كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م‌ئان20 3 № 4-‏5 ب.‏
  • مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ياراتقۇ‌چىمىز بىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ياراتقۇ‌چىمىز بىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ
  • كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • 1.‏ ياراتقۇ‌چىمىز قۇ‌ياش نۇ‌رىنى زېمىنغا چاچقۇ‌زىدۇ
  • ياراتقۇ‌چىمىز يامغۇ‌ر ياغدۇ‌رىدۇ
  • ياراتقۇ‌چىمىز ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈك ۋە كىيىم-‏كېچە‌ك بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ
كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
ك‌م‌ئان20 3 № 4-‏5 ب.‏
قۇ‌ياش تاغلار ئارقىسىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ

مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ياراتقۇ‌چىمىز بىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ

1.‏ ياراتقۇ‌چىمىز قۇ‌ياش نۇ‌رىنى زېمىنغا چاچقۇ‌زىدۇ

قۇ‌ياش بولمىسا،‏ يە‌ردىكى ھاياتلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالامىسز؟‏ قۇ‌ياش نۇ‌رى دە‌ل-‏دە‌رە‌خلە‌ر،‏ گۈل-‏گىياھلار،‏ مېۋىلە‌ر ۋە ئۇ‌رۇ‌قلارنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت بېرىدۇ.‏ يە‌نە قوياش نۇ‌رى تە‌سىرىدە،‏ دە‌رە‌خلە‌رنىڭ يىلتىزلىرى سۇ‌نى تۇ‌پراقتىن ئۆزىگە تارتىپ،‏ ھە‌ر بىر يوپۇ‌رماققا يە‌تكۈزۈپ بېرىدۇ ۋە كېيىن شۇ سۇ ھورغا ئايلىنىپ،‏ ئاتموسفېراغا تارقىلىپ كېتىدۇ.‏

تاغ باغرىدىكى ياپ-‏يېشىل چاي ئېتىزىنىڭ يىراقتىن تارتىلغان سۈرىتى.‏

ياراتقۇ‌چىمىز يامغۇ‌ر ياغدۇ‌رىدۇ

يامغۇ‌ر ئاللانىڭ بە‌رگە‌ن سوۋغىتى.‏ ئۇ يامغۇ‌ر ئارقىلىق يە‌ردە ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈكلە‌رنى ئۆستۈرىدۇ.‏ مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ئىگىمىز ئاسماندىن يامغۇ‌ر ياغدۇ‌رۇ‌پ،‏ زېمىن مول ھوسۇ‌لغا تولدۇ‌رغاندا،‏ تۈرلۈك ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈكلە‌رنىڭ كۆپلىكىدىن قە‌لبىمىز شات-‏خوراملىققا چۆمدۈ.‏

دە‌رە‌خ شېخىدا ئولتارغان قۇ‌ش چۈشۈپ كېتىۋاتقان مېۋىنى تۇ‌تۇ‌شقا تىرىشىۋاتىدۇ.‏

ياراتقۇ‌چىمىز ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈك ۋە كىيىم-‏كېچە‌ك بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ

نۇ‌رغۇ‌ن ئائىلە باشلىقلىرى ئائىلىسىدىكىلە‌رنىڭ كىيىمى پۈتۈن،‏ قوسىقى توق بولۇ‌شى ئۈچۈن تە‌ر تۆكۈپ ئە‌مگە‌ك قىلىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا:‏ «كۆكتىكى قۇ‌شلارنى دىققە‌ت بىلە‌ن كۆزىتىڭلار.‏ ئۇ‌لار ئۇ‌رۇ‌ق چاچمايدۇ،‏ ھوسۇ‌ل يىغمايدۇ ۋە ئامبارغا توپلىمايدۇ.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئاسماندىكى ئاتاڭلار ئۇ‌لارنى تويغۇ‌زىدۇ.‏ سىلە‌ر ئاشۇ قۇ‌شلاردىن كۆپ ئە‌زىز ئە‌مە‌سمۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏—‏مە‌تتا 6:‏25،‏ 26‏.‏

‏«دالادا ئۆسۈۋاتقان ياۋا گۈللە‌رگە قاراپ،‏ ئىبرە‌ت ئېلىڭلار؛‏ ئۇ‌لار ئىشلىمە‌يدۇ ياكى يىپ ئېگىرىپ تىكمە‌يدۇ.‏ لېكىن،‏ سىلە‌رگە شۇ‌نى ئېيتايكى،‏ ھە‌تتا پادىشاھ سۇ‌لايمان ئە‌ڭ زور شان-‏شۆھرە‌ت قازانغان زاماندا ھە‌م شۇ ياۋا گۈللە‌رنىڭ بىرىدە‌ك كىيىنگە‌ن ئە‌مە‌س.‏ ئە‌گە‌ر خۇ‌دا دالىدىكى بۈگۈنى بار،‏ ئە‌تىسى ئوچاقتىكى ئوتقا تاشلىنىدىغان ئوت-‏چۆپنى شۇ‌نداق كىيىندۈرگە‌ن بولسا،‏ سىلە‌رنى ئۇ‌نىڭدىنمۇ ئارتۇ‌قراق كىيىندۈرمە‌سمۇ؟‏».‏—‏مە‌تتا 6:‏28—‏30‏.‏

ئە‌گە‌ر رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك ئاللا بىزنى يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ك ۋە كىيىم-‏كېچە‌ك بىلە‌ن تە‌مىنلىسە،‏ ئۇ بىزنى باشقا كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىمىزدىكى كېرە‌كلىك نە‌رسىلە‌ر بىلە‌نمۇ چوقۇ‌م تە‌مىنلىمە‌سمۇ؟‏!‏ شۇ‌ڭا،‏ ئاللانىڭ ئىرادىسىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويساق،‏ دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا تۆككە‌ن قان-‏تە‌رىمىزنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ ياكى جان بېقىش ئۈچۈن ئىش تېپىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏مە‌تتا 6:‏32،‏ 33‏.‏

شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ قۇ‌ياش،‏ يامغۇ‌ر،‏ قۇ‌شلار ۋە گۈللە‌ر توغرىسىدا ئويلانغاندا،‏ ياراتقۇ‌چىغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن سە‌ۋە‌بلە‌رنىڭ بارلىقىنى چۈشىنىمىز.‏

ياراتقۇ‌چىمىز قۇ‌ياش نۇ‌رىنى چۈشۈىدۇ.‏ يامغۇ‌رنىمۇ ياغدۇ‌رىدۇ—‏مە‌تتا 5:‏45‏.‏

ياراتقۇ‌چى بىزگە چوڭقۇ‌ر كۆڭۈل بۆلۈپ،‏ غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ ئۇ مە‌رد ۋە مېھىرىبان ئاتىدە‌ك ئىنسانلارنىڭ غېمىنى يە‌يدۇ.‏ شۇ ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا:‏ «ئاتاڭلار نېمىگە مۇ‌ھتاج بولغىنىڭلارنى ھە‌تتا سىلە‌ر ئۇ‌نىڭدىن تىلىمە‌ستىن ئاۋۋال بىلىدۇ»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏—‏مە‌تتا 6:‏8‏.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش