كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ش‌ي 60-‏دە‌رس
  • يە‌ھۋاغا داۋاملىق يېقىنلىشىڭ!‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋاغا داۋاملىق يېقىنلىشىڭ!‏
  • مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ
  • خۇ‌لاسە
  • ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
  • ياشلار،‏ روھىي مە‌خسە‌تلە‌رگە ئىنتىلامسىلە‌ر؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • 12.‏ مە‌قسە‌ت قويۇ‌ش
    ئويغىنىش!‏—‏2018
  • ياشلار،‏ چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن مە‌قسە‌ت قويۇ‌ڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
م‌ش‌ي 60-‏دە‌رس
60-‏دە‌رس.‏ بالكوندا ئولتۇ‌رۇ‌پ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ۋاتقان بىر ئايال.‏ «يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىڭ» ناملىق كىتاب ئۈستە‌لدە تۇ‌رىدۇ.‏

60-‏دە‌رس

يە‌ھۋاغا داۋاملىق يېقىنلىشىڭ!‏

باسما نەشىرى
باسما نەشىرى
باسما نەشىرى

سىز بۇ دە‌رسلىكتىن نۇ‌رغۇ‌ن نە‌رسىلە‌رنى ئۆگە‌ندىڭىز.‏ ئۆگە‌نگە‌نلىرىڭىز سىزنى يە‌ھۋانى سۆيۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلىپ،‏ بە‌لكىم ئاللىقاچان ھاياتىڭىزنى ئۇ‌نىڭغا بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتىڭىز.‏ ئە‌گە‌ر تېخى ئۇ‌نداق قىلمىغان بولسىڭىز،‏ يېقىن كېلە‌چە‌كتە بۇ قە‌دە‌منى بېسىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇ‌شىڭىز مۇ‌مكىن.‏ مە‌يلى قانداق بولسۇ‌ن،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ئاخىرقى نىشان ئە‌مە‌س.‏ سىز يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى مە‌ڭگۈ كۈچە‌يتە‌لە‌يسىز.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايسىز؟‏

1.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلىقىڭىزنى كۈچە‌يتىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىڭىز كېرە‌ك؟‏

يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى داۋاملىق كۈچە‌يتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ يە‌ھۋادىن ‏«يىراقلىشىپ كە‌تمە‌سلىكىمىز ئۈچۈن»‏ (‏ئىبرانىيلار 2:‏1)‏.‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ ۋە‌ز خىزمىتى بىلە‌ن ئالدىراش بولۇ‌ش ۋە خۇ‌دايىمىزغا تېخىمۇ كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدە‌ش ياردە‌م بېرىدۇ (‏فىلىپىلىكلە‌ر 3:‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ھايات كە‌چۈرۈشنىڭ ئە‌ڭ ئە‌ھمىيە‌تلىك يولى!‏—‏زە‌بۇ‌ر 84:‏10.‏

2.‏ سىز يە‌نە نېمە قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شىڭىز كېرە‌ك؟‏

گە‌رچە بۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بىلىم ئاشۇ‌رۇ‌ش دە‌رسلىكى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولۇ‌پ ياشاشنى داۋاملاشتۇ‌رىسىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ ‏«يېڭى شە‌خسنى كىيىڭلار»‏‏،‏—‏ دە‌يدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏23،‏ 24)‏.‏ سىز داۋاملىق خۇ‌دانىڭ سۆزىنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىپ،‏ جامائە‌ت يىغىلىشىلارغا قاتناشسىڭىز،‏ يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق يېڭى نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنىسىز.‏ ھاياتىڭىزدا ئۇ‌نىڭ پە‌زىلە‌تلىرىنى ئۈلگە قىلىشنىڭ يوللىرىنى داۋاملىق ئىزدە‌ڭ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھە‌رقانداق ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏

3.‏ يە‌ھۋا روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ خۇ‌دا سىلە‌رنى تە‌ربىيىلە‌پ،‏ سىلە‌رنى دە‌س تۇ‌رغۇ‌زۇ‌پ،‏ سىلە‌رنى چىداملىق قىلىپ،‏ ئىشە‌نچىڭلارنى مۇ‌ستە‌ھكە‌م ۋە تە‌ۋرە‌نمە‌س قىلىدۇ (‏1-‏پېترۇ‌س 5:‏10)‏.‏ ھە‌ممىمىز ئېزىقتۇ‌رۇ‌لۇ‌شلارغا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لارغا قارشى تۇ‌رۇ‌شىمىز ئۈچۈن يە‌ھۋا بىزگە كېرە‌كلىك كۈچنى بېرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 139:‏23،‏ 24)‏.‏ ئۇ بىزگە ئۇ‌نىڭغا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكى ۋە كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى بېرىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىدۇ.‏—‏فىلىپىلىكلە‌ر 2:‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

داۋاملىق روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈپ يېتىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىڭىزنى ۋە يە‌ھۋا سىزنى قانداق بە‌رىكە‌تلە‌يدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ.‏

4.‏ ئە‌ڭ يېقىن دوستىڭىز بىلە‌ن سۆھبە‌تلىشىپ تۇ‌رۇ‌ڭ

دۇ‌ئا ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى داۋاملىق تە‌تقىق قىلىش يە‌ھۋانىڭ دوستى بولۇ‌شىڭىزغا ياردە‌م بە‌ردى.‏ بۇ ئادە‌تلە‌رنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى تېخىمۇ كۈچە‌يتىشكە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

زە‌بۇ‌ر 62:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىڭىزنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن،‏ دۇ‌ئالىرىڭىزنىڭ سۈپىتىنى قانداق ياخشىلىيالايسىز؟‏

زە‌بۇ‌ر 1:‏2-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىڭىزنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌شنىڭ ئۈنۈمىنى قانداق ئاشۇ‌رالايسىز؟‏

شە‌خسىي تە‌تقىق قىلىشنىڭ كۆپرە‌ك پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏ بۇ‌نى ئۈچۈن فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «شە‌خسىي ئۆگىنىشىڭىزنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈڭ» (‏22:‏5)‏

  • فىلىمدىكى قايسى مە‌سلىھە‌تنى قوللانماقچىسىز؟‏

  • قايسى ماۋزۇ‌لار ئۈستىدە تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌نمە‌كچىسىز؟‏

5.‏ يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ڭ

يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشتا مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ش داۋاملىق روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «ئە‌ڭ ياخشى ھايات يولى» (‏31:‏3)‏

  • كامېرون مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆردى؟‏

ھە‌ممىلا ئادە‌م ۋە‌ز ئېيتىش ئۈچۈن باشقا دۆلە‌تكە كۆچە‌لمە‌يدۇ.‏ قانداق بولمىسۇ‌ن،‏ ھە‌ممىمىز يېتە‌لىگۈدە‌ك مە‌قسە‌تلە‌رنى قويساق بولىدۇ.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 21:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن قانداق مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شقا بولىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىپ كۆرۈڭ:‏

  • جامائە‌تتە؛‏

  • ۋە‌ز خىزمە‌تتە.‏

بۇ ئايە‌تتىكى پرىنسىپ مە‌قسە‌تلىرىڭىزگە يېتىشىڭىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

تۆۋە‌ندىكىلە‌ردە‌ك مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌پ بېقىڭ

  • دۇ‌ئالىرىڭىزنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش.‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى پۈتۈنلە‌ي ئوقۇ‌پ چىقىش.‏

  • جامائە‌تتىكى بارلىق ئېتىقادچىلار بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌ش.‏

  • بىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقىنى باشلاش.‏

  • ياردە‌مچى ياكى پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىش.‏

  • ئە‌گە‌ر سىز بۇ‌رادە‌ر بولسىڭىز،‏ ياردە‌مچى خىزمە‌تچى بولۇ‌شقا تىرىشىڭ.‏

6.‏ مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏

زە‌بۇ‌ر 22:‏26-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ھازىر ۋە مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتە ياشاۋاتقان كىشىلە‌ر.‏

خۇ‌لاسە

ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىڭىزنى داۋاملىق كۈچە‌يتىپ،‏ ئالدىڭىزغا روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ڭ.‏ شۇ‌ندىلا مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشىيالايسىز!‏

تە‌كرارلاش

  • نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌لە‌يسىز؟‏

  • يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىڭىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يسىز؟‏

  • مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ش يە‌ھۋاغا كۆپرە‌ك خىزمە‌ت قىلىشىڭىزغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

كېيىنكى يىلى يېتە‌لىگۈدە‌ك مە‌قسە‌ت قويۇ‌ڭ

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

يە‌ھۋا خۇ‌دا نېمىنى قە‌دىرلە‌يدۇ:‏ بىرلا قېتىم چوڭ بىر ئىشتا ئۇ‌نىڭغا سادىق بولۇ‌شنى ياكى ئۆمۈر بويى سادىق بولۇ‌پ قېلىشنىمۇ؟‏

‏«ئىبراھىمغا ئوخشاش ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاش»‏ (‏20:‏9)‏

ھە‌تتا يە‌ھۋانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىمۇ خۇ‌شاللىقىنى يوقىتىپ قويۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ قايتا خۇ‌شاللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈڭ.‏

‏«تە‌تقىق ۋە مۇ‌لاھىزە قىلىش ئارقىلىق خۇ‌شاللىققا قايتا ئېرىشىڭ»‏ (‏25:‏5)‏

قايسى روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويالايسىز ۋە ئۇ‌لارغا قانداق يېتە‌لە‌يسىز؟‏

‏«ياراتقۇ‌چىڭىزنى ئۇ‌لۇ‌غلاش ئۈچۈن ئالدىڭىزغا روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ڭ»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2004-‏يىل،‏ 15-‏ئىيۇ‌ل)‏

نېمە ئۈچۈن مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى ئىمان-‏ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتىلىشى كېرە‌ك ۋە شۇ مە‌قسە‌تكە يېتىش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلالايسىز؟‏

‏«يە‌ھۋانىڭ چوڭ كۈنى يېقىنلاشتى —‏ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈپ يېتىلىشكە قە‌دە‌م تاشلاڭ»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2009-‏يىل،‏ 15-‏ماي)‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش