كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م18 ئاپرېل 27-‏32 ب.‏
  • ياشلار،‏ روھىي مە‌خسە‌تلە‌رگە ئىنتىلامسىلە‌ر؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ياشلار،‏ روھىي مە‌خسە‌تلە‌رگە ئىنتىلامسىلە‌ر؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • نېمىشقا روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ش كېرە‌ك؟‏
  • باشقىلارغا يە‌ھۋا توغرىسىدا ئېيتىشقا ياخشى تە‌ييارلىنىڭ
  • مە‌قسە‌تلىرىڭىزنى ئە‌ستىن چىقارماڭ
  • 12.‏ مە‌قسە‌ت قويۇ‌ش
    ئويغىنىش!‏—‏2018
  • يە‌ھۋاغا داۋاملىق يېقىنلىشىڭ!‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن مە‌قسە‌ت قويۇ‌ڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2018
ك‌م18 ئاپرېل 27-‏32 ب.‏
ئابتۇ‌بۇ‌س بېكىتىدىكى ياش يىگىت

ياشلار،‏ روھىي مە‌قسە‌تلە‌رگە ئىنتىلە‌مسىلە‌ر؟‏

‏«قىلماقچى بولغان ئىشىڭنى پە‌رۋە‌ردىگارغا تاپشۇ‌رغىن،‏ ئۇ‌نداق قىلغاندا پلانلىرىڭ پىشىپ چىقار» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 16:‏3)‏.‏

ناخشىلار:‏ 11،‏ 24

ياشلار،‏ قانداق جاۋاب بېرىسىلە‌ر؟‏

  • نېمە ئۈچۈن پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 16:‏3تىكى مە‌سلىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىش سىزگە پايدا ئە‌كېلىدۇ؟‏

  • قانداق مە‌قسە‌تلە‌رگە ئىنتىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

  • مە‌قسە‌تلىرىڭىزنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىققا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

1—‏3.‏ ئا)‏ ياشلارنىڭ ھە‌ممىسىگە نېمە قىلىش كېرە‌ك ۋە بۇ‌نى نېمە بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ؟‏ (‏ماقالىنىڭ بېشىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ.‏)‏ ئە)‏ مۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە ياش مە‌سىھىيلە‌رگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

سىز يىراق بىر شە‌ھە‌ردە ئۆتىدىغان مۇ‌ھىم يىغىنغا بارماقچى دە‌يلى.‏ شۇ يە‌رگە يېتىش ئۈچۈن ئاپتۇ‌بۇ‌سقا ئولتۇ‌رۇ‌پ بېرىشىڭىز كېرە‌ك.‏ ئاپتۇ‌بۇ‌س بېكىتىگە كە‌لگە‌ندە،‏ مىغ-‏مىغ ئادە‌م ۋە تىقما-‏تىقماق ئاپتۇ‌بۇ‌سنى كۆرۈپ،‏ ئازىراق ھودۇ‌قۇ‌پ قالىسىز.‏ لېكىن،‏ بە‌ختكە يارىشا،‏ سىز نە‌گە بارىدىغانلىقىڭىزنى ۋە قايسى ئاپتۇ‌بۇ‌سقا ئولتۇ‌رۇ‌ش كېرە‌كلىكىنى ئېنىق بىلىسىز.‏ سىز باشقا ھېچقانداق ئاپتۇ‌بۇ‌سقا ئولتۇ‌رمايسىز،‏ چۈنكى ئۇ سىزنى تامامە‌ن باشقا تە‌رە‌پكە ئاپىرىدىغانلىقىنى چۈشىنىسىز.‏

2 ھاياتنى ساياھە‌ت بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ.‏ ياشلار بولسا،‏ ئاپتۇ‌بۇ‌س بېكىتىدە تۇ‌رغان ئادە‌ملە‌رگە ئوخشايدۇ.‏ بە‌زىدە ھاياتتىكى قارارلار بىلە‌ن تاللاشلارنىڭ كۆپلىكىدىن،‏ ياشلار نېمە قىلارىنى بىلمە‌ي،‏ قاتتىق ئە‌نسىرىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ سىز كۆزلىگە‌ن مە‌قسىتىڭىزنى ياخشى بىلسىڭىز،‏ توغرا قارار قىلىش ئاسانىراق بولىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ سىز قايسى تە‌رە‌پكە يول تۇ‌تۇ‌شىڭىز كېرە‌ك؟‏

3 بۇ ماقالە مۇ‌شۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ،‏ سىزنى يە‌ھۋانىڭ ماقۇ‌للىشىغا ئېرىشىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ بۇ بىلىم ئېلىش،‏ ئىشقا كىرىش،‏ توي قىلىش ۋە بالىلىق بولۇ‌شقا ئوخشاش ھە‌ر تۈرلۈك مە‌سىلىلە‌ردە يە‌ھۋانىڭ يول-‏يورۇ‌قىغا تايىنىشنى بىلدۈرىدۇ.‏ يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشقا ياردە‌م بېرىدىغان مە‌قسە‌تلە‌رگە ئىنتىلىشمۇ بۇ‌نىڭغا كىرىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ھاياتىڭىزدىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم نە‌رسە بولسا،‏ ئۇ‌نىڭ سىزگە مول بە‌رىكە‌ت تۆكۈپ،‏ ئۇ‌تۇ‌ققا ئېرىشىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقى سۆزسىز ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 16:‏3نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

نېمىشقا روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ش كېرە‌ك؟‏

4.‏ مۇ‌شۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

4 روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شنىڭ پايدىسى زور.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ بۇ‌نىڭ ئۈچ سە‌ۋبىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى سە‌ۋە‌بتىن روھىي مە‌قسە‌تلە‌رگە ئىنتىلىش يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى تېخىمۇ قويۇ‌قلاشتۇ‌رىدىغانلىقىنى كۆرىسىز.‏ ئۈچىنچى سە‌ۋە‌بتىن مۇ‌نداق مە‌قسە‌تلە‌رگە ياش چېغىڭىزدىن باشلاپ ئىنتىلىشنىڭ نېمە ئۈچۈن پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى بىلىۋالىسىز.‏

5.‏ روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بى نېمە؟‏

5 روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بى —‏ يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە ۋە بىز ئۈچۈن قىلغان ھە‌ممە ياخشىلىقىغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈش.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىلىرىنىڭ بىرى:‏ «پە‌رۋە‌ردىگارغا شۈكۈر قىلىش.‏.‏.‏ئە‌لادۇ‌ر.‏ چۈنكى سە‌ن،‏ پە‌رۋە‌ردىگار،‏ ئۆز قىلغىنىڭ ئارقىلىق مېنى خۇ‌رسە‌ن قىلدىڭ،‏ قوللىرىڭ قىلغانلىرى بىلە‌ن مە‌ن روھلىنىپ ناخشا ئېيتىمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 92:‏1،‏ 4)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بە‌رگە‌ن ھە‌ممە نە‌رسىلە‌ر ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ سىزگە ھايات،‏ ئېتىقاد،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ جامائە‌ت ۋە جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدىنى بە‌ردى.‏ سىز روھىي مە‌خسە‌تلە‌رنى قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا ئىنتىلگە‌ندە،‏ يە‌ھۋاغا بارلىق ياخشى ئىشلىرى ئۈچۈن مىننە‌تدار ئىكە‌نلىكىڭىزنى كۆرسىتىسىز ۋە ئۇ‌نىڭغا تېخىمۇ يېقىنلىشىسىز.‏

6.‏ ئا)‏ روھىي مە‌قسە‌تلە‌ر يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏ ئە)‏ ياش چېغىڭىزدا قويالايدىغان مە‌قسە‌تلە‌رنىڭ بە‌زىلىرى قانداق؟‏

6 ئىككىنچى سە‌ۋە‌بى بولسا،‏ روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ش ئۈچۈن ھە‌رىكە‌ت قىلغاندا،‏ سىز يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىسىز.‏ بۇ‌مۇ سىزنى ئۇ‌نىڭغا يېقىنلاشتۇ‌رىدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق ۋە‌دە بە‌رگە‌ن:‏ «ئۇ‌نىڭ ئىسمىغا كۆرسىتىلگە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭلارنى ھە‌م.‏.‏.‏ ئە‌مگىگىڭلارنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالغىدە‌ك،‏ خۇ‌دا ھە‌ققانىيسىز ئە‌مە‌ستۇ‌ر» (‏ئىبرانىيلارغا 6:‏10)‏.‏ مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌ش ئۈچۈن مە‌ن تېخى بە‌ك ياش دە‌پ ئويلىماڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كرىستىن 10 ياشقا كىرگە‌ندە،‏ سادىق قېرىنداشلارنىڭ تە‌رجىمىھاللىرىنى ئوقۇ‌شنى مە‌قسە‌ت قىلدى.‏ توبى چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتۈشتىن ئاۋۋال مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تولۇ‌ق ئوقۇ‌پ چىقىش مە‌قسىتىنى قويغان.‏ ماكسىم 11 ياشتا ۋە سىڭلىسى نائومى 10 ياشتا بولغاندا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن.‏ ئىككىلىسى بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىشقا ئىنتىلگە‌ن.‏ بۇ مە‌قسىتىنى دائىم ئېسىدە ساقلاش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لار بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىش ئىلتىماس خېتىنى تامغا ئېسىپ قويغان.‏ سىزچۇ؟‏ سىزنىڭ قانداق مە‌قسە‌تلىرىڭىز بار؟‏ ئۇ‌لارغا قول يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏ ‏(‏فىلىپپىلىقلارغا 1:‏10،‏ 11نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

7،‏ 8.‏ ئا)‏ نېمە ئۈچۈن مە‌قسە‌ت قويسىڭىز،‏ قارار قوبۇ‌ل قىلىش ئاسانىراق بولىدۇ؟‏ ئە)‏ نېمىشقا بىر قېرىنداش ئۆسمۈر ۋاقتىدا ئۇ‌نىۋېرسىتېتتا ئوقۇ‌ماسلىقنى تاللىغان؟‏

7 ياشلارنىڭ مە‌قسە‌ت قويۇ‌شى پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنىڭ ئۈچىنچى سە‌ۋە‌بى قانداق؟‏ سىز ياش بولغاچ،‏ كۆپ قارارلارنى چىقىرىشىڭىز لازىم.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىز قانداق بىلىم ئېلىشنى،‏ قانداق ئىشقا كىرىشنى ۋە باشقىمۇ كۆپ قارارلارنى چىقىرىشىڭىز كېرە‌ك.‏ بۇ قارارلار ئالدىڭىزدىكى تۆت كوچىغا ئوخشاش.‏ نە‌گە ماڭماقچى بولغانلىقىڭىزنى ئېنىق بىلسىڭىز،‏ قايسى يول بىلە‌ن بېرىشنى قارار قىلىش ئاسان بولىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ مە‌قسە‌تلىرىڭىزنىڭ قانداق ئىكە‌نلىكىنى بىلسىڭىز،‏ دانا قارار چىقىرىش ئاسانىراق بولىدۇ.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 21:‏5تە:‏ «ئە‌ستايىدىل كىشىلە‌رنىڭ ئويلىرى ئۇ‌لارنى پە‌قە‌ت مولچىلىققا يېتە‌كلە‌ر»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ بالدۇ‌ر ياخشى مە‌قسە‌ت قويۇ‌پ،‏ ئە‌تىگە‌نرە‌ك پىلان تۈزسىڭىز،‏ تېزىراق ئۇ‌تۇ‌ققا ئېرىشىسىز.‏ دامارىس دېگە‌ن قېرىندىشىمىزنىڭ ۋە‌زىيىتى شۇ‌نداق بولغان.‏ ئۆسمۈر ۋاقتىدا ئۇ مۇ‌ھىم بىر قارار قىلغان.‏

8 دامارىس مە‌كتە‌پنى ئە‌لا نە‌تىجىلە‌ر بىلە‌ن تاماملىغانلىقتىن،‏ ئالىي مە‌كتە‌پتىكى قانۇ‌ن فاكۇ‌لتېتىغا چۈشۈپ،‏ ھە‌قسىز ئوقالاتتى.‏ لېكىن،‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ ئاددىي ئىشقا كىرىشنى قارار قىلغان.‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ كىچىكىدىن پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشقا ئىنتىلگە‌نىدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بۇ‌نىڭ ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت تە‌لە‌پ قىلمايدىغان ئىشقا كىرىشىم كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌ندىم.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ‌نىۋېرسىتېت دىپلومى بىلە‌ن كۆپ پۇ‌ل تاپاتتىم،‏ لېكىن يېرىم كۈنلۈك ئىشنى تېپىشىم ئىككى تايىن».‏ دامارىس 20 يىلدىن ئوشۇ‌ق ۋاقىت پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلماقتا.‏ ئۇ قويغان مە‌قسىتى ۋە ئۆسمۈر چېغىدا قىلغان قارارى ھە‌ققىدە ھازىر نېمە ئويلايدۇ؟‏ ئۇ توغرا قارار قىلدىم دە‌پ ھېسابلايدۇ.‏ ئىشىدا ئۇ كۆپ قانۇ‌ن ئوقۇ‌غانلارنى ئۇ‌چراتقان.‏ ئۇ‌نىۋېرسىتېتتا ئوقۇ‌غان بولسا،‏ دامارىس خۇ‌ددى ئۇ‌لارغا ئوخشاش ئىشلە‌تتى.‏ ئۇ ئېيتقاندە‌ك،‏ ئۇ‌لارنىڭ كۆپلىرى ئىشىدىن قانائە‌ت ئالمايدۇ.‏ دامارىس پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىش داۋامىدا كۆپ خۇ‌شاللىق تاپقانلىقىنى ۋە بۇ قارار ئۇ‌نىڭغا شۇ ئادە‌ملە‌ردە‌ك خۇ‌شاللىقىنى يوقۇ‌تۇ‌پ قويماسلىققا ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ئېيتقان.‏

9.‏ ياشلار نېمە ئۈچۈن ماختاشقا لايىق؟‏

9 دۇ‌نيا يۈزىدىكى مىڭلىغان ياشلار توغرا ھە‌رىكە‌ت قىلماقتا.‏ ئۇ‌لار ماختاشقا لايىق.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتى ۋە روھىي مە‌قسە‌تلىرى ئۇ‌لارنىڭ ھاياتىدىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم نە‌رسىلە‌ر.‏ بۇ ياشلار ھاياتتىن ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىق تاپماقتا.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ‌لار بىلىم ئېلىش،‏ ئىش تېپىش ياكى ئائىلىۋى تۇ‌رمۇ‌شقا ئوخشاش مە‌سىلىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىدە يە‌ھۋانىڭ رە‌ھبە‌رلىگىگە تايىنىشقا ئۆگىنىدۇ.‏ سۇ‌لايمان پادىشا:‏ «پە‌رۋە‌ردىگارغا چىن قە‌لبىڭ بىلە‌ن تايانغىن.‏ قانداقلا ئىش قىلساڭ،‏ پە‌رۋە‌ردىگارنى تونۇ‌شقا ئىنتىل،‏ ئۇ ساڭا توغرا يوللارنى كۆرسىتىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 21:‏5)‏.‏ ياشلار،‏ يە‌ھۋا سىلە‌رنى بە‌ك ياخشى كۆرىدۇ!‏ سىلە‌ر ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ناھايىتى باھالىق ۋە ئۇ سىلە‌رنى قوغدايدۇ،‏ يېتە‌كلە‌يدۇ ۋە مول بە‌رىكە‌ت بېرىدۇ.‏

باشقىلارغا يە‌ھۋا توغرىسىدا ئېيتىشقا ياخشى تە‌ييارلىنىڭ

10.‏ ئا)‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن ۋە‌ز ئىشى بىز ئۈچۈن ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىشلارنىڭ بىرى بولۇ‌شى كېرە‌ك؟‏ ئە)‏ باشقىلارغا كۆزقارىشىڭىزنى ياخشىراق چۈشە‌ندۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

10 يە‌ھۋانىڭ ماقۇ‌للىشىغا ئېرىشمە‌كچى بولسىڭىز،‏ ئۇ ھە‌ققىدە باشقىلارغا ئېيتىشنى خالايدىغانسىز.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ «ئاۋال.‏.‏.‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ۋە‌ز قىلىنىشى لازىم» ئىكە‌نلىكىنى ئېيتقان (‏ماركۇ‌س 13:‏10)‏.‏ ۋە‌ز ئىشى جىددىي بولغانلىقتىن،‏ بىز ئۈچۈنمۇ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىشلارنىڭ بىرى بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ سىز ئادە‌تتىكىدىن كۆپرە‌ك ۋە‌ز قىلىشنى مە‌قسە‌ت قىلالامسىز؟‏ پىئونېر بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلالامسىز؟‏ ۋە‌ز قىلىشنى ئانچە ياقتۇ‌رمىسىڭىزچۇ؟‏ باشقىلارغا كۆزقارىشىڭىزنى ياخشىراق چۈشە‌ندۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏ سىزگە ئىككى نە‌رسە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ:‏ بىرىنچىدىن،‏ ياخشى تە‌ييارلىق كۆرۈڭ ۋە ئىككىنچىدىن،‏ ھېچ بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمە‌ي يە‌ھۋا ھە‌ققىدە بىلگە‌نلىرىڭىزنى باشقىلارغا ئېيتىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏ شۇ چاغدا ۋە‌ز قىلىش قانچىلىك كۆپ خۇ‌رسە‌نلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ،‏ ھە‌يران قېلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏

ۆسمۈر بالا سىنىپدىشىغا گۇ‌ۋالىق بېرىش ئۈچۈن ئىش ۋاراقچىسىنىڭ ياردىمى بىلە‌ن تە‌ييارلىنىۋاتىدۇ

باشقىلارغا يە‌ھۋا ھە‌ققىدە ئېيتىشقا قانداق تە‌ييارلىنىسىز؟‏ (‏11،‏ 12-‏ئابزايسلارغا قاراڭ)‏

11،‏ 12.‏ ئا)‏ باشقىلارغا يە‌ھۋا ھە‌ققىدە ئېيتىش ئۈچۈن قانداق تە‌ييارلانسىڭىز بولىدۇ؟‏ ئە)‏ بىر ياش بۇ‌رادىرىمىز مە‌كتە‌پتە يە‌ھۋا توغرىسىدا ئېيتىشنىڭ مۇ‌مكىنچىلىكىنى قانداق پايدىلاندى؟‏

11 ئە‌ڭ ئاۋۋال،‏ سىنىپداشلىرىڭىز سوراپ قېلىشى مۇ‌مكىن سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تە‌ييارلاڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار سىزدىن:‏ «خۇ‌داغا نېمىشقا ئىشىنىسىز؟‏» دە‌پ سورىشى مۇ‌مكىن.‏ بىزنىڭ org.‏jw تور بېكىتىمىزدە بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشكە ياردە‌م بېرىدىغان ماقالىلە‌ر بار.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرى >‏ ئۆسمۈرلە‌ر دېگە‌ن يە‌رگە كىرسىڭىز،‏ «مە‌ن نېمىشقا خۇ‌داغا ئىشىنىمە‌ن؟‏» دېگە‌ن ئىش ۋاراقچىسىنى تاپالايسىز.‏ ئۆزىڭىزنىڭ شە‌خسىي جاۋابىڭىزنى تە‌ييارلاش ئۈچۈن بۇ ئىش ۋاراقچىسىدىكى ھە‌ربىر قە‌دە‌منى ئورۇ‌نلاپ چىقىڭ.‏ شۇ يە‌ردە قوللىنىشقا بولىدىغان ئۈچ ئايە‌تنى كۆرىسىز:‏ ئىبرانىيلارغا 3:‏4،‏ رىملىقلارغا 1:‏20 ۋە زە‌بۇ‌ر 139:‏14.‏ تور بېكىتىمىزدە كۆپلىگە‌ن سوئاللارغا جاۋاب تە‌ييارلاشقا ياردە‌م بېرىدىغان باشقىمۇ ئىش ۋاراقچىلىرى بار ‏(‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 3:‏15نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

12 سىنىپداشلىرىڭىزغا org.‏jw تور بېكىتىگە ئۆزلىرى كىرىپ كۆرسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىڭ.‏ لۇ‌كا ئىسىملىق بۇ‌رادىرىمىز شۇ‌نداق قىلغان.‏ بىر قېتىم دە‌رىستە ھە‌ر تۈرلۈك دىنلار قاراشتۇ‌رۇ‌لغاندا،‏ ئۇ دە‌رىسلىكتە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ھە‌ققىدە يالغان مە‌لۇ‌مات يېزىلغانلىقىنى كۆرگە‌ن.‏ لۇ‌كا ھودۇ‌قسىمۇ،‏ مۇ‌ئە‌للىمدىن يېزىلغان مە‌لۇ‌ماتنىڭ نېمە ئۈچۈن ناتوغرا ئىكە‌نلىكىنى سىنىپتا چۈشە‌ندۈرۈشكە رۇ‌خسە‌ت سورىغان.‏ رۇ‌خسە‌ت ئالغاندىن كېيىن ئۇ ھە‌ممە سىنىپداشلىرىغا ئېتىقادى ھە‌ققىدە ئېيتىپ بە‌رگە‌ن ھە‌م org.‏jw تور بېكىتىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ مۇ‌ئە‌للىمى ئوقۇ‌غۇ‌چىلارغا ئۆي تاپشۇ‌رۇ‌قى سۈپىتىدە «‏لۆكچە‌كلە‌رنى مۇ‌شتۇ‌مسىز يە‌ڭگىن!‏‏» دېگە‌ن ۋىدېئونى كۆرۈشنى ئېيتقان.‏ لۇ‌كا مە‌كتە‌پتە يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرىسىدا ئېيتقىنىغا قانچىلىك خۇ‌شال بولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالامسىز؟‏

13.‏ نېمە ئۈچۈن قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە ھە‌رگىز بە‌ل قويۋە‌تمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك؟‏

13 قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە چۈشكۈنلۈككە بېرىلمە‌ي،‏ داۋاملىق مە‌قسە‌تلىرىڭىزگە ئىنتىلىڭ (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 4:‏2)‏.‏ كاتىرىنا 17 ياشتا بولغاندا،‏ خىزمە‌تداشلىرىنىڭ ھە‌ممىسىگە ۋە‌ز قىلىشنى مە‌قسە‌ت قىلغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرسى بىرنە‌چچە قېتىم ئاغزىنى يامان قىلىپ،‏ ئۇ‌نى ھاقارە‌تلىگە‌نىدى.‏ ئە‌مما كاتىرىنا ئۆز مە‌قسىتىنى ئە‌ستىن چىقارمىغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈلگىلىك يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شى خانىس دېگە‌ن بىر خىزمە‌تدىشىغا قاتتىق تە‌سىر قىلغانىدى.‏ ئۇ ماتېرىياللىرىمىزنى ئوقۇ‌شقا ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشكە باشلاپ،‏ كېيىن چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن.‏ كاتىرىنا شۇ چاغدا باشقا يە‌رگە كۆچۈپ كە‌تكە‌نلىكتىن،‏ بۇ‌نى بىلمىگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا 13 يىل ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ كاتىرىنا ئائىلىسى بىلە‌ن جامائە‌ت يىغىلىشىغا كە‌لگە‌ندە،‏ ئاممىۋىي نۇ‌تۇ‌قنى ئېيتقان بۇ‌رادە‌ر خانىس ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ،‏ بە‌ك ھە‌يران قالغانىدى!‏ ئۇ ئۆز ۋاقتىدا خىزمە‌تداشلىرىغا گۇ‌ۋاھلىق بېرىش مە‌قسىتىدىن ۋاز كە‌چمىگە‌نلىكىگە ناھايىتى خۇ‌شال بولغان.‏

مە‌قسە‌تلىرىڭىزنى ئە‌ستىن چىقارماڭ

14،‏ 15.‏ ئا)‏ بېسىمغا ئۇ‌چرىغاندا نېمىنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىڭىز كېرە‌ك؟‏ ئە)‏ باشقىلارنىڭ بېسىمىغا باش ئە‌گمە‌سلىك ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

14 كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ بۇ ماقالە سىزنى يە‌ھۋانىڭ قوبول قىلىشىغا ئېرىشىشكە ئىنتىلىشكە ۋە روھىي مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلدى.‏ لېكىن،‏ تە‌ڭتۇ‌شلىرىڭىزنىڭ كۆپىنچىسى پە‌قە‌ت ئويۇ‌ن-‏تاماشا ھە‌ققىدىلا ئويلايدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار سىزنىڭمۇ شۇ‌نداق قىلىشىڭىزنى خالايدىغاندۇ.‏ بۈگۈن بولسۇ‌ن ياكى ئە‌تە،‏ مە‌قسە‌تلىرىڭىزگە يېتىشنىڭ سىز ئۈچۈن قانچىلىك مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى باشقىلارغا كۆرسىتىشىڭىز كېرە‌ك بولىدۇ.‏ ھېچكىمنىڭ سىزگە بېسىم قىلىپ،‏ مە‌قسە‌تلىرىڭىزنى ئۇ‌نتۇ‌لدۇ‌رۇ‌شىغا يول قويماڭ.‏ ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئېلىنغان ئاپتۇ‌بۇ‌س بېكىتىدە تۇ‌رسىڭىز،‏ ئىچىدىكى ئادە‌ملە‌ر ۋاقىتنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزىۋاتىدۇ،‏ دە‌پ ھە‌رقانداق بىر ئاپتۇ‌بۇ‌سقا ئولتۇ‌رامسىز؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق!‏

15 باشقىلار سىزنى ئۆزىگە ئە‌گىشىشكە مە‌جبۇ‌رلىغاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ بېسىمغا باش ئە‌گمە‌سلىك ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏ بېسىمغا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئاسان خاتالىق ئۆتكۈزىدىغان ۋە‌زىيە‌تلە‌ردىن ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قېچىڭ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏3)‏.‏ يامان ئىشلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋېتى ھە‌ققىدە ئويلىنىڭ (‏گالاتىلىقلارغا 6:‏7)‏.‏ دانا مە‌سلىھە‌تكە مۇ‌ھتاج بولغانلىقىڭىزنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ئىقرار قىلىڭ.‏ ئاتا-‏ئانىڭىز ۋە جامائە‌تتىكى تە‌جرىبىلىك قېرىنداشلارنىڭ گېپىگە كىرىڭ ‏(‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 5:‏5،‏ 6نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏

16.‏ كرىستوفنىڭ ۋە‌قە‌سىدىن كە‌متە‌ر بولۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىملىقى قانداق كۆرۈنىدۇ؟‏

16 كرىستوف ئىسىملىق بۇ‌رادە‌رگە كە‌متە‌رلىك خىسلىتى مە‌سلىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشقا ياردە‌م بە‌رگە‌نىدى.‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن كېيىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمە‌ي،‏ ئۇ تە‌نتە‌ربىيە مە‌ركىزىگە بېرىشنى باشلايدۇ.‏ شۇ يە‌ردىكى ياشلار ئۇ‌نى ئۆزلىرىنىڭ توپىغا قوشۇ‌لۇ‌شقا چاقىرغان.‏ كرىستوف بۇ توغرىسىدا بىر ئاقساقال بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ن.‏ ئاقساقال ئۇ‌نى رىقابە‌تلىشىش روھنىڭ پە‌يدا بولۇ‌شىدە‌ك بە‌زى خە‌تە‌رلە‌ر ھە‌ققىدە ئاگاھلاندۇ‌رغان.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ ئۇ شۇ توپقا كىرىشنى قارار قىلغان.‏ بىراق،‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ كرىستوف بۇ تە‌نتە‌ربىيە تۈرىنىڭ زوراۋان ۋە ھە‌تتا خە‌تە‌رلىك ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ يە‌نە بىر قېتىم ئاقساقاللار بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ن،‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلىنىپ مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ كرىستوف مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋا ماڭا ياخشى مە‌سلىھە‌تچىلە‌رنى ئە‌ۋە‌تتى.‏ مە‌سلىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىش ئۈچۈن بىراز ۋاقىت كە‌تسىمۇ،‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭغا قۇ‌لاق سالدىم».‏ سىزچۇ،‏ ياخشى مە‌سلىھە‌تكە كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن قۇ‌لاق سالامسىز؟‏

17،‏ 18.‏ ئا)‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ياشلار ئۈچۈن نېمىنى خالايدۇ؟‏ ئە)‏ چوڭ بولغاندا قارارلىرىڭىزغا پۇ‌شايمان قىلماسلىق ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

17 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «ياشلىقىڭدىن ھۇ‌زۇ‌ر ئال،‏ ئە‌ي يىگىت،‏ ياشلىقىڭدا كۆڭلۈڭ ئۆزۈڭگە خۇ‌شاللىقنى يە‌تكۈزگە‌ي»،‏—‏ دە‌پ ئېيتىلغان (‏ۋە‌ز 11:‏9)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا سىزنىڭ ياش چېغىڭىزدا شاد-‏خۇ‌رام بولۇ‌شىڭىزنى خالايدۇ.‏ بۇ ماقالىدىن بىلگىنىڭىزدە‌ك،‏ بە‌ختكە ئېرىشىش ئۈچۈن روھىي مە‌قسە‌تلىرىڭىزگە كۆز تىكىشىڭىز ۋە پىلان تۈزۈپ،‏ قارار قىلغاندا دائىم يە‌ھۋانىڭ يول-‏يورۇ‌قىغا تايىنىشىڭىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نى قانچە ئە‌تىگە‌ن قىلسىڭىز،‏ يە‌ھۋانىڭ قوغدايدىغانلىقىنى،‏ رە‌ھبە‌رلىك ۋە بە‌رىكە‌ت بېرىدىغانلىقىنى شۇ‌نچە تېزىراق ھېس قىلىسىز.‏ ئۆزىنىڭ سۆزىدە يە‌ھۋانىڭ سىزگە قانچىلىك كۆپ مە‌سلىھە‌ت بە‌رگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئويلىنىڭ ۋە بۇ سۆزلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلىڭ:‏ «ياشلىقىڭدا ياراتقۇ‌چىڭنى ئېسىڭدا چىڭ تۇ‌ت» (‏ۋە‌ز 12:‏1)‏.‏

18 ياشلار تېز ئۆسۈپ،‏ چوڭ بولىدۇ.‏ بە‌ك ئە‌پسۇ‌سكى،‏ كۆپلىگە‌ن ياشلار ناتوغرا مە‌قسە‌تلە‌رگە ئىنتىلگە‌نلىكىگە ياكى تامامە‌ن مە‌قسە‌ت قويمىغانلىقىغا پۇ‌شايمان قىلىشىدۇ.‏ ئە‌مما روھىي مە‌قسە‌تلىرىڭىزنى ئە‌ستىن چىقارمىسىڭىز،‏ چوڭ بولغاندا ھازىر قىلغان قارارلىرىڭىزدىن پە‌خىرلىنىسىز.‏ مىريانا ئىسىملىق قېرىندىشىمىز بۇ‌نىڭغا كۆز يە‌تكۈزگە‌ن.‏ ئۆسمۈر بولغاندا ئۇ بە‌ك ياخشى تە‌نھە‌رىكە‌تچى بولغان.‏ ئۇ ھە‌تتا قىشلىق تە‌نھە‌رىكە‌ت مۇ‌سابىقىلىرىگە تە‌كلىپ قىلىنغان.‏ بىراق،‏ ئۇ بۇ تە‌كلىپنى رە‌ت قىلىپ،‏ يە‌ھۋاغا تولۇ‌ق ۋاقىت خىزمە‌ت قىلىشنى تاللىغان.‏ بۇ‌نىڭدىن 30 يىلدىن كۆپرە‌ك ۋاقىت ئۆتسىمۇ،‏ يولدىشى ئىككىسى تېخىچە تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ ئېيتقاندە‌ك،‏ نام-‏شۆھرە‌ت،‏ شان-‏شە‌رە‌پ مال-‏دۇ‌نيا قوغلىغان ئادە‌ملە‌ر ھېچقاچان ھە‌قىقىي بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لمە‌يدۇ.‏ شۇ‌نداقلا مىريانا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشنى ۋە ئۇ ھە‌ققىدە ئادە‌ملە‌رگە ئېيتىپ بېرىشنى ھاياتتىكى ئە‌ڭ ياخشى مە‌قسە‌ت دە‌پ ھېسابلايدۇ.‏

19.‏ نېمە ئۈچۈن ياش چېغىڭىزدا روھىي مە‌قسە‌تلە‌رگە ئىنتىلىشىڭىز پايدىلىق؟‏

19 ياشلار،‏ قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى ئە‌ڭ بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغانلىقىڭلار ئۈچۈن،‏ سىلە‌ر ماختاشقا لايىق.‏ سىلە‌ر روھىي مە‌قسە‌تلە‌رگە ئىنتىلىپ،‏ ۋە‌ز ئىشىنى ھاياتىڭلاردىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىشلارنىڭ بىرى دە‌پ سانايسىلە‌ر.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ مە‌قسە‌تلىرىڭلارنى ئۇ‌نتۇ‌لدۇ‌رۇ‌شىغا يول بە‌رمە‌يسىلە‌ر.‏ ئە‌مگىگىڭلار بېھۇ‌دە ئە‌مە‌س ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نچىڭلار كامىل بولسۇ‌ن.‏ سىلە‌رنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە دائىم قوللاشقا تە‌ييار قېرىنداشلىرىڭلار بار.‏ شۇ‌ڭا،‏ «قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭلارنى پە‌رۋە‌ردىگارغا تاپشۇ‌رۇ‌ڭلار،‏ ئۇ‌نداق قىلغاندا پلانلىرىڭلار پىشىپ چىقار».‏

بە‌زى ئىبارىلە‌رنىڭ ئىزاھى

  • يە‌ھۋانىڭ ماقۇ‌للىشىغا ئېرىشىشكە ئىنتىلىش —‏ يە‌ھۋاغا يېقىملىق بولۇ‌شنى ھاياتتىكى ئە‌ڭ بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌ش،‏ ھاياتنىڭ ھە‌ممە ساھالىرىدا ئۇ‌نىڭ رە‌ھبە‌رلىگىگە تايىنىش ۋە قارارلارنى قوبۇ‌ل قىلغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ مە‌سلىھىتىگە قۇ‌لاق سېلىش

  • روھىي مە‌قسە‌تلە‌ر —‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى ياخشىلىتىشقا ياردە‌م بېرىدىغان مە‌قسە‌تلە‌ر.‏ بە‌زى ياشلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌ر كۈنى ئوقۇ‌ش،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتۈش،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌ش ياكى بە‌يتە‌لدە خىزمە‌ت قىلىشتە‌ك مە‌قسە‌تلە‌رگە ئىنتىلىدۇ.‏ سىزنىڭ مە‌قسە‌تلىرىڭىز قانداق؟‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش