مۇندەرىجە
28-ئاۋغۇست، 2017—3-سېنتەبىر، 2017
3 ھەقىقىي بايلىققا ئىنتىلەيلى
بۇ ماقالىدە قانداق قىلىپ بىز مال-مۈلكۈمىزنى ئىشلىتىپ، ئاسماندىن دوست تاپالايدىغانلىقىمىز چۈشەندۈرۈلىدۇ (لۇقا 16:9). شۇنداقلا بۇ دۇنيانىڭ سودا-سېتىق تۈزۈمىگە قۇل بولۇپ كەتمەسلىكنىڭ ۋە يەھۋاغا قولۇمىزدا بار ئەڭ ياخشىسىنى بېرىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى قاراپ چىقىمىز.
4—10 سېنتەبىر، 2017
9 «يىغلىغانلار بىلەن بىللە يىغلاڭلار»
يېقىنىدىن ئايرىلغان مەسىھ ئەگەشكۈچىسى قانداق قىلىپ قەلب يارىسىنى يىنىكلىتىپ، تەسەللىي تاپالايدۇ؟ يەھۋا خۇدا بىزگە ئەيسا مەسىھ، مۇقەددەس كىتاب ۋە جامائەت ئارقىلىق تەسەللىي بېرىدۇ. بۇ ماقالىدە ئۆزۈمىز قانداق تەسەللىي ئالالايدىغانلىقىمىز ۋە قايغۇرغانلارغا قانداق تەسەللى بېرەلەيدىغانلىقىمىز مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
11—17 سېنتەبىر، 2017
15 نېمىشقا «ياھنى مەدھىيىلىشىمىز» كېرەك؟
زەبۇرنىڭ 147-بابىدا خۇدا خەلقى قايتا-قايتا يەھۋانى مەدھىيىلەشكە دەۋەت قىلىنىدۇ. يەھۋانىڭ قايسى خىسلەتلىرى زەبۇر يازغۇچىسىنى زور ئىخلاس بىلەن «ياھنى مەدھىيلەڭلار!» دېيىشىگە دەۋەت قىلغان؟ مۇشۇ ماقالىدىن بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نېمە ئۈچۈن بىزنىڭمۇ يەھۋانى مەدھىيىلەشكە ئىنتىلىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
18—24 سېنتەبىر، 2017
21 يەھۋا خۇدا پلانلىرىڭىزنى بەرىكەتلىسۇن
كۆپلىگەن ياشلار قىزغىنلىق بىلەن تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتنى باشلىماقتا. سىزمۇ بۇنى خالامسىز؟ بۇ ماقالىدە ياشلارغا كېلەچىگىنى بەختلىك ۋە ئۇتۇقلۇق بولغىدەك پلانلاشقا ياردەم بېرىدىغان مۇقەددەس كىتاب مەسلىھەتلىرى كەلتۈرۈلگەن.