كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ئى‌ش‌ت
  • يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ خېتى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ خېتى
  • ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت —‏ ئېسىل پە‌زىلە‌ت
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • بىر-‏بىرىمىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۈچلۈك ساقلايلى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
  • ‏«ئىشىمىز ھە‌م ھە‌قىقە‌ت بويىچە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتە‌يلى»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن مە‌قسە‌ت قويۇ‌ڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
ئى‌ش‌ت

يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ خېتى

قە‌دىرلىك قېرىنداشلار!‏

ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋاغا ۋە ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىزنى،‏ «بېرىڭلار،‏ ھە‌ممە خە‌لقلە‌ردىن شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار… .‏ سۇ‌غا چۆمدۈرۈڭلار» دېگە‌ن بۇ‌يرۇ‌ققا ئە‌مە‌ل قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20؛‏ ماركۇ‌س 12:‏28–‏31)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ شە‌خسىيە‌تچىلىكتىن خالى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۈچلۈكتۇ‌ر.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسە‌تسە‌ك،‏ بىز «مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا يېتە‌كلە‌يدىغان ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشقا مايىل كىشىلە‌رنىڭ» قە‌لبىگە تە‌سىر قىلالايمىز.‏—‏ئە‌لچى.‏ 13:‏48.‏

بۇ‌رۇ‌ن،‏ بىز دىققىتىمىزنى سۆھبە‌ت ئۈلگىلىرىنى يادلىۋېلىشقا ۋە كىشىلە‌رگە كىتاب-‏ژۇ‌رناللارنى بېرىشكە قاراتقان ئىدۇ‌ق.‏ ھازىر بولسا،‏ باشقىلار بىلە‌ن پاراڭلىشىش قابىلىيىتىمىزنى ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم.‏ باشقىلار قىزىقىدىغان ماۋزۇ‌لار ھە‌ققىدە پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۇ‌لارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشنى خالايمىز.‏ بۇ ۋە‌زىيە‌تكە قاراپ،‏ سۆھبە‌تنىڭ مە‌زمۇ‌نىنى ئۆزگە‌رتىشنى،‏ ھە‌ربىر كىشىنىڭ غە‌م-‏تە‌شۋىشى ۋە قىزىقىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ بۇ كىتابچە مۇ‌شۇ مە‌قسە‌تكە يېتىشىمىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

بۇ كىتابچىدە 12 دە‌رس بار.‏ مۇ‌شۇ دە‌رسلە‌ردە،‏ ئىنسانلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ،‏ شاگىرتلارنى تە‌ييارلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدىغان پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈشنى ئۆگىنىمىز.‏ ھە‌ربىر دە‌رستە،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ياكى 1-‏ئە‌سىردىكى باشقا بىر شاگىرتنىڭ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىش خىزمىتىدە كۆرسە‌تكە‌ن مە‌لۇ‌م بىر پە‌زىلىتى مۇ‌ھاكىمە قىلىنىدۇ.‏ بۇ كىتابچىنىڭ مە‌قسىتى سۆھبە‌ت ئۈلگىلىرىنى يادلىۋېلىش ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئادە‌ملە‌رگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدە‌شتۇ‌ر.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ۋە‌ز خىزمە‌تنىڭ ھە‌ممىلا ساھە‌سىدە،‏ ھە‌ربىر پە‌زىلە‌تنى نامايان قىلىش زۆرۈر.‏ بۇ كىتابچىدە،‏ سۆھبە‌ت باشلىغاندا،‏ قايتا يولۇ‌قۇ‌شقا بارغاندا ياكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشلىرىنى ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ ئالاھىدە زۆرۈر بولىدىغان پە‌زىلە‌تلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

ھە‌ربىر دە‌رسنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن،‏ سىز ياشاۋاتقان مە‌ھە‌للىلە‌ردىكى كىشىلە‌ر بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ندە،‏ ئۆگە‌نگە‌ن پە‌زىلە‌تنى قانداق كۆرسىتىشكە بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭلار.‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ۋە ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىلارنى كۈچە‌يتىڭلار.‏ شۇ‌نداق مۇ‌ھە‌ببە‌ت شاگىرتلارنى تە‌ييارلاش مە‌قسىتىگە يېتىشىمىزگە يېتىشكە ياردە‌م بېرىدۇ،‏ ئۇ ھە‌رقانداق ئالاھىدە بىر ماھارە‌تتىن ئۈنۈملۈكتۇ‌ر.‏

ئە‌زىز قېرىنداشلار،‏ سىلە‌ر بىلە‌ن مۆرىنى-‏مۆرىگە تىرە‌پ،‏ خىزمە‌ت قىلىش شان-‏شە‌رىپى ئۈچۈن خۇ‌داغا مىننە‌تدارمىز!‏ (‏سە‌فنىيا 3:‏9)‏.‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا سىلە‌رنىڭ داۋاملىق ئىنسانلارغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ،‏ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاش ئۈچۈن چىقارغان كۈچۈڭلارنى مول بە‌رىكە‌تلىسۇ‌ن!‏

سىلە‌رنىڭ قېرىندىشىڭلار،‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يېتە‌كچى كېڭىشى

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش