مۇقاۋىدىكى ماۋزۇ | مۇقەددەس كىتاب بىزگە قانداق يېتىپ كەلگەن؟
مۇقەددەس كىتابنىڭ ئامان قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى نېمە؟
مۇقەددەس كىتاب تۈرلۈك ھۇجۇملارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئامان قالغان. شۇ سەۋەب، سىز بۈگۈن ئۇنى قولىڭىزغا ئېلىپ، ئوقالايسىز. بۇ كىتابنىڭ ياخشى تەرجىمىسىنى تاللىسىڭىز، ئۇنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىكى ئوي-پىكىرلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. كۆرگىنىمىزدەك، مۇقەددەس كىتاب تەبىئىي چىرىش، شىددەتلىك قارشىلىق ۋە مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشلاردىن ساقلىنىپ، ئامان قالغان. شۇنداق ئامان قېلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ كىتابنى بۇنداق ئۆزگىچە قىلغان نېمە؟
«مۇقەددەس كىتاب بۇ خۇدانىڭ بىزگە بەرگەن سوۋغىتى ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىم كامىل»
مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىلىرى ئۇنىڭ يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان پاۋلۇسنىڭ ئوي-پىكرىگە قوشۇلىدۇ: «پۈتۈن مۇقەددەس يازمىلار خۇدانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېزىلغان» (تىموتىيغا 2-خەت 3:16). ئۇلار مۇقەددەس كىتابنىڭ خۇدانىڭ سۆزى ئىكەنلىكىگە ۋە ھەممىگە قادىر ئاللا ئۇنى بىزنىڭ كۈنلىرىمىزگىچە ساقلاپ قالغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بىرىنچى ماقالىدە، سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن فايزال ئىسىملىك كىشى دەلىل-ئىسپاتلارنى تېپىش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى شەخسەن تەتقىق قىلىپ ئىزدىنىشنى قارار قىلغان. ئۆگەنگەنلىرى ئۇنى ھەيران قالدۇرغان. كۆپ ئۆتمەي، ئۇ خرىستىئان دىنىدا كەڭ تارقالغان تەلىماتلارنىڭ مۇقەددەس كىتابتا يوقلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ خۇدا سۆزىدىن ياراتقۇچىنىڭ يەر يۈزى ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسىنى بىلگەندە، قاتتىق تەسىرلەنگەن.
فايزال مۇنداق دەيدۇ: «قولىمىزدا بار مۇقەددەس كىتاب بۇ خۇدانىڭ بىزگە بەرگەن سوۋغىتى ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىم كامىل. ئاللا كائىناتنى ياراتقان بولسا، ئۇ بىزگە ئۆز كىتابىنى بېرىشكە ۋە ئۇنى ساقلاپ قېلىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟! بۇنىڭغا ئىشەنمەسلىك ئەسلىدە خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە گۇمانلىنىش بىلەن باراۋەر. ھەممىگە قادىر ئاللانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە گۇمانلىنىدىغان، مەن كىم ئىدىم؟!» (يەشايا 40:8).