قايتا يولۇقۇش
ماركۇس 6:30–34
9-دەرس
ھېسداشلىق
پرىنسىپ: «خۇشال بولغانلار بىلەن بىللە خۇشال بولۇڭلار، يىغلىغانلار بىلەن بىللە يىغلاڭلار».—رىملىقلار 12:15.
ئەيسا مەسىھ نېمە قىلغان؟
1. فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى ماركۇس 6:30–34-نى ئوقۇڭ. كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
نېمە ئۈچۈن ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىلىرى «جىمجىت جايغا بېرىپ، بىر ئاز ئارام» ئېلىشنى ئۈمىد قىلغان؟
نېمە ھەزرىتى ئەيسانى خالايىققا تەلىم بېرىشكە دەۋەت قىلغان؟
ئەيسا مەسىھتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
2. ھېسداشلىق بىزنى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە دەۋەت قىلىپلا قالماي، بەلكى ئىنسانلارغا غەمخورلۇق قىلىشقىمۇ دەۋەت قىلىدۇ.
ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىش
3. كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاش. كىشىنى ئۆز ئوي-پىكىرلىرى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئەركىن-ئازادە بايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇڭ. ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلمەڭ، ھېس-تۇيغۇلىرىغا ۋە غەم-تەشۋىشلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈڭ. كىشىنى دىققەت بىلەن تىڭشىسىڭىز، ئۇنىڭ ئوي-پىكىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرسىتەلەيسىز.
4. ھەقىقەتكە قىزىققان كىشى ھەققىدە ئويلاش. كىشى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلەرگە ئاساسەن، ئۆز-ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراڭ:
ېمە ئۈچۈن بۇ كىشى ھەقىقەتنى ئاڭلاشقا مۇھتاج؟
مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشى كىشىنىڭ ھازىر ۋە كېلەچەكتە ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
5. كىشىگە ئەمەلىي ياردەم بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدە سۆھبەتلىشىش. ئىمكانقەدەر بالدۇرراق، كىشىگە مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش ئۇنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەلىي يوللار بىلەن ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىڭ.
بۇ ئايەتلەرگىمۇ قاراڭ
رىملىقلار 10:13، 14؛ فىلىپى. 2:3، 4؛ 1-پېتر. 3:8