كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م‌ئان20 3 № 6-‏ب.‏
  • ئاللا ئۆز ۋە‌دىلىرى ھە‌ققىدە ئېيتىپ بېرىدۇ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئاللا ئۆز ۋە‌دىلىرى ھە‌ققىدە ئېيتىپ بېرىدۇ
  • كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ياراتقۇ‌چىنىڭ سۆزى كە‌ڭ تارقالغان
  • خۇ‌دا ئىنسانلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى چۈشە‌رگە‌ن
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر راستىنلا خۇ‌دادىن كە‌لگە‌نمۇ؟‏
    خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • خۇ‌دانىڭ سۆزىگە قانداق قۇ‌لاق سالىمىز؟‏
    خۇ‌دانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىپ مە‌ڭگۈ ياشاڭ!‏
كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2020
ك‌م‌ئان20 3 № 6-‏ب.‏
شىركە‌ت مۇ‌دىرى كاتىپىغا سۆزمۇ-‏سۆز خە‌تكە نېمە يېزىشنى ئېيتىپ بېرىۋاتىدۇ،‏ كاتىپ بولسا ئېيتقانلىرىنى كومپيۇ‌تېردا يېزىۋاتىدۇ.‏

مۇ‌دىر ئۆز نامىدىن خە‌تنى يېزىش ئۈچۈن كاتىپىنى ئىشلە‌تكە‌ندە‌ك،‏ خۇ‌دامۇ بە‌زى سادىق كىشىلە‌رنى ئىشلىتىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى يازدۇ‌رغان.‏

ئاللا ئۆز ۋە‌دىلىرى ھە‌ققىدە ئېيتىپ بېرىدۇ

ئە‌زە‌لدىن تارتىپ،‏ ياراتقۇ‌چىمىز ئۆز سۆزلىرىنى پە‌رىشتىلە‌ر ۋە پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر ئارقىلىق ئىنسانىيە‌تكە يە‌تكۈزگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ ئۆز سۆزلىرى ۋە ۋە‌دىلىرىنى يازدۇ‌رۇ‌پ،‏ كېلە‌چىكىمىز ھە‌ققىدە بىزگە ئالدىن خە‌ۋە‌ر بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ شۇ ۋە‌دىلە‌رنى قە‌يە‌ردىن ئوقۇ‌يالايسىز؟‏

پە‌رۋە‌ردىگار يە‌تكۈزمە‌كچى بولغان خە‌ۋە‌رنى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا يازدۇ‌رغان (‏2-‏تىموتىي 3:‏16)‏.‏ خۇ‌دا ئۆز ئوي-‏پىكىرلىرىنى پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ ئە‌قلىگە سالغان.‏ ئۇ‌لار بولسا،‏ شۇ ئوي-‏پىكىرلە‌رنى قە‌لە‌مگە ئالغان (‏2-‏پېترۇ‌س 1:‏21)‏.‏ بۇ‌نى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئە‌گە‌ر بىر شىركە‌ت مۇ‌دىرى ئۆز نامىدىن خە‌ت يېزىش ئۈچۈن كاتىپىنى ئىشلە‌تسە،‏ بۇ خە‌تنىڭ مۇ‌ئە‌للىپى كاتىپ ئە‌مە‌س،‏ مۇ‌دىر بولىدىغانلىقىغا گۇ‌مانلانمايمىز.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ھە‌ممىگە قادىر ئاللا ئادە‌ملە‌رنى ئىشلىتىپ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى يازدۇ‌رغان بولسىمۇ،‏ ئاللا ئۆزى بۇ كىتابنىڭ ھە‌قىقىي مۇ‌ئە‌للىپىدۇ‌ر.‏

ياراتقۇ‌چىنىڭ سۆزى كە‌ڭ تارقالغان

خۇ‌دادىن كېلىدىغان خە‌ۋە‌ر ئىنتايىن مۇ‌ھىم بولغاچ،‏ ئۇ بارچە ئىنسانلارنىڭ شۇ خە‌ۋە‌رنى ئوقۇ‌پ چۈشىنىشىنى خالايدۇ.‏ بۈگۈنكى كۈندە «ھە‌ر بىر مىللە‌ت،‏ قە‌بىلە،‏ تىل ۋە خە‌لق» خۇ‌دانىڭ مە‌ڭگۈلۈك خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى ئاڭلىيالايدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 14:‏6)‏.‏ ئاللانىڭ رە‌ھمىتى ۋە بە‌رىكىتى بىلە‌ن،‏ ھازىر مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار تولۇ‌ق ياكى قىسمە‌ن 3000دىن كۆپرە‌ك تىلغا تە‌رجىمە قىلىنىپ،‏ يە‌ر يۈزىدە ئە‌ڭ كە‌ڭ تارقالغان كىتابقا ئايلانغان.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش