تەرجىمىھال
«مەن ھېچقاچان يالغۇز قالمىغان»
ھاياتتا يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغان نۇرغۇن ۋەزىيەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزىمىز. مەسىلەن، يېقىن كىشىلىرىمىزدىن ئايرىلىش، ناتونۇش مۇھىتقا كۆنۈش ياكى يىراق بىر يۇرتتا ياشاش كىشىنى يالغۇز ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتتى. بىراق، ھازىر ئويلاپ كۆرسەم، مەن ھېچقاچان يالغۇز قالمىغان ئىكەنمەن. نېمە ئۈچۈن بۇنداق خۇلاسىگە كەلگەنلىكىمنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي.
ئاتا-ئانامنىڭ ئۈلگىسى
ئاپام-دادام تەقۋادار كاتولىكلار بولغان. لېكىن، مۇقەددەس كىتابتىن خۇدانىڭ ئىسىمى يەھۋا ئىكەنىنى بىلگەندە، ھەر ئىككىلىسى يەھۋا گۇۋاھچىسى بولۇپ، قىزغىنلىق بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلغان. دادام ئۇستا ياغاچچى بولۇپ، ئىلگىرى ئەيسانىڭ ھەيكىلىنى ياسىغان ئىدى. بىراق، ھەقىقەتنى تونۇغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆيۈمىزنىڭ بىرىنچى قەۋىتىنى يىغىلىش زالىغا ئايلاندۇرغان. شۇنداق قىلىپ، ئۆيۈمىز فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلانىڭ سان-خۇئان-دېل-مونتېى رايونىدىكى بىرىنچى ئىبادەت يىغىلىش زالى بولغان.
ئاتا-ئانام ۋە ئائىلەمدىكىلەر بىلەن
مەن 1952-يىلى تۇغۇلغان، ئائىلىدە بالىلارنىڭ سەككىزىنچىسى ئىدىم. مېنىڭ تۆت ئاكام ۋە ئۈچ ھەدەم بار ئىدى. ئاپام-دادام بىزنى ھەقىقەت يولىدا تەربىيىلەش ئۈچۈن كۆپ جان كۆيدۈرگەن. بالىلىق چېغىمدىن باشلاپ، دادام مېنى ھەر كۈنى مۇقەددەس كىتابتىن بىر بابنى ئوقۇشقا دەۋەت قىلغان. ئۇ تەشكىلاتىمىز نەشر قىلغان نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، ماڭا يەھۋا ھەققىدە كۆپرەك بىلىم ئېلىشقا ياردەم بەرگەن بەزىدە ئاپام-دادام رايونغا مەسئۇل ئاقساقاللارنى ۋە بەيتەلدە خىزمەت قىلىدىغانلارنى مېھمانغا چاقىراتتى. ئۇلارنىڭ ئېيتىپ بەرگەن ئىش-ۋەقەلەرنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئىلھام ئالاتتۇق. بۇ بىزنى ھاياتىمىزدا يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقا ئۈندىگەن ئىدى.
ئاتا-ئانام يەھۋاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىپ، ماڭا ئۈلگە بولغان. مېھرىبان ئاپام كېسەل سەۋەبلىك ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دادام بىلەن مەن، ئىككىمىز 1971-يىلى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىدۇق. بىراق، ئىككى يىلدىن كېيىن داداممۇ ئۆلۈپ كەتتى. شۇ چاغدا، مەن 20 ياشتا ئىدىم. ئاپام-دادامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن يالغۇزسىراپ قالدىم. لېكىن، مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈمىد «كېمە لەڭگىرىدەك ئىشەنچىلىك ۋە مۇستەھكەمدۇر». بۇ ئۈمىد ھېس-تۇيغۇم ۋە ئىمان-ئېتىقادىم داۋالغۇپ كەتمەسلىكى، يەنى يەھۋا خۇدادىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن ياردەم بەردى (ئىبرانىي. 6:19). دادامنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن كۆپ ئۆتمەي، مېنى پالاۋان ئۆلكىسىدىكى كورون ئارىلىغا مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى قىلىپ تەيىنلىدى.
يالغۇز مۇشەققەتلىك ۋەزىپىنى ئورۇنداش
مەن كورون ئارىلىغا كەلگىنىمدە 21 ياشتا ئىدىم. مەن كىچىكىمدىن چوڭ شەھەردە ئۆسۈپ چوڭ بولغاچقا، بۇ كىچىك ئارالغا كېلىپ، بۇ يەردە ئېلېكتىر قۇۋۋىتى ئاز، ئۆيلەردە سۇ يوق، ھەتتا ماشىنا ۋە موتسىكلىتىلارمۇ ناھايىتى ئاز دېيەرلىك ئىكەنىنى بايقىدىم. ئارالدا بىرنەچچە بۇرادەرلەر بولغان بولسىمۇ، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى شېرىكىم يوق بولغاچ، بەزىدە يالغۇز ۋەز قىلىشقا باراتتىم. بىرىنچى ئايدا ئائىلەم ۋە دوستلىرىمنى بەك سېغىندىم. بەزىدە كېچىلىرى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ، كۆزى يېشى قىلاتتىم. ھەتتا ھەممىنى تاشلاپ، ئۆيگە قايتقۇم كېلەتتى.
ئاشۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلغان پەيتلەردە، ئىچ باغرىمنى يەھۋاغا تۆكۈپ بېرەتتىم. مۇقەددەس كىتاب ۋە نەشرى ماتېرىياللاردىن ئوقۇغان كىشىگە ئىلھام-مەدەت بېرىدىغان سۆز-جۈملىلەرنى ئەسكە ئالاتتىم. ھەمىشە زەبۇر 19:14-ئايەتتىكى سۆزلەر ئېسىمگە كېلەتتى. بۇ ئايەتتىن شۇنى چۈشەندىم: يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلار، يەنى ئۇ ياراتقان مەۋجۇداتلار ۋە ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلانسام، ئۇ «قۇرام تېشىم، قۇتقۇزغۇچى ئىگەم» بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، «كۈزىتىش مۇنارى» ژۇرنىلىدىكى، «سەن ئەسلا يالغۇز ئەمەس»a دېگەن ماقالە ماڭا كۆپ ياردەم بەرگەن. مەن ئۇنى قايتا-قايتا ئوقۇدۇم. شۇ چاغدا، ھەمىشە يالغۇز قالغان بولساممۇ، بۇ ماڭا يەھۋا بىلەن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قىممەتلىك پۇرسەتلەرنى ياراتقان ئىدى. ئۇنىڭغا كۆپرەك دۇئا قىلالايتتىم، تەتقىق ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزۈپ، چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلالايتتىم.
كورون ئارىلىغا كۆچۈپ، كۆپ ئۆتمەي ئاقساقال بولۇپ تەيىنلەندىم. مەندىن باشقا ئاقساقال بولمىغاچقا، ھەر ھەپتە ۋەز ئېيتقۇچىلار مەكتىپى، ۋەز خىزمەت يىغىلىشى، جامائەت كىتاب تەتقىقى ۋە «كۈزىتىش مۇنارى» تەتقىقىنى ئۆتكۈزەتتىم. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر ھەپتە ئاممىۋىي نۇتۇق ئېيتاتتىم. شۇڭا، بۇلار بىلەن بەنت بولۇپ، مانا ئەمدى يالغۇزلۇق ھېس قىلشقا ۋاقتىم چىقماي قالدى.
كورون ئارىلىدىكى ۋەز خىزمەت ئۈنۈملۈك بولدى. مەن بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگەنگەن بەزى كىشىلەر چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى. بىراق، قىيىنچىلىقلارغا ھەم دۇچ كەلدىم. بەزىدە، ۋەز ئېيتىدىغان مەھەللىلەرگە بېرىش ئۈچۈن يېرىم كۈن يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى ۋە قەيەردە قونۇپ قېلىشىمنى بىلمەيتتىم. جامائەت ۋەز قىلىدىغان تېررىتورىيە نۇرغۇن كىچىك ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ھەتتا سۇ ئۈزۈشنى بىلمىسەممۇ، دائىم ماتورلۇق قېيىقتا ئولتۇرۇپ، بوران-چاپقۇنلۇق دېڭىزدا سەپەر قىلىپ، شۇ ئاراللارغا باراتتىم. شۇنداق خەتەرلىك ۋاقىتلاردا يەھۋا مېنى قوغداپ، قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى. كېيىن ئويلاپ باقسام، شۇنداق قىيىنچىلىقلار ئارقىلىق يەھۋا مېنى تېخىمۇ جاپا-مۇشەققەتلىك يېڭى ۋەزىپىگە تەييارلىغان ئىكەن.
پاپۇئا-يېڭى گۋىنېيە
1978-يىلى، مەن پاپۇئا-يېڭى گۋىنېيىسىدە خىزمەتكە تەيىنلەندىم. بۇ ئاۋسترالىيىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق دۆلەت بولۇپ، كۆلىمى ئىسپانىيە زېمىنى بىلەن ئوخشاش كېلىپ قالاتتى. ئۇ يەردە ئۈچ مىليونچە نوپۇس بار بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ 800 خىلدىن كۆپرەك تىلدا سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلىپ ھەيران قالدىم. لېكىن، بەختكە يارىشا، ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى توك-پىسىن دەپمۇ ئاتىلىدىغان مېلانېزىيان پىدگىن تىلىدا سۆزلىيەلەيدىكەن.
مېنى دەسلەپتە پايتەخت پورت-مورسبى شەھىرىدىكى ئىنگلىز تىلى جامائەتكە ۋاقتىنچە تەيىنلىدى. كېيىنرەك، توك-پىسىن تىلىدىكى جامائەتكە كۆچتۈم ۋە بۇ تىلنى ئۆگىنىش كۇرسىغا باردىم. كۇرستا ئۆگەنگەنلىرىمنى دەرھال ۋەز خىزمەتتە قوللاندىم. بۇ ماڭا تىلنى تېزراق ئۆگىنىشكە ياردەم بەردى. كۆپ ئۆتمەي، توك-پىسىن تىلىدا ئاممىۋىي نۇتۇق ئېيتالايدىغان بولدۇم. بىراق، ھەيران قالارلىق يېرى، كەلگىنىمگە بىر يىل بولا-بولماي، مەن بىرنەچچە چوڭ ئۆلكىلەردىكى توك-پىسىن تىلى جامائەتلىرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن رايونغا مەسئۇل ئاقساقال بولۇپ تەيىنلەندىم.
جامائەتلەر بىر-بىرىدىن بەك يىراق بولغاچقا، بىرنەچچە قېتىم، پەرقلىق جايلاردا رايونلۇق چوڭ يىغىلىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇشقا توغرا كەلگەن. شۇڭا، مەن كۆپ سەپەر قىلاتتىم. دەسلەپتە مەن يېڭى دۆلەت، يېڭى تىل، يېڭى ئۆرپ-ئادەتلەر سەۋەبلىك، بۇ ناتونۇش مۇھىتتا يالغۇزسىراپ قالدىم. بۇ دۆلەتتە تاغلار كۆپ، يوللىرى ئەگرى-توقاي، قاتناش قولايسىز بولغاچ، جامائەتلەرگە بېرىش ئۈچۈن ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك ئايروپىلان بىلەن سەپەر قىلىشقا توغرا كېلەتتى. بەزىدە مەن يالغۇز بىر يولۇچى، بىرلا ماتورلۇق، كونىراپ كەتكەن، كىچىك ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قېرىنداشلارنى كۆرۈشكە باراتتىم. ئىلگىرى قېيىقتا ئەنسىرەپ ئولتۇرغاندەك، بۇنداق ئۇچۇش سەپەرلىرىدە ھەم غەم-ئەندىشە ئىچىدە ئولتۇراتتىم.
كۆپىنچە ئادەملەردە تېلېفون بولمىغاچقا، خەت يېزىپ ئەۋەتىش ئارقىلىق ئاقساقاللار بىلەن ئالاقە قىلاتتىم. بىراق، بەزىدە خەت يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈم يېتىپ كېلەتتىم. شۇڭا، قېرىنداشلارنى تاپالماي، يەرلىك ئادەملەرنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئىزدەپ يۈرەتتىم. لېكىن، ھەر قېتىم قېرىنداشلارنى تاپقاندا، ئۇلار مېنى قۇچاق ئېچىپ قىزغىن قارشى ئېلىپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرەتتى. شۇ پەيتتە، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى ئۇنتۇپ، چەككەن جاپا-مۇشەققەتلىرىم بىكارغا كەتمەيدىغانلىقىنى ئەسكە ئالاتتىم. يەھۋا مېنى نۇرغۇن يوللار ئارقىلىق قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى كۆردۈم ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنلاشتىم.
بۇگېنۋىل ئارىلىدىكى جامائەتكە بىرىنچى قېتىم كەلگەندە، چىرايىدىن خۇشاللىق يېقىپ تۇرىدىغان بىر جۈپ ئەر-ئايال قېشىمغا كېلىپ: «سىز بىزنى تونۇدىڭىزمۇ؟»— دەپ سورىدى. پورت-مورسبى شەھىرىگە يېڭىلا كەلگەن چاغلىرىمدا ئۇلارغا ۋەز قىلغىنىم ئېسىمگە چۈشتى. مەن ئۇلار بىلەن ئۆگىنىشنى باشلاپ، كېيىن ئۇلارنى يەرلىك قېرىنداشقا تاپشۇرۇپ كەتكەن ئىدىم. ھازىر ھەر ئىككىلىسى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپتۇ. بۇ پاپۇئا-يېڭى گۋىنېيىسىدە ئۈچ يىل خىزمەت قىلىپ، ئېرىشكەن نۇرغۇن بەرىكەتلەرنىڭ بىرى بولدى.
ئائىلەم بىلەن خىزمەت قىلىشىم
ئايالىم ئادىلە بىلەن
1978-يىلى كورون ئارىلىدا خىزمەت قىلغاندا، ئادىلە ئىسىملىك ناھايىتى گۈزەل ۋە ئىشچان بىر قېرىنداش بىلەن تونۇشقان ئىدىم. ئۇ سامۇئىل ۋە شېرلى دېگەن ئىككى بالىسىنى يالغۇز چوڭ قىلىش بىلەن بىرگە، ياشانغان ئانىسىدىن خەۋەر ئالسىمۇ، قىزغىنلىق بىلەن پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلاتتى. 1981-يىلى مايدا، مەن فىلىپپىنغا قايتىپ كېلىپ، ئادىلەگە ئۆيلەندىم. تويدىن كېيىن، بىز بىرلىكتە پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغاچ، ئائىلىمىزگە غەمخورلۇق قىلدۇق.
ئادىلە، بالىلىرىمىز سامۇئىل ۋە شېرلى بىلەن پالاۋاندا ۋەز خىزمەت قىلىۋاتىمىز
ئائىلەم بار بولۇشىغا قارىماي، 1983-يىلى قايتىدىن مېنى پالاۋان ئۆلكىسىدىكى لىناپاكان دېگەن ئارالغا مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى قىلىپ تەيىنلىدى. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاشۇ يىراق ئارالغا كۆچۈپ باردۇق. شۇ چاغدا، بۇ ئارالدا بىرمۇ يەھۋا گۇۋاھچىسى يوق ئىدى. بەك ئەپسۇس، بىر يىلدىن كېيىن، ئادىلەنىڭ ئاپىسى ۋاپات بولدى. بىراق، قىزغىن ۋەز خىزمەت بىلەن ئالدىراش ئۆتكەچ، بۇ قايغۇ-ھەسرەتكە پېتىپ قالماسلىقىمىزغا ياردەم بەردى. لىناپاكاندا مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى ئېشىپ، كۆپ ئۆتمەي ئىبادەت يىغىلىش زالىغا ئېھتىياجلىق بولدۇق. شۇڭا، كىچىك بىر يىغىلىش زالىنى سالدۇق. ئۈچ يىلدىن كېيىن، مەسىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىغا 110 ئادەم قاتناشقانلىقىنى كۆرۇپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇق. بىز شۇ يەردىن كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى.
1986-يىلى كۇلىئون ئارىلىغا خىزمەتكە تەيىنلەندىم. بىرنەچچە يىلدىن كېيىن ئادىلە ھەم مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلدى. كۇلىئون ئارىلىدا ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ياشايدىغان بىر جاي بار ئىدى. دەسلەپتە ئۇلارغا خۇش خەۋەرنى ئېيتىشتىن قورققان ئىدۇق. لېكىن، يەرلىك قېرىنداشلار ئۇلارنىڭ داۋالىنىشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، شۇڭا ماخاۋ كېسىلىنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇش ئېھتىمالى ناھايىتى تۆۋەنلىكىنى ئېيتتى. ھەتتا ماخاۋ كېسىلى بار بەزى كىشىلەر بىر قېرىنداشنىڭ ئۆيىدە ئىبادەت يىغىلىشقا قاتنىشىپ يۈرگەنلىكىنى بىلدۇق. كۆپ ئۆتمەي، بىز ئۇلارغا ۋەز قىلىشقا كۆنۈپ كەتتۇق ۋە شۇنداق كېسەللىك ئازابىنى تارتقان ئادەملەرگە مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈمىدلەر ھەققىدە ۋەز قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۇق. كېلەچەكتە تېنى ساغلام، مۇكەممەل بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى كۆردۇق. ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى بىزنىمۇ خۇشال قىلدى.—لۇقا 5:12، 13.
ئەمدى بالىلىرىمىزنىڭ كۇلىئوندىكى ھاياتقا قانداق كۆنۈپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەي. ئادىلە بىلەن مەن، ئىككىمىز ئۇلارنىڭ ياخشى دوستلىرى بولۇشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ، كورون ئارىلىدىن ئىككى ياش قېرىنداشلارنى كۇلىئون ئارىلىغا كۆچۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدۇق. سامۇئىل، شېرلى ۋە ئاشۇ ئىككى قېرىنداش نۇرغۇن بالىلار بىلەن مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. ئادىلە ئىككىمىز بولساق، شۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئۆگىنىشنى باشلىدۇق. بىر مەزگىلدىن كېيىن، 11 ئائىلە بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزدۇق. ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ سانى ناھايىتى تېز كۆپىيىپ، يېڭى بىر جامائەت پەيدا بولدى.
باشلىنىشىدا، مەن شۇ يەردىكى بىردىن-بىر ئاقساقال ئىدىم. شۇڭا، فىلىپپىندىكى بەيتەل ماڭا ھەر ھەپتە كۇلىئوندىكى سەككىز قېرىنداش بىلەنلا ئەمەس، مارىلى يېزىسىدىكى توققۇز قېرىنداش بىلەنمۇ يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. شۇ يېزىغا بېرىش ئۈچۈن قېيىقتا ئۈچ سائەت سەپەر قىلىش كېرەك ئىدى. ھەر قېتىم مارىلى يېزىسىدا يىغىلىش ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرنەچچە سائەت پىيادە يول يۈرۈپ، بىر تاغلىق رايوندىن ئۆتۈپ، خالسىي دېگەن يېزىدا، مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىدىغان كىشلەر بىلەن تەتقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزەتتۇق.
كېيىن، مارىلى، خالسىي دېگەن يېزىلاردىمۇ نۇرغۇن ئادەملەر ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىپ، شۇ ئىككى جايدا ئىبادەت يىغىلىش زاللىرىنى سالدۇق. خۇددى لىناپاكاندىكى يىغىلىش زالىنى سالغاندىكىگە ئوخشاش، مارىلى ۋە خالسىيدا يىغىلىش زالى قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك كۆپىنچە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى يەرلىك قېرىنداشلار بىلەن ھەقىقەتكە قىزىقىش كۆرسەتكەن ئادەملەر تەمىنلىدى. مارىلى يېزىسىدىكى يىغىلىش زالىدا 200 ئادەم جەم بولالايتتى. بۇنىڭدىن باشقا، چوڭ ئىبادەت يىغىلىشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇ يىغىلىش زالىنى كېڭەيتىشكە بولاتتى.
قايغۇ-ھەسرەت، يالغۇزلۇق ۋە خۇشاللىق
بالىلىرىمىز چوڭ بولغاندىن كېيىن، 1993-يىلى ئادىلە ئىككىمىز فىلىپپىندا جامائەتنى زىيارەت قىلىش خىزمىتىنى باشلىدۇق. 2000-يىلى، مېنى خىزمەت ماھارىتىنى ئاشۇرۇش مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى ئۆگىنىشكە چاقىردى. ئاۋۋال بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ دەپ ئويلىدىم. لېكىن، ئايالىم ئادىلە ئۆزۈمگە ئىشىنىشىمگە ياردەم بەردى ۋە بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا يەھۋا خۇدا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېسىمگە سالدى (فىلىپى. 4:13). ئۇنىڭ شۇنداق دېيىشنىڭ سەۋەبى — ئۇ سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، يەھۋانىڭ ياردىمىدە ئۆز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىدى.
2006-يىلى مەن خىزمەت ماھارىتىنى ئاشۇرۇش مەكتىپىدە تەلىم بېرىپ يۈرگىنىمدە، ئادىلەگە پاركىنسون كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلدى. بىز نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي، گاڭگىراپ قالدۇق. مەن خىزمىتىمنى توختىتىپ، ئادىلەنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقچى بولغانلىقىمنى ئادىلەگە ئېيتتىم. دېگەندە، بىراق، ئادىلە: «مېنىڭ كېسىلىمنى داۋالايدىغان دوختۇرنى تېپىڭ. مەن بىلىمەن، يەھۋا خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ»،— دېدى. ئادىلە شۇنىڭدىن كېيىن، ھېچنېمىدىن ئاغرىنماي ئالتە يىل يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. ماڭالماي قالغان چاغدا، ئادىلە مېيىپلار ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ ۋەز قىلدى. ھەتتا سۆز قىلىشى قىيىن بولۇپ كەتكەندە، يىغىلىشتا بىر-ئىككى سۆز بىلەن جاۋاب بەردى. قېرىنداشلار دائىم ئادىلەنىڭ چىدامچانلىق ئۈلگىسىنى ماختاپ، قىسقا ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ تۇردى. ئادىلە 2013-يىلى ۋاپات بولدى. ئۇ 30 يىل ماڭا مېھرىبان ھەمراھ ۋە ۋاپادار دوست بولغان ئىدى. ئەمما، ئۇ ئۆلۈم ئۇيقۇسىغا كەتكەندىن كېيىن، قاتتىق قايغۇرۇپ، قايتا يالغۇزسىراپ قالدىم.
ئادىلە مېنىڭ خىزمىتىمنى داۋاملاشتۇرۇشۇمنى خالىغان ئىدى ۋە مەن شۇنداق قىلدىم. دائىم خىزمەت بىلەن بەنت بولۇش يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى. 2014–2017-يىللىرى ئارىسىدا پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغان دۆلەتلەرنى ئارىلاپ، تاگالوگ تىلىدا سۆزلەيدىغان جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىپ يۈردۈم. كېيىن، تەيۋەن، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە كانادىدىكى تاگالوگ تىلىدىكى جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىپ باردىم. 2019-يىلى ھىندىستان ۋە تايلاندتا ئىنگىلىزچە ئۇيۇشتۇرۇلغان پادىشاھلىق ۋەز ئېيتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەكتىپىدە تەلىم بەردىم. بۇ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش جەريانىدا زور خۇشاللىق تاپتىم. يەھۋاغا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئالدىراش خىزمەت قىلغىنىمدا، ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن.
ھېچقاچان ياردەمسىز قالمىدىم
ماڭا يېڭى ۋەزىپە تاپشۇرۇلغاندا، تونۇشقان قېرىنداشلار يېقىن دوستلۇق ئورنىتىپ قالاتتىم. شۇڭا، ئۇلاردىن ئايرىلىدىغان چاغدا، كۆزۈم قىيماي قالاتتى. شۇنداق ۋەزىيەتلەردە، مەن پۈتۈنلەي يەھۋاغا ئىشەنچ باغلاشنى ئۆگەندىم. ياراتقۇچى خۇدايىم مېنى ھېچقاچان ياردەمسىز قالدۇرمىغان ۋە بۇ ھاياتىمدا ھەرقانداق ئۆزگىرىشلەرنى قوبۇل قىلىشقا ياردەم بەردى. ھازىر مەن فىلىپپىندا مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن. مېنىڭ يېڭى جامائىتىم ماڭا يار-يۆلەك بولىدىغان ۋە ھەرقاچان غەمخورلۇق قىلىدىغان ئائىلەم بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، سامۇئىل ۋە شېرلى ئاپىسىنىڭ ئادىلەنىڭ ئىمان-ئېتىقادنى ئۈلگە قىلىۋاتىدۇ. ئۇلاردىن پەخىرلىنىمەن.—3-يۇھاننا 4.
جامائەت ماڭا غەمخورلۇق قىلىدىغان ئائىلەمگە ئايلاندى
ھاياتىمنى ئەسلىسەم، نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇق سىناقلارنى بېشىمدىن ئۆتتى. سۆيۈملۈك ئايالىمنىڭ ئاغرىق ئازابىدىن قىينىلىپ، تېنى ئاجىزلاپ، ئاخىرىدا جان ئۈزگەنلىكىنى كۆردۈم. ماڭا ھەرخىل يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىشقا توغرا كەلدى. لېكىن، يەھۋانىڭ «ھەر بىرىمىزدىن يىراق ئەمەس» ئىكەنىنى قايتا-قايتا ھېس قىلدىم (ئەلچى. 17:27). يەھۋانىڭ قولى ئۆزىنىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىنى قوللاپ-قۇۋەتلەش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن «قىسقا ئەمەس»، مەيلى قەيەردە بولايلى، ئۇ ھەمىشە خىزمەتچىلىرىگە ياردەم قولىنى سۇنىدۇ (يەشايا 59:1). يەھۋا مېنىڭ قورام تېشىم بولۇپ، بىر ئۆمۈر ماڭا ياردەم بەرگىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارمەن. مەن ھېچقاچان يالغۇز ئەمەس.