كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م19 دېكابىر 8-‏13 ب.‏
  • يە‌ھۋا خۇ‌دا سىزنى ئازادلىققا چىقىرىدۇ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋا خۇ‌دا سىزنى ئازادلىققا چىقىرىدۇ
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئە‌يسا ئە‌ركىنلىكنى جاكارلىغان
  • ئازادلىققا بىرىنچى بولۇ‌پ كىملە‌ر ئېرىشكە‌ن؟‏
  • يە‌نە مىليونلىغان ئادە‌ملە‌ر ئە‌ركىنلىككە چىقىدۇ
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
ك‌م19 دېكابىر 8-‏13 ب.‏

50-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋا خۇ‌دا سىزنى ئازادلىققا چىقىرىدۇ

‏«سىلە‌ر چوقۇ‌م.‏.‏.‏ زېمىنىڭلاردىكى پۈتكۈل خە‌لققە ئازادلىقنى جاكارلاڭلار».‏‏—‏لاۋى.‏ 25:‏10.‏

136-‏ناخشا پادىشاھلىق ئورنىتىلدى.‏ ئۇ كە‌لگە‌ي!‏

بۇ ماقالىدەa

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ بە‌زى دۆلە‌رتلە‌ردە نېمىنى تە‌برىكلە‌يدۇ ۋە ئازادلىق يىلى دېگە‌ن نېمە؟‏ (‏«‏ئازادلىق يىلى دېگە‌ن نېمە؟‏‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏ (‏2)‏ لۇ‌قا 4:‏16—‏18-‏ئايە‌تلە‌رگە،‏ ئە‌يسا نېمە توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقان؟‏

بە‌زى دۆلە‌تلە‌ردە ئادە‌ملە‌ر قانداقتۇ مۇ‌ھىم بىر ۋە‌قە‌نىڭ ئە‌للىك يىللىقىنى تە‌برىكلە‌يدۇ.‏ شۇ بايرام بىر كۈن،‏ بىر ھە‌پتە ياكى ئۇ‌نىڭدىنمۇ ئۇ‌زاقراق ئۆتكۈزۈلىشى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ كۈنلە‌رنىڭ بىرىدە تە‌برىكلە‌شلە‌ر ئاخىرلىشىپ،‏ شاد-‏خۇ‌راملىقمۇ ئۇ‌زۇ‌نغا بارماي ئۇ‌نتۇ‌لۇ‌پ كېتىلىدۇ.‏

2 كېلىڭلار،‏ قە‌دىمقى ئىسرائىلدا بىر يىل تە‌برىكلە‌نگە‌ن ئازادلىق يىلى توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلىپ باقايلى.‏ بۇ بايرام ھە‌ر 50 يىلدا بىر تە‌برىكلە‌نگە‌ن ۋە ئىسرائىللار ئازادلىققا ئېرىشكە‌ن.‏ بۇ چارە-‏تە‌دبىر نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ دىققىتىمىزگە سازاۋە‌ر؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئازادلىق يىلى يە‌ھۋانىڭ بىزنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئازادلىققا چىقىرىش ئۈچۈن ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان چارىسىنى ئە‌سلىتىدۇ.‏ ئە‌يسامۇ بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقان‏.‏—‏لۇ‌قا 4:‏16—‏18-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

ئازادلىق يىلى دېگە‌ن نېمە؟‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا ئىسرائىللارغا ھە‌ر ئە‌للىك يىلدا ئالاھىدە بىر بايرام ئۆتكۈزۈشنى ئېيتقان.‏ بۇ بايرام ئازادلىق يىلى دە‌پ ئاتالغان.‏ ئىسرائىللار ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا كىرگە‌ندىن باشلاپ،‏ ئالتە يىل جە‌ريانىدا ئۇ‌رۇ‌ق چېچىپ،‏ يە‌ر تېرىپ،‏ ھوسۇ‌ل يىغىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ لېكىن،‏ يە‌تتىنچى يىلى دە‌م ئېلىش (‏شابات)‏ يىلى بولغاچقا،‏ ئىسرائىللارنىڭ ئۇ‌رۇ‌ق چېچىپ يە‌ر تېرىشىغا ياكى ئۆسۈملۈكلە‌رنى پۇ‌تاپ قىرقىشىغا بولمايتتى.‏ يە‌تتە قېتىم يە‌تتە يىل (‏7×7=49)‏ ئۆتكە‌ندىن كېيىنكى يىلى،‏ يە‌نى 50-‏يىل،‏ ئازادلىق يىلى بولغان.‏ ئىسرائىلللار ۋە‌دە قىلىنغان زېمىنغا كىرگە‌ن ۋاقىتتىن باشلاپ سانىساق،‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئازادلىق يىلى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1424-‏يىلىنىڭ،‏ تىشرى ئېيىدا باشلانغان.‏—‏لاۋى.‏ 25:‏2—‏4،‏ 8—‏10.‏

قۇ‌ل بولغان كىشىلە‌ر ئازادلىق يىلىدا ئە‌ركىنلىككە چىقىپ،‏ ئۆيىدىكىلىرى ئۇ‌لارنىڭ ئالدىغا قۇ‌چاق يېيىپ يۈگۈرۈۋاتىدۇ

قۇ‌ل بولغان ئادە‌ملە‌ر ئازادلىق يىلى ئە‌ركىنلىككە چىقىپ،‏ ئائىلىسىگە قايتىپ،‏ ئۆزىنىڭ يېرىگە ئىگە بولالايتتى (‏3-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏b

3.‏ لاۋىيلار 25:‏8—‏12-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ ئازادلىق يىلىنىڭ ئىسرائىللار ئۈچۈن قانداق پايدىسى بولغان؟‏

3 ئە‌يسانىڭ ئازادلىق توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ مە‌نىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ ئاۋۋال خۇ‌دانىڭ ئۆز خە‌لقى ئۈچۈن ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان ئازادلىق يىلى توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌ھاكىمە قىلايلى.‏ يە‌ھۋا ئىسرائىللارغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سىلە‌ر چوقۇ‌م 50-‏يىلنى مۇ‌قە‌ددە‌س يىل دە‌پ بە‌لگىلە‌پ،‏ زېمىنىڭلاردىكى پۈتكۈل خە‌لققە ئازادلىقنى جاكارلاڭلار.‏ بۇ سىلە‌ر ئۈچۈن شادلىق يىلى بولىدۇ.‏ ھە‌ربىرىڭلار ئۆز يە‌ر-‏مۈلكۈڭلارغا قايتۇ‌رۇ‌لىسىلە‌ر ۋە ھە‌ربىرىڭلار ئۆز ئائىلە‌ڭلارغا قايتىسىلە‌ر»‏ (‏لاۋىيلار 25:‏8—‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۆتكە‌ن ماقالىدە،‏ بىز ئىسرائىللار دە‌م ئېلىش كۈنىنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆرگە‌نلىكىنى كۆرۈپ چىققان ئىدۇ‌ق.‏ ھازىر ئۇ‌لار ئازادلىق يىلىدىن قانداق پايدا ئالغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلايلى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىر ئىسرائىل كىشى قە‌رزگە بوغۇ‌لۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى قايتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن يېرىنى ساتتى دە‌يلى.‏ ئازادلىق يىلى كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ر ئۇ‌نىڭغا قايتۇ‌رۇ‌لاتتى.‏ شۇ‌ڭا،‏ شۇ كىشى ‹ئۆز يە‌ر-‏مۈلۈكلىرىگە› قايتىپ،‏ كېيىن ئۇ‌نى ئۆز بالىلىرىغا مىراس قالدۇ‌رالايتتى.‏ ياكى بولمىسا،‏ قە‌رزى كۆپ بولغىنى ئۈچۈن،‏ ئۇ ئامالسىز بالىلىرىنىڭ بىرىنى ياكى ئۆزىنى قۇ‌للۇ‌ققا سېتىشقا مە‌جبۇ‌ر بولغان بولسا،‏ ئۇ‌نداق ئادە‌م ئازادلىق يىلى كە‌لگە‌ندە ئۆز ئائىلىسىگە قايتالايتتى.‏ دېمە‌ك،‏ ھېچكىم ئۆمۈر بويى قۇ‌ل بولمايتتى.‏ بۇ چار-‏تە‌دبىردىن يە‌ھۋانىڭ ئۆز خە‌لقىگە بە‌كمۇ غە‌مخورلۇ‌ق قىلغانلىقىنى كۆرىمىز.‏

4،‏ 5.‏ ئازادلىق يىلى توغرۇ‌لۇ‌ق ئۆگىنىشىمىز نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

4 ئازادلىق يىلىنىڭ يە‌نە قانداق پايدىسى بولغان؟‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌يلى قانداق بولمىسۇ‌ن،‏ ئاراڭلاردا بىرى نامراتلىشىپ كە‌تمىسۇ‌ن.‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دايىڭلار ئۆزى سىلە‌رگە مىراس سۈپىتىدە مۈلۈك قىلىپ بە‌رگە‌ن زېمىندا،‏ يە‌ھۋا جە‌زمە‌ن سىلە‌رنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ» (‏تە‌كرار.‏ قا 15:‏4)‏.‏ بۈگۈن بىزنىڭ كۆرۈۋاتقىنىمىز بولسا،‏ مۇ‌تلە‌ق باشقىچە:‏ بايلار بارغانسېرى باي بولىۋاتىدۇ،‏ گادايلار بولسا،‏ تېخىمۇ گادايلىشىۋاتىدۇ.‏

5 بۈگۈنكى كۈندە خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى تە‌ۋرات قانۇ‌نى بويىچە ياشىمايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ قۇ‌للارنى ئازاد قىلىش،‏ قە‌رزلە‌رنى كە‌چۈرۈش ۋە يە‌رنى قايتۇ‌رۇ‌شقا يول ئاچقان ئازادلىق يىلى توغرۇ‌لۇ‌ق قانۇ‌نغا ئە‌مە‌ل قىلمايمىز (‏رىملىقلار 7:‏4؛‏ 10:‏4؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 2:‏15)‏.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئازادلىق يىلى توغرۇ‌لۇ‌ق ئۆگىنىش بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئازادلىق يىلى يە‌ھۋانىڭ بىزنى گۇ‌ناھنىڭ قۇ‌للىقىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان چارىسىنى ئە‌سلىتىدۇ.‏

ئە‌يسا ئە‌ركىنلىكنى جاكارلىغان

6.‏ ئىنسانىيە‌ت قانداق قۇ‌للۇ‌قتىن ئازاد بولۇ‌شقا مۇ‌ھتاج؟‏

6 ھە‌ممىمىز رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تسىز قۇ‌للۇ‌قتىن ئە‌ركىنلىككە چىقىشقا مۇ‌ھتاج.‏ يە‌نى،‏ بۇ گۇ‌ناھنىڭ قۇ‌للىقى.‏ بىز گۇ‌ناھكار بولغاچ،‏ قېرىيمىز،‏ ئاغرىيمىز ھە‌م ئۆلۈمىز.‏ كۆپلىگە‌ن كىشىلە‌ر ئە‌ينە‌ككە قارىغاندا ياكى دوختۇ‌رغا كۆرۈنگە‌ندە،‏ بۇ‌نىڭ راست ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا بىز گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندا،‏ قاتتىق قايغۇ‌رىمىز.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئۆزىنىڭ گۇ‌ناھنىڭ قۇ‌لى بولغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.‏ ئۇ يە‌نە:‏ «مە‌ن نېمانچە بىچارە ئادە‌ممە‌ن!‏ كىم مېنى بۇ ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان تېنىمدىن قۇ‌تقۇ‌زار؟‏»—‏ دېگە‌ن.‏—‏رىملىقلار 7:‏23،‏ 24.‏

7.‏ يە‌شايا ئە‌ركىنلىك توغرۇ‌لۇ‌ق قانداق پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى ئېيتقان؟‏

7 بە‌ختكە يارىشا،‏ خۇ‌دا بىزنى گۇ‌ناھتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن،‏ بىر چارە-‏تە‌دبىر ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان.‏ بىز ئە‌يسا مە‌سىھ ئارقىلىق ئە‌ركىنلىككە ئېرىشە‌لە‌يمىز.‏ ئە‌يسا يە‌رگە كېلىشتىن 700 يىل ئىلگىرى،‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر ئىسرائىللارنىڭ ئازادلىق يىلىدا ئېرىشكە‌ن ئە‌ركىنلىكىدىنمۇ ئالاھىدە زور كېلە‌چە‌كتىكى بىر ئە‌ركىنلىك توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «ئالىي ھۆكۈمران يە‌ھۋانىڭ روھى ئۈستۈمدە،‏ چۈنكى يە‌ھۋا مېنى ياۋاشلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈشكە مە‌سىھ قىلدى.‏ ئۇ مېنى كۆڭلى ئازار يېگە‌نلە‌رنىڭ يارىلىرىنى تېڭىشقا،‏ تۇ‌تقۇ‌ن قىلىنغانلارنىڭ ئازاد قىلىندىغانلىقىنى‏،‏ … جاكارلاشقا ئە‌ۋە‌تتى» (‏يە‌شايا 61:‏1)‏‏.‏ كىم بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى ئورۇ‌نلىشى كېرە‌ك ئىدى؟‏

8.‏ يە‌شايانىڭ ئە‌ركىنلىك ھە‌ققىدىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلىرى كىمگە قارىتا ئېيتىلغان؟‏

8 مۇ‌شۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر ئە‌يسا يە‌ردىكى خىزمىتىنى باشلىغاندا ئورۇ‌نلىنىشقا باشلىغان.‏ ئۇ ئۆز يۇ‌رتى بولغان ناسىرە شە‌ھىرىدە ئىبادە‌تخانىغا بېرىپ،‏ شۇ يە‌ردە جە‌م بولغان يە‌ھۇ‌دىيلارغا يە‌شايانىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇ‌پ بە‌رگە‌ن.‏ «يە‌ھۋانىڭ روھى ئۈستۈمدە،‏ چۈنكى ئۇ مېنى كە‌مبە‌غە‌للە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلاش ئۈچۈن مە‌سىھ قىلدى.‏ تۇ‌تقۇ‌ن قىلىنغانلارنىڭ ئازاد قىلىندىغانلىقىنى،‏ قارغۇ‌لارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىدىغانلىقىنى جاكارلاش،‏ ئېزىلگە‌نلە‌رنى ئە‌ركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ۋە يە‌ھۋانىڭ قوبۇ‌ل يىلىنى ئۇ‌قتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئە‌ۋە‌تتى».‏ ئە‌يسا بۇ سۆزلە‌رنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغانلىقىنى ئېيتقان (‏لۇ‌قا 4:‏16—‏19)‏.‏ ئە‌يسا بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلىرىنى قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رغان؟‏

ئازادلىققا بىرىنچى بولۇ‌پ كىملە‌ر ئېرىشكە‌ن؟‏

ئە‌يسا ناسىرە‌دىكى ئىبادە‌تخانىدا ئورام يازمىنى ئوقۇ‌ۋاتىدۇ

ئە‌يسا ناسىرە‌دىكى ئىبادە‌تخانىدا ئازادلىق يىلى توغرۇ‌لۇ‌ق جاكارلىماقتا (‏8،‏ 9-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

9.‏ ئە‌يسانىڭ زامانىدا نۇ‌رغۇ‌نلىغان كىشىلە‌ر نېمىدىن ئازاد بولۇ‌شنى ئۈمىد قىلغان؟‏

9 يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر تىلغا ئالغان ۋە ئە‌يسا ئىبادە‌تخانىدا ئوقۇ‌غان ئە‌ركىنلىك ياكى ئازادلىققا ئادە‌ملە‌ر بىرىنچى ئە‌سىردە ئېرىشىشكە باشلىغان.‏ ئە‌يسا:‏ «سىلە‌ر ئاڭلىغان بۇ ئايە‌ت بۈگۈن ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لدى»،‏—‏ دە‌پ جاكالىغاندا،‏ بۇ‌نىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغان (‏لۇ‌قا 4:‏21)‏.‏ بە‌لكىم،‏ ئە‌يسانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر بىرە‌ر سىياسىي ئىسلاھاتنى كۈتۈپ،‏ ئە‌زگۈچى رىم ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىن ئازاد بولۇ‌شقا تە‌شنا بولغان.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنى «بىز ئۇ‌نى ئىسرائىلنى قۇ‌تقۇ‌زىدىغان كىشى دە‌پ ئۈمىد بىلە‌ن كۈتۈپ كە‌لگە‌نىدۇ‌ق»،‏ دېگە‌ن ئىككى كىشىدە‌ك ھېس قىلغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏لۇ‌قا 24:‏13،‏ 21)‏.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىنى رىم ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئۈندىمىگە‌ن.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ ئۇ‌لارنى «قە‌يسە‌رنىڭ ھە‌ققىنى قە‌يسە‌رگە» بېرىشكە چاقىرغان ‏(‏مە‌تتا 22:‏21‏)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئە‌يسا شۇ ۋاقىتتا ئادە‌ملە‌رنى نېمىدىن ئازاد قىلغان؟‏

10.‏ ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رنىڭ نېمىلە‌ردىن ئازاد بولۇ‌شىغا يول ئاچقان؟‏

10 ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رنى ئىككى ئۇ‌سۇ‌لدا ئە‌ركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كە‌لگە‌ن.‏ بىرىنچىدىن،‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رنى ئېغىر يۈكتە‌ك ئېزىدىغان دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌رنىڭ تە‌لىماتلىرىدىن ئازاد بولۇ‌شىغا يول ئاچقان.‏ نۇ‌رغۇ‌ن يە‌ھۇ‌دىيلار ئىنسانلارنىڭ ئۆرپ-‏ئادە‌تلىرى ۋە ساختا تە‌لىملىرىگە قۇ‌ل بولغان (‏مە‌تتا 5:‏31—‏37؛‏ 15:‏1—‏11‏)‏.‏ خە‌لققە روھىي يول-‏يورۇ‌ق بېرىۋاتىمىز،‏ دېگە‌ن كىشىلە‌ر ئە‌مە‌لىيە‌تتە بولسا ئۆزلىرى روھىي جە‌ھە‌تتىن «قارغۇ» بولغان ئىدى.‏ ئۇ‌لار مە‌سىھنى ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌لىملىرىنى رە‌ت قىلغانلىقتىن،‏ خۇ‌دانى تونۇ‌پ يە‌تمىگە‌ن ۋە شۇ سە‌ۋە‌بتىن ئۇ‌لارنىڭ گۇ‌ناھلىرى كە‌چۈرۈلمىگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 9:‏1،‏ 14—‏16،‏ 35—‏41)‏.‏ ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رگە ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىش ۋە ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق كە‌متە‌ر كىشىلە‌رنىڭ ساختا تە‌لىملە‌ردىن قانداق ئازاد بولالايدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏—‏ماركۇ‌س 1:‏22؛‏ 2:‏23—‏3:‏5.‏

11.‏ ئە‌يسا يە‌نە نېمىدىن ئازاد بولۇ‌شقا يول ئاچقان؟‏

11 ئىككىنچىدىن،‏ ئە‌يسا ئىنسانىيە‌تنىڭ گۇ‌ناھ قۇ‌للىقىدىن ئازاد بولۇ‌شقا پۇ‌رسە‌ت ياراتقان.‏ ئە‌يسا بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى سۈپىتىدە بە‌رگە‌ن،‏ بۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچ قىلغان ۋە ئۆز ئىشە‌نچىسىنى ئە‌مە‌لىيىتىدە كۆرسە‌تكە‌نلە‌رنىڭ گۇ‌ناھىنى خۇ‌دا كە‌چۈرۈم قىلىدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏12—‏18)‏.‏ ئە‌يسا:‏ «ئوغۇ‌ل سىلە‌رنى ئازاد قىلسا،‏ ھە‌قىقىي ئە‌ركىن بولىسىلە‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 8:‏36)‏.‏ بۇ ئە‌ركىنلىك قە‌دىمقى ئىسرائىلدىكى ئازادلىق يىلى ئېرىشىشكە بولىدىغان ئە‌ركىنلىكتىن نە‌قە‌دە‌ر زور بولغان!‏ ئازادلىق يىلى قۇ‌للۇ‌قتىن ئە‌ركىن بولغان كىشى كېيىن قايتا قۇ‌ل بولۇ‌پ قېلىشى مۇ‌مكىن،‏ ئە‌مما مە‌يلى قانداقلا بولمىسۇ‌ن،‏ ئۇ ئاخىرىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ.‏

12.‏ ئە‌يسا جاكارلىغان ئازادلىق يىلىنىڭ پايدىسىنى كىملە‌ر بىرىنچى بولۇ‌پ كۆرگە‌ن؟‏

12 مىلادى 33-‏يىلىنىڭ ئە‌للىكىنچى كۈن بايرىمىدا ئە‌لچىلە‌ر ۋە باشقا سادىق ئە‌ر ۋە ئاياللار مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغان.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌لارنى ئۆز بالىلىرى سۈپىتىدە قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ كېلە‌چە‌كتە ئاسماندا ئە‌يسا بىلە‌ن بىللە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا تىرىلدۈرە‌تتى (‏رىملىقلار 8:‏2،‏ 15—‏17)‏.‏ ئۇ‌لار ئە‌يسا ناسىرە‌دىكى ئىبادە‌تخانىدا جاكارلىغان ئازادلىققا ئېرىشكە‌ن دە‌سلە‌پكى ئادە‌ملە‌ر ئىدى.‏ شۇ ئە‌رلە‌ر ۋە ئاياللار ئە‌مدى يە‌ھۇ‌دىي دىن رە‌ھبە‌رلىرىنىڭ ساختا تە‌لىملىرى ۋە خۇ‌دانىڭ سۆزىگە ماس كە‌لمە‌يدىغان ئۆرپ-‏ئادە‌تلىرىدىن ئازاد بولدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى ئۆلۈمگە يېتە‌كلە‌يدىغان گۇ‌ناھتىن ئازادلىققا چىقتى دە‌پ ھېسابلايدۇ.‏ مىلادى 33-‏يىلى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغاندا باشلانغان سىمۋوللۇ‌ق ئازادلىق يىلى ئە‌يسانىڭ مىڭ يىللىق پادىشاھلىقىنىڭ ئاخىرىدا ئاياقلىشىدۇ.‏ ئاشۇ ۋاقىت كە‌لگىچە قانداق ۋە‌قە‌لە‌ر ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ؟‏

يە‌ھۋا ئازادلىققا چىقىرىش ئۈچۈن ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان چارە

  1. ب.‏م.‏ 30-‏يىلى ئە‌يسا ناسىرە‌دىكى ئىبادە‌تخانىدا ئازادلىق يىلى توغرۇ‌لۇ‌ق جاكارلىغان (‏لۇ‌قا 4:‏21)‏

  2. ب.‏م.‏ 33-‏يىل سىمۋوللۇ‌ق ئازادلىق يىلى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنىغاندا باشلانغان (‏رىملىقلار 8:‏2،‏ 15—‏17)‏

  3. بۈگۈنكى كۈندە مە‌سىھ قىلىنغانلار ئازادلىق يىلى ئە‌كە‌لگە‌ن بە‌رىكە‌تلە‌ردىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىۋاتىدۇ

  4. مىڭ يىل ئە‌يسانىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ۋاقتىدا ئىنسانىيە‌ت گۇ‌ناھتىن ئازاد بولىدۇ ۋە مۇ‌كە‌ممە‌للىككە ئېرىشىدۇ

  5. ئە‌يسانىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرى سىمۋوللۇ‌ق ئازادلىق يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىنسانىيە‌ت گۇ‌ناھتىن ۋە ئۆلۈمدىن تامامە‌ن ئازاد بولىدۇ (‏رىملىقلار 8:‏21)‏

يە‌نە مىليونلىغان ئادە‌ملە‌ر ئە‌ركىنلىككە چىقىدۇ

13،‏ 14.‏ ئە‌يسا جاكارلىغان ئازادلىق يىلىنىڭ پايدىسىنى مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلاردىن باشقا يە‌نە كىملە‌ر كۆرە‌لە‌يدۇ؟‏

13 بۈگۈنكى كۈندە ھە‌رخىل مىللە‌تتىن چىققان مىليونلىغان سە‌مىمىي ئادە‌ملە‌ر ‹باشقا قويلارغا› كىرىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 10:‏16)‏.‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنى ئە‌يسا بىلە‌ن ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا تاللىمىغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ ئۇ‌لارنىڭ يە‌ردە مە‌ڭگۈ ياشاش پۇ‌رسىتى بار.‏ سىزدىمۇ شۇ‌نداق ئۈمىد بارمۇ؟‏

14 ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ سىز ھازىرنىڭ ئۆزىدە مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار ئىگە بولغان بە‌زى نە‌رسىلە‌رنىڭ پايدىسىنى كۆرە‌لە‌يسىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا ئىشە‌نسىڭىز،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دادىن گۇ‌ناھلىرىڭىزنى كە‌چۈرۈشنى سورىيالايسىز.‏ نە‌تىجىدە،‏ خۇ‌دانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ۋە پاك ۋىجدانغا ئېرىشىسىز (‏ئە‌فە‌س.‏ 1:‏7؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 7:‏14،‏ 15)‏.‏ شۇ‌نداقلا ساختا تە‌لىملە‌ردىن ئازاد بولۇ‌پ،‏ بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئىگە بولغانلىقىمىزنى ئويلاپ كۆرۈڭە!‏ ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سىلە‌ر ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌پ يېتىسىلە‌ر ۋە ھە‌قىقە‌ت سىلە‌رنى ئازاد قىلىدۇ» (‏يۇ‌ھاننا 8:‏32)‏.‏ بىز نېمە دېگە‌ن بە‌ختلىك ئادە‌ملە‌ر!‏

15.‏ بىز قانداق ئە‌ركىنلىكنى ۋە بە‌رىكە‌تلە‌رنى كۈتىۋاتىمىز؟‏

15 بىز كېلە‌چە‌كتە بۇ‌نىڭدىنمۇ چوڭ ئازادلىققا مۇ‌يە‌سسە‌ر بولىمىز.‏ پات ئارىدا ئە‌يسا ساختا دىنلارنى،‏ رە‌زىل ۋە ئادالە‌تسىز ھۆكۈمە‌تلە‌رنى يوق قىلىدۇ.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلغان «زور بىر توپ خالايىق»نى ھىمايە قىلىدۇ ۋە ئۇ‌لار يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتە بە‌رىكە‌تلە‌ردىن بە‌ھرىمە‌ن بولىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 7:‏9،‏ 14)‏‏.‏ ئىنتايىن كۆپ ئادە‌ملە‌ر تىرىلىدۇ ۋە ئۇ‌لار ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ گۇ‌ناھىنىڭ تە‌سىرىدىن پۈتۈنلە‌ي ئازاد بولۇ‌ش پۇ‌رسىتىگە ئىگە بولىدۇ.‏—‏ئە‌لچى.‏ 24:‏15.‏

16.‏ ئىنسانىيە‌ت كېلە‌چە‌كتە قانداق ئازادلىققا ئېرىشىدۇ؟‏

16 ئە‌يسا ئۆزىنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق دە‌ۋرىدە ئىنسانلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىن مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بۇ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىق مە‌زگىلىدە قە‌دىمقى زاماندىكى ئىسرائىل خە‌لقىنىڭ ئازادلىق يىلىغا ئوخشاپ كېتىدىغان قايتا ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈش ۋە ئە‌ركىنلىككە ئېرىشتۇ‌رۇ‌ش بولىدۇ.‏ شۇ ۋاقىتتا يە‌ھۋانىڭ ھە‌ممە سادىق خىزمە‌تچىلىرى گۇ‌ناھتىن ئازاد بولۇ‌پ،‏ مۇ‌كە‌ممە‌للىككە يېتىدۇ.‏

ھە‌رخىل مىللە‌تلە‌ردىن چىققان ئائىلىلە‌ر يېڭى دۇ‌نيادا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئۈزۈم يىغماقتا

يېڭى دۇ‌نيادا بىز پايدىلىق ۋە قانائە‌ت قىلارلىق ئىشلارنى قىلىشتىن بە‌ھرىمە‌ن بولىمىز (‏17-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

17.‏ يە‌شايا 65:‏21—‏23-‏ئايە‌تلە‌ردە،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى ھە‌ققىدە قانداق پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر يېزىلغان؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

17 كە‌لگۈسىدە يە‌ر يۈزىدە قانداق ھايات بولىدىغانلىقى يە‌شايا 65:‏21—‏23-‏ئايە‌تلە‌ردە (‏ئوقۇ‌ڭ)‏ تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر بىز يېڭى دۇ‌نيادا «ئالما پىش،‏ ئاغزىمغا چۈش» دە‌پ ئىشلىمە‌ي ياتىمىز دە‌پ ئويلايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى كۆڭۈلنى قانائە‌ت تاپقۇ‌زىدىغان پايدىلىق ئىشلار بىلە‌ن بە‌نت بولىدۇ.‏ ئە‌يسانىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاياقلاشقاندا،‏ «يارىتىلغان پۈتكۈل مە‌ۋجۇ‌دات چىرىپ كېتىش قۇ‌للۇ‌قىدىن ئازاد بولۇ‌پ،‏ خۇ‌دا پە‌رزە‌نتلىرى ئىگە بولىدىغان شە‌رە‌پلىك ئە‌ركىنلىككە ئىگە بولىدۇ».‏ بۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏—‏رىملىقلار 8:‏21.‏

18.‏ نېمـە ئۈچـۈن كېلە‌چە‌كتـە شاد-‏خـۇ‌رام ھايـات كە‌چۈرىدىغانلىقىمىزغا ئىشە‌نچ قىلالايمىز؟‏

18 يە‌ھۋا خۇ‌دا ئىسرائىل خە‌لقىنىڭ ھە‌م ئىشلە‌شكە،‏ ھە‌م دە‌م ئېلىشقا ۋاقتى بولۇ‌شىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلغىنىدە‌ك،‏ مە‌سىھنىڭ كېلە‌چە‌كتىكى مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ۋاقتىدىمۇ دە‌ل شۇ‌نداق قىلىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز يېڭى دۇ‌نيادىمۇ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىمىز.‏ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىش ھازىرمۇ،‏ يېڭى دۇ‌نيادىمۇ بىزنى شاد-‏خۇ‌راملىققا ئېرىشتۈرىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچ قىلالايمىزكى،‏ مە‌سىھنىڭ مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا،‏ ھە‌ممىمىز خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئۆزىمىز قانائە‌ت تاپقۇ‌دە‌ك سادىق خىزمە‌ت قىلىپ،‏ شاد-‏خۇ‌راملىق ئىچىدە ياشايمىز.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • ئازادلىق يىلى،‏ دېگە‌ن نېمە ۋە ئىسرائىللار ئۇ‌نىڭدىن قانداق پايدا كۆرگە‌ن ئىدى؟‏

  • يە‌ھۋا خۇ‌دا مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنى نېمىدىن ئازاد قىلغان؟‏

  • خۇ‌دا ‹باشقا قويلارنى› ئازادلىققا قانداق پۈتۈنلە‌ي ئېرىشتۈرىدۇ؟‏

54-‏ناخشا ئىماندا چىڭ تۇ‌رايلى!‏

a يە‌ھۋا قە‌دىمدە ئىسرائىل خە‌لقىنى ئە‌ركىنلىككە ياكى ئازادلىققا چىقىرىش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر چارە-‏تە‌دبىرنى بە‌لگىلىگە‌ن.‏ بۇ ئازادلىق يىلى ئىدى.‏ بۈگۈنكى كۈندە تە‌ۋرات قانۇ‌نىغا ئە‌مە‌ل قىلمىساقمۇ،‏ ئە‌مما ئازادلىق يىلى توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىش بىز ئۈچۈن ئە‌ھمىيە‌تلىك.‏ ئازادلىق يىلى يە‌ھۋانىڭ بىز ئۈچۈن بە‌لگىلىگە‌ن چارە-‏تە‌دبىرىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭ پايدىسىنى بىزمۇ كۆرە‌لە‌يمىز.‏

b سۈرە‌تتە:‏ قۇ‌ل بولغان ئادە‌ملە‌ر ئازادلىق يىلى ئە‌ركىنلىككە چىقىپ،‏ ئائىلىسىگە قايتىپ،‏ ئۆزىنىڭ يېرىگە ئىگە بولالايتتى.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش