كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ئو18 2 № 15-‏ب.‏
  • 12.‏ مە‌قسە‌ت قويۇ‌ش

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • 12.‏ مە‌قسە‌ت قويۇ‌ش
  • ئويغىنىش!‏—‏2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • دېگە‌ن نېمە؟‏
  • نېمە ئۈچۈن بۇ مۇ‌ھىم؟‏
  • نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏
  • ياشلار،‏ روھىي مە‌خسە‌تلە‌رگە ئىنتىلامسىلە‌ر؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • ئۈمىدسىزلىكنى يېڭە‌لە‌يسىز
    ئويغىنىش!‏—‏2004
  • يە‌ھۋاغا داۋاملىق يېقىنلىشىڭ!‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن مە‌قسە‌ت قويۇ‌ڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ئويغىنىش!‏—‏2018
ئو18 2 № 15-‏ب.‏
بىر يىگىت خه‌رىته سىزىۋاتىدوُ

مە‌قسە‌تلە‌ر ئۆلچە‌پ سىزىلغان خە‌رىتىگە ئوخشاش.‏ سىزىلغان لايىھىنى تىرىشىش ئارقىلىق رېئاللىققا ئايلاندۇ‌رالايسىز.‏

ياشلار ئۈچۈن

12.‏ مە‌قسە‌ت قويۇ‌ش

دېگە‌ن نېمە؟‏

مە‌قسە‌ت قويۇ‌ش بىرە‌ر ئىشنى خىيال قىلىش ياكى شۇ ئىشنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىشلا ئە‌مە‌س.‏ ئۇ ئە‌تراپلىق پىلان تۈزۈش،‏ ئە‌مە‌لىي ئە‌ھۋالغا قاراپ ئۆزگە‌رتىش ۋە تىرىشىپ قە‌دە‌م-‏قە‌دە‌م كۆزلىگە‌ن مە‌قسە‌تكە يېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏

مە‌قسە‌تلە‌ر قىسقا مۇ‌ددە‌تلىك (‏بىرنە‌چچە كۈن ياكى ھە‌پتىلىك)‏،‏ ئورتا مۇ‌ددە‌تلىك (‏بىرنە‌چچە ئايلىق)‏ ۋە ئۇ‌زاق مۇ‌ددە‌تلىك (‏بىر يىل ياكى ئۇ‌نىڭدىن كۆپرە‌ك ۋاقىتلىق)‏ بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌زاق مۇ‌ددە‌تلىك مە‌قسە‌تلە‌رگە ئە‌ڭ ئاۋۋال بىرنە‌چچە قىسقا مۇ‌ددە‌تلىك مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ش ئارقىلىق يە‌تكىلى بولىدۇ.‏

نېمە ئۈچۈن بۇ مۇ‌ھىم؟‏

مە‌قسە‌تلە‌رگە يېتىش ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى ئاشۇ‌رىدۇ،‏ دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ ۋە كۆپرە‌ك خۇ‌شاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.‏

ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشە‌نچ.‏ كىچىك مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا يە‌تكە‌ندە چوڭراق مە‌قسە‌تلە‌رگە يېتە‌لە‌يدىغانلىقىڭىزغا ئىشە‌نچىڭىز تېخىمۇ كامىل بولىدۇ.‏ بۇ تۇ‌رمۇ‌شىڭىزدىكى قىيىنچىلىقلارغا،‏ شۇ جۈملىدىن تە‌ڭداشلىرىڭىزنىڭ بېسىمىغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ ئۆزىڭىزگە بولغان ئىشە‌نچىڭىز كۈچلۈك بولىدۇ.‏

دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتى.‏ ئادە‌ملە‌ر ئادە‌تتە ئۆز ئە‌ھۋالىغا ماس مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌پ،‏ مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌ت قازىنىشقا تىرىشىدىغان كىشىلە‌ر بىلە‌ن قويۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورنىتىشنى خالايدۇ.‏ كۈچ بىرلىكتە،‏ ئىش ئۆملۈكتە دېگە‌ندە‌ك،‏ ئورتاق بىر مە‌قسە‌ت ئۈچۈن تىرىشىش دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شنىڭ ئە‌ڭ ياخشى يوللىرىدىن بىرى.‏

خۇ‌شاللىق.‏ مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا قول يە‌تكۈزگە‌ندە قانائە‌ت ھاسىل قىلىسىز.‏

‏«ئالدىمغا مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شنى ياخشى كۆرىمە‌ن.‏ شۇ‌نداق بولغاندا ھە‌ر كۈنى بە‌نت بولىدىغان ئىشلىرىم بولىدۇ.‏ ھە‌ر بىر مە‌قسىتىڭىزگە يە‌تكە‌ندە،‏ خۇ‌رسە‌نلىك بىلە‌ن ئارقىڭىزغا قاراپ:‏ «ۋاھ،‏ ئاخىرى كۆزلىگە‌ن مە‌قسىتىمگە يە‌تتىم،‏ قىلماقچى بولغان ئىشىمنى پۈتتۈردۈم!‏»—‏ دە‌يسىز (‏كرىستوفېر)‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپ:‏ «شامالغا قارايدىغان كىشى ھېچ ۋاقىت تېرىماس ۋە بۇ‌لۇ‌تقا قارايدىغان كىشى ھېچ ۋاقىت ئورىماس».‏—‏ۋە‌ز 11:‏4.‏

نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

تۆۋە‌ندىكى قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چلار مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا يېتىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

مە‌قسە‌تلە‌رنى ئېنىقلاڭ.‏ يە‌تمە‌كچى بولغان مە‌قسە‌تلىرىڭىزنى تىزىملاپ،‏ بىرىنچى،‏ ئىككىنچى،‏ ئۈچىنچى دە‌پ مۇ‌ھىملىقىنى بە‌لگۈلە‌پ قويۇ‌ڭ.‏

پىلان تۈزۈڭ.‏ ھە‌ر بىر مە‌قسە‌تكە يېتىش ئۈچۈن تۆۋە‌ندىكى ھە‌رىكە‌تلە‌رنى قىلىڭ.‏

  • مۇ‌ۋاپىق مۇ‌ددە‌ت بە‌لگىلە‌ڭ.‏

  • تە‌پسىلىي قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چلارنى يېزىپ قويۇ‌ڭ.‏

  • ئالدىڭىزدا دۇ‌چ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنى كۆزدە تۇ‌تۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنى ھە‌ل قىلىش يوللىرىنى ئويلاپ كۆرۈڭ.‏

ھە‌رىكە‌ت قىلىڭ‏.‏ ئىشىڭىزنى باشلاش ئۈچۈن ھە‌ممە نە‌رسە تە‌لتۆكۈس تە‌ييار بولۇ‌شىنى كۈتۈپ ئولتۇ‌رماڭ.‏ ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:‏ «مە‌قسىتىمگە يېتىش ئۈچۈن ئە‌ڭ ئاۋۋال نېمە قىلسام بولىدۇ؟‏».‏ كېيىن،‏ ھە‌رىكە‌ت قىلىڭ.‏ ھە‌ر بىر قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چنى تاماملىغاندا،‏ پىلان قىلغان مە‌قسە‌تكە يېتىشكە يە‌نە قانچىلىك قالغانلىقىنى تە‌كشۈرۈپ تۇ‌رۇ‌ڭ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپ:‏ «چاققاننىڭ ئوي ئويلىنىشى بايلىققا سە‌ۋە‌ب بولادۇ‌ر».‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 21:‏5.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش