تەتقىق قىلىش پىلانى
بېسىمغا دۇچ كەلگەندە جاسارەتلىك بولۇڭ
يەرەمىيا 38:1–13-نى ئوقۇپ، يەرەمىيا پەيغەمبەر ۋە ئەمەلدار ئەبەد-مەلەك قانداق جاسارەت كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ.
ئالدى-كەينىدىكى ئايەتلەرنى مۇلاھىزە قىلىڭ. يەھۋا خۇدانىڭ خەۋىرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن يەرەمىيا نېمىشقا جاسارەتلىك بولۇشى كېرەك ئىدى؟ (يەرەم. 27:12–14؛ 28:15–17؛ 37:6–10) ئادەملەر شۇ خەۋەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟ (يەرەم. 37:15، 16)
چوڭقۇرراق قېزىڭ. يەرەمىيا قانداق بېسىمغا دۇچ كەلگەن؟ (jr-26 CHS، 27-ب.، 20–22 ئابز.) قەدىمكى زاماندىكى قۇدۇقلار قانداق بولغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ (it-2-311 CHS، 312-ب.). پاتقاققا تولغان قۇدۇققا تاشلانغاندا، يەرەمىيا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغان؟ ئەبەد-مەلەك قانداق قورقۇنچنى يەڭگەن بولۇشى مۇمكىن؟ (12w-31 1\5 CHS-ب.، 2، 3-ئابز.)
نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟ ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ:
بۇ ۋەقە يەھۋا ئۆزىنىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟ (زەبۇر 97:10؛ يەرەم. 39:15–18)
قايسى ۋەزىيەتلەردە جاسارەتلىك بولۇشۇم كېرەك؟
بېسىمغا دۇچ كەلگەندە توغرا ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن جاسارەتنى قانداق يېتىلدۈرەلەيمەن؟ (11w-30 1\3 CHS-ب.)a
a شەخسىي تەتقىق ئۆگىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك مەسلىھەتلەرنى «كۈزىتىش مۇنارى» 2023-يىل، ئىيۇل سانىدىكى «تەتقىق قىلىش ئۇسۇللىرى» دېگەن رامكىدىن تاپالايسىز.