13-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋا بىزنى قانداق ھىمايە قىلىدۇ؟
«ھەزرىتىمىز ئىشەنچىلىكتۇر. ئۇ سىلەرنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە ياۋۇزدىن قوغدايدۇ».—2-سالونىكا. 3:3.
18-ناخشا خۇدانىڭ چىن مۇھەببىتى
بۇ ماقالىدەa
1. نېمە ئۈچۈن ئەيسا ئۆز شاگىرتلىرىنى ھىمايە قىلىشنى ئاتىسىدىن ئۆتۈنگەن؟
ئەيسا يەر يۈزىدىكى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كېچىسىدە، شاگىرتلىرى دۇچ كېلىدىغان بارلىق قىيىنچىلىقلار توغرۇلۇق ئويلىغان. ئەيسا شاگىرتلىرىنى بەكمۇ ياخشى كۆرگەچ، ئۇ ئۆز ئاتىسىدىن ئۇلارنى شەيتاندىن ساقلاشنى ئۆتۈنگەن (يۇھاننا 17:14، 15). ئەيسا ئاسمانغا قايتقاندىن كېيىن، شەيتان ئىبلىسنىڭ داۋاملىق يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلارغا قارشى جەڭ قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن. ئېنىقكى، يەھۋانىڭ خەلقى ھىمايىگە مۇھتاج.
2. نېمە ئۈچۈن بىز يەھۋانىڭ دۇئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالايمىز؟
2 يەھۋا ئۆز ئوغلىنى سۆيگەچ، ئۇنىڭ دۇئاسىغا جاۋاب بەرگەن. ئەگەر يەھۋانى خۇشال قىلىش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقارساق، ئۇ بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ، ياردەم ۋە ھىمايە سوراپ قىلغان دۇئالىرىمىزغا چوقۇم جاۋاب بېرىدۇ. يەھۋا بىر مېھرىبان ئاتا بولغاچقا، ئۆز پەرزەنتلىرىگە داۋاملىق غەمخورلۇق قىلماقتا. ئەگەر يەھۋا ئاتىمىز شۇنداق قىلمىسا، بۇ ئۇنىڭ ئىسىمىغا داغ كەلتۈرۈپ، ئابرويىنى چۈشۈرەتتى.
3. بۈگۈنكى كۈندە بىز نېمە ئۈچۈن يەھۋا خۇدانىڭ ھىمايىسىگە مۇھتاج؟
3 شەيتان ئاسماندىن قوغلىنىپ، قەھرى-غەزەپ بىلەن يەرگە چۈشكەچكە، ھازىر بىز يەھۋانىڭ ھىمايىسىگە بەك مۇھتاج (ۋەھىي. 12:12). شەيتان بەزى كىشىلەرنى شۇنىڭغا ئىشەندۈرىدۇكى، ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلسا، ئۆزلىرىنى خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، دەپ ئويلايدۇ (يۇھاننا 16:2). خۇداغا ئىشەنمەيدىغان باشقىلار بولسا، بىز مۇشۇ دۇنيانىڭ ئېقىمىغا ئەگىشىپ ياشىمىغاچقا، بىزگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ. بىراق، ئادەملەرنىڭ بىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز قورقمايمىز. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، خۇدا سۆزىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ھەزرىتىمىز ئىشەنچىلىكتۇر. ئۇ سىلەرنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە ياۋۇزدىن قوغدايدۇ» (2-سالونىكا. 3:3). يەھۋا بىزنى قانداق قوغدايدۇ؟ كېلىڭلار، ئىككى ئۇسۇلىنى كۆرۈپ باقايلى.
يەھۋا بىزنى قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ
4. ئەفەسلىكلەر 6:13—17-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، يەھۋا بىزنى قوغداش ئۈچۈن بىزگە نېمە بەرگەن؟
4 يەھۋا خۇدا بىزنى شەيتاننىڭ ھۇجۇمىدىن ھىمايە قىلىش ئۈچۈن بىزگە قوغدىنىش قوراللىرىنى بەرگەن (ئەفەسلىكلەر 6:13—17-نى ئوقۇڭ). بۇ قوغدىنىش قوراللىرى بەك كۈچلۈك ۋە بىزنى ياخشى ھىمايە قىلالايدۇ. بىراق، بۇ قوغدىنىش قوراللىرىنىڭ ھەر بىرىنى كىيىپ، يېشىۋەتمەي يۈرگەن چاغدىلا، ئۇلار بىزنى قوغدىيالايدۇ. بۇ قوغدىنىش قوراللىرىنىڭ ھەربىرى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ كېلىڭلار، ھازىر ئۇلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقايلى.
5. ھەقىقەت بەلبېغى دېگەن نېمە ۋە بىز ئۇنى نېمە ئۈچۈن باغلىشىمىز كېرەك؟
5 ھەقىقەت بەلبېغى مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنى بىلدۈرىدۇ. نېمە ئۈچۈن ھەقىقەت بەلبېغىنى باغلىشىمىز كېرەك؟ چۈنكى، شەيتان يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسىدۇر (يۇھاننا 8:44). شەيتان نەچچە مىڭ يىللار داۋامىدا، ئالداش ماھارىتىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيانى ئازدۇرۇپ كەلمەكتە (ۋەھىي. 12:9). بىراق، مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەر بىزنى يالغانچىلىققا ئالدىنىپ قېلىشتىن قوغدايدۇ. بىز يەھۋا خۇدا توغرۇلۇق بىلىم ئالساق، مۇقەددەس روھ ۋە ھەقىقەتكە ماس ئىبادەت قىلساق ۋە ھەر بىر ئىشتا ئۆزۈمىزنى سەمىمىي راستچىل تۇتساق، ھەقىقەت بەلبېغىنى باغلىغان بولىمىز.—يۇھاننا 4:24؛ ئەفەس. 4:25؛ ئىبرانىي. 13:18.
بەلباغ: مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەر
6. ھەققانىيلىق ساۋۇتى دېگەن نېمە ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇنى كىيىشىمىز كېرەك؟
6 ھەققانىيلىق ساۋۇتى يەھۋا خۇدانىڭ يۇقىرى ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى بىلدۈرىدۇ. نېمە ئۈچۈن بىز ھەققانىيلىق ساۋۇتىنى كىيىشىمىز زۆرۈر؟ ساۋۇت ئەسكەرنىڭ يۈرىكىنى ئوقيا ئوقلىردىن قوغدىغاندەك، ھەققانىيلىق ساۋۇتىمۇ قەلبىمىزنى بۇ دۇنيانىڭ يامان تەسىرىدىن قوغدايدۇ (پەند. نە 4:23). يەھۋا بىزنىڭ ئۇنى پۈتۈن قەلب بىلەن سۆيۈشىمىزنى ۋە خىزمەت قىلىشىمىزنى خالايدۇ (مەتتا 22:36، 37). شەيتان بىزنى چىن يۈرەكتىن يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتىن توختىتىش ئۈچۈن، يەھۋا ئۆچ كۆرىدىغان نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ (ياقۇپ 4:4؛ 1-يۇھاننا 2:15، 16). ئەگەر شەيتاننىڭ بۇ ھىيلە-مىكىرى نەتىجىسىز بولسا، ئۇ بىزنى قورقۇتۇپ، يەھۋا خۇدانىڭ ئۆلچەملىرىنى بۇزىدىغان ئىشلارنى قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.
ساۋۇت: يەھۋا خۇدانىڭ يۇقىرى ئەخلاقىي ئۆلچەملىرى
7. ھەققانىيلىق ساۋۇتىنى قانداق كىيەلەيمىز؟
7 ھەققانىيلىق ساۋۇتىنى كىيگەن كىشى، يەھۋانىڭ نېمە ياخشى، نېمە يامان ئىكەنلىكىگە بولغان كۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ ئۆلچەملەرگە ماس ھايات كەچۈرىدۇ (زەبۇر 97:10). بەزىلەر يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرى ئەركىنلىكىمىزنى چەكلەيدۇ، دەپ ئويلايدۇ. بىراق، ئەگەر بىز مۇقەددەس كىتاب ئۆلچەملىرىگە ماس ھايات كەچۈرۈشنى توختاتساق، بىز ئۇرۇش ۋاقتىدا ساۋۇتىنى بەك ئېغىر، دەپ يېشىپ تاشلىغان ئەسكەرگە ئوخشاپ قالىمىز. بۇ نېمە دېگەن ئەخمىقانە ئىش، ھە! يەھۋانى سۆيىدىغان ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ قانۇنلىرى ئېغىر يۈك ئەمەس، بەلكى ھاياتنى ساقلاپ قالىدىغان يولباشچىلىقتۇر.—1-يۇھاننا 5:3.
8. پۇتۇڭلارغا تىنچلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش تەييارلىقىنى كىيىش دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
8 ئەلچى پاۋلۇس پۇتۇڭلارغا تىنچلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش تەييارلىقىنى كىيىڭلار، دەپ ئۈندىگەن. باشقىچە ئېيتقاندا، چوقۇم خۇدا پادىشاھلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىشقا ھەردائىم تەييار بولۇشىمىز كېرەك. مۇقەددەس كىتابتىكى خۇش خەۋەرنى باشقىلارغا ئېيتساق، ئېتىقادىمىز كۈچىيىدۇ. دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى خۇدا خەلقى باشقىلارغا خۇش خەۋەرنى ئېيتىشنىڭ ھەر بىر پۇرسىتىدىن خۇشاللىق بىلەن پايدىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئىشتا، مەكتەپتە، سودا-سېتىق قىلىدىغان جايلاردا، ئۆيمۇ-ئۆي ۋەز قىلغاندا، بىر نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندا، يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلىغاندا ۋە تونۇش ياكى ناتونۇش ئادەملەر بىلەن سۆھبەتلەشكەندە خۇش خەۋەرنى ئېيتىدۇ. بۇنى كۆرۈش ھەقىقەتەن بىزگە كۆپ ئىلھام بېرىدۇ. ئەگەر بىز بەك قورقۇپ كېتىپ، ۋەز قىلىشنى توختاتساق، ئۇرۇش ۋاقتىدا چورۇقىنى سېلىپ تاشلىغان ئەسكەرگە ئوخشاش بولۇپ قالىمىز. شۇنداق ئەسكەرنىڭ پۇتلىرى ئوڭايلا يارلىنىدۇ. نەتىجىدە، شۇنداق ئەسكەر دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالمايدۇ ۋە ئۆز قوماندانىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنالماي قالىدۇ.
چورۇق: ھەرقاچان خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىشقا تەييار تۇرۇش روھى
9. نېمە ئۈچۈن بىز ئېتىقادنىڭ يوغان قالقىنىنى چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك؟
9 ئېتىقادنىڭ يوغان قالقىنى يەھۋاغا بولغان ئىمان-ئېتىقادىمىزنى بىلدۈرىدۇ. خۇدا ئۆزىنىڭ ھەممە ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. شۇنداق ئېتىقاد ياۋۇزنىڭ بارلىق ئوتلۇق ئوقلىرىنى ئۆچۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇ يوغان قالقاننى ئېلىپ يۈرۈشىمىز كېرەك؟ چۈنكى، ئۇ بىزنى ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ تەلىملىرىنىڭ تەسىرىدىن ياكى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ مەسخىرە قىلىپ ئۈمىدسىزلەندۈرۈشىدىن ھىمايە قىلىدۇ. ئىمان-ئېتىقاد بولمىسا يەھۋانىڭ ئۆلچەملىرىنى بۇزۇشقا قايىل قىلىدىغان ئادەملەرگە قارشى كۈرەش قىلىشقا كۈچ چىقىرالمايمىز. ئەمما، ھەر قېتىم ئىشتا ياكى مەكتەپتە خۇدا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى رەت قىلىش ئارقىلىق ئىمان-ئېتىقادىمىزنى ھىمايە قىلىمىز (1-پېتر. 3:15). ھەر قېتىم يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا كاشىلا قىلىدىغان يۇقىرى مائاشلىق ئىشنى رەت قىلىش ئارقىلىقمۇ ئىمان-ئېتىقادىمىزنى ھىمايە قىلىمىز (ئىبرانىي. 13:5، 6). قارشىلىقلارغا قارىماستىن، يەھۋاغا خىزمەت قىلساق، ئېتىقادنىڭ يوغان قالقىنى بىزنى ھىمايە قىلىدۇ.—1-سالونىكا. 2:2.
قالقان: يەھۋاغا ۋە ئۇنىڭ ۋەدىلىرىگە بولغان ئىشەنچ
10. قۇتقۇزۇش دۇبۇلغىسى دېگەن نېمە ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇنى كىيىپ يۈرۈشىمىز كېرەك؟
10 قۇتقۇزۇش دۇبۇلغىسى يەھۋا خۇدا بېرىدىغان ئۈمىد. بۇ ئۈمىد خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلايدىغان كىشىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ ۋە ھەتتا بىز ئۆلۈپ كەتسەكمۇ، ئۇ بىزنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ، دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (1-سالونىكا. 5:8؛ 1-تىموت. 4:10؛ تىتۇس 1:1، 2). دۇبۇلغا ئەسكەرنىڭ بېشىنى قوغدىغاندەك، قۇتقۇزۇشقا بولغان ئۈمىدىمىزمۇ ئوي-پىكىرىمىزنى ھىمايە قىلىدۇ. قانداق قىلىپ؟ ئۇ بىزنى خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە كۆز تىكىشكە دەۋەت قىلىدۇ ۋە قىيىنچىلىقلارنىڭ بىزنى بېسىپ چۈشۈشىگە قارشى تۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. قۇتقۇزۇش دۇبۇلغىسىنى قانداق كىيىپ يۈرەلەيمىز؟ ئوي-پىكىرلىرىمىزنى خۇدانىڭ پىكىر قىلىش تەرزىگە ماس كەلتۈرۈش ئارقىلىق قىلالايمىز. مەسىلەن، بىز ئۈمىدىمىزنى ئۆزگىرىشچان بايلىققا ئەمەس، خۇداغا باغلايمىز.—زەبۇر 26:2؛ 104:34؛ 1-تىموت. 6:17.
دۇبۇلغا: مەڭگۈلۈك ھاياتقا بولغان ئۈمىد
11. مۇقەددەس روھ قىلىچى دېگەن نېمە ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك؟
11 مۇقەددەس روھ قىلىچى بولسا خۇدا سۆزى مۇقەددەس كىتابنى بىلدۈرىدۇ. بۇ قىلىچ تۈرلۈك يالغانچىلىقلارنى ئاشكارىلاش ۋە كىشىنى ساختا تەلىملەرنىڭ ھەم زىيانلىق ئادەتلەرنىڭ قۇللىقىدىن قۇتقۇزۇش كۈچىگە ئىگە (2-كورىنت. 10:4، 5؛ 2-تىموت. 3:16، 17؛ ئىبرانىي. 4:12). ئەگەر مۇقەددەس كىتابنى شەخسىي تەتقىق قىلىپ ئۆگەنسەك ۋە خۇدا تەشكىلاتىدىن ئالغان تەلىملەرنى قوللانساق، بۇ قىلىچنى توغرا ئىشلىتىشنى ئۆگىنىمىز (2-تىموت. 2:15). يەھۋا شۇ قوغدىنىش قوراللىرىدىن سىرت، يەنە باشقا ئۇسۇل ئارقىلىقمۇ بىزنى قوغدايدۇ. ئۇ قانداق ئۇسۇل؟
قىلىچ: خۇدانىڭ سۆزى مۇقەددەس كىتاب
كۈرەش قىلىشتا بىز يالغۇز ئەمەس
12. بىز يەنە نېمىگە مۇھتاج ۋە نېمە ئۈچۈن؟
12 تەجرىبىلىك ئەسكەر چوڭ بىر قوشۇنغا يالغۇز ئۆزى قارشى جەڭ قىلالمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. ئۇ باشقا ئەسكەرلەرنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ شەيتان ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىغا قارشى يالغۇز جەڭ قىلالمايمىز. بىز بۇرادەرلىرىمىزنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە بەك مۇھتاج. يەھۋا بىزگە ياردەم بېرىشكە تەييار بولغان پۈتۈن دۇنيادىكى ئېتىقادچى قېرىنداشلارنى بەرگەن.—1-پېتر. 2:17.
13. 2-تىموتىي 2:3-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، جامائەت يىغىلىشلىرىنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
13 جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ئارقىلىق بىز باشقىلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىمىز (ئىبرانىيلار 10:24، 25-نى ئوقۇڭ). بەزىدە ھەممىمىز چۈشكۈنلۈككە چۈشىمىز. شۇنداق ۋاقىتلاردا بىز جامائەت يىغىلىشلىرىدىن ئىلھام ئالالايمىز. جامائەتتە ئېتىقادداشلىرىمىزنىڭ سەمىمىي ۋە چىن يۈرەكتىن چىققان جاۋابلىرى بىزنى روھلاندۇرىدۇ. مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نۇتۇقلار ۋە سەھنىدە كۆرسەتكەن ئۈلگىلەر بىزنى داۋاملىق يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. يىغىلىشنىڭ ئالدىدىكى ۋە كەينىدىكى ئىلھام بېرىدىغان سۆھبەتلەر بىزگە تەسەللى بېرىدۇ (1-سالونىكا. 5:14). بۇنىڭدىن تاشقىرى جامائەت يىغىلىشىدا باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئىمكانىيىتىمىز بار. بۇ بولسا، بىزنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدۇ (ئەلچى. 20:35؛ رىملىقلار 1:11، 12). جامائەت يىغىلىشلىرى بىزگە يەنە باشقا تەرەپتىنمۇ ياردەم بېرىدۇ. يىغىلىشلار بىزگە ۋەز قىلىش ۋە تەلىم بېرىش ماھارىتىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، تەلىم بېرىش قوراللىرىدىن ئۈنۈملۈكرەك پايدىلىنىشنى ئۆگىنىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، جامائەت يىغىلىشلىرىغا ياخشى تەييارلىنىڭ. يىغىلىش ۋاقتىدا پروگراممىنى دىققەت قويۇپ تىڭشاڭ. يىغىلىشتىن كېيىن بولسا، ئالغان بىلىملىرىڭىزنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، سىز ئەيسانىڭ ياخشى جەڭچىسى بولالايسىز.—2-تىموت. 2:3.
14. بىزگە يەنە كىم ياردەم بېرەلەيدۇ؟
14 بىزنى يەنە مىليونلىغان قۇدرەتلىك پەرىشتىلەر قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. پەقەت بىرلا پەرىشتىنىڭ قانچىلىك كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭە! (يەشايا 37:36) ئەمدى بولسا، پەرىشتىلەرنىڭ قۇدرەتلىك قوشۇنى قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. ھېچ بىر ئادەم ياكى جىن يەھۋانىڭ قۇدرەتلىك قوشۇنىنى يېڭەلمەيدۇ. يەھۋا ھەممىگە قادىر خۇدا. شۇڭا، ئەگەر يەھۋا بىلەن بولساق، دۈشمەنلىرىمىزنىڭ سانى قانچە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ھەرقاچان ئۇلاردىن كۈچلۈكرەك بولىمىز (ھاكىم. 6:16). بۇ سۆزلەرنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ھېچ گۇمان قىلماڭ. خىزمەتداشلىرىڭىز، سىنىپداشلىرىڭىز ياكى گۇۋاھچى ئەمەس ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىزنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ياكى قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرى سىزنى قورقۇتسا، مۇشۇ مۇھىم ئوي-پىكىرلەرنى ئەستە ساقلاڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇ جەڭدە سىز يالغۇز ئەمەس، سەۋەبى سىز يەھۋانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىۋاتىسىز.
يەھۋا بىزنى داۋاملىق ھىمايە قىلىدۇ
15. يەشايا 54:15، 17-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، نېمە ئۈچۈن خۇدا خەلقىنىڭ ۋەز قىلىشىنى ھېچ كىم توختىتالمايدۇ؟
15 شەيتاننىڭ قول ئاستىدىكى بۇ دۇنيانىڭ بىزنى ئۆچ كۆرۈشىگە نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار. بىز سىياسىي بىتەرەپلىكنى قەتئىي ساقلايمىز ۋە ھېچقانداق ئۇرۇشلارغا قاتناشمايمىز. بىز خۇدا ئىسىمى توغرۇلۇق جاكارلايمىز، خۇدا پادىشاھلىقى تىنچلىقنىڭ بىردىن-بىر ئۈمىدى، دەپ ۋەز قىلىمىز ۋە ئۇنىڭ ھەققانىي ئۆلچەملىرىگە بويسۇنىمىز. بىز بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانىنىڭ قاتىل ۋە يالغانچى ئىكەنلىكىنى كىشىلەرگە ئاشكارە قىلىمىز (يۇھاننا 8:44). بىز شەيتان دۇنياسىنىڭ پات يېقىندا چوقۇم ۋەيران قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىمىز. بىراق، شەيتان ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى ۋەز ئىشىمىزنى ھېچقاچان توختىتالمايدۇ. ئەكسىنچە، بىز ئىمكانىيىتىمىزنىڭ بارىچە يەھۋا خۇدانى مەدھىيىلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز. شەيتان قانچىلىك كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغىچە ۋەز قىلىنىشىنى توختىتالمىدى. چۈنكى، يەھۋا ئۆزى بۇ ئىشنى ھىمايە قىلىدۇ.—يەشايا 54:15، 17-نى ئوقۇڭ.
16. دەھشەتلىك بالايىئاپەت مەزگىلىدە يەھۋا ئۆز خەلقىنى قانداق قۇتقۇزىدۇ؟
16 پات يېقىندا قانداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى كۈتۈۋاتىمىز؟ دەھشەتلىك بالايىئاپەت مەزگىلىدە، يەھۋا بىزنى ئىككى ئۇسۇل بىلەن قۇتقۇزىدۇ. ئاۋۋال، ئۇ يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى ساختا دىنلار ئىمپېرىيىسى بولغان بۈيۈك بابىلنى ۋەيران قىلىشقا قايىل قىلغان چاغدا، ئۇ ئۆز سادىق خىزمەتچىلىرىنى قۇتقۇزىدۇ (ۋەھىي. 17:16—18؛ 18:2، 4). كېيىن، ئارماگېدون ئۇرۇشىدا شەيتان دۇنياسىنىڭ قالغان قىسىملىرىنى يوق قىلغاندا، ئۆز خەلقىنى قۇتقۇزىدۇ.—ۋەھىي. 7:9، 10؛ 16:14، 16.
17. يەھۋا خۇدا بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋەت بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
17 ئەگەر يەھۋا خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولساق، شەيتان بىزگە مەڭگۈ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەكسىنچە، شەيتاننىڭ ئۆزى مەڭگۈگە يوق قىلىنىدۇ (رىملىقلار 16:20). كېلىڭلار، ئۈستىمىزگە قوغدىنىش قوراللىرىنى پۈتۈنلەي كىيىپ، ئۇلارنى يېشىۋەتمەي داۋاملىق تەييار تۇرايلى! شەيتان ۋە ئۇنىڭ دۇنياسىغا يالغۇز قارشى جەڭ قىلىشقا ئۇرۇنماڭ. ئېتىقادداشلىرىڭىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەڭ ۋە يەھۋا خۇدانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىڭ. ئەگەر شۇنداق قىلسىڭىز، ئاسماندىكى مېھرىبان ئاتىڭىزنىڭ سىزنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقىغا ۋە ھىمايە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالايسىز.—يەشايا 41:10.
46-ناخشا يەھۋا — پادىشاھىمىز!
a مۇقەددەس كىتابتا ۋەدە قىلىنغاندەك، يەھۋا خۇدا بىزنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە پەقەت روھىي جەھەتتىن ھىمايە قىلىپلا قويماي، بەلكى ئۇزاق مەزگىل داۋام قىلىدىغان زىيانكەشلىكتىن قوغدايدۇ. بۇ ماقالىدە تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز: بىز نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ قوغدىشىغا مۇھتاج؟ يەھۋا بىزنى قانداق ھىمايە قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا بولۇش ئۈچۈن بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟