كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م19 مارت 29-‏31 ب.‏
  • يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۈچۈن «ئامىن» دە‌پ ئېيتقىنىمىز ئە‌ھ‌مىيە‌تلىك

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۈچۈن «ئامىن» دە‌پ ئېيتقىنىمىز ئە‌ھ‌مىيە‌تلىك
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ھە‌ممىسى «ئامىن» دە‌يدۇ
  • خە‌لق «ئامىن» دە‌پ،‏ يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلىگە‌ن
  • ‏«ئامىن» سۆزىنىڭ ئە‌ھمىيىتى
  • دۇ‌ئا ئارقىلىق خۇ‌داغا يېقىنلىشىش
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
ك‌م19 مارت 29-‏31 ب.‏
جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار باشلىرىنى ئېگىپ،‏ دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ

يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۈچۈن «ئامىن» دە‌پ ئېيتقىنىمىز ئە‌ھمىيە‌تلىك

يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنىڭ ئىبادىتىمىزنى بە‌كمۇ قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ ئۇ خىزمە‌تچىلىرىنى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشايدۇ.‏ خۇ‌دانى مە‌دھىيىلە‌ش ئۈچۈن قىلىنغان ھە‌ربىر ئىش-‏ھە‌رىكىتىمىز ئۇ‌نىڭ نە‌زە‌رىدىن سىرت قالمايدۇ (‏مالاك.‏ 3:‏16)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قايتا-‏قايتا ئېيتىلىدىغان بىر سۆزگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رايلى.‏ بۇ «ئامىن» دېگە‌ن سۆز.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بۇ ئاددىي سۆزنى مۇ‌ھىم دە‌پ قە‌دىرلە‌مدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە!‏ بۇ‌نىڭ سە‌ۋە‌بىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ئاددىي سۆزنىڭ مە‌نىسى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا قانداق قوللىنىلغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

ھە‌ممىسى «ئامىن» دە‌يدۇ

‏«ئامىن» دېگە‌ن سۆز «شۇ‌نداق بولسۇ‌ن»،‏ «توغرا» دېگە‌ن مە‌نىنى بىلدۈرىدۇ.‏ «ئامىن» سۆزى ئىبرانىي تىلدىكى «ساداقە‌تمە‌ن بولۇ‌ش»،‏ «سادىق بولۇ‌ش» دېگە‌ننى بىلدۈرىدىغان سۆزدىن كېلىپ چىققان.‏ بۇ سۆز بە‌زىدە سوت ئىشلىرىدا قوللىنىلغان.‏ كىمدۇ-‏بىرى قە‌سە‌م ئىچكە‌ندە ئېيتقىنى ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىنى تە‌ستىقلاش ئۈچۈن ۋە ئۇ‌نىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولمىسۇ‌ن،‏ ھە‌ممىسىگە تە‌ييار ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن «ئامىن» دېيىشى كېرە‌ك ئىدى (‏سانلار 5:‏22)‏.‏ بىر كىشى يۇ‌رتنىڭ ئالدىدا «ئامىن» دە‌پ ئېيتقاندا،‏ ئۆز سۆزىدە تۇ‌رۇ‌شنى قە‌تئىي قارار قىلغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏—‏نە‌ھە‌م.‏ 5:‏13.‏

تە‌كرار قانۇ‌ن كىتابىنىڭ 27-‏بابىدا،‏ «ئامىن» سۆزى ئالاھىدە قوللىنىلغان بىر ۋە‌قە يېزىلغان.‏ ئىسرائىللىقلار ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا كىرگە‌ندە،‏ ئېبال ۋە گە‌رىزىم دېگە‌ن تاغلارنىڭ ئوتتۇ‌رىسىدا قانۇ‌ننى تىڭشاش ئۈچۈن جە‌م بولغان.‏ ئۇ‌لار قانۇ‌ننى تىڭشاپلا قويماي،‏ ئۇ‌نىڭغا ئە‌مە‌ل قىلىشقا ماقۇ‌ل بولغانلىقىنىمۇ جاكارلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ قانۇ‌ننى بۇ‌زغاندا قانداق جازاغا تارتىلىدىغانلىقى ئېيتىلغاندا،‏ خە‌لق بىرلىكتە «ئامىن» دېيىشكە‌نىدى (‏تە‌كرار.‏ قا 27:‏15—‏26)‏.‏ مىڭلىغان ئە‌رلە‌ر،‏ ئاياللار ھە‌م بالىلار جاراڭلىق ئاۋازدا «ئامىن» دە‌پ جاكارلىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ (‏يە‌شۇ‌ئا 8:‏30—‏35)‏.‏ ئىسرائىللار شۇ كۈنى بە‌رگە‌ن ۋە‌دىسىنى ھە‌رگىزمۇ ئۇ‌نتۇ‌پ قالمىغانلىقى شە‌ك-‏شۈبھىسىزدۇ‌ر.‏ خە‌لقنىڭ ئۆز سۆزلىرىدە تۇ‌رغانلىقىنى مۇ‌شۇ ئايە‌تتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:‏ «ئىسرائىل بولسا يە‌شۇ‌ئانىڭ ھە‌ممە ھايات كۈنلىرىدە خۇ‌داۋە‌ندىگە ئىبادە‌ت قىلىپ تۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌شۇ‌ئادىن كېيىن قېلىپ،‏ خۇ‌داۋە‌ندىنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ھە‌ممە ئىشلىرىنى ئوبدان بىلگە‌ن ئاقساقاللارنىڭ ھايات كۈنلىرىدىمۇ شۇ‌نداق قىلىپ تۇ‌ردى».‏—‏يە‌شۇ‌ئا 24:‏31.‏

ئە‌يسامۇ «ئامىن» دېگە‌ن سۆزنى ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى تە‌ستىقلاش ئۈچۈن قوللانغان.‏ بىراق بۇ‌نى ئالاھىدە ئۇ‌سۇ‌لدا قىلغان.‏ ئۇ «ئامىن» دېگە‌ن سۆزنى بىرسىنىڭ سۆزىگە جاۋاب بە‌رگە‌ندە ئە‌مە‌س،‏ ئە‌كسىنچە سۆزىنى باشلىغاندا ئىشلە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌نداق قىلىپ ئۇ ئېيتقانلىرىنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىگە كاپالە‌ت بە‌رگە‌نa‏.‏ بە‌زىدە ئۇ «ئامىن،‏ ئامىن» دە‌پ تە‌كرارلاپ ئېيتقانb‏.‏ شۇ‌نداق قىلىپ ئە‌يسا تىڭشىغۇ‌چىلىرىنى سۆزلىرىنىڭ مۇ‌تلە‌ق ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌ندۈرگە‌ن.‏ خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا ھە‌ممە ۋە‌دىلىرىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ھوقۇ‌قىنى بە‌رگە‌نلىكتىن،‏ ئە‌يسا ئىشە‌نچىلىك سۆزلە‌لىگە‌ن.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 1:‏20؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 3:‏14.‏

خە‌لق «ئامىن» دە‌پ،‏ يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلىگە‌ن

شۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئىسرائىل خە‌لقى يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلىگە‌ندە ۋە ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا قىلغاندىمۇ «ئامىن» دېگە‌ن (‏نە‌ھە‌م.‏ 8:‏6؛‏ زە‌بۇ‌ر 41:‏13)‏.‏ خە‌لق دۇ‌ئادىن كېيىن «ئامىن» دە‌پ ئېيتىشى بىلە‌ن شۇ دۇ‌ئاغا قوشۇ‌لىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌نداق قىلىپ جە‌م بولغانلارنىڭ ھە‌ممىسى يە‌ھۋاغا بىرلىكتە ئىبادە‌ت قىلىشتىن خۇ‌شال بولغان.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ ئە‌ھدە ساندۇ‌قىنى يېرۇ‌سالىمغا ئە‌كە‌لگە‌ندە،‏ دە‌ل شۇ‌نداق بولغانىدى.‏ خە‌لق شاد-‏خۇ‌رام بولۇ‌پ،‏ بۇ ۋە‌قە‌نى تە‌برىكلە‌ۋاتقاندا،‏ داۋۇ‌ت خۇ‌داغا ھە‌مدۇ‌سانا ئېيتقان.‏ داۋۇ‌ت قە‌لبنى ھاياجانغا سالىدىغان دۇ‌ئاسىنى ناخشا سۈپىتىدە ئېيتقان.‏ بۇ دۇ‌ئا 1-‏تارىخنامە 16:‏8—‏36-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغان.‏ شۇ سۆزلە‌رنى ئاڭلىغان خە‌لق قاتتىق تە‌سىرلىنىپ،‏ ھە‌ممىسى بىر ئېغىزدىن «ئامىن» دە‌پ،‏ يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلىگە‌ن.‏ دە‌رھە‌قىقە‌ت،‏ ھە‌ممىسىنىڭ بىرلىكتە قايتۇ‌رغان شۇ ئاۋازلىرى ئۇ‌لارنىڭ خۇ‌شاللىقىغا خۇ‌شاللىق قوشقان.‏

بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھىيلە‌رمۇ يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرگە‌ندە،‏ «ئامىن» سۆزىنى ئىشلە‌تكە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يازغۇ‌چىلىرى ھە‌م ئۆز خە‌تلىرىدە بۇ سۆزنى پات-‏پات ئىشلە‌تكە‌ن (‏رىملىقلار 1:‏25؛‏ 16:‏27؛‏ 1-‏پېتر.‏ 4:‏11)‏.‏ ۋە‌ھىي كىتابىدا يېزىلغاندە‌ك،‏ ئاسماندىكى روھىي مە‌ۋجۇ‌داتلارمۇ:‏ «ئامىن!‏ ياھنى مە‌دھىيىلە‌ڭلار!‏»—‏ دە‌پ يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 19:‏1،‏ 4)‏.‏ دە‌سلە‌پكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ ئاخىرىدا «ئامىن» دېيىشكە‌نىدى (‏1-‏كورىنت.‏ 14:‏16)‏.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار بۇ سۆزنى ئويلانماستىن قايتىلاۋە‌رمىگە‌ن.‏

‏«ئامىن» سۆزىنىڭ ئە‌ھمىيىتى

‏«ئامىن» سۆزىنىڭ قە‌يە‌ردىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن،‏ دۇ‌ئانىڭ ئاخىرىدا «ئامىن» دېيىشنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۇ‌ق.‏ دۇ‌ئايىمىزنى «ئامىن» دە‌پ تاماملىغاندا،‏ سۆزلىرىمىزنىڭ چىن يۈرە‌كتىن چىققانلىقىنى كۆرسىتىمىز.‏ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئېيتىلغان دۇ‌ئادىن كېيىن،‏ ھە‌تتا ئۈن چىقارماي «ئامىن» دېگىنىمىزدە،‏ ئېيتىلغان سۆزلە‌رنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ «ئامىن» دېيىشىمىزنىڭ يە‌نە نېمە سە‌ۋە‌بتىن مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

ئىبادىتىمىزنىڭ مۇ‌ھىم قىسىمى.‏ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشقا پە‌قە‌ت دۇ‌ئانىڭ ئاخىرىدا «ئامىن» دېيىشىمىز ئە‌مە‌س،‏ ھە‌تتا دۇ‌ئا ئېيتىلىۋاتقاندا ئۆزىمىزنى قانداق تۇ‌تۇ‌شمۇ كىرىدۇ.‏ دۇ‌ئانىڭ مۇ‌ھىملىقىنى چوڭقۇ‌ر چۈشە‌نسە‌ك ۋە ئۇ‌نى زە‌ڭ قويۇ‌پ تىڭشىساق،‏ «ئامىن» دە‌پ چىن يۈرە‌كتىن ئېيتالايمىز.‏

تېخىمۇ ئىناق بولىمىز.‏ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئېيتىلىدىغان دۇ‌ئانى قېرىنداشلارنىڭ ھە‌ممىسى بىرلىكتە دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشايدۇ (‏ئە‌لچى.‏ 1:‏14؛‏ 12:‏5)‏.‏ ئېتىقادداشلار بىلە‌ن بىر ئېغىزدىن «ئامىن» دېگە‌ندە،‏ تېخىمۇ ئىناق بولىمىز.‏ «ئامىن» دە‌پ ئۈنلۈك ئېيتساقمۇ،‏ ئىچىمىزدىن ئېيتساقمۇ،‏ بۇ يە‌ھۋا خۇ‌دانى ئىلتىجالىرىمىزنى ئورۇ‌نلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلىشى مۇ‌مكىن.‏

قېرىنداش يىغىلىشنىڭ مە‌زمۇ‌نىنى تېلېفون ئارقىلىق تىڭشاپ،‏ بېشىنى ئېگىپ دۇ‌ئانى تىڭشاۋاتىدۇ

‏«ئامىن» دېگە‌ن سۆزىمىز بىلە‌ن يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌شكە ئۆز ھە‌سسىمىزنى قوشالايمىز

يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌يمىز.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن قىلغان ھە‌ممە ئىشلىرىمىزنى بايقايدۇ (‏لۇ‌قا 21:‏2،‏ 3)‏.‏ ئۇ بىزنىڭ نىيە‌تلىرىمىزنى بىلىدۇ ۋە يۈرىكىمىزدە نېمە بارلىقىنى كۆرىدۇ.‏ ھە‌تتا يىغىلىشنىڭ مە‌زمۇ‌نىنى تېلېفون ئارقىلىق تىڭشىساقمۇ،‏ بىزنىڭ «ئامىن» دە‌پ ئېيتقىنىمىز يە‌ھۋانىڭ نە‌زە‌رىدىن سىرت قالمايدۇ.‏ بۇ سۆزىمىز بىلە‌ن بىز يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌شكە ئۆز ھە‌سسىمىزنى قوشالايمىز.‏

‏«ئامىن»،‏ دېگە‌ن سۆزۈمىز ئانچە مۇ‌ھىم ئە‌مە‌ستە‌ك بىلىنسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌ھمىيىتى زور.‏ «يازمىلارنى چۈشىنىش» دېگە‌ن كىتابتا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى بىر ئېغىز سۆز بىلە‌نلا،‏ دۇ‌ئانىڭ مە‌زمۇ‌نىغا بولغان قە‌لبىدىكى مە‌ھكە‌م ئىشە‌نچىنى،‏ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىنى ۋە قىزغىن ئۈمىدىنى ئىپادىلىيە‌لە‌يدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئېغىزىمىزدىن چىققان ھە‌ربىر «ئامىن» دېگە‌ن سۆزىمىز يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلغاي!‏—‏زە‌بۇ‌ر 19:‏14.‏

ھە‌ر قېتىم «ئامىن» دېيىشىمىز كېرە‌كمۇ؟‏

‏«ئامىن» سۆزى چوڭ ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە.‏ ئە‌مما كىمدۇ-‏بىرسى دۇ‌ئا قىلىۋاتقاندا بىرە‌ر نە‌رسىنى ناتوغرا ئېيتىپ قويسىچۇ؟‏ «ئامىن» دە‌پ ئېيتىشىمىز كېرە‌كمۇ؟‏ ھە‌ئە،‏ چۈنكى ھە‌ممىمىز سۆزدە خاتالىشىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بۇ‌نى چۈشىنىدۇ،‏ شۇ‌ڭا ئۇ خاتالىقلىرىمىزغا ئانچە ئېتىبار بە‌رمە‌يدۇ.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ باشقىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئە‌مە‌س،‏ يە‌تكۈزمە‌كچى بولغان ئوي-‏پىكىرىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رساق ياخشىراق.‏ شۇ چاغدا ئە‌ركىن-‏ئازادە «ئامىن»،‏ دە‌پ ئېيتالايمىز.‏

بىراق،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س بىرسى دۇ‌ئا قىلسا،‏ بىز نە ئۈنلۈك ئاۋازدا،‏ نە ئىچىمىزدە ئۈنسىز «ئامىن»،‏ دېمە‌يمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز بىر يە‌رگە بارغاندا،‏ شۇ يە‌ردە يە‌ھۋاغا ئىشە‌نمە‌يدىغان بىرسى دۇ‌ئا قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ياكى بولمىسا،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغان ئائىلە بېشى ئۆيدىكىلىرىنىڭ نامىدىن دۇ‌ئا قىلىشنى قارار قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە قانداق يول تۇ‌تىمىز؟‏

شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت كۆرسىتىپ،‏ جىم-‏جىت تۇ‌رىمىز.‏ «ئامىن»،‏ دە‌پمۇ ئېيتمايمىز ھە‌م باشقىلار بىلە‌ن بىللە دۇ‌ئاغا قول كۆتۈرمە‌يمىز.‏ سە‌ۋە‌بى شۇ‌نداق قىلساق،‏ دۇ‌ئادا ئېيتىلغان سۆزلە‌رگە قوشۇ‌لغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ بىز ئىچىمىزدىن ئۆز دۇ‌ئايىمىزنى ئېيتساقمۇ،‏ بە‌رىبىر «ئامىن» دە‌پ ئۈنلۈك ئېيتمايمىز.‏ چۈنكى باشقىلار بىزنى ناتوغرا چۈشىنىپ قېلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ دۇ‌ئاسىغا قوشۇ‌لدۇ‌ق،‏ دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر كۆپچىلىك تۇ‌رۇ‌پ ياكى ئولتۇ‌رۇ‌پ دۇ‌ئا قىلغان بولسا،‏ بۇ ۋە‌زىيە‌تتە قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلىشنى ھە‌ركىم ئۆزى قارار قىلىدۇ.‏ سە‌ۋە‌بى ئولتۇ‌رۇ‌ش،‏ ئۆرە تۇ‌رۇ‌ش ياكى باش ئېگىپ تۇ‌رۇ‌شنىڭ ئۆزى ئىبادە‌تكە ياتمايدۇ.‏ ھە‌ربىر مە‌سىھىي ھە‌ر تۈرلۈك ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە نېمە قىلىشنى ئۆزى تاللايدۇ.‏ ھېچكىم ئۇ‌نى قارارى ئۈچۈن ئە‌يىبلىمە‌سلىكى لازىم.‏

يۇ‌قىرىدا ئېيتىلغانلاردىن «ئامىن»،‏ دە‌پ ئېيتىشىمىزنىڭ نېمە سە‌ۋە‌بتىن يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۈچۈن مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۇ‌ق.‏

a مە‌سىلە‌ن،‏ مە‌تتا 5:‏18‏-‏ئايە‌تتىكى بۇ سۆزلە‌ر ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا «سىلە‌رگە ھە‌قنى ئېيتىمە‌نكى» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان.‏

b مە‌سىلە‌ن،‏ يۇ‌ھاننا 1:‏51-‏ئايە‌تتىكى بۇ سۆزلە‌ر ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا «سىلە‌رگە ھە‌قىقە‌تنى ئېيتىمە‌نكى» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش