كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م19 دېكابىر 2-‏7 ب.‏
  • ئىشلە‌شنىڭ ۋە دە‌م ئېلىشنىڭ ۋاقىت-‏سائىتى بار

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئىشلە‌شنىڭ ۋە دە‌م ئېلىشنىڭ ۋاقىت-‏سائىتى بار
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆز قاراش
  • دە‌م ئېلىش كۈنى دە‌م ئېلىش ۋە ئىبادە‌ت قىلىش ۋاقتى بولغان
  • ئىش-‏ئە‌مگە‌ككە بولغان كۆز قارىشىڭىز قانداق؟‏
  • سىزنىڭ دە‌م ئېلىشقا بولغان كۆز قارىشىڭىز قانداق؟‏
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
ك‌م19 دېكابىر 2-‏7 ب.‏

49-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ئىشلە‌شنىڭ ۋە دە‌م ئېلىشنىڭ ۋاقىت-‏سائىتى بار

‏«كېلىڭلار،‏ … جىمجىت بىر خايغا بېرىپ،‏ بىر ئاز ئارام ئېلىڭلار».‏‏—‏ماركۇ‌س 6:‏31.‏

32-‏ناخشا تە‌ۋرە‌نمە‌ي چىڭ تۇ‌رايلى!‏

بۇ ماقالىدەa

1.‏ كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ ئىشقا بولغان كۆز قارىشى قانداق؟‏

سىز ياشايدىغان يۇ‌رتتا ئادە‌ملە‌رنىڭ ئىش-‏ئە‌مگە‌ككە بولغان كۆز قارىشى قانداق؟‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ نۇ‌رغۇ‌ن دۆلە‌تلە‌ردە ئادە‌ملە‌ر ئىش-‏ئە‌مگە‌ككە كۆپ كۈچ ۋە ۋاقىت سە‌رپ قىلىدۇ.‏ ئىشتىن باشقا كۆتۈرە‌لمە‌ي قالغان كىشىلە‌ر،‏ دە‌م ئېلىش،‏ ئائىلىسى بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ياكى ياراتقۇ‌چى خۇ‌دا ھە‌ققىدە ئۆگىنىشكە ۋاقىت چىقىرالمايدۇ (‏ۋە‌ز 2:‏23)‏.‏ يە‌نە بە‌زى ئادە‌ملە‌ر بولسا،‏ ئىشلە‌شنى ياخشى كۆرمە‌يدۇ ۋە ئىشتىن قېچىپ،‏ ئىشلىمە‌سلىككە باھانە ئىزدە‌يدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 26:‏13،‏ 14.‏

2،‏ 3.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا ئە‌مگە‌ك قىلىشتا بىزگە قانداق ئۈلگە كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

2 بۇ دۇ‌نيادىكى نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ھە‌ددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلە‌يدۇ،‏ ياكى ئىشتىن قاچىدۇ.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئىشقا بولغان كۆز قارىشى تامامە‌ن باشقىچە.‏ يە‌ھۋانىڭ قولى ئىشتىن توختاپ قالمايدۇ.‏ ئە‌يسا بۇ‌نى:‏ «ئاتام تا ھازىرغىچە ئىشلە‌ۋاتىدۇ،‏ مە‌نمۇ ئىشلە‌ۋاتىمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلىرى بىلە‌ن ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 5:‏17)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ سان-‏ساناقسىز روھىي مە‌ۋجۇ‌داتلارنى ۋە چە‌كسىز ئالە‌م بوشلۇ‌قى،‏ يۇ‌لتۇ‌زلار ۋە سە‌ييارىلە‌رنى ياراتقانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاپ كۆرە‌يلى.‏ بىز يە‌نە يە‌ھۋانىڭ يە‌ر يۈزىدىكى كۆپلىگە‌ن گۈزە‌ل ياراتمىلىرىنى كۆرىمىز.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «ئە‌ي يە‌ھۋا،‏ شۇ‌نچە كۆپتۇ‌ر ئىشلىرىڭ!‏ سە‌ن ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىنى ھېكمە‌ت بىلە‌ن ياراتتىڭ،‏ يە‌ر يۈزى تولغاندۇ‌ر ئە‌سە‌رلىرىڭ بىلە‌ن سېنىڭ».‏—‏زە‌بۇ‌ر 104:‏24.‏

3 ئە‌يسا ئۆز ئاتىسىدىن ئۈلگە ئالغان.‏ ئۇ ئاتىسىغا ئاسمان بىلە‌ن يە‌رنى يارىتىشقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭ يېنىدا «ئۇ‌ستا ھۈنە‌رۋە‌ن» بولغان (‏پە‌ند.‏ نە 8:‏27—‏31)‏.‏ كېيىنرە‌ك،‏ ئە‌يسا يە‌ردە ياشىغاندىمۇ كۆپ ئە‌مگە‌ك قىلغان.‏ ئىشلە‌ش ئە‌يساغا خۇ‌ددى غىزالىنىشتە‌ك بولغان ۋە ئۇ‌نىڭ ئىشلىرى ئۇ‌نى خۇ‌دا ئە‌ۋە‌تكە‌نلىكىنى ئىسپاتلىغان.‏—‏يۇ‌ھاننا 4:‏34؛‏ 5:‏36؛‏ 14:‏10.‏

4.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسادىن دە‌م ئېلىش ھە‌ققىدە نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

4 يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ جاپالىق ئە‌جىر-‏مېھنە‌ت قىلىشى،‏ دە‌م ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق دېگە‌ننى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە ياق.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ھېچقاچان ھارمايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ دە‌م ئېلىشقا مۇ‌ھتاج ئە‌مە‌س.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئاسمانلار بىلە‌ن يە‌رنى ياراتقاندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا «ئىشىنى توختىتىپ ئارام ئالغان»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏چىق.‏ 31:‏17)‏.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋا يارىتىشنى توختىتىپ،‏ ياراتقانلىرىدىن ھۇ‌زۇ‌رلانغان.‏ گە‌رچە ئە‌يسا يە‌ردە ياشىغاندا كۆپ ئىش-‏ئە‌مگە‌ك قىلغان بولسىمۇ،‏ ئۇ دە‌م ئېلىش ۋە دوستلىرى بىلە‌ن ھە‌مداستىخان بولۇ‌ش ئۈچۈن ۋاقىت چىقارغان.‏—‏مە‌تتا 14:‏13؛‏ لۇ‌قا 7:‏34.‏

5.‏ كۆپلىگە‌ن خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى قانداق قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كېلىدۇ؟‏

5 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنى تىرىشىپ ئىشلە‌شكە ئۈندە‌يدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىسى ھورۇ‌ن ئە‌مە‌س،‏ ئە‌كسىنچە ئىشلە‌مچان بولۇ‌شى كېرە‌ك (‏پە‌ند.‏ نە 15:‏19)‏.‏ بە‌لكىم،‏ سىز ئائىلىڭىزنى بېقىش ئۈچۈن تە‌ر تۆكۈپ ئىشلە‌يدىغانسىز.‏ شۇ‌نداقلا مە‌سىھنىڭ ھە‌ممە ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە ۋە‌ز قىلىش ۋە‌زىپىسى تاپشۇ‌رۇ‌لغان.‏ سىز يە‌نە دە‌م ئېلىشىڭىز لازىم.‏ بە‌زىدە سىزگە ئىشلە‌ش،‏ ۋە‌ز خىزمە‌ت ۋە دە‌م ئېلىش ئۈچۈن يېتە‌رلىك ۋاقىت چىقىرىش قىيىنمۇ؟‏ بىز قانچە ۋاقىت ئىشلە‌ش ۋە قانچە ۋاقىت دە‌م ئېلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى قانداق بىلىمىز؟‏

تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆز قاراش

6.‏ ماركۇ‌س 6:‏30—‏34-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلە‌ر ئە‌يسانىڭ ئىشقا ۋە دە‌م ئېلىشقا توغرا كۆز قاراشتا بولغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

6 دە‌م ئېلىش ۋە ئىشلە‌شكە تە‌ڭپۇ‌ڭ ياكى توغرا كۆز قاراشتا بولۇ‌ش ناھايىتى مۇ‌ھىم.‏ سۇ‌لايمان پادىشاھ تېرىش،‏ ئورۇ‌ش،‏ يىغلاش،‏ كۈلۈش،‏ ئۇ‌سسۇ‌ل ئويناش ۋە باشقا ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق:‏ «ھە‌ممە ئىشنىڭ ئۆز ۋاقىت-‏سائىتى بار»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏ۋە‌ز 3:‏1—‏8)‏.‏ ئىشلە‌ش ۋە دە‌م ئېلىش ھاياتىمىزنىڭ ئىككى مۇ‌ھىم قىسىمى.‏ ئە‌يسا بۇ ئىككى نە‌رسىدە تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلىغان.‏ بىر كۈنى ئە‌لچىلە‌ر ۋە‌ز خىزمىتىدىن قايتىپ كە‌لگە‌ندە،‏ «تاماقلىنىدىغانغىمۇ ۋاقىت قالمىغانلىقتىن»،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا:‏ «كېلىڭلار،‏ مە‌ن بىلە‌ن جىمجىت بىر جايغا بېرىپ،‏ بىر ئاز ئارام ئېلىڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن ‏(‏ماركۇ‌س 6:‏30—‏34-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئە‌يسا ۋە ئۇ‌نىڭ شاگىرتلىرى ھە‌ردائىم ئۆزلىرى خالىغاندە‌ك دە‌م ئالالمىغان.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسا ئۆزىمۇ،‏ شاگىرتلىرىمۇ دە‌م ئېلىشقا مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏

7.‏ دە‌م ئېلىش كۈنى توغرۇ‌لۇ‌ق قانۇ‌ننى بىلىش بىزگە قانداق پايدا ئە‌كېلىدۇ؟‏

7 بە‌زىدە بىز دە‌م ئېلىشىمىز ياكى كۈن تە‌رتىۋىمىزنى ئۆزگە‌رتىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نى خۇ‌دا ئۆتمۈشتە ئۆز خە‌لقىگە بە‌رگە‌ن بىر مۇ‌ھىم قانۇ‌ندىن كۆرە‌لە‌يمىز.‏ بۇ —‏ ھە‌ر ھە‌پتە دە‌م ئېلىش كۈنىگە ئە‌مە‌ل قىلىش توغرۇ‌لۇ‌ق قانۇ‌ن.‏ بۈگۈنكى كۈندە بىز تە‌ۋرات قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نمىساقمۇ،‏ دە‌م ئېلىش كۈنى توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىش بىزگە كۆپ پايدا ئە‌كېلىدۇ.‏ بىلگە‌نلىرىمىز ئىشلە‌ش ۋە دە‌م ئېلىشقا تە‌ڭپۇ‌ڭ يە‌نى توغرا كۆز قاراشتا بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

دە‌م ئېلىش كۈنى دە‌م ئېلىش ۋە ئىبادە‌ت قىلىش ۋاقتى بولغان

8.‏ چىقىش 31:‏12—‏15-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ دە‌م ئېلىش كۈنىنىڭ مە‌قسىتى نېمە بولغان؟‏

8 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ ئالتە «كۈندىن»‏b كېيىن خۇ‌دا يە‌ردە مە‌ۋجۇ‌داتلارنى يارىتىشنى تاماملىغان (‏يارىت.‏ 2:‏2)‏.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا ئىش-‏ئە‌مگە‌كنى ياخشى كۆرگە‌چ،‏ باشقا ئىشلارنى قىلىشنى توختاتمىغان (‏يۇ‌ھاننا 5:‏17)‏.‏ يە‌ھۋا ئالتە «كۈن» ئىشلە‌پ،‏ يە‌تتىنچى «كۈنى» دە‌م ئالغان ۋە ئىسرائىل خە‌لقىگە ھە‌م ھە‌پتىنىڭ يە‌تتىنچى كۈنى دە‌م ئېلىشنى ئېيتقان.‏ دە‌م ئېلىش كۈنى —‏ پۈتۈنلە‌ي دە‌م ئېلىش كۈنى ۋە يە‌ھۋانىڭ كۆز ئالدىدا مۇ‌قە‌ددە‌س بىر كۈن بولغان ‏(‏چىقىش 31:‏12—‏15-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ھېچكىمنىڭ،‏ يە‌نى بالىلار،‏ قۇ‌للار ۋە ھە‌تتا ئۆي جانىۋارلىرىنىڭ ئىش قىلىشىغا رۇ‌خسە‌ت قىلىنمىغان (‏چىق.‏ 20:‏10)‏.‏ بۇ كۈن خە‌لقنىڭ روھىي ئىشلارغا كۆپرە‌ك ۋاقىت چىقىرىشىغا پۇ‌رسە‌ت ياراتقان.‏

9.‏ ئە‌يسانىڭ زامانىدا بە‌زى ئادە‌ملە‌ر دە‌م ئېلىش كۈنىگە قانداق ناتوغرا كۆز قاراشتا بولغان؟‏

9 دە‌م ئېلىش كۈنى خۇ‌دانىڭ خە‌لقى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسانىڭ زامانىدا ياشىغان كۆپلىگە‌ن دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر دە‌م ئېلىش كۈنىگە ئە‌مە‌ل قىلىش ھە‌ققىدە ھە‌ددىدىن زىيادە قاتتىق تە‌لە‌پ ۋە قائىدە-‏تۈزۈملە‌رنى ئويدۇ‌رۇ‌پ چىقارغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېيتىشىچە،‏ دە‌م ئېلىش كۈنى ھە‌تتا باشاقلارنى پۇ‌تاش ياكى ئاغرىق كىشىلە‌رنى ساقايتىش قانۇ‌نغا قارشى بولغان (‏ماركۇ‌س 2:‏23—‏27؛‏ 3:‏2—‏5)‏.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا ئۇ‌نى تىڭشىغان كىشىلە‌رگە خۇ‌دا شۇ‌نداق ئويلىمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏

يۈسۈپ ۋە مە‌ريە‌م ئائىلىسى بىلە‌ن شە‌نبە كۈنى ئىبادە‌تخانىغا كېتىۋاتىدۇ

ئە‌يسانىڭ ئائىلىسى دە‌م ئېلىش كۈنى خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلغان (‏10-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏d

10.‏ مە‌تتا 12:‏9—‏12‏-‏ئايە‌تلە‌ردىن،‏ ئە‌يسانىڭ دە‌م ئېلىش كۈنىگە بولغان كۆز قارىشى توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىنى بىلىمىز؟‏

10 ئە‌يسا ۋە ئۇ‌نىڭ يە‌ھۇ‌دىي شاگىرتلىرى مۇ‌سانىڭ قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نغانلىقتىن،‏ دە‌م ئېلىش كۈنىگە ئە‌مە‌ل قىلغانc‏.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا گە‌پ-‏سۆزلىرى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىدە شە‌نبە،‏ يە‌نى دە‌م ئېلىش كۈنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشنىڭ خاتا ئە‌مە‌سلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ:‏ «دە‌م ئېلىش كۈنى ياخشى ئىش قىلىش قانۇ‌نغا ئۇ‌يغۇ‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئېنىق ئېيتقان ‏(‏مە‌تتا 12:‏9—‏12‏-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌يسا دە‌م ئېلىش كۈنى باشقىلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىش ياكى ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى قانۇ‌نغا زىت دە‌پ ھېسابلىمىغان.‏ ئە‌يسانىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى دە‌م ئېلىش كۈنىنىڭ ئاساسىي مە‌قسىتىنى روشە‌ن كۆرسە‌تكە‌ن.‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى شۇ كۈنى كۈندىلىك ئىشلىرىنى قويۇ‌پ،‏ دە‌م ئالغاچ،‏ بار دىققىتىنى روھىي ئىشلارغا ئاغدۇ‌رالىغان.‏ شە‌ك-‏شۇ‌بھىسىزكى،‏ ئە‌يسانىڭ ئائىلىسىمۇ دە‌م ئېلىش كۈنىدە خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلغان.‏ بۇ‌نى ئە‌يسا توغرۇ‌لۇ‌ق يېزىلغان مۇ‌نۇ سۆزلە‌ردىن بىلىمىز:‏ «ئۇ [ئە‌يسا] ئۆزى چوڭ بولغان شە‌ھە‌ر ناسىرە‌گە باردى.‏ ئۆز ئادىتى بويىچە،‏ دە‌م ئېلىش كۈنى ئىبادە‌تخانىغا كىردى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئوقۇ‌ش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇ‌ردى».‏—‏لۇ‌قا 4:‏15—‏19.‏

ئىش-‏ئە‌مگە‌ككە بولغان كۆز قارىشىڭىز قانداق؟‏

11.‏ ئە‌يسا ئە‌مگە‌ك قىلىشتا كىمدىن ياخشى ئۈلگە ئالغان؟‏

11 يۈسۈپ ئە‌يساغا ياغاچچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگە‌تكە‌ندە،‏ ئۇ يە‌نە خۇ‌دانىڭ ئىشقا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆگە‌تكە‌ن (‏مە‌تتا 13:‏55،‏ 56‏)‏.‏ يۈسۈپ چوڭ بىر ئائىلىنى بېقىش ئۈچۈن،‏ ھە‌ر كۈنى تە‌ر تۆكۈپ ئىشلىگە‌ن.‏ ئە‌يسا بۇ‌نى كۆرۈپ چوڭ بولغان.‏ قىزىقارلىق يېرى،‏ ئە‌يسا كېيىنرە‌ك شاگىرتلىرىغا:‏ «ئىشچى ئۆز ئىش ھە‌ققىگە لايىقتۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏لۇ‌قا 10:‏7)‏.‏ شۇ‌نداق،‏ ئە‌يسا جاپالىق ئە‌مگە‌ك قىلىشنىڭ نېمە ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏

12.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا جاپالىق ئە‌مگە‌ك قىلىش توغرۇ‌لۇ‌ق قانداق ئايە‌تلە‌ر بار؟‏

12 ئە‌لچى پاۋلۇ‌سمۇ جاپالىق تە‌ر تۆكۈپ ئە‌مگە‌ك قىلىشنى بىلگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ئە‌يسانىڭ ئىسمى ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌لىملىرى توغرۇ‌لۇ‌ق گۇ‌ۋاھلىق بېرىش بولسىمۇ،‏ ئۇ جان بېقىش ئۈچۈن ئە‌مگە‌ك قىلغان.‏ سالونىكىدىكى قېرىنداشلار پاۋلۇ‌سنىڭ ھېچكىمگە «ئېغىرچىلىق سالماسلىق ئۈچۈن،‏ كېچە-‏كۈندۈز جاپا-‏مۇ‌شە‌ققە‌ت تارتىپ» ئىشلىگە‌نلىكىنى بىلگە‌ن (‏2-‏سالونىكا.‏ 3:‏8؛‏ ئە‌لچى.‏ 20:‏34،‏ 35)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بۇ ئايە‌تلە‌ردە چېدىر ياساش ئىشى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ پاۋلۇ‌س كورىنت شە‌ھىرىدە بولغاندا،‏ ئاكۋىلا ۋە پرىسكىلانىڭ ئۆيىدە تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن بىللە چېدىر ياساش بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للانغان ئىدى.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ «كېچە-‏كۈندۈز» ئىشلىگە‌ن دېگە‌ن سۆزى،‏ ئۇ‌نىڭ توختىماي ئىشلىگە‌نلىكىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ بە‌زىدە،‏ مە‌سىلە‌ن دە‌م ئېلىش كۈنى،‏ ئۇ ئىشىدىن توختاپ،‏ ئارام ئالاتتى.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئۇ شۇ كۈنى دە‌م ئالىدىغان يە‌ھۇ‌دىيلارغا ۋە‌ز ئېيتىش پۇ‌رسىتىگە ئىگە بولغان.‏—‏ئە‌لچى.‏ 13:‏14—‏16،‏ 42—‏44؛‏ 16:‏13؛‏ 18:‏1—‏4.‏

13.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

13 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىزگە ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ ئۇ جان بېقىش ئۈچۈن ئىشلىگە‌ن بولسىمۇ،‏ دائىم «مۇ‌قە‌ددە‌س خىزمە‌ت بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل» بولغان،‏ يە‌نى ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌دانىڭ خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى يە‌تكۈزگە‌ن (‏رىملىقلار 15:‏16؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 11:‏23)‏.‏ ئۇ باشقىلارنىمۇ شۇ‌نداق قىلىشقا ئۈندىگە‌ن.‏ پاۋلۇ‌س ئاكۋىلا بىلە‌ن پرىسكىلانى «مە‌سىھ ئە‌يسا ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمە‌ت قىلغان خىزمە‌تداشلىرىم» دە‌پ ئاتىغان (‏رىملىقلار 12:‏11؛‏ 16:‏3)‏.‏ ئۇ يە‌نە كورىنت شە‌ھىرىدىكى ئېتىقادداشلارغا ئىلھام-‏مە‌دە‌ت بېرىپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ھە‌ر دائىم رە‌بنىڭ ئىشى بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌ڭلار» (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏58؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 9:‏8)‏.‏ خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س روھى بىلە‌ن ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنى بۇ سۆزنى يېزىشقا ئىلھاملاندۇ‌رغان:‏ «كىمكى ئىشلە‌شنى خالىمىسا،‏ تاماق ھە‌م يېمىسۇ‌ن».‏—‏2-‏سالونىكا.‏ 3:‏10.‏

14.‏ ئە‌يسانىڭ يۇ‌ھاننا 14:‏12-‏ئايە‌تتىكى سۆزلىرى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

14 بۈگۈنكى كۈندە ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىش —‏ ۋە‌ز قىلىش ھە‌م شاگىرتلارنى تە‌ييارلاش.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۇ‌نىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۇ‌نىڭدىنمۇ زور ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن-‏ئالا ئېيتقان ‏(‏يۇ‌ھاننا 14:‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ بىزنىڭ ئۇ‌نىڭغا ئوخشاش مۆجىزىلە‌رنى قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتمىغان.‏ بە‌لكى،‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى ئۇ‌نىڭغا قارىغاندا،‏ كۆپرە‌ك جايلاردا،‏ كۆپرە‌ك ئادە‌ملە‌رگە ۋە كۆپرە‌ك ۋاقىت ۋە‌ز قىلالايدۇ.‏

15.‏ ئۆزۈمىزگە قانداق سوئاللارنى قويىشىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

15 ئىشلە‌يدىغان بولسىڭىز،‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «خىزمە‌تداشلىرىم مېنى ئىشلە‌مچان ئادە‌م دە‌پ تونامدۇ؟‏ ماڭا تاپشۇ‌رۇ‌لغان ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا پۈتتۈرۈمە‌نمۇ ۋە ئۇ‌نى پۈتۈن ۋۇ‌جۇ‌دۇ‌م بىلە‌ن قىلىمە‌نمۇ؟‏» بۇ سوئاللارغا «ھە‌ئە»،‏ دە‌پ جاۋاب بە‌رسىڭىز،‏ خۇ‌جايىنىڭىز ياكى باشلىقىڭىز سىزگە ئىشىنىدىغان بولىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىڭىز ئىشتىكىلە‌رنى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە جە‌لپ قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ۋە‌ز قىلىش ۋە تە‌لىم بېرىش ھە‌ققىدە ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سورىسىڭىز بولىدۇ:‏ «مە‌ن ۋە‌ز خىزمە‌تتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمە‌نمۇ؟‏ كىشلە‌ر بىلە‌ن بىرىنچى قېتىم سۆزلىشىشكە ياخشى تە‌ييارلىق قىلىمە‌نمۇ؟‏ قىزىقىشنى كۆرسە‌تكە‌ن ئادە‌مگە كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزمە‌ي،‏ قايتا يولۇ‌قىمە‌نمۇ؟‏ مە‌ن ھە‌رخىل شە‌كىلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە‌ز خىزمىتىگە دائىم قاتنىشىپ تۇ‌رىمە‌نمۇ؟‏» بۇ سوئاللارغىمۇ «ھە‌ئە»،‏ دە‌پ جاۋاب بېرە‌لىسىڭىز،‏ ۋە‌ز خىزمىتىدىن زور خۇ‌شاللىق تاپىسىز!‏

سىزنىڭ دە‌م ئېلىشقا بولغان كۆز قارىشىڭىز قانداق؟‏

16.‏ ئە‌يسا بىلە‌ن ئە‌لچىلە‌رنىڭ دە‌م ئېلىشقا بولغان كۆز قارىشى نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆز قارىشىدىن قانداق پە‌رقلىق بولغان؟‏

16 ئە‌يسا ئۆزىنىڭمۇ،‏ شاگىرتلىرىنىڭمۇ بە‌زىدە دە‌م ئېلىشقا مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏ لېكىن،‏ شۇ زاماندا ياشىغان ۋە بۈگۈنكى كۈندە ياشاۋاتقان نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر ئە‌يسانىڭ تە‌مسىلىدىكى باي كىشىگە ئوخشايدۇ.‏ باي كىشى ئۆز-‏ئۆزىگە:‏ «راھە‌تلىنىپ،‏ يە‌پ-‏ئىچكىن،‏ كۆڭلۈڭنى خۇ‌ش قىلغىن»،‏—‏ دېگە‌ن (‏لۇ‌قا 12:‏19؛‏ 2-‏تىموتىي 3:‏4)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ئوي-‏پىكىرىچە،‏ دە‌م ئېلىش ۋە ھاياتتىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىش ھاياتتىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىشلار بولغان.‏ ئە‌يسا بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ئە‌لچىلىرى بولسا،‏ ئە‌كسىنچە،‏ ھۇ‌زۇ‌ر-‏ھالاۋە‌تنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويمىغان.‏

ئائىلە بېشى تە‌ر تۆكۈپ ئىشلە‌ۋاتىدۇ،‏ ئىشتا ۋە‌ز قىلىۋاتىدۇ،‏ ئايالىغا ۋاراقچىلارنى چامدانغا سېلىشقا ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ ۋە دە‌م ئالغان چاغدا ئايالى ۋە بالىلىرى بىلە‌ن جامائە‌ت يىغىلىشىغا قاتنىشىۋاتىدۇ

ئىشلە‌ش ۋە دە‌م ئېلىشقا تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆز قاراشتا بولۇ‌ش بىزنى روھلاندۇ‌رۇ‌پ ۋۇ‌جۇ‌دىمىزغا كۈچ قوشۇ‌دىغان ئىشلارغا دىققىتىمىزنى ئاغدۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ (‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏e

17.‏ ئىشلىمە‌ي دە‌م ئالغاندا،‏ ۋاقتىمىزنى قانداق ئۆتكۈزىمىز؟‏

17 بىزمۇ ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ ئىشتىن دە‌م ئالغاندا،‏ پە‌قە‌ت ھاردۇ‌ق چىقىرىش ئۈچۈنلا ئە‌مە‌س،‏ ۋە‌ز قىلىش ھە‌م جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈنمۇ ۋاقىت چىقىرىمىز.‏ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاش ۋە يىغىلىشلارغا قاتنىشىش بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇ‌ھىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز بۇ ئىشلارنى بار كۈچىمىزنى چىقىرىپ،‏ يە‌ھۋا ئۈچۈن قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رىمىز (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏24،‏ 25)‏.‏ ھە‌تتا دە‌م ئېلىپ ساياھە‌ت قىلغاندا بولسۇ‌ن،‏ مە‌يلى قە‌يە‌ردە بولمايلى،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىپ،‏ ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب توغرۇ‌لۇ‌ق سۆزلىشىش پۇ‌رسىتىنى ئىزدە‌يمىز.‏—‏2-‏تىموت.‏ 4:‏2.‏

18.‏ پادىشاھىمىز ئە‌يسا بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى خالايدۇ؟‏

18 پادىشاھىمىز ئە‌يسا قولىمىزدىن كە‌لمە‌يدىغان ئىشلارنى قىلىشىمىزنى كۈتمە‌يدۇ،‏ ئۇ ئىشلە‌شكە ۋە دە‌م ئېلىشقا توغرا كۆز قاراشتا بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ ۋە بىز ئۇ‌نىڭغا بە‌كمۇ مىننە‌تدار!‏ (‏ئىبرانىي.‏ 4:‏15)‏.‏ ئۇ بىزنىڭ يېتە‌رلىك دە‌م ئېلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ بىزنىڭ جان بېقىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلىشىمىزنى ۋە شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىغا پائال قاتنىشىشىمىزنى خالايدۇ.‏ كېلە‌ركى ماقالىدە،‏ ئە‌يسانىڭ بىزنى گۇ‌ناھنىڭ قۇ‌للىقىدىن قانداق ئازاد قىلىدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھ ئىشلە‌ش توغرۇ‌لۇ‌ق قانداق ئۈلگە كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

  • ئىسرائىللار دە‌م ئېلىش كۈنىنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرگە‌ن ۋە بىز بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

  • ئىشلە‌ش ۋە دە‌م ئېلىشقا تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆز قاراشتا بولۇ‌ش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

23-‏ناخشا يە‌ھۋا بىزنىڭ كۈچىمىز

a مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە دە‌م ئېلىش ۋە ئىشلە‌شكە توغرا كۆز قاراشتا بولۇ‌شنى ئۆگىتىدۇ.‏ ھازىر ئىسرائىل خە‌لقى ئۈچۈن بە‌لگىلە‌نگە‌ن دە‌م ئېلىش كۈنىنى مىسال قىلىپ،‏ ئىشلە‌ش ۋە دە‌م ئېلىشقا بولغان كۆز قارىشىمىزنى تە‌كشۈرۈشكە قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌مات ئېلىش ئۈچۈن jw.org تور بېكىتىدىكى «‏خۇ‌دا يە‌رنى ئالتە كۈننىڭ ئىچىدە ياراتقانلىقىغا ئىشىنە‌مسىلە‌ر؟‏‏» ناملىق ماقالىگە قاراڭ (‏بىز ھە‌ققىدە >‏ كۆپچىلىكنى قىزىقتۇ‌رىدىغان سوئاللار)‏.‏

c شاگىرتلىرى دە‌م ئېلىش توغرۇ‌لۇ‌ق قانۇ‌ننى ھۆرمە‌تلىگە‌ن.‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ دە‌م ئېلىش كۈنى ئاخىرلاشمىغىچە ئە‌يسانىڭ تېنىنى يە‌رلە‌شكە تە‌ييارلاشنى توختىتىپ قويغانلىقىدىن كۆرۈنگە‌ن.‏—‏لۇ‌قا 23:‏55،‏ 56.‏

d سۈرە‌تتە:‏ يۈسۈپ ئائىلىسى بىلە‌ن دە‌م ئېلىش كۈنى ئىبادە‌تخانىغا كېتىۋاتىدۇ.‏

e سۈرە‌تتە:‏ ئائىلە بېشى ئۆيىدىكىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن تە‌ر تۆكۈپ ئىشلە‌پلا قالماستىن،‏ ئىشلىمە‌ي دە‌م ئالدىغان چاغدا،‏ ھە‌تتا ساياھە‌ت قىلغاندىمۇ،‏ روھىي ئىشلار بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش