كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م21 ئۆكتە‌بىر 29-‏31 ب.‏
  • 1921 —‏ يۈز يىل بۇ‌رۇ‌ن

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • 1921 —‏ يۈز يىل بۇ‌رۇ‌ن
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • جە‌سۇ‌ر ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار
  • شە‌خسىي ۋە ئائىلىۋى تە‌تقىق
  • يېڭى كىتاب!‏
  • بىزنى كۈتۈپ تۇ‌رغان ئىشلار
  • يە‌ھۋانىڭ دېگىنىنى قىلىپ،‏ مول بە‌رىكە‌تكە ئېرىشتىم
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • 1922 —‏ يۈز يىل ئىلگىرى
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • 1923 —‏ يۈز يىل بۇ‌رۇ‌ن
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2023
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
ك‌م21 ئۆكتە‌بىر 29-‏31 ب.‏

1921.‏ يۈز يىل بۇ‌رۇ‌ن

كۈزىتىش مۇ‌نارى ژۇ‌رنىلى،‏ 1921-‏يىلى،‏ 1-‏يانۋار سانىدا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى قىزغىن تە‌تقىق قىلغۇ‌چىلار مۇ‌نداق بىر سوئالنى ئوتتۇ‌رىغا قويغان.‏ «بۇ يىل بىزنى قانداق ئىشلار كۈتۈۋاتىدۇ؟‏» بۇ سوئالنىڭ جاۋابى،‏ يە‌شايا 61:‏1،‏ 2-‏ئايە‌تلە‌ردە تىلغا ئېلىنغاندە‌ك،‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلاش ئىدى.‏ «يە‌ھۋا مېنى ياۋاشلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈشكە مە‌سىھ قىلدى.‏ .‏ .‏ پە‌رۋە‌ردىگارنىڭ شاپائە‌ت كۆرسىتىدىغان يىلىنى،‏ خۇ‌دايىمىزنىڭ قىساس ئالدىغان كۈنىنى ئېلان قىلىش،‏ .‏ .‏ .‏ ئۈچۈن ئە‌ۋە‌تتى»‏

جە‌سۇ‌ر ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار

مۆمىنلە‌رگە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈپ،‏ رە‌زىللىك قىلغۇ‌چىلارغا بولسا،‏ خۇ‌دانىڭ قىساس كۈنى ھە‌ققىدە جاكارلىشى ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغۇ‌چىلار جە‌سۇ‌ر بولۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى.‏

كانادادا ياشىغان بۇ‌رادە‌ر خوسكىن قارشىلىقلارغا قارىماي،‏ جە‌سۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن گۇ‌ۋاھلىق بە‌رگە‌ن.‏ 1921-‏يىلى باھاردا،‏ ئۇ بىر چىركاۋنىڭ روھانىيسى بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىپ قالغان.‏ بۇ‌رادە‌ر خوسكىن سۆھبە‌ت باشلاپ:‏ «بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە خۇ‌شال-‏خۇ‌رام سۆھبە‌ت ئۆتكۈزۈشىمىز كېرە‌ك.‏ ھە‌تتا بە‌زى نە‌رسىلە‌ردە ئوي-‏پىكىرىمىز بىر يە‌ردىن چىقمىسىمۇ،‏ بىز يە‌نىلا سۆھبىتىمىزنى تىنچ دوستانە ئاخىرلاشتۇ‌رالايمىز»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئىشلار ئۇ‌نداق بولمىغانىدى.‏ خوسكىن ئە‌سلە‌پ شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىز پاراڭلىشىپ بىر قانچە مىنۇ‌ت ئۆتۈپ،‏ شۇ روھانىي ئىشىكنى قاتتىق يېپىۋە‌تتى.‏ مە‌ن ئىشىكنىڭ ئە‌ينە‌كلىرى پارچە-‏پارچە بولۇ‌پ كېتىدىغان بولدى دە‌پ ئويلىدىم».‏

چىركاۋنىڭ روھانىيسى:‏ «سە‌ن بېرىپ،‏ خۇ‌دانى تونۇ‌مايدىغانلار بىلە‌ن پاراڭلاش!‏»—‏ دە‌پ ۋاقىرىغان.‏ بۇ‌رادە‌ر خوسكىن ئارتۇ‌ق گە‌پ-‏سۆز قىلماي كېتىپ قالغان.‏ ئۇ ئۆز-‏ئۆزىگە:‏ «مە‌ن دە‌ل خۇ‌دانى تونۇ‌مايدىغان بىرى بىلە‌ن پاراڭلىشىپ قاپتىمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن.‏

ئە‌تىسى چىركاۋدا،‏ روھانىي كىشىلە‌رگە ئۇ ھە‌ققىدە يالغان سۆزلە‌رنى ئېيتىپ،‏ شۇ‌نداق دېگە‌ن ئىكە‌ن:‏ «بۇ كىشى كىچىك شە‌ھىرىمىزدىكى ئۇ‌چىغا چىققان يالغانچى،‏ ئۇ ئۆلتۈرۈلىشى كېرە‌ك».‏ بىراق،‏ بۇ بۇ‌رادىرىمىزنى توختىتىپ قويمىغان.‏ ئۇ داۋاملىق ۋە‌ز قىلىپ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن سۆھبە‌تلە‌شكە‌ن.‏ ئۇ يە‌نە:‏ «مە‌ن ئۇ يە‌ردە ۋە‌ز قىلىپ،‏ كۆپ خۇ‌شاللىق تاپتىم.‏ ھە‌تتا بە‌زى ئادە‌ملە‌ر:‏ «مە‌ن بىلىمە‌ن،‏ خۇ‌دا سېنى ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ ساڭا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏»—‏ دە‌پ ئېھتىياجلىق نە‌رسىلە‌رنى ماڭا بە‌رگە‌ن»،‏—‏ دە‌يدۇ

شە‌خسىي ۋە ئائىلىۋى تە‌تقىق

قىزىقىش كۆرسە‌تكە‌ن كىشىلە‌رنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغۇ‌چىلار «ئالتۇ‌ن دە‌ۋىر»‏a ژۇ‌رنىلىدا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق دە‌رسلىرىنى نە‌شىر قىلغان.‏ شۇ يە‌ردە ياشلار ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك سوئاللار بولغان.‏ ئاتا-‏ئانىلار بالىلاردىن ئاشۇ سوئاللارنى سورىغان ۋە ئۇ‌لارنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن جاۋابلارنى تېپىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ بە‌زى سوئاللار،‏ مە‌سىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قانچە كىتابنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟‏ دېگە‌ندە‌ك ئاددىي نە‌رسىلە‌رنى ئۆگە‌تسە،‏ يە‌نە ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىسى سۈپىتىدە قانداق زىيانكە‌شلىكلە‌رگە دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏ دېگە‌ندە‌ك سوئاللار بىلە‌ن،‏ ياشلارنى جە‌سۇ‌ر ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار بولۇ‌شقا تە‌ييارلىغان.‏

ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئاشۇ «ئالتۇ‌ن دە‌ۋىر» ژۇ‌رنىلىدا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدىكى بە‌زى سوئاللار ۋە جاۋابلار بېرىلگە‌ن ئىدى‏.‏ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى «مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى تە‌تقىق قىلىش» ناملىق كىتابنىڭ بىرىنچى قىسمىدىن تېپىشقا بولاتتى.‏ مىڭلارچە ئوقۇ‌رمە‌نلە‌ر شۇ سە‌ھىپىلە‌رنىڭ پايدىسىنى كۆرگە‌ن.‏ بىراق،‏ «ئالتۇ‌ن دە‌ۋىر» ژۇ‌رنىلىنىڭ 1921-‏يىلى،‏ 21-‏دېكابىر سانىدا،‏ ئە‌مدى بۇ ئىككى سە‌ھىپىنىڭ نە‌شىر قىلىنمايدىغانلىقى ئېلان قىلغان.‏ نېمە ئۈچۈن تۇ‌يۇ‌قسىز شۇ‌نداق ئۆزگۈرۈش بولغان؟‏

يېڭى كىتاب!‏

خۇ‌دانىڭ چىلتارى ناملىق كىتاب

ئوقۇ‌شقا بە‌لگىلە‌نگە‌ن مە‌زمۇ‌نلار كۆرسىتىلگە‌ن كارتا

سوئال-‏جاۋاب كارتىسى

يېتە‌كچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان قېرىنداشلار،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن،‏ ھە‌ر قېتىم بىر ماۋزۇ ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىش كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىپ يە‌تكە‌ن.‏ شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ 1921-‏يىل،‏ نويابىردا،‏ «خۇ‌دانىڭ چىلتارى» ناملىق كىتاب نە‌شىردىن چىققان.‏ قىزىققۇ‌چىلار مۇ‌شۇ كىتابنى قوبۇ‌ل قىلغان ھە‌مدە «چىلتار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق دە‌رسلىكى»گە قاتناشقان.‏ خۇ‌دانىڭ ئىنسانلارغا مە‌ڭگۈ ھايات كە‌چۈرۈشنى ئىرادە قىلغانلىقىنى،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ چۈشىنىشىگە بۇ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىدىغان دە‌رسلىك ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ بۇ دە‌رسلىكنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولغان؟‏

ئاشۇ كىتابنى ئالغان كىشىگە،‏ شۇ بابتىكى قايسى بە‌تنى ئوقۇ‌شى كېرە‌كلىكى كۆرسىتىلگە‌ن كىچىك بىر كارتا ھە‌م ئە‌ۋە‌تىلگە‌ن.‏ كېيىنكى ھە‌پتىسى،‏ شۇ ئوقۇ‌غان مە‌زمۇ‌نغا ئاساسلانغان بىرقانچە سوئاللار يېزىلغان باشقا بىر كارتا ئە‌ۋە‌تىلگە‌ن.‏ كارتىنىڭ ئاخىرىدا كېيىنكى ھە‌پتىسى ئوقۇ‌شقا بە‌لگىلە‌نگە‌ن مە‌زمۇ‌ن كۆرسىتىلگە‌ن.‏

يېقىن ئە‌تراپتىكى جامائە‌ت 12 ھە‌پتە،‏ ھە‌ر ھە‌پتىسى يېڭى بىر كارتىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقى ئۆتكۈزىدىغان كىشىگە پوچتا ئارقىلىق ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ شۇ كارتىلارنى جامائە‌تتىكى ياشانغانلار ياكى ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز ئېيتىشقا كۈچى يە‌تمە‌يدىغانلار ئە‌ۋە‌تكە‌نىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئامېرىكا،‏ پېنسىلۋانىيە شتاتى،‏ مىلۋالې شە‌ھىرىدىن ئاننا گاردنېر ئە‌سلە‌پ:‏ ««خۇ‌دانىڭ چىلتارى» ناملىق كىتاب نە‌شىردىن چىققاندا،‏ پالە‌چ سىڭلىم سالنىڭ كۆپرە‌ك ۋە‌ز قىلالىشىغا پۇ‌رسە‌ت پە‌يدا بولدى»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئۇ ھە‌ر ھە‌پتە سوئاللار يېزىلغان كارتىلارنى ئە‌ۋە‌تە‌تتى.‏ شۇ دە‌رسلىك تاماملانغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىشىغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ جامائە‌تتىن بىر كىشى ئۇ‌نى يوقلاپ باراتتى.‏

سال گاردنېر چاقلىق ئورۇ‌ندۇ‌قتا

بىزنى كۈتۈپ تۇ‌رغان ئىشلار

بۇ‌رادە‌ر رۇ‌تېرفورد جامائە‌تلە‌رگە شۇ‌نداق خە‌ت يېزىپ ئە‌ۋە‌تكە‌ن ئىدى:‏ «بۇ يىل پادىشاھلىق ھە‌ققىدە گۇ‌ۋاھلىق بېرىش ئىشى ھە‌رقانداق بىر يىلغا قارىغاندا شۇ‌نچە كە‌ڭ كۆلە‌ملىك ۋە نە‌تىجىلىك بولدى.‏ بىراق،‏ ئالدىمىزدا بىزنى نۇ‌رغۇ‌ن ئىشلار كۈتۈپ تۇ‌رىدۇ.‏ باشقىلارنىمۇ بۇ ئاجايىپ شان-‏شە‌رە‌پلىك خىزمە‌تكە قاتنىشىشقا ئۈندە‌يلى!‏» ناھايىتى ئېنىقكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغۇ‌چىلار بۇ چاقىرىققا قۇ‌لاق سالغان.‏ 1922-‏يىلى،‏ ئۇ‌لار ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپرە‌ك پادىشاھلىق خۇ‌ش-‏خە‌ۋىرى ھە‌ققىدە جاسارە‌ت بىلە‌ن ۋە‌ز قىلغان.‏

باتۇ‌ر دوستلار

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغۇ‌چىلار بىر-‏بىرىگە ياردە‌م قولىنى سۇ‌نۇ‌پ،‏ ئۆزئارا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌لار ئېغىر كۈنلە‌ردە ھە‌مدە‌م بولۇ‌شقا تۇ‌غۇ‌لغان جە‌سۇ‌ر دوستلار ئىدى (‏پە‌ند.‏ نە 17:‏17)‏.‏ بۇ‌نى تۆۋە‌ندىكى مىسالدىن كۆرە‌لە‌يمىز.‏

1921-‏يىل،‏ 31-‏ماي،‏ سە‌يشە‌نبە كۈنى ئامېرىكا،‏ ئوكلاخوما شتاتى،‏ تۇ‌لسا شە‌ھىرىدە،‏ «تۇ‌لسا ئىرقى قىرغىنچىلىقى» دە‌پ ئاتالغان بىر پاجىئە‌لىك ۋە‌قە يۈز بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ سە‌ۋە‌بى،‏ بىر قارا تە‌نلىك كىشى بىر ئاق تە‌نلىك كىشىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلغان دە‌پ سوتلىنىپ،‏ تۈرمىگە تاشلانغانىدى.‏ مىڭدىن كۆپرە‌ك ئاق تە‌نلىك توپىلاڭچىلار كىچىك بىر گۇ‌رۇ‌پپا قارا تە‌نلىك كىشىلە‌ر بىلە‌ن توقۇ‌نۇ‌شقان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۇ‌رۇ‌ش-‏جېدىلى گرىنۋۇ‌د دېگە‌ن قارا تە‌نلىكلە‌ر مە‌ھە‌للىسىگە تېزلىكتە يېتىپ بارغان.‏ ئۇ يە‌ردىكى 1400-‏دىن كۆپرە‌ك ئۆيلە‌ر ۋە دۇ‌كانلار بۇ‌لاڭ-‏تالاڭ قىلىنغان ۋە كۆيدۈرۈلگە‌ن.‏ نە‌تىجىدە،‏ 36 كىشى ئۆلدى دە‌پ خە‌ۋە‌ر قىلغان.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە 300-‏دىن كۆپرە‌ك ئادە‌م ئۆلگە‌ن ئىدى.‏

گرىنۋۇ‌د مە‌ھە‌للىسىدە ئولتۇ‌راقلاشقان قارا تە‌نلىك بۇ‌رادە‌ر رىچارد.‏ ج.‏ خېل نېمە ئىش يۈز بە‌رگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئېيتىپ بە‌رگە‌ن:‏ «بىر كۈنى كە‌چتە توپىلاڭ كۆتۈرۈلدى.‏ ئادە‌تتىكىدە‌ك جامائە‌ت يىغىلىشىنى ئۆتكۈزگە‌ن ئىدۇ‌ق.‏ يىغىلىش تۈگىگە‌ندىن كېيىن،‏ تۇ‌لسا شە‌ھە‌ر مە‌ركىزىدىن كە‌لگە‌ن ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىدۇ‌ق.‏ يېرىم كېچىگىچە ئوق ئاۋازى ئۈزۈلمىدى.‏ 1-‏ئىيۇ‌ن،‏ چارشە‌نبە كۈنى ۋە‌زىيە‌ت تېخىمۇ يامانلاشقانىدى.‏ بىر توپ كىشىلە‌ر كېلىپ،‏ بىزگە مۇ‌نداق دېدى:‏ «ئە‌گە‌ر بىخە‌تە‌ر بولۇ‌شنى خالىساڭلار،‏ ئە‌ڭ ياخشىسى شە‌ھە‌رلىك ھۆكۈمە‌تنىڭ بىناسىغا بېرىۋېلىڭلار»».‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ بۇ‌رادە‌ر خېل ئايالىنى ۋە 5 بالىسىنى ئېلىپ،‏ ھۆكۈمە‌ت بىناسىغا قېچىپ بېرىۋالغان.‏ ئۇ يە‌ردە تە‌خمىنە‌ن ئۈچ مىڭچە قارا تە‌نلىك ئە‌ر ۋە ئاياللار بار ئىدى.‏ ھۆكۈمە‌ت توپىلاڭنى تىنچىتىشقا ئە‌ۋە‌تكە‌ن ئە‌سكە‌رلە‌ر ئۇ‌لارنى قوغدىغان.‏

دە‌ل ئاشۇ ۋاقىتتا،‏ ئاق تە‌نلىك بۇ‌رادە‌ر ئارتۇ‌ر كلائۇ‌س باتۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن،‏ كە‌سكىن بىر قارار چىقارغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن توپىلاڭچىلارنىڭ گرىنۋۇ‌د مە‌ھە‌للىسىدىكى ئۆيلە‌رنى بۇ‌لاڭ-‏تالاڭ قىلىپ،‏ كۆيدۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندا،‏ قە‌دىردان دوستۇ‌م خېلنىڭ ئە‌ھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نى كۆرۈپ كېلىشنى قارار قىلدىم».‏

ئارتۇ‌ر كلائۇ‌س «خۇ‌دانىڭ چىلتارى» كىتابىنى ئىشلىتىپ،‏ 14 بالا بىلە‌ن ئۆگىنىش ئۆتكۈزىۋاتىدۇ

ئارتۇ‌ر دوستى خېلنىڭ ئۆيگە يېتىپ كە‌لگە‌ندە،‏ قورال ئېلىۋالغان ئاق تە‌نلىك قوشنىسىنى كۆرگە‌ن.‏ ئۇ خېلنىڭ دوستى ئىدى.‏ ئۇ ئارتۇ‌رنى كۆرۈپ،‏ توپىلاڭچىلارنىڭ بىرى دە‌پ ئويلاپ قالغاچ:‏ «بۇ يە‌رگە نېمە ئۈچۈن كە‌لدىڭ؟‏»—‏ دە‌پ ۋاقىرىغان.‏

ئارتۇ‌ر ئە‌سلە‌پ شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئە‌گە‌ر مە‌ن ئۇ‌نىڭ سوئالىغا قانائە‌تلىنە‌رلىك جاۋاب بە‌رمىگە‌ن بولسام،‏ ئۇ ماڭا ئوق چىقىراتتى.‏ مە‌ن خېلنىڭ دوستى ئىكە‌نلىكىمگە ۋە بۇ ئۆيگە كۆپ قېتىم كە‌لگە‌نلىكىمگە ئۇ‌نى ئىشە‌ندۈردۈم».‏ ئارتۇ‌ر ۋە شۇ قوشنىسى خېلنىڭ ئۆيىنى توپىلاڭچىلارنىڭ بۇ‌لاڭ-‏تالاڭ قىلىشىدىن ساقلاپ قالغانىدى.‏

ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ ئارتۇ‌ر خېل ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌رنىڭ ھۆكۈمە‌ت بىناسىدا ئىكە‌نلىكىنى ھە‌مدە شۇ يە‌رگە مە‌سئۇ‌ل قوماندان ئىمزا قويغان بۇ‌يرۇ‌ق قە‌غىزىسىز قارا تە‌نلىكلە‌ر ئۇ يە‌ردىن كېتە‌لمە‌يدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ ئارتۇ‌ر شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «قوماندان بىلە‌ن كۆرۈشۈپ،‏ پاراڭلىشىش ئىنتايىن قىيىن ئىش ئىدى.‏ مە‌ن خېل ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌رنى ئۇ يە‌ردىن ئۆز ئۆيۈمگە ئېلىپ كېتىشنى خالايدىغانلىقىمنى ئېيتقاندا،‏ ئۇ مېنىڭدىن شۇ‌نداق سورىدى:‏ «بۇ ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تە‌مىنلە‌پ بېرە‌لە‌مسە‌ن؟‏» مە‌ن خۇ‌شاللىق بىلە‌ن:‏ «ئە‌لۋە‌تتە قىلالايمە‌ن!‏»—‏ دە‌پ جاۋاب بە‌ردىم.‏

ئارتۇ‌ر قومانداننىڭ ئىمزا قويغان بۇ‌يرۇ‌ق قە‌غىزىنى ئېلىپ،‏ ھۆكۈمە‌ت بىناسىنىڭ يىغىن زالىغا ئۇ‌چقاندە‌ك يۈگۈرگە‌ن.‏ ئۇ بىر ئە‌مە‌لدارغا قە‌غە‌زنى تاپشۇ‌رغان.‏ ئە‌مە‌لدار بولسا:‏ «بۇ‌نىڭغا قوماندان ئۆزى قول قويۇ‌پتىغۇ!‏ بىلە‌مسە‌ن؟‏!‏ سە‌ن بۇ يە‌ردىن ئادە‌ملە‌رنى ئېلىپ چىقىپ كە‌تكە‌ن تۇ‌نجى كىشى».‏ ئۇ‌لار خېل ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌رنى تاپقاندىن كېيىن،‏ ئارتۇ‌ر ئۇ‌لارنى ماشىنىسىغا ئولتۇ‌رغۇ‌زۇ‌پ،‏ ئۆيىگە ئېلىپ كە‌تكە‌ن.‏

‏«خۇ‌دا خە‌لقى ئارىسىدا ھە‌ممىمىز تە‌ڭ-‏باراۋە‌ر»‏

بۇ‌رادە‌ر ئارتۇ‌ر كلائۇ‌س قېرىندىشى خېل ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىدىكىلە‌رنىڭ بىخە‌تە‌رلىكىگە كاپالە‌تلىك قىلغان.‏ ئۇ‌نىڭ باتۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌نلىكىنى كۆرگە‌ن كىشىلە‌ر ئىنتايىن تە‌سىرلە‌نگە‌ن.‏ ئارتۇ‌ر شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «خېلنىڭ مال-‏مۈلكىنى قوغدىغان قوشنىسى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنى تېخىمۇ ھۆرمە‌تلە‌شكە باشلىدى.‏ خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ ئىرقى ئوخشاش بولمىسىمۇ،‏ ھە‌ممىمىزنىڭ تە‌ڭ-‏باراۋە‌ر ئىكە‌نلىكىنى كۆرگە‌ن كىشىلە‌ر خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە قىزىقىش كۆرسە‌تكە‌ن ئىدى».‏

a ‏«ئالتۇ‌ن دە‌ۋىر» ژۇ‌رنىلىنىڭ ئىسمى،‏ 1937-‏يىلى «تە‌سە‌للى» ۋە 1946-‏يىلى «ئويغىنىش!‏» دە‌پ ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش