بۇ دۇنيانىڭ شەخسىيەتچىلىك روھىغا قارشى تۇرۇڭ
بۈگۈنكى كۈندە، سىز نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنى ئالاھىدە ئىمتىياز، ھوقۇق ياكى مۇئامىلىگە لايىق دەپ قارايدىغانلىقىنى بايقىدىڭىزمۇ؟ ئۇلار ئاللىقاچان ئالاھىدە مۇئامىلىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، تېخىمۇ كۆپرەك ئېرىشىشكە ھەقلىق دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئويلايدىغان ئادەملەر شەخسىيەتچى ۋە مىننەتدارسىز ئىنسانلاردۇر. مۇقەددەس كىتابتا بۇنداق ناچار قىلمىشلار ئاخىرقى كۈنلەردە ياشاۋاتقانلىقىمىزنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.—2-تىموت. 3:2.
ئەلۋەتتە، شەخسىيەتچى ئادەملەر بۇرۇنمۇ بولغان. مەسىلەن، ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرى قارار قىلىشنى خالىغان. ئۇلارنىڭ چىقارغان قارارى بىزنى يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلغان، شۇڭا ھازىر ھەممىمىز ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چېكىۋاتىمىز. ئەسىرلەر ئۆتۈپ، يەھۇدانىڭ پادىشاھى ئۇززىيامۇ ئىبادەتخانىدىكى خۇشپۇراق ئىسرىقنى كۆيدۈرۈش ھوقۇقۇم بار دەپ ئويلىغاچ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلغان. لېكىن، ئۇ چوڭ بىر خاتالىقنى ئۆتكۈزگەن (2-تارىخ. 26:18، 19). شۇنىڭغا ئوخشاش، بىرىنچى ئەسىردىكى پەرىسىيلەر ۋە سادۇقىيلار ئۆزلىرى ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغاچقا، خۇدانىڭ ئالاھىدە مەرھەمىتىگە لايىق دەپ ئويلىغان.—مەتتا 3:9.
بۈگۈنكى كۈندە ئەتراپىمىزدا مەنمەنچى ۋە شەخسىيەتچى ئادەملەر كۆپىيىپ كەتتى (گالاتىيا. 5:26). ئەگەر پەخەس بولمىساق، بىزمۇ ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆزىمىزنى ئالاھىدە مۇئامىلە ياكى ئىززەت-ھۆرمەتكە لايىق دەپ ئويلاشقا باشلىشىمىز مۇمكىن. ئۇنداقتا، بۇنداق روھقا قانداق قارشى تۇرالايمىز؟ ئەڭ ئاۋۋال، بىز يەھۋانىڭ كۆز قارىشىنى چۈشىنىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. بۇنداق قىلىشىمىزغا مۇقەددەس كىتابتىكى ئىككى پرىنسىپ ياردەم بېرەلەيدۇ.
نېمىلەرگە ئېرىشىشكە ھەققىمىز ياكى ھوقۇقىمىز بارلىقىنى يەھۋا قارار قىلىدۇ. بۇنىڭ بىرنەچچە مىساللىرىنى كۆرۈپ چىقايلى.
ئائىلىدە، ئەر ئايالىنىڭ كۆرسەت ھۆرمىتىنى، ئايال ئېرىنىڭ سۆيگۈسىنى ھېس قىلىشى كېرەك (ئەفەس. 5:33). ئەر-ئايال بىر-بىرىدىن مۇھەببەت ئىزھار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھەقلىق (1-كورىنت. 7:3). ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىدىن ئۆزلىرىگە بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقى بار. بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئۆزلىرىگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى ۋە قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى كۈتۈشكە ھەققى بار.—2-كورىنت. 12:14؛ ئەفەس. 6:2.
جامائەتتە، تىرىشچان ئاقساقاللىرىمىز بىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمىزگە لايىق (1-سالونىكا. 5:12). لېكىن، ئۇلارنىڭ جامائەتتىكى قېرىنداشلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقى يوق.—1-پېتر. 5:2، 3.
بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى خۇدا بەرگەن. شۇڭا، ھۆكۈمەتلەرنىڭ پۇقرالىرىدىن باج-سېلىق تاپشۇرۇش ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار.—رىملىقلار 13:1، 6، 7.
يەھۋا مېھرىبانلىق بىلەن، بىزگە ئۆزىمىز لايىق بولغاندىنمۇ ئارتۇقراق بېرىدۇ. بىز گۇناھكار بولغاچ، بىز پەقەت ئۆلۈمگە لايىق (رىملىقلار 6:23). شۇنداق بولسىمۇ، يەھۋا سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، بىزگە مول بەرىكەتلەرنى بېرىۋاتىدۇ (زەبۇر 103:10، 11). ياراتقۇچىدىن ئالغان ھەربىر بەرىكەت ياكى ئىمتىياز ئۇنىڭ بىزگە كۆرسەتكەن چەكسىز رەھىم-شەپقىتىدۇر، چۈنكى، ئەسلىدە ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە لايىق ئەمەس ئىدۇق.— رىملىقلار 12:6–8؛ ئەفەس. 2:8.
شەخسىيەتچى كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
بۇ دۇنيانىڭ كۆز قارىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىڭ. بىز پەخەس بولمىساق، بىلىپ-بىلمەي ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن ئارتۇقراق ھەق ياكى ھوقۇققا ئېرىشىشكە لايىق دەپ ئويلاشقا باشلايمىز. ئەيسا مەسىھ بىر تەمسىل كەلتۈرۈپ، بۇنداق كۆز قاراشنىڭ قەلبىمىزدە ئاسانلا پەيدا بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەنىدى. بۇ تەمسىلدە بەزى ئىشچىلار ئەتىگەندىن باشلاپ، كۈن بويى ئىسسىق ئاپتاپتا ئىشلىگەن، يەنە بەزىلىرى پەقەت بىر سائەت ئىشلىگەن. خۇجايىن ئىش ھەققى تارقاتقاندا، ھەممە ئىشچىلارغا ئوخشاش بىر كۈمۈش تەڭگە تۆلىگەن. ئەمما، ئەتىگەن ياللانغان ئىشچىلار بۇنىڭغا نارازى بولغان، چۈنكى، ئۇلار پۈتۈن كۈن تەر تۆكۈپ جاپالىق ئىشلىگەچكە، ئۆزلىرىنى كۆپرەك ئىش ھەققى ئېلىشقا لايىق دەپ ئويلىغان (مەتتا 20:1–16). ئەيسانىڭ بۇ تەمسىلىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ خۇدا بىزگە نېمە بەرسە، شۇنىڭغا قانائەت قىلىشىمىز كېرەك.
ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىشلىگەن ئىشچىلار ئۆزلىرىنى كۆپرەك ئىش ھەققى ئېلىشقا لايىق دەپ ئويلىغان
مىننەتدار بولۇڭ ۋە باشقىلاردىن ئارتۇقچە نەرسە كۈتمەڭ (1-سالونىكا. 5:18). ئەلچى پاۋلۇستىن ئۈلگە ئېلىڭ. گەرچە ئۇنىڭ كورىنت شەھىرىدىكى قېرىنداشلاردىن ماددىي جەھەتتىن ئۆزىنى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار بولسىمۇ، ئۇ شۇنداق قىلمىغان (1-كورىنت. 9:11–14). بىزمۇ ئېرىشكەن ھەربىر بەرىكەت ئۈچۈن مىننەتدار بولۇپ، باشقىلاردىن ئارتۇقچە نەرسە كۈتمەسلىكىمىز كېرەك.
ئەلچى پاۋلۇس باشقىلاردىن ماددىي جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى تەلەپ قىلمىغان
كەمتەر بولۇڭ. ئادەم ئۆزى توغرۇلۇق ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئويلىسا، قولىدا بارىغا قانائەت قىلماي، ئۆزىنى تېخىمۇ كۆپرەك ئېرىشىشكە لايىق دەپ قاراشقا باشلايدۇ. بۇنداق زەھەرلىك ئوي-پىكىرلەرگە قارشى ئەڭ ياخشى زەھەر قايتۇرغۇچى دورا — كەمتەرلىك.
دانىيال پەيغەمبەرنى كەمتەرلىكنى ساقلىغاچقا، يەھۋا ئۇنى ئەزىز كۆرگەن
دانىيال پەيغەمبەر كەمتەر بولۇپ، بىز ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. ئۇ ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، كېلىشكەن، ئەقىللىق ۋە قابىلىيەتلىك بولغاچقا، ئۆزىنى ئالاھىدە ئىمتىياز، ھوقۇق ياكى ۋەزىپىگە ئېرىشىشكە لايىق دەپ ئويلىشى مۇمكىن ئىدى (دانىيال 1:3، 4، 19، 20). بىراق، دانىيال ھەمىشە كەمتەرلىكنى ساقلىغان. شۇڭا، خۇدا ئۇنى ئەزىز كۆرگەن.—دانىيال 2:30؛ 10:11، 12.
شۇنداق ئىكەن، بۇ دۇنيادا كەڭ تارقالغان مەنمەنچىلىك ۋە شەخسىيەتچىلىك روھىنىڭ تەسىرىدىن يىراق تۇرايلى. ئەكسىچە، يەھۋانىڭ چەكسىز رەھىم-شەپقىتى تۈپەيلى ئېرىشكەن ھەربىر بەرىكەتتىن سۆيۈنۈپ، داۋاملىق خۇشال-خۇرام بولايلى!