كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م25 فېۋرال 30-‏31 ب.‏
  • ئاددىي سوئالنىڭ كۈچى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئاددىي سوئالنىڭ كۈچى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ك‌م25 فېۋرال 30-‏31 ب.‏
قېرىندىشىمىز ۋە ئۇ‌نىڭ يولدىشى بىر ئايال بىلە‌ن تور ئالاقە ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆگىنىش ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.‏

ئاددىي سوئالنىڭ كۈچى

مارىي ۋە ئۇ‌نىڭ يولدىشى جونa ياشايدىغان جايدا فىلىپپىندىن كە‌لگە‌ن ئىشچىلار كۆپ ئىدى.‏ بۇ بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايال دائىم شۇ ئىشچىلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر يە‌تكۈزگە‌ن.‏ 19-COVID يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق ۋىرۇ‌سى مە‌زگىلىدە،‏ مارىي پە‌قە‌ت ئۆزى ياشايدىغان جايدا ئە‌مە‌س،‏ باشقا دۆلە‌تلە‌ردىكى كىشىلە‌ر بىلە‌نمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشى دە‌رسىنى باشلىغان.‏ مارىي بۇ‌نى قانداق قىلغان؟‏

مارىي شۇ تە‌تقىق ئۆگىنشى قىلىۋاتقانلاردىن:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى خالايدىغان يە‌نە باشقا بىرلىرى بارمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىغان.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار «ھە‌ئە» دە‌پ جاۋاب بە‌رسە،‏ مارىي ئۇ‌لارنى ئۆزى بىلە‌ن تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌پ قويۇ‌شنى سورىغان.‏ مۇ‌نداق ئاددىي سوئالنى سوراش ھە‌مىشە ياخشى نە‌تىجە ئېلىپ كېلىدۇ.‏ چۈنكى،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىدىكى ھە‌قىقە‌تنى قە‌دىرلە‌يدىغان ئادە‌ملە‌ر ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى ئۆز ئائىلىسىدىكىلە‌رگە ۋە دوستلىرىغا ئېيتىپ بېرىشنى ئويلايدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ مارىي سورىغان شۇ ئاددىي سوئالنىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولغان؟‏

مارىي بىلە‌ن ئۆگىنىۋاتقان ياسمىن ئۇ‌نىڭغا تۆت كىشىنى تونۇ‌شتۇ‌رغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدىكى كرىستىن ئىسىملىك بىرى تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى ناھايىتى ياقتۇ‌رۇ‌پ قالغان ۋە ھە‌پتىسىگە ئىككى قېتىم ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈشنى سورىغان.‏ مارىي ئۇ‌نىڭدىن:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى خالايدىغان تونۇ‌شلىرىڭىز بارمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىغاندا،‏ ئۇ:‏ «ھە‌ئە،‏ بار.‏ مە‌ن سىزنى دوستلىرىم بىلە‌ن تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌پ قوياي» دە‌پ،‏ بىرنە‌چچە ھە‌پتە ئىچىدە كرىستىن مارىيغا تۆت دوستىنى تونۇ‌شتۇ‌رغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى ھە‌م مارىيغا يە‌نە باشقىلارنى تونۇ‌شتۇ‌رغان.‏

كرىستىن فىلىپپىندا ياشايدىغان ئائىلە ئە‌زالىرىمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشىنى خالىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ قىزى ئاندرېيانى ئۆگىنىش باشلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ ئاندرېيا دە‌سلە‌پتە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئە‌يساغا ئىشە‌نمە‌يدىغان،‏ پە‌قە‌ت «كونا ئە‌ھدە» قىسىمىنى ئوقۇ‌يدىغان غە‌لىتە ئېتىقادتىكى كىشىلە‌ر دە‌پ ئويلىغان.‏ ئە‌مما،‏ بىرىنچى قېتىملىق ئۆگىنىشتىن كېيىن،‏ ئۇ ئاشۇ ئوي-‏پىكىرىنى تامامە‌ن ئۆزگە‌رتكە‌ن.‏ ئاندرېيا ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇ‌رغان ۋە ھە‌ردائىم شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا شۇ‌نداق يېزىلغان بولسا،‏ دېمە‌ك بۇ ھە‌قىقە‌ت!‏».‏

بىر مە‌زگىل ئۆتۈپ،‏ ئاندرېيا ئىككى دوستىنى ۋە بىر خىزمە‌تچىسىنى مارىي بىلە‌ن تونۇ‌شتۇ‌رغان.‏ ئۇ‌لارمۇ ئۆگىنىشنى باشلىغان.‏ ئاندرېيانىڭ يە‌نە كۆزى كۆرمە‌يدىغان ئانجېلا ئىسىملىك كىچىك ئاپىسى بار ئىدى.‏ مارىي بىلە‌ن ئاندرېيا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ ئانجېلا بىر چە‌تتە ئولتۇ‌رۇ‌پ تىڭشاپ ئولتۇ‌رغان.‏ ئە‌مما،‏ بۇ‌نىڭدىن مارىي خە‌ۋە‌رسىز ئىدى.‏ كېيىن،‏ ئانجېلا بىر كۈنى ئاندرېيادىن ئۆزىنى مارىي بىلە‌ن تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌شنى سورىغان ۋە ئۆزىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ ئانجېلا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئۆگە‌نگە‌ن ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگە‌ن ۋە بىر ئاي ئۆتمە‌ي،‏ ئۇ نۇ‌رغۇ‌ن ئايە‌تلە‌رنى يادقا ئېلىۋالغان.‏ ئۇ ھە‌تتا ھە‌پتىسىگە تۆت قېتىم ئۆگىنىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ كېيىن،‏ ئانجېلا ئاندرېيانىڭ ياردىمى بىلە‌ن يىغىلىشلارغا تور ئالاقە ۋاستىسى ئارقىلىق قاتنىشىشقا باشلىغان.‏

كرىستىن مارىي بىلە‌ن تە‌تقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈۋاتقاندا،‏ ئۇ‌نىڭ يولدىشى يە‌شۇ‌ئا دائىم ئارقىدا ئۇ‌يان-‏بۇ‌يان مېڭىپ يۈرگە‌ن.‏ بۇ‌نى بايقىغان مارىي ئۇ‌نىڭدىن:‏ «سىزمۇ ئۆگىنىشنى خالامسىز؟‏»—‏ دە‌پ سورىغان.‏ شۇ چاغدا،‏ يە‌شۇ‌ئا:‏ «مە‌ن پە‌قە‌ت ئاڭلاپ ئولتۇ‌رىمە‌ن،‏ مە‌ندىن باشقا سوئاللارنى سورىماڭ.‏ بولمىسا،‏ چىقىپ كېتىمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ بىراق،‏ بە‌ش مىنۇ‌ت ئۆتمە‌يلا،‏ ئۇ ئۆزى مارىيغا سوئاللارنى ياغدۇ‌رۇ‌ۋە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ يە‌شۇ‌ئامۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق ئۆگىنىش ئۆتكۈزۈشكە ماقۇ‌ل بولغان.‏

مارىي ئاددىي بىر سوئالنى سوراپ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئۆگىنىشلە‌رنى باشلىغان.‏ ئۇ بە‌زى ئۆگە‌نگۈچىلە‌رنى باشقا گۇ‌ۋاھچىلارغا تاپشۇ‌رغان.‏ ئۇ‌لار پە‌رقلىق تۆت دۆلە‌تتە ياشايدىغان كىشىلە‌ر بولۇ‌پ،‏ جە‌مئىي 28 كىشى ئۆگىنىش باشلىغان.‏

مۇ‌شۇ ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان ياسمىن 2021-‏يىلى،‏ ئاپرېل ئېيىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن.‏ كرىستىن 2022-‏يىلى،‏ ماي ئېيىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈپ،‏ ئائىلىسى بىلە‌ن ياشاش بولۇ‌ش ئۈچۈن ئۆز فىلىپپىنغا قايتقان.‏ كرىستىن تونۇ‌شتۇ‌رغان يە‌نە ئىككى كىشىمۇ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغان.‏ كرىستىن چۆمۈلدۈرۈلۈپ بىرنە‌چچە ئايدىن كېيىن،‏ ئانجېلا ھە‌م چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇ‌ل قىلغان ۋە ھازىر پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ كرىستىننىڭ يولدىشى يە‌شۇ‌ئا،‏ قىزى ئاندرېيا ۋە بىرنە‌چچە ئۆگە‌نگۈچىلە‌ر داۋاملىق ئۆگىنىش قىلىپ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈۋاتىدۇ.‏

يۇ‌قىرىدا كۆرسىتىلگە‌ن قېرىندىشىمىز ئۆگە‌نگۈچى ۋە ئۇ‌نىڭ تۆت دوستى بىلە‌ن تور ئالاقە ۋاستىسى ئارقىلىق سۆزلىشىۋاتىدۇ.‏

بىرىنچى ئە‌سىردە،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر ئە‌يسا مە‌سىھ توغرۇ‌لۇ‌ق ئۆگە‌نلىرىنى ئۆز ئائىلىسىدىكىلە‌رگە ۋە دوستلىرىغا ئېيتىپ بە‌رگە‌ن ئىدى (‏يۇ‌ھاننا 1:‏41،‏ 42ا؛‏ ئە‌لچى.‏ 10:‏24،‏ 27،‏ 48؛‏ 16:‏25–‏33)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ سىزمۇ ئۆگىنىش قىلىۋاتقان ياكى قىزىقىش كۆرسە‌تكە‌نلە‌ردىن:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى خالايدىغان تونۇ‌شلىرىڭىز بارمۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ سوراپ كۆرۈڭ.‏ بە‌لكىم،‏ بۇ ئاددىي سوئال ئارقىلىق سىزمۇ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى باشلايسىز!‏

a  بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش