كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م17 ئىيۇ‌ل 3-‏8 ب.‏
  • ھە‌قىقىي بايلىققا ئىنتىلايلى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ھە‌قىقىي بايلىققا ئىنتىلايلى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ھە‌ققانىيسىز باشقۇ‌رغۇ‌چى ھە‌ققىدىكى تە‌مسىل
  • ناھە‌ق بايلىقنى دانالىق بىلە‌ن قوللىنىش
  • تۇ‌رمۇ‌شىڭىزنى ئاددىيلاشتۇ‌رۇ‌ڭ
  • بايلىق تۈگىگە‌ندە
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2017
ك‌م17 ئىيۇ‌ل 3-‏8 ب.‏
خالىسانه ئىئانه هه‌رخىل يولر بىله‌ن پادىشاهلىق ئىشىنی قولشقا يارده‌م بېرىدوُ

ھە‌قىقىي بايلىققا ئىنتىلە‌يلى

‏«ناھە‌ق بايلىق بىلە‌ن ئۆزۈڭلارغا دوستلارنى تېپىڭلار» (‏لۇ‌قا 16:‏9)‏.‏

ناخشىلار:‏ 32،‏ 154

چۈشە‌ندۈرۈپ بېرە‌لە‌مسىز؟‏

  • خۇ‌دا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن دۇ‌نيا-‏مۈلكىمىزدىن قانداق پايدىلىنالايمىز؟‏

  • بۇ دۇ‌نيانىڭ سودا-‏سېتىق تۈزۈمىگە قۇ‌ل بولماسلىق ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

  • نېمىشقا سىز ھە‌ققانىي بايلىققا ئىنتىلىشنى خالايسىز؟‏

1،‏ 2.‏ نېمىشقا بۇ دۇ‌نيادا گادايلار ھە‌رقاچان بولىدۇ؟‏

بۈگۈنكى زاماننىڭ ئىختىسادىي تۈزۈمى رە‌ھىمسىز ۋە ئادالە‌تسىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كۆپ ياشلار ئۈچۈن ئىش تېپىش ناھايىتى قىيىن.‏ بە‌زىلىرى باي دۆلە‌تلە‌رگە بېرىش ئۈچۈن ھە‌تتا ھاياتىنى خە‌تە‌رگە تە‌ۋە‌ككۈل قىلىدۇ.‏ لېكىن،‏ شۇ باي دۆلە‌تلە‌رنىڭ ئۆزىدىمۇ كە‌مبە‌غە‌للە‌ر ئاز ئە‌مە‌س.‏ باي كە‌مبە‌غە‌للىك پە‌رقى بارغانسىرى چوڭ بولماقتا.‏ يېقىندىكى بىر تە‌تقىقات نە‌تىجىسىگە ئاساسلانغاندا،‏ دۇ‌نيا نوپۇ‌سىنىڭ 1 پىرسە‌نتىنى تە‌شكىل قىلىدىغان باي ئادە‌ملە‌رنىڭ بايلىقى دۇ‌نيا يۈزىدىكى 99 پىرسە‌نت ئادە‌منىڭ ئۇ‌مۇ‌مىي بايلىقىغا تە‌ڭ كە‌لگە‌ن.‏ ئە‌ۋە‌تتە،‏ بۇ مە‌لۇ‌ماتنى دە‌لىللە‌ش قىيىن بولسىمۇ،‏ شۇ‌نى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ‌كى،‏ دۇ‌نيادا ئاز ساندىكى ئادە‌ملە‌رنىڭ بايلىقى نە‌چچە ئە‌ۋلاد خە‌جلە‌پ تۈگە‌تكۈسىز،‏ بىراق مىلياردلىغان ئادە‌ملە‌ر ناھايىتى كە‌مبە‌غە‌ل.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر بۇ ئاچچىق ھە‌قىقە‌تنى چۈشە‌نگە‌چ،‏ شاگىرتلىرىغا:‏ «گادايلار دائىم سىلە‌ر بىلە‌ن بولىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مارك 14:‏7)‏.‏ دۇ‌نيادا نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق ئادالە‌تسىزلىك يۈز بە‌رمە‌كتە؟‏

2 ئە‌يسا مە‌سىھ دۇ‌نيانىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈمى خۇ‌دا پادىشالىقى كە‌لمىگۈچە ئۆزگە‌رمە‌يدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغاندە‌ك ھە‌م،‏ «سە‌ياھە‌تچى سودىگە‌رلە‌ر»،‏ يە‌نى دۇ‌نيانىڭ سودا-‏سېتىق تۈزۈمى،‏ سىياسىي ۋە دىنىي تۈزۈملىرى —‏ شە‌يتان دۇ‌نياسىنىڭ بىر قىسمى (‏ۋە‌ھىي 18:‏3)‏.‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى ئۆزىنى سىياسىي ۋە يالغان دىندىن نېرى تۇ‌تۇ‌ش بىلە‌ن،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆپىنچىسى شە‌يتان دۇ‌نياسىنىڭ سودا-‏سېتىق تۈزۈمىدىن پۈتۈنلە‌ي بۆلۈنۈپ كېتە‌لمە‌يدۇ.‏

3.‏ قانداق سوئاللارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

3 خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى سۈپىتىدە بىز مۇ‌شۇ دۇ‌نيانىڭ سودا-‏سېتىق تۈزۈمىگە بولغان كۆزقارىشىمىزنى تە‌كشۈرۈشىمىز لازىم.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارنى ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرە‌يلى:‏ «مال-‏دۇ‌نيانى خۇ‌داغا بولغان ۋاپادارلىقىمنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قانداق پايدىلانسام بولىدۇ؟‏ سودا-‏سېتىق دۇ‌نياسى بىلە‌ن بولغان ئالاقە‌منى ئازايتىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىم كېرە‌ك؟‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى ئۇ‌نىڭغا پۈتۈنلە‌ي تايىنىدىغانلىقى قانداق ۋە‌قە‌لە‌ردىن كۆرۈنىدۇ؟‏»‏

ھە‌ققانىيسىز باشقۇ‌رغۇ‌چى ھە‌ققىدىكى تە‌مسىل

4،‏ 5.‏ ئا)‏ ئە‌يسانىڭ تە‌مسىلىدىكى باشقۇ‌رغۇ‌چى قانداق ۋە‌زىيە‌تكە دۇ‌چ بولغان؟‏ ئە)‏ ئە‌يسا ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە قانداق مە‌سلىھە‌ت بە‌ردى؟‏

4 لۇ‌قا 16:‏1—‏9نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئە‌يسانىڭ ھە‌ققانىيسىز باشقۇ‌رغۇ‌چى ھە‌ققىدىكى تە‌مسىلى ھە‌ممىمىزنى ئويلىنىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ ئۇ خوجايىننىڭ مال-‏مۈلكىنى ئىسراپ قىلدى،‏ دە‌پ ئە‌يىبلىنىپ،‏ خۇ‌جايىن ئۇ‌نى ئىشتىن چىقارماقچى بولدىa (‏ئىزاھە‌تكە قاراڭ.‏)‏.‏ بىراق باشقۇ‌رغۇ‌چى «ئە‌مە‌لىي دانىشمە‌نلىك» بىلە‌ن ھە‌رىكە‌ت قىلدى:‏ ئۇ ئىشتىن ئايرىلماي تۇ‌رۇ‌پ،‏ كېيىنىرە‌ك ئۆزىگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن دوستلىشىدۇ.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ئە‌يسا شاگىرتلىرىنى كۈن كۆرۈش ئۈچۈن ھە‌ققانىيسىز ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا ئۈندىمىگە‌ن.‏ مۇ‌نداق قىلىش بۇ دۇ‌نيانىڭ ئادە‌ملىرىگە خاس.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئە‌يسا بۇ تە‌مسىل ئارقىلىق مۇ‌ھىم بىر نە‌رسىنى ئۆگە‌تمە‌كچى بولغان.‏

5 باشقۇ‌رغۇ‌چى قىيىنچىلىققا دۇ‌چار بولغىنىدە‌ك،‏ ئە‌يسا ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگىمۇ بۇ ئادالە‌تسىز دۇ‌نيادا پۇ‌ل تېپىش ئاسان بولمايدىغانلىقىنى بىلگە‌ن.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن ئۇ‌لارغا:‏ «بايلىقىڭلار تۈگىگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار [يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھ] سىلە‌رنى ئە‌بە‌دىي ماكانلىرىغا ئېلىشى ئۈچۈن ناھە‌ق بايلىق بىلە‌ن ئۆزۈڭلارغا دوستلارنى تېپىڭلار»،‏—‏ دىدى.‏ ئە‌يسانىڭ مە‌سلىھىتىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

6.‏ بۈگۈنكى سودا-‏سېتىق تۈزۈمى خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنىڭ بىر قىسىمى ئە‌مە‌سلىكىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

6 ئە‌يسا مال-‏مۈلۈكنى نېمە ئۈچۈن «ناھە‌ق» دە‌پ ئېيتقانلىقىنىڭ سە‌ۋە‌بىنى چۈشە‌ندۈرمىسىمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن سودا-‏سېتىق خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنىڭ بىر قىسىمى ئە‌مە‌سلىكى ئېنىق كۆرۈنىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئېرە‌م باغدا ئادە‌م ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانىغا كېرە‌ك نە‌رسىنىڭ ھە‌ممىسىنى مول بە‌رگە‌ن (‏يارىتىلىش 2:‏15،‏ 16)‏.‏ كېيىنىرە‌ك بولسا،‏ خۇ‌دا مايلانغانلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى بە‌رگە‌ندە،‏ «ھېچكىم ئۆزىنىڭ مۈلكىنى مېنىڭكى دېمە‌ستىن،‏ ئە‌كسىچە ھە‌ممە نە‌رسىنى ئۇ‌مۇ‌مىي ھېسابلاشتى» (‏ئە‌لچىلە‌ر 4:‏32)‏.‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر پۈتكۈل ئىنسانىيە‌ت يە‌ر-‏زېمىننىڭ بايلىقلىرىدىن مول ھۇ‌زۇ‌رلىنىدىغان ۋاقىت كېلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئېيتقان (‏يە‌شايا 25:‏6—‏9؛‏ 65:‏21،‏ 22)‏.‏ لېكىن بۇ ۋاقىت كە‌لگىچە،‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى «ئە‌مە‌لىي دانىشمە‌نلىك» بىلە‌ن ھە‌رىكە‌ت قىلىشى كېرە‌ك ئىدى:‏ ئۇ‌لارغا مۇ‌شۇ دۇ‌نيانىڭ «ناھە‌ق بايلىقىنى» ئىشلىتىپ كۈن كۆرگىنى بىلە‌ن،‏ خۇ‌دانىڭ ماقۇ‌للىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش كېرە‌ك ئىدى.‏

ناھە‌ق بايلىقنى دانالىق بىلە‌ن قوللىنىش

7.‏ لۇ‌قا 16:‏10—‏13تىكى ئايە‌تلە‌ردە ئە‌يسا قانداق مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ن؟‏

7 لۇ‌قا 16:‏10—‏13نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئە‌يسا ئېيتىپ بە‌رگە‌ن ھېكايىدىكى باشقۇ‌رغۇ‌چى ئۆز پايدىسىنى كۆزلە‌پ دوستلارنى تاپتى.‏ ئامما ئە‌يسا ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ غە‌رە‌زسىز نىيە‌ت بىلە‌ن ئاسماندىن دوست تېپىشىنى خالىغان.‏ ئۇ قولۇ‌مىزدىكى «ناھە‌ق بايلىقنى» قانداق پايدىلىنىشىمىز خۇ‌داغا ساداقە‌تمە‌ن بولغان-‏بولمىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرمە‌كچى بولغان.‏ قانداقلارچە؟‏

8،‏ 9.‏ بە‌زىلە‌ر ناھە‌ق بايلىقنى ئىشلىتىشتە ئىشە‌نچلىك ئىكە‌نلىكىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

8 مال-‏مۈلكۈمىزنى ئىشلىتىشتە ئىشە‌نچلىك ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ بىر يولى —‏ ئە‌يسا بېشارە‌ت قىلغان دۇ‌نياۋى ۋە‌ز پائالىيىتىنى قوللاش ئۈچۈن خالىسانە ئىئانە قىلىش (‏مە‌تتا 24:‏14‏)‏.‏ ھىندىستاندا ياشايدىغان بىر كىچىك قىز پۇ‌ل يىغىدىغان ساندۇ‌قچىسىغا بىر تالدىن تىيىن تاشلاپ يۈرگە‌ن.‏ ئۇ ھە‌تتا ئۆزىگە ئويۇ‌نچۇ‌قمۇ سېتىۋالمىغان.‏ ساندۇ‌قچىسى توشقاندا،‏ پۇ‌لىنىڭ ھە‌ممىسىنى ۋە‌ز ئىشىغا ئىئانە قىلغان.‏ يە‌نە شۇ دۆلە‌تتە كوكوس ئۆستۈرىدىغان بىر بۇ‌رادە‌رىمىز بار.‏ ئۇ مالايالام تىلىدىكى يىراقتىن تە‌رجىمە خىزمىتى قىلىدىغان ئىشخانىلارغا كۆپ كوكۇ‌س سوۋغات قىلغان.‏ ئادە‌تتە ئۇ‌لار كوكۇ‌س سېتىۋالغانلىقتىن،‏ بۇ‌رادە‌ر پۇ‌لنىڭ ئورنىغا كوكۇ‌سلارنى ئىئانە قىلىش كۆپرە‌ك پايدا ئېلىپ كېلە‌ر دېگە‌ن ئوي-‏پىكىرگە كە‌لگە‌ن.‏ بۇ‌نى ھە‌قىقىي «ئە‌مە‌لىي دانىشمە‌نلىك» دە‌يمىز!‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش گرېتسىيە‌دىكى قېرىنداشلارمۇ بە‌يتە‌ل ئائىلىسىگە زە‌يتۇ‌ن مېيىنى،‏ ئىرىمچىك بىلە‌ن باشقا ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈكنى سوۋغات قىلىپ تۇ‌رىدۇ.‏

9 باشقا بىر بۇ‌رادە‌ر سىرلانكىدىكى شە‌خسىي ئۆي-‏زېمىنىنى جامائە‌ت ئۇ‌چرىشىشلىرى ۋە چوڭ يىغىلىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ھە‌م تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تچىلە‌رنىڭ ياشىشى ئۈچۈن تە‌قدىم قىلغان.‏ بۇ‌رادىرىمىز ئۈچۈن بۇ ماددىي تە‌رە‌پتىن قۇ‌ربانلىق بولسىمۇ،‏ كە‌مبە‌غە‌ل يە‌رلىك ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار ئۈچۈن زور بىر ياردە‌م.‏ پائالىيىتىمىز مە‌نئىي قىلىنغان دۆلە‌تلە‌ردە بولسا،‏ قېرىنداشلىرىمىز ئۆيىنى ئىبادە‌ت ئۆيى سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئاددىي تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرىدىغان پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار بىلە‌ن باشقا قېرىنداشلارنىڭ ئىجارە ئۈچۈن پۇ‌ل تۆلىمە‌ي يىغىلىش ئۆتكۈزۈش پۇ‌رسىتى بار.‏

10.‏ كە‌ڭ قورساق بولساق،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئىگە بولىمىز؟‏

10 مۇ‌شۇ مىساللاردىن خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ «كىچىككىنە نە‌رسىدە سادىق» ئىكە‌نلىكى كۆرۈنىدۇ (‏لۇ‌قا 16:‏10)‏.‏ ئۇ‌لار قولدا بار مال-‏دۇ‌نياسىنى باشقىلارنىڭ مە‌نپە‌ئىتى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.‏ شۇ‌نداق قۇ‌ربانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ دوستلىرى قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدۇ؟‏ ئۇ‌لار سېخىيلىق كۆرسىتىش «ھە‌قىقىي» بايلىققا ئېرىشىشنىڭ يولى ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىدۇ (‏لۇ‌قا 16:‏11)‏.‏ پادىشاھلىق ئىشىغا دائىم ئىئانە قىلىپ تۇ‌رىدىغان بىر ئايال قېرىندىشىمىز مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ماددىي تە‌رە‌پتىن سېخىي بولغىنىم ئۈچۈن،‏ يىللار داۋامىدا قە‌لبىمدىكى بىر ئۆزگىرىشنى بايقىدىم:‏ قولۇ‌مدىكىنى ئايىماي بە‌رگە‌نسىرى،‏ ئادە‌ملە‌رگىمۇ كە‌ڭ قورساقلىق بىلە‌ن قارايدىغان بولدۇ‌م.‏ كە‌چۈرۈشكە،‏ سە‌ۋرچان بولۇ‌شقا بولۇ‌شقا،‏ باشقىلار كۆڭلۈمنى رە‌نجىتكە‌ندە توغرا كۆزقاراشتا بولۇ‌پ،‏ مە‌سلىھە‌تنى ئاسان قوبۇ‌ل قىلىدىغان بولدۇ‌م».‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ كۆپلىرى مە‌رتلىك كىشىنى روھىي جە‌ھە‌تتىن باي قىلىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندى (‏زە‌بۇ‌ر 112:‏5؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏9)‏.‏

11.‏ ئا)‏ قانداقلارچە سېخىي بولغانلىقىمىز «ئە‌مە‌لىي دانىشمە‌نلىك» بىلە‌ن ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ؟‏ ئە)‏ خۇ‌دا خە‌لقى قانداق قىلىپ بۈگۈنمۇ مالىيە‌نى تە‌ڭ بۆلۈشمە‌كتە؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏

11 مال-‏مۈلكۈمىزنى باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى قوللاش ئۈچۈن پايدىلىنىش ئارقىلىقمۇ «ئە‌مە‌لىي دانىشمە‌نلىك» بىلە‌ن ھە‌رىكە‌ت قىلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ ھە‌تتا تولۇ‌ق ۋاقىت خىزمە‌ت قىلالمايدىغان ياكى ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلار ئاز يە‌رگە كۆچۈپ بارالمايدىغان بولساقمۇ،‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 19:‏17)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ خالىسانە ئىئانىمىز بىلە‌ن روھىي ئۆسۈش زور بولۇ‌ۋاتقان كە‌مبە‌غە‌ل دۆلە‌تلە‌ردىكى ۋە‌ز ئىشىنى قوللاپ،‏ ماتېرىيال بىلە‌ن تە‌مىنلە‌شكە ھە‌سسە قوشالايمىز.‏ كونگو،‏ ماداغاسقار ۋە رۋاندادە‌ك دۆلە‌تلە‌ردە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئىنتايىن قىممە‌ت.‏ گايىدا ئۇ‌نىڭ باھاسى بىر ھە‌پتىلىك ياكى بىر ئايلىق مائاشقا تە‌ڭ كېلىدۇ.‏ قېرىنداشلارغا يا ئائىلىسىگە تاماق ئېلىش،‏ يا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب سېتىۋېلىشنى تاللاشقا توغرا كە‌لگە‌ن.‏ بۇ ۋە‌زىيە‌ت كۆپ يىل ئۆزگە‌رمىگە‌ن.‏ ھازىر بولسا،‏ باشقىلارنىڭ ئىئانىلىرى ۋە مالىيە‌نىڭ تە‌ڭ بۆلۈنگە‌نلىكى تۈپە‌يلىدىن،‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌رجىمە قىلىپ،‏ ئۇ‌نى ھە‌ربىر ئائىلە ئە‌زاسىغا ۋە تە‌تقىق قىلغۇ‌چىغا ھە‌قسىز بە‌رمە‌كتە ‏(‏كورىنتلىقلارغا 2-‏خە‌ت 8:‏13—‏15نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ بە‌رگە‌نلە‌رمۇ،‏ ئالغانلارمۇ يە‌ھۋا بىلە‌ن دوست بولالايدۇ.‏

تۇ‌رمۇ‌شىڭىزنى ئاددىيلاشتۇ‌رۇ‌ڭ

12.‏ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر خۇ‌داغا تايىنىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

12 يە‌ھۋا بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنىڭ يە‌نە بىر يولى —‏ سودا-‏سېتىق دۇ‌نياسى بىلە‌ن ئالاقىنى ئازايتىپ،‏ «ھە‌قىقىي» بايلىققا ئىنتىلىش.‏ قە‌دىمدە ياشىغان ساداقە‌تمە‌ن ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر شۇ‌نداق قىلغان.‏ ئۇ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنى خالىغانلىقتىن،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىتائە‌ت قىلىپ،‏ ئۇ‌ر دېگە‌ن باي شە‌ھە‌رنى تاشلاپ چېدىردا ياشىغان (‏ئىبرانىيلارغا 11:‏8—‏10)‏.‏ ئۇ مال-‏دۇ‌نياغا ئە‌مە‌س،‏ ھە‌قىقىي بايلىقنىڭ مە‌نبە‌سى بولغان خۇ‌داغا تايانغان (‏يارىتىلىش 14:‏22،‏ 23)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ شۇ‌نداق ئىشە‌نچكە ئىگە بولۇ‌شقا چاقىرىپ،‏ بىر باي يىگىتكە:‏ «ئە‌گە‌ر مۇ‌كە‌ممە‌ل بولغۇ‌ڭ كە‌لسە،‏ بارغىن،‏ ئۆز مال-‏مۈلكۈڭنى ساتقىن ۋە پۇ‌لىنى گادايلارغا تارقىتىۋە‌تكىن،‏ شۇ‌ندا سېنىڭ خە‌زىنە‌ڭ ئاسماندا بولىدۇ،‏ ئاندىن كېلىپ،‏ مېنىڭ كە‌ينىمدىن يۈرگىن»،‏—‏ دېدى (‏مە‌تتا 19:‏21‏)‏.‏ بۇ يىگىتنىڭ ئىشە‌نچى ئىبراھىمنىڭكىدە‌ك بولمىغان.‏ ئە‌مما،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا پۈتۈنلە‌ي تايانغان ئادە‌ملە‌رمۇ بولغان.‏

13.‏ ئا)‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س تىموتىيغا قانداق مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ن؟‏ ئە)‏ پاۋلۇ‌سنىڭ مە‌سلىھىتىدىن قانداق پايدىلانساق بولىدۇ؟‏

13 تىموتىينىڭ ئىشە‌نچىسى مە‌ھكە‌م بولغان.‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌نى «مە‌سىھ ئە‌يسانىڭ شانلىق ئە‌سكىرى» دە‌پ ئاتىغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭغا:‏ «ھېچقانداق ئە‌سكە‌ر ئۇ‌نى ھە‌ربىي خىزمە‌تكە ئالغاننىڭ ماقۇ‌للىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ كىرىم ئە‌كېلىدىغان كۈندىلىك تىرىكچىلىك ئىشلارغا ئارىلاشمايدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 2:‏3،‏ 4)‏.‏ بۈگۈنمۇ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى،‏ جۈملىدىن بىر مىليوندىن ئوشۇ‌ق تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌تچىلە‌ر،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ مە‌سلىھىتىنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللانماقتا.‏ ئۇ‌لار «قە‌رزدار قە‌رز ئېگىسىنىڭ قۇ‌لىدۇ‌ر» دېگە‌ن پرىنسىپنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تۇ‌پ،‏ ئېلانلارنىڭ قىزىقتۇ‌رۇ‌شى ۋە بۇ ئاچكۆز دۇ‌نيانىڭ بېسىمىغا قارشى تۇ‌رماقتا (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏7)‏.‏ شە‌يتان بار كۈچىمىز بىلە‌ن ۋاقتىمىزنى مۇ‌شۇ دۇ‌نيانىڭ سودا-‏سېتىقىغا سە‌رپ قىلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ بە‌زىلىرى ئۆي،‏ ماشىنا ياكى بىلىم ئېلىش ئۈچۈن،‏ ھە‌تتا توي قىلىش ئۈچۈن چوڭ قە‌رزگە پاتىدۇ.‏ پە‌خە‌س بولمىساق،‏ بۇ‌نىڭ كاساپىتىدىن يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئە‌گىشىپ شۇ قە‌رزنىڭ قۇ‌لى بولۇ‌پ قالىمىز.‏ ئە‌كسىچە،‏ يوتقانغا قاراپ پۇ‌ت سۇ‌نسۇ‌پ،‏ قە‌رزگە پاتماي،‏ ئاددىي تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرسە‌ك،‏ دانالىق بىلە‌ن ھە‌رىكە‌ت قىلغان بولىمىز.‏ شۇ چاغدا بۈگۈنكى سودا-‏سېتىق تۈزۈمىگە قۇ‌ل بولماي،‏ خۇ‌داغا ئە‌ركىن-‏ئازادە خىزمە‌ت قىلالايمىز (‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 6:‏10)‏.‏

14.‏ بىز نېمە قىلىشقا بە‌ل باغلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

14 ئاددىي ھايات كە‌چۈرۈش ئۈچۈن خۇ‌دا پادىشالىقىنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شىمىز لازىم.‏ بىر ئە‌ر-‏ئايالنىڭ كۆپ پۇ‌ل تاپىدىغان شە‌خسىي تىجارىتى بولغان.‏ لېكىن ئۇ‌لار قايتىدىن تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىشنى خالىغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ‌لار تىجارىتى،‏ ماتورلۇ‌ق قېيىقىنى ۋە باشقا مال-‏مۈلكىنى سېتىۋېتىدۇ.‏ كېيىن ۋورۋىكتىكى (‏نيۇ-‏يورك)‏ دۇ‌نياۋىي باش ئىدارىنىڭ قۇ‌رۇ‌لۇ‌شىغا پىدائىي خىزمە‌تچى سۈپىتىدە بارىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن بۇ ئالاھىدە بىر ۋە‌قە بولدى.‏ سە‌ۋە‌بى بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلغان قىزى بىلە‌ن كۈيئوغلى ۋە يە‌نە بىرنە‌چچە ھە‌پتە جە‌ريانىدا ۋورۋىكتىكى لايىھىگە قاتناشقان كۈيئوغلىنىڭ ئاتا-‏ئانىسى بىلە‌ن بىللە خىزمە‌ت قىلالىغان.‏ كولورادو شتاتىدا (‏ئاق‌ش)‏ ياشايدىغان بىر پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولسا،‏ بانكىغا تولۇ‌ق ئە‌مە‌س ۋاقىتقا ئىشقا كىرىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ ئە‌مگىگىگە رازى بولغان باشلىقلىرى بۇ ئايال قېرىنداشقا تولۇ‌ق ۋاقىت ئىشنى بېرىپ،‏ مائاشىنى ئۈچ ھە‌سسە كۆپە‌يتمە‌كچى بولغان.‏ بۇ ۋە‌ز خىزمىتىگە توسالغۇ بولىدىغانلىقتىن،‏ قېرىندىشىمىز بۇ قىزىقتۇ‌رىدىغان ئىشنى رە‌ت قىلدى.‏ بۇ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى قىلىۋاتقان سان-‏ساناقسىز قۇ‌ربانلىقلارنىڭ پە‌قە‌ت بىر مىسالى.‏ پادىشاھلىقنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌شقا بە‌ل باغلىغانلىقىمىز خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قىمىزنى ۋە ھە‌قىقىي بايلىقنى مال-‏دۇ‌نيادىنمۇ ئۈستۈن قويىدىغانلىقىمىزنى روشە‌ن كۆرسىتىدۇ.‏

بايلىق تۈگىگە‌ندە

15.‏ قانداق بايلىق ئە‌ڭ زور قانائە‌ت ئاتا قىلىدۇ؟‏

15 بايلىققا ئىگە بولغانلىقىمىز چوقۇ‌م يە‌ھۋانىڭ ماقۇ‌للىشىغا ئېرىشكە‌نلىكىمىزنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا «خە‌يرىخاھلىق ئىشلار بىلە‌ن بېيىغان» كىشىلە‌رگە مول بە‌رىكە‌ت تۆكىدۇ ‏(‏تىموتىيغا 1-‏خە‌ت 6:‏17—‏19نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ لۇ‌سىيا ئىسىملىق قېرىنداش ئالبانىيادە ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنىڭ ئاز ئىكە‌نلىكىنى بىلىپ،‏ 1993-‏يىلى ئىتالىيادىن شۇ يە‌رگە كۆچۈپ بارىدۇb (‏ئىزاھە‌تكە قاراڭ.‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ئىشى بولمىسىمۇ،‏ ئۇ يە‌ھۋاغا پۈتۈنلە‌ي تايانغان.‏ ئۇ ئالبان تىلىنى ئۆگىنىپ،‏ 60تىن ئوشۇ‌ق ئادە‌منىڭ خۇ‌داغا بېغىشلىنىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ بە‌لكىم،‏ ھە‌ممىمىز ۋە‌ز قىلىدىغان تېررىتورىيىدە مۇ‌نداق نە‌تىجە كۆرمە‌يدىغاندىمىز.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئادە‌ملە‌رگە يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌ققىدە تە‌لىم ئېلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن دوست بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن قىلغان ھە‌رقانداق ھە‌رىكىتىمىز ئۆزۈمىزگە ۋە باشقىلارغا مە‌ڭگۈ پايدا ئېلىپ كېلىدىغان بايلىق بولىدۇ (‏مە‌تتا 6:‏20‏)‏.‏

16.‏ ئا)‏ مۇ‌شۇ دۇ‌نيانىڭ سودا-‏سېتىق تۈزۈمى بىلە‌ن نېمە بولىدۇ؟‏ ئە)‏ بۇ بىزنىڭ مال-‏دۇ‌نياغا بولغان كۆزقارىشىمىزغا قانداق تە‌سىر قىلىشى كېرە‌ك؟‏

16 ئە‌يسا بۈگۈنكى سودا-‏سېتىق تۈزۈمىنىڭ ۋە‌يران بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ ناھە‌ق بايلىق ‏«تۈگىسە»‏ ئە‌مە‌س،‏ ‏«تۈگىگە‌ندە»‏ دېگە‌ن (‏لۇ‌قا 16:‏9)‏.‏ بۇ ئاخىرقى كۈنلە‌ردە،‏ كۆپلىگە‌ن بانكىلار ۋە بە‌زى دۆلە‌تلە‌رنىڭ ئىقتىسادى ۋە‌يران بولۇ‌ۋاتىدۇ.‏ لېكىن پات ئارىدا ئە‌ھۋال تېخىمۇ مۈشكۈل بولىدۇ.‏ شە‌يتان دۇ‌نياسىنىڭ بىر قىسمى بولغان سىياسىي،‏ دىنىي ۋە سودا-‏سېتىق تۈزۈمى سۆزسىز يوق قىلىنىدۇ.‏ ھە‌زە‌قىيال بىلە‌ن سە‌فە‌نىيا پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر سودا-‏سېتىق دۇ‌نياسىنىڭ ئاساسىي بولۇ‌پ كە‌لگە‌ن ئالتۇ‌ن بىلە‌ن كۈمۈشنىڭ بىر تىيىنغا ئە‌رزىمە‌يدىغانلىقىنى ئالدىن-‏ئالا ئېيتقان (‏ھە‌زە‌قىيال 7:‏19؛‏ سە‌فە‌نىيا 1:‏18)‏.‏ ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرىدا مۇ‌شۇ يالغان دۇ‌نيانىڭ ناھە‌ق بايلىقىغا قاراپ،‏ ھە‌قىقىي بايلىقنى قۇ‌ربان قىلغانلىقىمىزنى چۈشە‌نسە‌ك،‏ ئۆزۈمىزنى قانداق ھېس قىلاتتۇ‌ق؟‏ ئېھتىمال،‏ پۇ‌ل يىغىش ئۈچۈن تە‌ر تۆكۈپ ئىشلىگە‌ن،‏ ئە‌مما ئاخىرىدا يىغقاننىڭ ھە‌ممىسى ساختا پۇ‌ل ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن ئادە‌مگە ئوخشاش ھېس قىلىدىغاندىمىز (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 18:‏11)‏.‏ ھە،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ بايلىقى ئە‌ڭ ئاخىرى تۈگە‌يدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن ئۇ‌نى ئە‌رىشتە دوستلارنى تېپىش ئۈچۈن پايدىلىنايلى.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ پادىشالىقى ئۈچۈن قىلغانلىرىمىز بىزنى ھە‌قىقىي بە‌ختلىك قىلىدۇ.‏

17،‏ 18.‏ خۇ‌دانىڭ دوستلىرى نېمىنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتمە‌كتە؟‏

17 خۇ‌دا پادىشالىقى كە‌لگە‌ندە،‏ ئىجارە پۇ‌لى ۋە قە‌رز دېگە‌نلە‌ر بولمايدۇ.‏ ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈك ھە‌قسىز ۋە مول بولىدۇ.‏ دوختۇ‌رلار بىلە‌ن تىبابە‌تنىڭ كېرىكى بولمايدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ دوستلىرى يە‌ر-‏زېمىننىڭ بايلىقىدىن ھوزۇ‌ر ئېلىپ راھە‌ت كۆرىدۇ.‏ ئالتۇ‌ن-‏كۈمۈچ بىلە‌ن ئېسىل تاشلار باي بولۇ‌ش ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ ئىنسانلارنىڭ زېنە‌ت بۇ‌يۇ‌مى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.‏ ياخشى سۈپە‌تلىك ياغاچلار،‏ تاشلار بىلە‌ن مېتاللار چىرايلىق ئۆيلە‌رنى سېلىش ئۈچۈن پايدىلىنىلىدۇ.‏ دوستلىرىمىز پۇ‌ل ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ ئۆزى خالاپ چىن يۈرە‌كتىن ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بىز يە‌ر-‏زېمىننىڭ بايلىقلىرىدىن ھە‌ممىمىز بىردە‌ك پايدىلىنىپ ياشايمىز.‏

18 بۇ —‏ ئە‌رشتىن دوستلار تاپقانلار ئېرىشىدىغان بىباھا سوۋغاتلارنىڭ بىر قىسمى خالاس.‏ يە‌ھۋانىڭ يە‌ر يۈزىدىكى خىزمە‌تچىلىرى،‏ ئە‌يسانىڭ:‏ «كېلىڭلار،‏ ئاتام بە‌رىكە‌تلىگە‌نلە‌ر،‏ ئادە‌مزات تۆرە‌لگە‌ندىن باشلاپ سىلە‌ر ئۈچۈن تە‌ييارلانغان پادىشاھلىقنىڭ مىراسخورلىرى بولۇ‌ڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا،‏ ئۇ‌لار خۇ‌شاللىقتىن قىن-‏قىنىغا پاتمايدۇ (‏مە‌تتا 25:‏34‏)‏.‏

a ئە‌يسا بۇ يالغان-‏ياۋداقنىڭ راست-‏يالغانلىقى توغرىسىدا ھېچنېمە ئېيتمىغان.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ لۇ‌قا 16:‏1دىكى «ئۇ‌نىڭغا يە‌تكۈزۈپتۇ» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان گرېك سۆزى بىرسى ئۇ‌نىڭغا يالغان تۆھمە‌ت چاپلىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرۈشى مۈمكىن.‏ ئامما ئە‌يسا باشقۇ‌رغۇ‌چىنىڭ ئىشىدىن نېمە سە‌ۋە‌بتىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۇ‌نىڭ قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلغانلىقىغا دىققە‌ت ئاغدۇ‌رغان.‏

b لۇ‌سىيا مۇ‌سسانېت قېرىنداشنىڭ تە‌رجىمىھالىنى «ئويغىنىڭلار!‏» (‏رۇ‌س)‏ ژۇ‌رنالىنىڭ 2003-‏يىل،‏ 22-‏ئىيۇ‌ن سانىنىڭ 18—‏22 بە‌تلىرىدىن ئوقالايسىز.‏

توردا ئىئانىنى قانداق قىلىشقا بولىدۇ؟‏

jw.org توربېتی

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ دۇ‌نيا يۈزلۈك تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىش ۋە تە‌بىئىي ئاپە‌تكە ئۇ‌چراپ ئازاب چە‌ككە‌نلە‌رگە ياردە‌م بېرىش پائالىيىتى خالىسانە ئىئانىلە‌رنىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئېلىپ بېرىلىدۇ.‏ توردا ئىئانە قىلىشقا رۇ‌خسە‌ت قىلىنغان دۆلە‌تلە‌ردە مۇ‌شۇ‌نى قىلىش ئۈچۈن org.‏jw تور بېكىتىگە كىرىپ،‏ ھە‌رقانداق بە‌تنىڭ تۆۋە‌ن تە‌رىپىدىكى «‏دۇ‌نياۋىي پائالىيىتىمىزگە ئىئانە قىلىش‏» دېگە‌ن يە‌رنى بېسىڭ.‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھى

  • سودا-‏سېتىق دۇ‌نياسى ياكى سودا-‏سېتىق تۈزۈمى دېگىنىمىز —‏ بار دىققىتىنى كۆپ پۇ‌ل تېپىشقا ئاغدۇ‌رىدىغان شە‌يتان دۇ‌نياسىنىڭ بىر قىسمى.‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رنى ئۆزىگە ئانچە زۆرۈر ئە‌مە‌س مال-‏مۈلۈكنى سېتىۋېلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ

  • ناھە‌ق بايلىققا قولۇ‌مىزدىكى بار مال-‏دۇ‌نيانىڭ ھە‌ممىسى كىرىدۇ.‏ ئۇ‌لارنى ئۆز مە‌نپە‌ئە‌تىمىز ئۈچۈنلا قوللانماي،‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ۋە خۇ‌دا پادىشالىقىنى قوللاش ئۈچۈن ئىشلە‌تسە‌ك،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن دوست بولىمىز

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش