مۇقاۋىدىكى ماۋزۇ | ئىنسانلارنىڭ خۇدانى سۆيۈشىنى قىيىنلاشتۇرىدىغان يالغانچىلىقلار
خۇدانىڭ خاس ئىسىمى يوق دېگەن يالغانچىلىق
نۇرغۇن ئادەملەر ئىشىنىدىغان يالغانچىلىق
«خۇدانىڭ خاس ئىسىمى بار-يوقلىقى مەسىلىسىدە ئورتاق پىكىرگە كەلمىدۇق. ھەتتا بار بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىسىمى قانداق بولۇشى مۇمكىن».— پروفېسسور دېيۋىد كاننىڭھام، «Theological Studies» ژۇرنالى.
مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەت
تەڭرى يەھۋا يەشايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېگەن: «مەن يەھۋامەن، بۇ مېنىڭ ئىسىمىمدۇر» (يەشايا 42:8). بۇ ئىسىم ئۇيغۇر تىلىدا «يەھۋا» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئۇشبۇ ئىسىم «ئۇ بولغۇزىدۇ» دېگەن مەنىگە ئىگە.
يەھۋا ئۆزىنىڭ خاس ئىسىمىنى ئىشلىتىشىمىزنى خالايدۇ. مۇقەددەس كىتابتىن مۇنداق سۆزلەرنى ئوقۇيمىز: «يەھۋاغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ ئىسىمىنى چاقىرىڭلار، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى خەلقلەر ئارىسىدا بىلدۈرۈڭلار! ئۇنىڭ ئىسىمى ئۇلۇغلانغانلىقىنى جاكارلاڭلار»—يەشايا 12:4.
خۇدانىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بىرى ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالام تەڭرىنىڭ ئىسىمىنى ئىشلەتكەن. ئۇ ئۆز شاگىرتلىرى ھەققىدە ئويلاپ، خۇداغا دۇئا قىلغاندا، مۇنداق دەپ ئېيتقان: «مەن سېنىڭ ئىسىمىڭنى ئۇلارغا «»[ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا] بىلدۈردۈم، يەنە داۋاملىق بىلدۈرىمەن. بۇنىڭ بىلەن، سەن ماڭا كۆرسەتكەن مۇھەببىتىڭ ئۇلاردا بولسۇن ۋە مەن ئۇلار بىلەن بىرلىك ئىچىدە بولاي».—يۇھاننا 17:26.
نېمە ئۈچۈن بۇ مۇھىم؟
«خۇدانىڭ خاس ئىسىمىنى بىلمەيۋاتقان كىشى ئەسلى ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدۇ ... ۋە [بۇنداق ئادەم] ئەگەر ئۇنى شەخس ئەمەس، پەقەت بىر كۈچ سۈپىتىدە بىلسە، ئۇنى سۆيەلمەيدۇ»،— دەپ يازغان ۋولتېر لورى ئىسىملىك دىن تەتقىقاتچىسى.
تەڭرىنىڭ خاس ئىسىمىنى يوشۇرۇش ياكى ئالماشتۇرۇش، ئۇنى مۇقەددەس يازمىلاردىن چىقىرىپ تاشلاشقا ئوخشاش
ۋىكتور ئىسىملىك بىر كىشى ھەر ھەپتە چېركاۋغا باراتتى. ئەمما ئۇ ئۆزىنى خۇدانى ھەقىقىي تونۇغاندەك ھېس قىلمىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن خۇدانىڭ ئىسىمى يەھۋا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، خۇددى ئۇنى ماڭا رەسمىي تونۇشتۇرغاندەك ھېس قىلدىم. ئاخىرىدا، مەن بەك كۆپ ئاڭلىغان خۇدانى تونۇدۇم. خۇدا مەن ئۈچۈن ھەقىقىي، تىرىك شەخس بولدى: ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم».
خۇدانىڭ ئىسىمىنى ئىشلىتىۋاتقان كىشىلەرنى، ئۇ قەدىرلەيدۇ ۋە ئۇلارغا يېقىنلىشىدۇ. «يەھۋادىن قورققانلار ۋە ئىسىمى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلانغانلار»نىڭ ھەممىسىگە خۇدا ئۆزى شۇنداق ۋەدە بېرىدۇ: «خۇددى ئاتا ئۆز خىزمىتىدە بولغان ئوغلىغا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەندەك، مەن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىمەن» (مالاكى 3:16، 17). شۇنىڭدەك، ئاللا ئۆزىنىڭ خاس ئىسىمىنى چاقىرىۋاتقانلارنىمۇ مۇكاپاتلايدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا شۇنداق سۆزلەر بار: «يەھۋانىڭ ئىسىمىنى چاقىرغان ھەر بىر ئادەم قۇتقۇزۇلىدۇ».—رىملىقلار 10:13.