كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • 123 qbwji-‏ماقالە
  • خۇ‌دا ھە‌ممىلا يە‌ردىمۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌دا ھە‌ممىلا يە‌ردىمۇ؟‏
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا تېگىشلىك سوئاللار
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى جاۋاب
  • مۇ‌قە‌ددە‌س روھ،‏ ئۇ نېمە؟‏
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا تېگىشلىك سوئاللار
  • يە‌ھۋا —‏ ئۇ كىم؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا تېگىشلىك سوئاللار
123 qbwji-‏ماقالە
ئۇ‌پۇ‌قتا كۆرۈنگە‌ن قۇ‌ياش ۋە يۇ‌لتۇ‌زلۇ‌ق ئاسمان

خۇ‌دا ھە‌ممىلا يە‌ردىمۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى جاۋاب

ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دا ھە‌ممە نە‌رسىنى كۆرۈپ تۇ‌رىدۇ ۋە ئۆز ئىرادىسىنى ھە‌ر جايدا ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رالايدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 15:‏3؛‏ ئىبرانىيلارغا 4:‏13)‏.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا خۇ‌دا ھە‌ممىلا يە‌ردە ۋە ھە‌ر نە‌رسىدە مە‌ۋجۇ‌ت دېيىلمىگە‌ن.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ بىر شە‌خس ۋە ئۇ‌نىڭ ئۆز ماكانى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.‏

  • خۇ‌دانىڭ قىياپە‌ت شە‌كلى.‏ ئۇ روھىي شە‌خستۇ‌ر (‏يۇ‌ھاننا 4:‏24)‏.‏ ئىنسان بالىسى ئۇ‌نى كۆزى بىلە‌ن كۆرە‌لمە‌يدۇ (‏يۇ‌ھاننا 1:‏18)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى ۋە‌ھىيلە‌ردە،‏ خۇ‌دانىڭ ئۆزىگە خاس مۇ‌قىم ماكانى بار شە‌خس سۈپىتىدە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن (‏يە‌شايا 6:‏1،‏ 2؛‏ ۋە‌ھىي 4:‏2،‏ 3،‏ 8)‏.‏

  • خۇ‌دانىڭ ماكانى.‏ ئۇ‌نىڭ ماكانى جىسمانىي مە‌ۋجۇ‌تلۇ‌قلاردىن يىراق بولغان روھىي دۇ‌نيا.‏ شۇ روھلار دۇ‌نياسى،‏ يە‌نى ئاسمانلاردا خۇ‌دانىڭ ياشايدىغان ماكانى بار (‏پادىشاھلار 1-‏يازما 8:‏30)‏.‏ قىزىقارلىق يېرى شۇ‌كى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بىر كۈنى روھىي مە‌ۋجۇ‌داتلار «[يە‌ھۋا]‏a پە‌رۋە‌ردىگارنىڭ ھۇ‌زۇ‌رىغا يىغىلدى» دېيىلگە‌ن.‏ بۇ مە‌لۇ‌م مە‌نىدىن ئېيتقاندا،‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قىم بىر ماكانى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ (‏ئايۇ‌پ 1:‏6)‏.‏

ئە‌گە‌ر خۇ‌دا ھە‌ممىلا يە‌ردە ئە‌مە‌س بولسا،‏ ئۇ‌نداقتا ئۇ ماڭا شە‌خسە‌ن غە‌مخورلۇ‌ق قىلالامدۇ؟‏

ھە‌ئە.‏ ئاللا ھە‌ربىرىمىزگە سە‌مىمىي غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ ياراتقۇ‌چى خۇ‌دا ئاسماندا ياشىسىمۇ،‏ يە‌ر يۈزىدىكى چىن قە‌لبىدىن ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى خالايدىغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ،‏ ياردە‌م قىلىدۇ (‏پادىشاھلار 1-‏يازما 8:‏39؛‏ تارىخنامە 2-‏يازما 16:‏9)‏.‏ يە‌ھۋا سە‌مىمىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارغا قانداق غە‌مخورلۇ‌ق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى:‏

  • دۇ‌ئا قىلغىنىڭىزدا.‏ يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىڭىزنى تىڭشايدۇ (‏تارىخنامە 2-‏يازما 18:‏31)‏.‏

  • روھىڭىز چۈشكە‌ندە.‏ «پە‌رۋە‌ردىگار كۆڭلى سۇ‌نۇ‌قلارغا يېقىندۇ‌ر،‏ روھى ئېزىلگە‌نلە‌رنى قۇ‌تقۇ‌زىدۇ» (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏18)‏.‏

  • يول-‏يورۇ‌ققا مۇ‌ھتاج بولغىنىڭىزدا.‏ يە‌ھۋا ئۆز سۆزى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق «ئە‌قىل-‏ئىدراك بېرىپ ساڭا كۆرسىتىمە‌ن يولۇ‌ڭنى» دە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 32:‏8)‏.‏

خۇ‌دانىڭ ھە‌ممىلا يە‌ردە مە‌ۋجۇ‌تلىقى توغرىسىدىكى ناتوغرا پىكىرلە‌ر

ناتوغرا پىكىر:‏ خۇ‌دا ھە‌ممىلا يە‌ردە مە‌ۋجۇ‌ت.‏

ھە‌قىقە‌ت:‏ خۇ‌دا يە‌ر شارىدا ياكى جىسمانىي ئالە‌م ياكى كائىناتتا ياشىمايدۇ (‏پادىشاھلار 1-‏يازما 8:‏27)‏.‏ راست،‏ يۇ‌لتۇ‌زلار ۋە باشقا ياراتمىلار «تە‌ڭرىنىڭ ئۇ‌لۇ‌غلۇ‌قىنى جاكارلايدۇ» (‏زە‌بۇ‌ر 19:‏1 [18:‏1])‏.‏ خۇ‌ددى رە‌سسام ئۆزى سىزغان رە‌سىمنىڭ ئىچىدە ياشىمىغاندە‌ك،‏ ياراتقۇ‌چى خۇ‌دامۇ ئۆزى ياراتقان نە‌رسىدە ياشىمايدۇ.‏ قانداقلا بولمىسۇ‌ن،‏ رە‌سىمنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ بىزگە سە‌نئە‌تكار ھە‌ققىدە بە‌زى نە‌رسىنى ئېتىپ بېرىدۇ.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىز كۆرۈپ تۇ‌رغان دۇ‌نيا ياراتقۇ‌چىنىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى،‏ دانالىقى ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى قاتارلىق «كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان خىسلە‌تلىرىنى» ئە‌كس ئە‌تتۈرىدۇ (‏رىملىقلارغا 1:‏20)‏.‏

ناتوغرا پىكىر:‏ خۇ‌دا ھە‌ممىلا يە‌ردە مە‌ۋجۇ‌ت بولغاچقا،‏ ھە‌ممە نە‌رسىدىن خە‌ۋە‌ردار ۋە قۇ‌درە‌تلىك.‏

ھە‌قىقە‌ت:‏ خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا ياكى ھە‌رىكە‌ت كۈچىگە ئىگە.‏ خۇ‌دا ئۆزى شە‌خسە‌ن بارماي تۇ‌رۇ‌پ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق خالىغان ۋاقىتتا ۋە جايدا بارچە نە‌رسىدىن خە‌ۋە‌ردار بولالايدۇ ۋە ھېچ نە‌رسە ئۇ‌نىڭ نە‌زە‌رىدىن چە‌تتە قالمايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 139:‏7)‏.‏

ناتوغرا پىكىر:‏ زە‌بۇ‌ر 139:‏8-‏ئايە‌تتە،‏ خۇ‌دانىڭ ھە‌ممىلا يە‌ردە بارلىقى توغرىسىدا مۇ‌نداق دە‌پ يېزىلغان:‏ «ئاسمانغا چىقساممۇ،‏ بارسە‌ن ئۇ يە‌ردە،‏ لە‌ھە‌تكە [قە‌برىگە] كىرسە‌ممۇ بارسە‌ن ئۇ يە‌ردە».‏

ھە‌قىقە‌ت:‏ مە‌زكۇ‌ر ئايە‌تتە،‏ خۇ‌دانىڭ ھە‌ممىلا يە‌ردە ياشايدىغانلىقى ئېيتىلمىغان.‏ شېئىر شە‌كىلدە يېزىلغان بۇ سۆزلە‌ر بىزگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ھە‌رقانداق جاينىڭ ياراتقۇ‌چىنىڭ نە‌زىرىدىن يىراق ئە‌مە‌سلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏

a مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا،‏ خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى يە‌ھۋا دە‌پ تىلغان ئېلىنغان

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش