ھەقىقىي دوست بولۇشنى ئۆگىنىڭ
قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە يېنىڭىزدا ھېچكىم يوق، يالغۇزسىراپ قالغان ۋاقتىڭىز بولغانمۇ؟ بىز ھازىر «ئىنتايىن تەس» ۋاقىتلاردا ياشاۋاتقاچقا، ئاسانلا كۆڭلىمىز يېرىم بولۇشى ۋە ئۆزىمىزنى يالغۇز ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن (2-تىموت. 3:1). لېكىن، مۇقەددەس كىتابتا ھەقىقىي دوست بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە، بىزگە «ھەمدەرد» بولۇپ، بىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىلغان (پەند. نە 17:17). دېمەك، بىز ھەرگىزمۇ ياردەمسىز ۋە يالغۇز قالمايمىز.
ھەقىقىي دوست قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
پاۋلۇس ئۆيدە نەزەربەند ئاستىدا بولسىمۇ، سادىق دوستلىرىنىڭ ياردىمىدە قىزغىن خىزمەت قىلالىغان
ئەلچى پاۋلۇس جاي-جايلاردا ۋەز قىلىش ئۈچۈن سەپەر قىلغاندا، بەزى دوستلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىپ، ئۇنى ھەر جەھەتتىن قوللىغان (كولوسى. 4:7–11). پاۋلۇس رىمدا قاماقتا بولغاندا، ئۇ ئۆز ئالدىغا قىلالمايدىغان بەزى ئىشلارنى دوستلىرى قىلىشىپ بەرگەن. مەسىلەن، ئېپافرودىت فىلىپى شەھىرىدىكى قېرىنداشلار ئەۋەتكەن بەزى نەرسىلەرنى پاۋلۇسقا ئەكەلگەن (فىلىپى. 4:18). تىكىكۇس بولسا، پاۋلۇسنىڭ خەتلىرىنى پەرقلىق جامائەتلەرگە يەتكۈزگەن (كولوسى. 4:7). دوستلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن، پاۋلۇس ھەتتا ئۆز ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىدا بولغاندا ياكى كېيىنرەك زىندانغا تاشلانغاندا بولسۇن، جامائەتلەرگە ئىلھام-مەدەت بېرەلىگەن. ئۇنداقتا، بۈگۈنكى كۈندە سىز ھەقىقىي دوست بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ئۈلگىسىدىن ھەقىقىي دوست قانداق ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ھازىر ئىسپانىيىدە پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىدىغان ئېلىزابېتنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇنىڭ ئاپىسىغا راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان. شۇ ئېغىر كۈنلەردە بىر قېرىندىشىمىز ئېلىزابېتقا ھەقىقىي دوستلۇقنى كۆرسەتكەن. قېرىندىشىمىز مۇقەددەس كىتابتىن ئايەتلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدىغان ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ تۇرغان. ئېلىزابېت مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇغاندا، ئۆزۈمنى يالغۇز ئەمەس ھېس قىلدىم. ئۇلار ماڭا ھەر كۈنى كۈچ-مەدەت بېرىپ تۇردى».—پەند. نە 18:24.
ئېتىقادداشلىرىمىزنىڭ ئىبادەت يىغىلىشى ۋە ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق دوستلۇق رىشتىمىزنى كۈچەيتەلەيمىز. مەسىلەن، ياشانغان قېرىنداش بىلەن ۋەز خىزمىتىگە چىقالامسىز؟ ياكى بولمىسا، ئۇنى جامائەت يىغىلىشىغا ئاپىرىپ ئەكېلەلەمسىز؟ شۇنداق قىلسىڭىز، بىر-بىرىڭلارغا ئىلھام-مەدەت بېرەلەيسىلەر (رىملىقلار 1:12). ئۇنداقتا، ئۆيدىن چىقالمايدىغان قېرىنداشلار بىلەن ھەقىقىي دوستلۇق ئورنىتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
ئۆيدىن چىقالمايدىغانلار ئۈچۈن ھەقىقىي دوست بولۇڭ
بەزى قېرىنداشلارنىڭ سالامەتلىكى ناچار بولغاچقا ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى جامائەت ئىبادەت يىغىلىشلىرىغا كېلەلمەيدۇ. مەسىلەن، دېيۋىد ئىسىملىك بۇرادەرگە لىمفا ئۆسمىسى دەپ دىئاگنوز قويۇلغانىدى. ئۇ ئالتە ئاي جەريانىدا خىمىيىلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلغان. شۇ مەزگىلدە دېيۋىد بىلەن ئايالى لىدىيا جامائەت يىغىلىشلىرىغا تور ئالاقە ۋاستىسى ئارقىلىق قاتناشقان.
جامائەتتىكى دوستلىرى ئۇلارغا قانداق يار-يۆلەك بولغان؟ يىغىلىش زالىدىكى بەزى قېرىنداشلار ھەر قېتىم يىغىلىش ئاخىرلاشقاندا، ئۇلار بىلەن ۋىدىئولۇق ئۇلىنىش ئارقىلىق سالاملاشقان ۋە پاراڭلاشقان. دېيۋىد بىلەن لىدىيا يىغىلىشتا سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، قېرىنداشلار ئۇلارنى ماختاپ، ئىلھام بېرىدىغان نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى ئەۋەتكەن. نەتىجىدە، ئۇلار قېرىنداشلارنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ھېس قىلغاچ، يالغۇزسىراپ قالمىغان. ئۆيدىن چىقىشقا مۇمكىنچىلىكى بولمىغان قېرىنداشلار بىلەن ۋەز قىلالامسىز؟
ئۆيدىن چىقالمايدىغان قېرىنداشلار بىلەن بىللە ۋەز قىلىڭ
پىلانلىرىمىزنى ئازراق ئۆزگەرتىپ، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلسەك، ئاشۇ ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇنتۇمىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (پەند. نە 3:27). ئۇلار بىلەن خەت يېزىش ياكى تېلېفون قىلىش ئارقىلىق ۋەز قىلىشنى پىلانلىسىڭىز بولىدۇ. ئاقساقاللار بۇ قېرىنداشلارنىڭ ۋەز خىزمەت يىغىلىشلىرىغا ۋىدىئولۇق ئۇلىنىش ئارقىلىق قاتنىشىشىنى ئورۇنلاشتۇرالايدۇ. دېيۋىد بىلەن لىدىيا جامائەتنىڭ شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن مىننەتدار بولغان. دېيۋىد مۇنداق دەيدۇ: «قېرىنداشلار بىلەن قىلىنغان قىسقىچە مۇھاكىمە ۋە دۇئانىڭ ئۆزى بىزگە كۆپ كۈچ-مەدەت بېرەتتى». بەزىدە، ئەگەر بىخەتەر ۋە قولايلىق بولسا، مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشى قىلىۋاتقان كىشىنى ئۆيدىن چىقالمايۋاتقان قېرىنداشنىڭ ئۆيىگە چاقىرىپ، بىرلىكتە ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزسەڭلار بولىدۇ. ئۆيدىن چىقالمايۋاتقان قېرىنداشلار بىلەن بىللە ۋەز قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى بايقاپ، ئۇلار بىلەن تېخىمۇ يېقىن بولۇپ كېتىسىز. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتابنى ماھىرلىق بىلەن ئىشلىتىپ، كىشىنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلغانلىقىنى كۆرگىنىڭىزدە، ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىڭىز ئاشىدۇ. پەرقلىق قېرىنداشلارنىڭ ۋەز قىلىش ۋە جامائەت يىغىلىشلىرىغا بېرىشىغا ياردەمدە بولسىڭىز، يېڭى دوستلارنى تاپالايسىز.—2-كورىنت. 6:13.
پاۋلۇسنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە، دوستى تىتۇس ئۇنىڭ دەردىگە دەرمان بولغان (2-كورىنت. 7:5–7). مۇشۇ ئايەتلەر بىزگە شۇنداق ئەسكەرتىش بېرىدۇكى، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە، گەپ-تەسەللى بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلغاندىن باشقا، ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇش ۋە قولىمىزدىن كېلىشىچە ئەمەلىي ياردەم بېرىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.—1-يۇھاننا 3:18.
زىيانكەشلىك دۇچ كەلگەندە قېرىنداشلارغا ھەقىقىي دوستلۇقنى كۆرسىتىڭ
روسىيەدىكى ئېتىقادداشلىرىمىز بىر-بىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، ھەممىمىزگە ئاجايىپ ئۈلگە كۆرسەتمەكتە. مەسىلەن، سېرگېي بىلەن تاتيانانىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. بىر كۈنى، ساقچىلار ئۇلارنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ چىقىپ، كېيىن ئۆزلىرىنى سوراق قىلىشقا ئېلىپ كەتكەن. ئۇلار ئاۋۋال تاتيانانى قويۇپ بەرگەن. سېرگېي ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «تاتيانا ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بىر قېرىندىشىمىز ھېچ قورقماستىن كېلىپ، قالايمىقان قىلىنغان نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆينى رەتلەشكە ياردەم بەرگەن. ئارقىدىن، باشقا دوستلارمۇ ياردەم بېرىشكە كېلىپتۇ».
سېرگېي يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەندى-نەسىھەت 17:17-ئايەتنى ھەردائىم ياخشى كۆرگەن. ئايەتتە مۇنداق سۆزلەر يېزىلغان: ‹ھەقىقىي دوست سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتەر ھەرقاچان، قېرىنداش ئېغىر كۈنلەردە ھەمدەرد بولۇشقا تۇغۇلغان›. مەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مەزگىلدە، بۇ ئايەتنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم. ئۆز كۈچىمىز بىلەن سىناقلارغا قارشى تۇرۇش مۇمكىن بولمىغاچقا، دوستلارنىڭ ياردىمىگە تېخىمۇ مۇھتاج بولۇمىز. يەھۋا خۇدا باتۇر قېرىنداشلارنى ئەۋەتىپ، ماڭا ياردەم بەردى».
بۈگۈنكى كۈندە، بىز تېخىمۇ تەس كۈنلەرگە دۇچ كېلىمىز، ھەقىقەتەن سادىق دوستلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولۇمىز. ئالدىمىزدىكى دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت مەزگىلىدە، تېخىمۇ ئۆزئارا بىز-بىرىمىزگە يار-يۆلەك بولۇشىمىز كېرەك. شۇڭلاشقا، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھەقىقىي دوست بولۇشنى ئۆگىنەيلى.—1-پېتر. 4:7، 8.