپ:‏ «مۇ‌ھە‌ببە‌ت … مېھرىباندۇ‌ر».‏—‏1-‏كورىنت.‏ 13:‏4.‏

ئە‌يسا مە‌سىھ نېمە قىلغان؟‏

قارىغۇ كىشىنى ساقايتىش ئۈچۈن ئە‌يسا مە‌سىھ مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن،‏ ئاستا ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشىۋاتىدۇ.‏

فىلىم:‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ قارىغۇ ئادە‌منى ساقايتىشى

1.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى يۇ‌ھاننا 9:‏1–‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  1. ئە‌يسا مە‌سىھ ئاۋۋال نېمە قىلغان:‏ كىشىنى ساقايتقانمۇ ياكى ئۇ‌نىڭغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىپ بە‌رگە‌نمۇ؟‏—‏يۇ‌ھاننا 9:‏35–‏38-‏گە قاراڭ.‏

  2. نېمە ئۈچۈن ئاشۇ كىشى ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئېيتقان خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى تىڭشاشقا تېخىمۇ قىزىققان؟‏

ئە‌يسا مە‌سىھتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

2.‏ ئە‌گە‌ر كىشى بىزنىڭ ئۇ‌نىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلسا،‏ ئۇ خە‌ۋىرىمىزنى تىڭشاشقا تېخىمۇ قىزىقىشى مۇ‌مكىن.‏

ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىش

3.‏ ئادە‌مگە كۆيۈنۈش.‏ كىشى نېمىلە‌رنى ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىشقا تىرىشىڭ.‏

  1. ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراڭ:‏ «ئۇ نېمە ھە‌ققىدە غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىۋاتقاندۇ؟‏ نېمە ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن پايدىلىق ۋە ئۇ‌نى جە‌لپ قىلالىشى مۇ‌مكىن؟‏» شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ ناھايىتى تە‌بىئىيلا باشقىلارغا چىن كۆڭلىڭىزدىن مېھرىبانلىق كۆرسىتىدىغان بولىسىز.‏

  2. كىشىنى كۆڭۈل قويۇ‌پ تىڭشاش ئارقىلىق،‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن مۇ‌ھىم بولغان ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرسىتە‌لە‌يسىز.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ مە‌لۇ‌م بىر ئىشقا قارىتا قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بە‌رسە ياكى دۇ‌چ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقىنى تىلغا ئالسا،‏ سۆھبە‌تنىڭ مە‌زمۇ‌نىنى باشقا ماۋزۇ‌غا بۇ‌رۇ‌ۋە‌تمە‌ڭ.‏

4.‏ مېھرىبانلىق ۋە ھۆرمە‌ت بىلە‌ن سۆزلىشىش.‏ كىشىگە ھېسداشلىق قىلىپ،‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن ئۇ‌نىڭغا كۆيۈنۈپ،‏ ياردە‌م بە‌رمە‌كچى بولسىڭىز،‏ كىشى بۇ‌نى سىزنىڭ ئاۋازىڭىزدىن ھېس قىلالايدۇ.‏ ئېھتىياتچان بولۇ‌پ،‏ قانداق گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى تاللاشقا ۋە قانداق ئۇ‌لارنى ئىپادىلە‌شكە دىققە‌ت قىلىڭ.‏ كىشىنىڭ كۆڭلىنى رە‌نجىتىدىغان گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قىلىشتىن ساقلىنىڭ.‏

5.‏ ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بېرىش.‏ كىشىگە ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بېرىشنىڭ مۇ‌ۋاپىق پۇ‌رسە‌تلىرىنى ئىزدە‌ڭ.‏ كىشىگە مېھرىبانلىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلساق،‏ بىز بىلە‌ن پاراڭلىشىشقا تېخىمۇ مايىل بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

بۇ ئايە‌تلە‌رگىمۇ قاراڭ

رىملىقلار 12:‏15،‏ 16؛‏ گالاتىيا.‏ 6:‏10؛‏ ئىبرانىي.‏ 13:‏16

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش