كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 15-‏باپ 144-‏153 ب.‏
  • خۇ‌دا قوبۇ‌ل قىلىدىغان ئىبادە‌ت

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌دا قوبۇ‌ل قىلىدىغان ئىبادە‌ت
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • توغرا دىننى قانداق ئېنىقلىيالايسىز
  • سىز قانداق قىلماقچى؟‏
  • توغرا ئىبادە‌تنى قانداق ئېنىقلىيالايسىز؟‏
    خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • دىنىي-‏ئېتىقاد ھە‌ققىدە قانداق خۇ‌شخە‌ۋە‌ر بار؟‏
    خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • ساختا دىنلار ئىنسانلارنى خۇ‌دا ھە‌ققىدە خاتا چۈشە‌نچىگە كە‌لتۈرىدۇ
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 15-‏باپ 144-‏153 ب.‏

15-‏باب

خۇ‌دا قوبۇ‌ل قىلىدىغان ئىبادە‌ت

  • بارلىق دىن خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلالامدۇ؟‏

  • توغرا دىننى قانداق ئېنىقلىيالايمىز؟‏

  • بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر يە‌ر يۈزىدە خۇ‌داغا ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار؟‏

1.‏ ئە‌گە‌ر بىز خۇ‌داغا توغرا ئۇ‌سۇ‌لدا ئىبادە‌ت قىلساق،‏ قانداق پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشىمىز؟‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۇ مېھرىبانلىق بىلە‌ن يولباشچىلىق قىلىش ئارقىلىق بىزنى پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌نىڭغا توغرا ئۇ‌سۇ‌لدا ئىبادە‌ت قىلساق،‏ بىز خۇ‌شال ياشاپ تۇ‌رمۇ‌شتىكى نۇ‌رغۇ‌ن ئاۋارىچىلىقلاردىن خالىي بولالايمىز.‏ يە‌نە خۇ‌دانىڭ ياردىمىگە ۋە بە‌رىكە‌تلىشىگە ئىگە بولالايمىز (‏يە‌شايا 48:‏17)‏.‏ بىراق،‏ ھازىر دۇ‌نيادا ئۆزىنى خۇ‌دا توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىدىغان دىن دە‌پ جاكارلايدىغان نە‌چچە يۈزلىگە‌ن دىنلار بار.‏ ئە‌مما،‏ كىم ھە‌قىقىي خۇ‌دا ۋە ئۇ بىزدىن نېمە تە‌لە‌پ قىلىدۇ؟‏ مۇ‌شۇ توغرىسىدا،‏ ھە‌رقايسى دىندىكىلە‌رنىڭ تە‌لىملىرىدە ھە‌رخىل ئوخشىماسلىق بار.‏

2.‏ بىز قانداق قىلىپ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشنىڭ توغرا ئۇ‌سۇ‌لنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ قايسى مىسال بۇ‌نى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

2 قايسى ئۇ‌سۇ‌لدا تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشنىڭ بىردىن-‏بىر توغرا ئۇ‌سۇ‌ل ئىكە‌نلىكىنى قانداق بىلە‌لە‌يسىز؟‏ سىزنىڭ بارلىق دىنلارنىڭ تە‌لىماتلىرىنى ئۆگىنىشىڭىز ۋە سېلىشتۇ‌رۇ‌پ چىقىشىڭىز ھاجە‌تسىز.‏ سىز پە‌قە‌ت مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ توغرا ئىبادە‌ت قىلىش توغرىسىدا نېمە ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى ئۆگىنىشىڭىز لازىم.‏ مۇ‌نداق بىر مىسال قىلايلى:‏ نۇ‌رغۇ‌ن جايلاردا يالغان پۇ‌للار بار،‏ ئە‌گە‌ر سىز ئاشۇ‌نداق يالغان پۇ‌للارنى ئېنىقلاپ چىقىدىغان خىزمە‌تكە ئىگە بولسىڭىز،‏ سىز يالغان پۇ‌للارنى قانداق ئېنىقلاپ چىقماقچى؟‏ سىز ھە‌رخىل يالغان پۇ‌للارنىڭ ئالاھىدە بە‌لگىلىرىنى ئە‌ستە ساقلىۋالامسىز؟‏ ياق.‏ ئە‌گە‌ر سىز راست پۇ‌لنىڭ ئالاھىدە بە‌لگىلىرىنى ئۆگە‌نسىڭىز كۆپ ۋاقتىڭىزنى تېجە‌پ قالالايسىز.‏ راست پۇ‌لنىڭ قانداق ئالاھىدە بە‌لگىلىرىنىڭ بار بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن،‏ يالغان پۇ‌لنى ئېنىقلاپ چىقالايسىز.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ توغرا دىننى قانداق ئېنىقلاپ چىقىشنى ئۆگە‌نگە‌ن ۋاقىتتا،‏ بىز يالغان دىننى ئېنىقلاپ چىقالايمىز.‏

3.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسە‌ن،‏ خۇ‌دانىڭ ماقۇ‌للىشىغا ئېرىشىشنى خالىساق،‏ بىز چوقۇ‌م نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

3 پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا بىزنىڭ قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشىمىزنى خالىسا،‏ ئۇ خالىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشىمىز ئە‌ڭ مۇ‌ھىم.‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر:‏ بارلىق دىن خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدۇ دە‌پ قارايدۇ.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ‌نداق دە‌پ تە‌لىم بە‌رمە‌يدۇ.‏ بىر كىشىنىڭ پە‌قە‌ت:‏ مە‌ن خۇ‌داغا ئىشىنىمە‌ن دە‌پ قويۇ‌شى بىلە‌نلا ئىش پۈتمە‌يدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر «خۇ‌دانى تونۇ‌يمىز دە‌پ ئىقرار قىلۇ‌رلار لېكىن ئە‌مە‌للىرى [ئىش-‏ھە‌رىكىتى] بىلە‌ن مۇ‌نى ئىنكار قىلۇ‌رلار چۈنكى مە‌كروھ [يېقىمسىز] ۋە ئىتائە‌تسىز بولۇ‌پ ھېچ ياخشى ئىشقا يارىماسلار» دېگە‌ن (‏تىتۇ‌س 1:‏16)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ بىزدىن نېمە قىلىشمىزنى تە‌لە‌پ قىلىدىغانلىقىنى چوقۇ‌م ئۆگىنىشىمىز ۋە ئۆگە‌نگە‌ننى قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌ندىمايدىغان ئاشۇ كىشىلە‌رنى ئە‌يسا مە‌سىھ:‏ «يامانلىق قىلغۇ‌چىلار» دە‌پ ئاتىغان ئىدى (‏مە‌تتا 7:‏21–‏23‏)‏.‏ خۇ‌ددى يالغان پۇ‌لغا ئوخشاش،‏ يالغان دىننىڭ ھېچقانداق ھە‌قىقىي قىممىتى يوق.‏ ئە‌ڭ يامان بولغىنى،‏ ئاشۇ‌نداق دىنلار ئە‌مە‌لىيە‌تتە كىشىلە‌رگە زىيان كە‌لتۈرىدۇ.‏

4.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئىككى يول توغرىسىدىكى سۆزىنىڭ نېمە مە‌نىسى بار؟‏ ئىككى يولنىڭ ھە‌ربىرى قە‌يە‌رگە يېتە‌كلە‌يدۇ؟‏

4 يە‌ھۋا يە‌ر يۈزىدىكى ھە‌ربىر ئىنسانغا مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش پۇ‌رسىتى بېرىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ھايات كە‌چۈرۈش ئۈچۈن چوقۇ‌م توغرا ئۇ‌سۇ‌لدا ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشىمىز ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىگە مۇ‌ۋاپىق تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ ناھايىتى ئە‌پسۇ‌سلىنارلىقى،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر شۇ‌نداق قىلىشنى رە‌ت قىلماقتا.‏ بۇ نېمە ئۈچۈن مە‌سىھنىڭ:‏ «تار دە‌رۋازىدىن كىرىڭلار چۈنكى ھالاكە‌تكە بارىدىغان دە‌رۋازا كە‌ڭ ۋە يول كە‌ڭرىدۇ‌ر ۋە ئۇ‌نىڭدىن كىرىپ ماڭغۇ‌چىلار تولادۇ‌ر.‏ ئە‌مما ھاياتلىققا بارىدىغان دە‌رۋازا تار ۋە يول تە‌ڭدۇ‌ر [تار] ۋە ئۇ‌نى تاپقۇ‌چىلار ئازدۇ‌ر» دە‌پ تە‌لىم بە‌رگە‌نلىكىدۇ‌ر (‏مە‌تتا 7:‏13،‏ 14‏)‏.‏ توغرا دىن يە‌نى ھە‌ق دىن كىشىلە‌رنى مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىققا يېتە‌كلە‌يدۇ.‏ يالغان دىن كىشىلە‌رنى ھالاكە‌تكە يېتە‌كلە‌يدۇ.‏ ئاللا يە‌ھۋا ھە‌رقانداق بىر كىشىنىڭ ھالاك بولۇ‌شىنى خالىمايدۇ.‏ بۇ دە‌ل نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى ئادە‌ملە‌رگە ئۆزى توغرىسىدا ئۆگىنىش پۇ‌رسىتى بە‌رگە‌نلىكىنىڭ سە‌ۋە‌بىدۇ‌ر (‏2-‏پېترۇ‌س 3:‏9)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىزنىڭ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىمىز،‏ راستتىنلا بىزنىڭ ھايات-‏ماماتىمىز بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىكتۇ‌ر.‏

توغرا دىننى قانداق ئېنىقلىيالايسىز

5.‏ توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇ‌چىلارنى بىز قانداق ئېنىقلىيالايمىز؟‏

5 بىز «ھاياتلىق يولىنى» قانداق تاپالايمىز؟‏ ئە‌يسا بىزگە كىشىلە‌رنىڭ توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى ئۇ‌لارنىڭ تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش ئۇ‌سۇ‌لى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ مە‌سىھ ئە‌يسا:‏ «ئۇ‌لارنى مېۋىلىرىدىن تۇ‌نۇ‌يسىزلە‌ر .‏.‏.‏ ياخشى دە‌رە‌خ ياخشى مېۋە كە‌لتۈرە‌ر» دېگە‌ن ئىدى (‏مە‌تتا 7:‏16،‏ 17‏)‏.‏ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا،‏ توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇ‌چىلارنى ئۇ‌لارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىدىن تونۇ‌ۋالغىلى بولىدۇ.‏ گە‌رچە،‏ ئۇ‌لار مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س ھە‌مدە خاتالىق ئۆتكۈزىدىغان كىشىلە‌ر بولسىمۇ،‏ ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چى بىر توپ ئادە‌ملە‌رنى ئورتاق نە‌زە‌رگە ئالساق،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداشقا قىزغىنلىق بىلە‌ن ئىنتىلىدىغان كىشىلە‌ردۇ‌ر.‏ قېنى بىز توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇ‌چىلارنى ئېنىقلاشتىكى ئالتە ئالاھىدىلىكنى بىرلىكتە مۇ‌لاھىزە قىلىپ باقايلى.‏

6،‏ 7.‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا قانداق قارايدۇ؟‏ ۋە مۇ‌شۇ توغرىسىدا ئە‌يسا مە‌سىھ قانداق ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان؟‏

6 خۇ‌داغا ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسە‌ن تە‌لىم بېرىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆزى:‏ «خۇ‌دانىڭ ئىلھامى بىلە‌ن بولغان ھە‌ر كىتاب تە‌لىم بە‌رگىلى،‏ مالامە‌ت قىلغىلى [ئە‌يىبلىگىلى]،‏ تۈزە‌تكىلى ۋە ئادالە‌تتىكى ئە‌دە‌بنى ئۆگە‌تكىلى پايدىلىقتۇ‌ر تاكى خۇ‌دانىڭ ئادىمى تە‌ييارلىنىپ ھە‌ر ياخشى ئىشقا يارىغۇ‌دە‌ك بولغاي» دېگە‌ن (‏2-‏تىموتىي 3:‏16،‏ 17)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىغا:‏ «بىز ۋە‌ز ئېيتقان خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ئۇ‌نى ئادە‌منىڭ سۆزىدە‌ك ئە‌مە‌س بە‌لكى ھە‌قىقە‌تتە خۇ‌دانىڭ سۆزى بولغاندە‌ك ئۇ‌نى خۇ‌دانىڭ سۆزى ئىكە‌ن دە‌پ قوبۇ‌ل قىلدىڭىز» دە‌پ يازغان ئىدى (‏1-‏سالونىكالىقلار 2:‏13)‏.‏ دېمە‌ك،‏ توغرا دىنغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقاد ۋە ئىبادە‌ت قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-‏قارىشى ۋە ياكى قائىدە-‏يوسۇ‌نلىرىغا ئاساسلانغان ئە‌مە‌س.‏ بە‌لكى،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ ئىلھاملاندۇ‌رغان سۆزى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان.‏

7 ئە‌يسا مە‌سىھ،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىگە يە‌نى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسە‌ن تە‌لىم بېرىش ئارقىلىق ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ مە‌سىھ ئاسماندىكى ئاتىسغا دۇ‌ئا قىلغاندا:‏ «سېنىڭ سۆزۈڭ ھە‌قىقە‌تتۇ‌ر» دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 17:‏17)‏.‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ سۆزىگە ئىشە‌نگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭ كىشىلە‌رگە بە‌رگە‌ن تە‌لىملىرى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار بىلە‌ن ماسلاشقان ئىدى.‏ ئە‌يسا مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىن نە‌قىل كە‌لتۈرۈپ سۆزلىگە‌ندە،‏ دائىم مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا شۇ‌نداق «دە‌پ يېزىلغان» دە‌يتتى (‏مە‌تتا 4:‏4،‏ 7،‏ 10‏،‏ ھ.‏ز.‏)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى بۈگۈنكى كۈندە ئۆزلىرىنىڭ شە‌خسى ئوي-‏پىكىرنى ئۆگە‌تمە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى خۇ‌دانىڭ سۆزى دە‌پ ئىشىنىپلا قالماي،‏ يە‌نە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى سۆزلە‌رگە ئاساسە‌ن باشقىلارغا تە‌لىم بېرىدۇ.‏

8.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش قايسى ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟‏

8 خۇ‌داغا ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار پە‌قە‌ت يە‌ھۋاغىلا ئىبادە‌ت قىلىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭ ئىسمىنى باشقىلارغا بىلدۈرىدۇ.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا:‏ «خۇ‌دايىڭغا سە‌جدە قىلغايسە‌ن ۋە خاس ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلغايسە‌ن» دە‌پ جاكارلىغان (‏مە‌تتا 4:‏10‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى پە‌قە‌ت يە‌ھۋاغىلا ئىبادە‌ت قىلىدۇ.‏ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىش،‏ ھە‌ق خۇ‌دانىڭ ئىسمىنى ۋە ئۇ‌نىڭ قانداق خۇ‌دا ئىكە‌نلىكىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ زە‌بۇ‌ر 83-‏​باب 18-‏​ئايىتى:‏ «ئۇ‌لار سېنىڭ بارە‌ڭدە [سە‌ن توغرىسىدا] يالغۇ‌ز ئۇ يە‌ھۋا ئاتۇ‌نۇ‌ر دە‌پ ئۇ‌قۇ‌پ سېنىڭ تامام يە‌ر يۈزى ئۈستىگە ھە‌قتائالا [يۇ‌قىرى مە‌رتىۋىلىك ئاللا] ئىكە‌نىڭنى بىلگە‌ي» دە‌پ ئېيتقان.‏ ئە‌يسا باشقىلارنىڭ ئاللانى بىلىشى ئۈچۈن ياردە‌م بېرىشتە ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ ئۇ دۇ‌ئا قىلىپ:‏ «مە‌ن سېنىڭ ئىسمىڭنى سە‌ن دۇ‌نيادىن ئېلىپ ماڭا بە‌رگە‌ن ئادە‌ملە‌رگە ئاشكارا قىلدىم» دېگە‌ن ئىدى (‏يۇ‌ھاننا 17:‏6)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار بۈگۈنكى كۈندە باشقىلارغا ئاللانىڭ ئىسمى،‏ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسى ۋە خاراكتېر-‏سۈپە‌تلىرى توغرىسىدا ئۆگىتىدۇ.‏

9،‏ 10.‏ ھە‌قىقىي ئېتىقادچىلار قايسى ئۇ‌سۇ‌لدا بىر-‏بىرگە مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدۇ؟‏

9 خۇ‌دانىڭ خە‌لقى ئۆز شە‌خسى مە‌نپە‌ئە‌تىنى كۆزلىمە‌ستىن بىر-‏بىرىگە ھە‌قىقىي مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدۇ.‏ مە‌سىھ ئە‌يسا:‏ «ئارىڭىزدا مۇ‌ھە‌ببە‌ت بار بولغىنىدىن ھە‌ممىسى مېنىڭ شاگىرتلىرىم بولغىنىڭىزنى بىلۇ‌رلار» دېگە‌ن ئىدى (‏يۇ‌ھاننا 13:‏35)‏.‏ ئىلگىرىكى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئارىسىدا بىر-‏بىرىگە ھە‌قىقىي مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بار ئىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى خۇ‌دا بىزگە ئۆگە‌تكە‌ن مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئىرق،‏ مىللە‌ت،‏ جە‌مئىيە‌ت،‏ دۆلە‌تلە‌رنىڭ توسالغۇ‌لىرىدىن ھالقىپ كە‌تكە‌ن بولۇ‌پ،‏ كىشىلە‌رنى بۇ‌زۇ‌لماس ھە‌قىقىي قېرىنداشلىق زە‌نجىرى بىلە‌ن باغلايدۇ ‏(‏كولوسىلىقلار 3:‏14)‏.‏ يالغان دىنغا ئېتىقاد قىلغۇ‌چىلار ئارىسىدا ئاشۇ‌نداق قېرىنداشلىق مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى يوق.‏ بىز ئۇ‌نى قانداق بىلىمىز؟‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىرقى ۋە مىللىتى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن بىر-‏بىرىنى ئۆلتۈرىدۇ.‏ ھە‌قىقىي ئېتىقادچىلار قوللىرىغا قورال ئېلىپ ئۆز دىنىي قېرىنداشلىرىنى ۋە باشقىلارنى ئۆلتۈرمە‌يدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «خۇ‌دانىڭ بالىلىرى ۋە ئىبلىسنىڭ بالىلىرى پە‌رقىتىلۇ‌ر.‏ كىمكى ئادالە‌ت قىلمىسا ۋە ئۆز بۇ‌رادىرىنى دوست تۇ‌تمىسا خۇ‌دادىن ئە‌مە‌س.‏ .‏.‏.‏ بىر-‏بىرىمىزنى دوست تۇ‌تقايمىز.‏ ياماندىن بولۇ‌پ ئۆز بۇ‌رادىرىنى قە‌تلى قىلغان [ئۆلتۈرگە‌ن] قابىلغا ئوخشىمىغايمىز» دېيىلگە‌ن.‏ —‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏10–‏12؛‏ 4:‏20،‏ 21.‏

10 ھە‌قىقىي مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك كىشى ئە‌لۋە‌تتە باشقىلارنى ئۆلتۈرمە‌يدۇ.‏ ھە‌قىقىي ئېتىقادچىلار سېخىيلىق بىلە‌ن ئۆز ۋاقتىنى،‏ كۈچىنى ۋە بايلىقلىرىنى ئىشلىتىپ بىر-‏بىرىگە ياردە‌م ۋە ئىلھام بېرىدۇ (‏ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25)‏.‏ ئۇ‌لار قىيىنچىلىقتا قالغان ۋاقىتلاردا بىر-‏بىرىنى يۆلە‌پ ياردە‌م قىلىدۇ ھە‌مدە ئۇ‌لار باشقىلارغا سە‌مىمىي مۇ‌ئامىلە قىلىدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ:‏ «ھە‌ممىسىگە .‏.‏.‏ ياخشىلىق قىلايلى» دېگە‌ن نە‌سىھىتىنى ئۆز تۇ‌رمۇ‌شىدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىدۇ.‏ —‏ گالاتىيالىقلار 6:‏10.‏

11.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا مە‌سىھنى خۇ‌دا تە‌رىپىدىن ئە‌ۋە‌تىلگە‌ن قۇ‌تقۇ‌زغۇ‌چى دە‌پ قوبۇ‌ل قىلىش ناھايىتى مۇ‌ھىم؟‏

11 خۇ‌داغا ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار مە‌سىھ ئە‌يسانى خۇ‌دا تە‌رىپىدىن ئە‌ۋە‌تىلگە‌ن قۇ‌تقۇ‌زغۇ‌چى دە‌پ قوبۇ‌ل قىلىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ئۇ‌نىڭدىن باشقا ھېچ كىمە‌رسە [كىشى] دە نىجات يوقتۇ‌ر چۈنكى ئاسماننىڭ تېگىدە ئادە‌ملە‌رگە بېرىلگە‌ن بىز نىجات تاپقۇ‌دە‌ك بۆلە‌ك [باشقا] ئىسىم يوقتۇ‌ر» دە‌يدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 4:‏12)‏.‏ بىز مۇ‌شۇ كىتابنىڭ 5-‏​بابىدا كۆرۈپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ خۇ‌داغا ئىتائە‌تچان كىشىلە‌ر ئۈچۈن مە‌سىھ ئە‌يسا تۆلە‌م سۈپىتىدە ئۆز ھاياتىنى قۇ‌ربانلىققا بە‌رگە‌ن (‏مە‌تتا 20:‏28‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مە‌سىھ خۇ‌دا تە‌يىنلىگە‌ن ئاسماندىكى پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھى.‏ كە‌لگۈسىدە ئۇ پۈتكۈل يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌گە‌ر بىز مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشنى خالىساق،‏ خۇ‌دا بىزنىڭ مە‌سىھ ئە‌يساغا بويسۇ‌نۇ‌شىمىزنى ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌لىملىرىنى ئۆز تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىشىمىزنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ بۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ نېمە ئۈچۈن:‏ «كىمكى ئوغۇ‌لغا ئىشە‌نسە ئۇ‌نىڭ ئە‌بە‌دىي تىرىكلىكى بار.‏ كىمكى ئوغۇ‌لغا ئىشە‌نمىسە تىرىكلىكنى كۆرمە‌س» دە‌پ جاكارلىغانلىقىدۇ‌ر.‏ —‏ يۇ‌ھاننا 3:‏36.‏

12.‏ بۇ دۇ‌نياغا تە‌ۋە ئە‌مە‌س دېگە‌نلىك نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

12 خۇ‌داغا ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار بۇ دۇ‌نياغا تە‌ۋە ئە‌مە‌س.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا رىملىق ۋالىي پىلاتۇ‌سنىڭ ئالدىدا سوراق قىلىنغان ۋاقىتتا:‏ «مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇ‌نيادىن ئە‌مە‌س» دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 18:‏36)‏.‏ مە‌يلى قانداق دۆلە‌تلە‌ردە ياشىشىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پۇ‌قراسى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار بۇ دۇ‌نيانىڭ سىياسىي ئىشلىرىدا قە‌تئىي ھالدا بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلايدۇ.‏ ھە‌رقانداق سىياسىي تالاش-‏تارتىش ۋە كۈرە‌شلە‌رگە قاتناشمايدۇ.‏ باشقا كىشىلە‌رنىڭ سىياسىي پارتىيە‌لە‌رگە قاتنىشىشى،‏ پارتىيە ھە‌يئە‌ت نامزاتى بولۇ‌شى ياكى بېلە‌ت تاشلاپ سايلاش ۋە سايلىنىش ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ.‏ يە‌ھۋاغا ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار سىياسىي ئىشلاردا بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلىغۇ‌چىلار،‏ ئە‌مما ئۇ‌لار دۆلە‌ت قانۇ‌نىغا رىئايە قىلىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ‌لارغا:‏ «ھە‌ر كىشى ئۆز ئۈستىدىكى ھۆكۈمە‌تكە بويۇ‌ن سۇ‌نسۇ‌ن» دە‌پ بۇ‌يرۇ‌ق قىلغان (‏رىملىقلار 13:‏1)‏.‏ ئە‌گە‌ر خۇ‌دانىڭ تە‌لە‌پ قىلغىنى بىلە‌ن سىياسىي ھۆكۈمە‌تنىڭ تە‌لە‌پ قىلغىنى ئوتتۇ‌رىسىدا زىددىيە‌ت توقۇ‌نۇ‌شى پە‌يدا بولسا،‏ يە‌ھۋاغا ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ شاگىرتلىرى قالدۇ‌رغان ئۈلگىگە ئە‌گىشىدۇ.‏ شاگىرتلار:‏ «خۇ‌داغا ئادە‌ملە‌ردىن ئۇ‌شۇ‌غراق بويۇ‌ن سۇ‌نماق كېرە‌كتۇ‌ر» دېگە‌ن.‏ —‏  ئە‌لچىلە‌ر 5:‏29؛‏ ماركۇ‌س 12:‏17.‏

13.‏ ھە‌ق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇ‌چىلار خۇ‌دا پادىشاھلىقىغا نىسبە‌تە‌ن قانداق كۆز قاراشتا؟‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لار نېمە ئىش قىلىدۇ؟‏

13 ھە‌ق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇ‌چىلار خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئىنسانلارنىڭ بىردىن-‏بىر ئۈمىدى دە‌پ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتىدۇ.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ:‏ «بۇ پادىشاھلىقنىڭ ئىنجىلى ‏[خۇ‌ش خە‌ۋە‌رى] ھە‌ممە تائىفە [مىللە‌ت] لە‌رگە گۇ‌ۋاھلىق بولماق ئۈچۈن بارچە دۇ‌نيادا بېشارە‌ت بېرىلۇ‌ر ۋە ئاندىن كېيىن ئاخىر كېلۇ‌ر» دە‌پ ئالدىن بېشارە‌ت ئېيتقان (‏مە‌تتا 24:‏14‏)‏.‏ ھە‌ق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇ‌چىلار ئادە‌ملە‌رنى،‏ ئىنسانلار ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانلارنىڭ قىيىن مە‌سىلىلىرىنى ھە‌ل قىلىشىغا ئۈمىد باغلاشقا رىغبە‌تلە‌ندۈرمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ خۇ‌دانىڭ ئاسماندىكى پادىشاھلىقى ئىنسانلار ئۈچۈن بىردىن-‏بىر ئۈمىد دە‌پ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 146:‏3)‏.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر بىزگە ئاشۇ مۇ‌كە‌ممە‌ل ھۆكۈمە‌ت ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىشنى ئۆگىتىپ:‏ «سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ كە‌لگە‌ي،‏ سېنىڭ ئىرادە‌ڭ ئاسماندا قىلىنغىنىدە‌ك يە‌ردە ھە‌م قىلىنغاي» دېگە‌ن (‏مە‌تتا 6:‏10‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئالدىن ئېيتىپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ خۇ‌دانىڭ ئاسماندىكى پادىشاھلىقى «ھە‌ممە پادىشاھلىقلارنى سۇ‌ندۇ‌رۇ‌پ يوقۇ‌تۇ‌پ ئۆزى ئە‌بە‌دغىچە سابىت [تە‌ۋرە‌نمە‌ي] قالادۇ‌ر».‏ —‏ دانىيال 2:‏44.‏

14.‏ قايسى دىندىكى كىشىلە‌ر خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشتا،‏ خۇ‌دانىڭ تە‌لە‌پلىرىگە ئۇ‌يغۇ‌ن ئىبادە‌ت قىلىدۇ دە‌پ قارايسىز؟‏

14 يۇ‌قىرىدىكى ئالاھىدىلىكلە‌رنى كۆرۈپ ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ ‹قايسى دىننىڭ تە‌لىملىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان ۋە پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ ئىسمىنى كىملە‌ر باشقىلارغا بىلدۈرىدۇ؟‏ كىملە‌ر يە‌ھۋا بۇ‌يرۇ‌غاندە‌ك بىر-‏بىرىگە مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدۇ؛‏ ئە‌يسا مە‌سىھكە ئىشە‌نچ قىلىدۇ؛‏ بۇ دۇ‌نياغا تە‌ۋە ئە‌مە‌س ۋە خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئىنسانلارنىڭ بىردىن-‏بىر ئۈمىدى دە‌پ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتىدۇ؟‏› دېگە‌ن سوئاللارنى ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ؛‏ قايسى دىندىكى كىشىلە‌ر مۇ‌شۇ تە‌لە‌پلە‌رگە ئۇ‌يغۇ‌ن ئىبادە‌ت قىلىدۇ؟‏ ئە‌مە‌لىيە‌ت شۇ‌نى ئېنىق كۆرسىتىدۇ‌كى،‏ ئاشۇ كىشىلە‌ر —‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىدۇ‌ر.‏ —‏ يە‌شايا 43:‏10–‏12.‏

سىز قانداق قىلماقچى؟‏

15.‏ خۇ‌داغا ئىشىنىشتىن باشقا،‏ خۇ‌دا يە‌نە بىزدىن نېمە ئىش قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ؟‏

15 خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن مە‌ن خۇ‌داغا ئىشىنىمە‌ن دە‌پ قويۇ‌ش بىلە‌نلا ئىش پۈتمە‌يدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ ھە‌تتا جىنلارمۇ خۇ‌داغا ئىشىنىدۇ دە‌يدۇ (‏ياقۇ‌پ 2:‏19)‏.‏ لېكىن ناھايىتى ئېنىقكى،‏ جىنلار خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌ندىمايدۇ ۋە ئۇ‌نىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشە‌لمە‌يدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز چوقۇ‌م ئۇ‌نىڭغا ئىشىنىپلا قالماي،‏ يە‌نە چوقۇ‌م ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌ندىشىمىز زۆرۈر.‏ بىز يە‌نە يالغان دىندىن چوقۇ‌م ئايرىلىپ چىقىپ،‏ خۇ‌داغا توغرا ئىبادە‌ت قىلىش يولىغا مېڭىشىمىز لازىم.‏

16.‏ يالغان دىن بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋە‌تنى ئۈزۈش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىش لازىم؟‏

16 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌لچى پاۋلۇ‌س،‏ بىزنىڭ يالغان دىن بىلە‌ن ھېچقانداق ئالاقە قىلماسلىقىمىز كېرە‌كلىكىنى تە‌كىتلە‌پ:‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا «ئۇ‌لارنىڭ ئوتتۇ‌رىسىدىن چىقىپ ئايرىلىڭلار.‏ ۋە ناپاك نە‌رسىگە تە‌گمە‌ڭلار ۋە مە‌ن سىزلە‌رنى قوبۇ‌ل قىلارمە‌ن» دە‌پ بۇ‌يرۇ‌ق قىلغان دە‌پ يازغان (‏2-‏كورىنتلىقلار 6:‏17؛‏ يە‌شايا 52:‏11)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌داغا ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار يالغان دىن بىلە‌ن باغلىنىشلىق ھە‌رقانداق ئىشلاردىن ۋە نە‌رسىلە‌ردىن خالىي بولىدۇ.‏

17،‏ 18.‏ «كاتتا بابىل» دېگە‌ن نېمە؟‏ نېمە ئۈچۈن «ئۇ‌نىڭدىن چىقىڭلار» دېگە‌ن بۇ‌يرۇ‌قنى ئاڭلاپ تېزدىن ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىز لازىم؟‏

17 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب شۇ‌نى كۆرسىتىدۇ‌كى،‏ بارلىق يالغان دىنلار «كاتتا بابىل»‏a نىڭ بىر بۆلىكى (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 17:‏5،‏ ھ.‏ز.‏)‏.‏ ئاشۇ ئىسىم،‏ نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ كۈنىدىكى كە‌لكۈن سۈيىدىن كېيىن يالغان دىن باشلانغان جاي،‏ قە‌دىمكى بابىلون شە‌ھىرىنى بىزگە ئە‌سلىتىدۇ.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ كىشىلە‌ر ئارىسىدا ئومۇ‌ملاشقان يالغان دىننىڭ نۇ‌رغۇ‌ن تە‌لىملىرى ۋە قائىدە-‏يوسۇ‌نلىرىنىڭ كېلىش مە‌نبە‌سى قە‌دىمكى بابىلون شە‌ھىرى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قە‌دىمكى بابىلون كىشىلىرى ئۈچ بىرلىك يە‌نى ئۈچ بىرلە‌شكە‌ن خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلغان ئىدى.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ نۇ‌رغۇ‌ن دىنلارنىڭ ئاساسىي دىنىي تە‌لىماتى بولسا ئۈچ بىرلىكنى مە‌ركە‌ز قىلغان.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ناھايىتى ئېنىق قىلىپ:‏ پە‌قە‌ت بىردىن-‏بىر چىن خۇ‌دا يە‌ھۋا بار ھە‌مدە ئە‌يسا ئۇ‌نىڭ ئوغلى دە‌پ تە‌لىم بېرىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 17:‏3)‏.‏ قە‌دىمكى بابىلونلۇ‌قلار يە‌نە ئادە‌مدە ئۆلمە‌يدىغان روھ بار،‏ ئادە‌م جىسمى ئۆلگە‌ندىن كېيىن يە‌نىلا مە‌ۋجۇ‌ت بولىدۇ ۋە دوزاختا قىينىلىدۇ دېگە‌ندە‌ك تە‌لىملە‌رگە ئىشە‌نگە‌ن.‏ ئوخشاشلا بۈگۈنكى كۈندە نۇ‌رغۇ‌ن دىنلار،‏ ئۆلمە‌يدىغان جان ياكى روھ بار ھە‌مدە يامان ئىش قىلغان كىشىلە‌رنىڭ روھلىرى دوزاخنىڭ يالقۇ‌نلاپ تۇ‌رغان ئوتىدا ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىدۇ دە‌پ تە‌لىم بېرىدۇ.‏

18 خاتا دىنىي-‏ئېتىقادلار قە‌دىمكى بابىلوندىن دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىغا تارقالغان بولغاچقا،‏ بۈگۈنكى كۈندە بارلىق يالغان دىنلارنى ئومۇ‌ملاشتۇ‌رۇ‌پ،‏ كاتتا بابىل دە‌پ ئاتاش ناھايىتى مۇ‌ۋاپىق.‏ ئاشۇ يالغان دىنىي ئىمپېرىيە‌نىڭ توساتتىن گۇ‌مران بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خۇ‌دا ئالدىن بېشارە‌ت بە‌رگە‌ن (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 18:‏8)‏.‏ نېمە ئۈچۈن كاتتا بابىل بىلە‌ن بولغان چە‌ك-‏چېگرانى ئايرىشىنىڭ نە‌قە‌دە‌ر مۇ‌ھىملىقىنى سىز ھازىر چۈشە‌نگە‌نسىز؟‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا،‏ سىزنىڭ «ئۇ‌نىڭدىن چىقىڭلار» دېگە‌ن بۇ‌يرۇ‌قنى ئاڭلاپ،‏ ۋاقىت بار چاغدا تېزلىكتە كاتتا بابىلدىن ئايرىلىشىڭىزنى خالايدۇ.‏ —‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 18:‏4.‏

خۇ‌دانىڭ خە‌لقى بىلە‌ن بىرلىكتە ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىش ئارقىلىق بۇ‌رۇ‌ن يوقاتقاندىن نە‌چچە ھە‌سسە كۆپ بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئىگە بولىسىز

19.‏ سىز يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىش ئارقىلىق نېمىلە‌رگە ئىگە بولىسىز؟‏

19 سىز يالغان دىنغا ئېتىقاد قىلىشدىن ۋاز كە‌چكە‌نلىكىڭىز سە‌ۋە‌بلىك،‏ بە‌زى كىشىلە‌ر سىز بىلە‌ن بولغان باردى-‏كە‌لدى قىلىشنى توختىتىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ سىز يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ خە‌لقى بىلە‌ن بىرلىكتە ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىش ئارقىلىق ئىلگىرى يوقاتقاندىن نە‌چچە ھە‌سسە كۆپ بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئىگە بولالايسىز.‏ 1-‏ئە‌سىردىكى بارلىق نە‌رسىلە‌ردىن ۋاز كېچىپ ئە‌يساغا ئە‌گە‌شكە‌ن ئۇ‌نىڭ شاگىرتلىرىغا ئوخشاش،‏ ئە‌ڭ ئاخىرىدا سىز نۇ‌رغۇ‌ن روھىي قېرىنداش يە‌نى ئاكا-‏ئۇ‌كا ۋە ئاچا-‏سىڭىللارغا ئىگە بولىسىز.‏ سىزگە ھە‌قىقىي مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدىغان،‏ دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى مىليونلىغان خۇ‌داغا ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلاردىن تە‌ركىب تاپقان چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئە‌زاسى بولىسىز.‏ سىزدە «كېلە‌دۇ‌ردىغان ئالە‌مدە» يە‌نى كە‌لگۈسى يېڭى دۇ‌نيادا مە‌ڭگۈ ھاياتلىقتىن بە‌ھرىمە‌ن بولۇ‌ش ئۈمىدى بار ‏(‏ماركۇ‌س 10:‏28–‏30)‏.‏ بە‌لكىم،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىڭىز سە‌ۋە‌بلىك سىز بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌ت قىلىشنى توختاتقانلار كۈنلە‌رنىڭ بىرىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بارلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشى مۇ‌مكىن.‏

20.‏ توغرا ئۇ‌سۇ‌لدا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارنى قانداق كېلە‌چە‌ك كۈتمە‌كتە؟‏

20 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دا پات-‏ئارىدا بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانى يوق قىلىپ،‏ ئورنىغا ئادىل يېڭى بىر دۇ‌نيانى دە‌سسىتىدىغانلىقى ۋە ئۆز پادىشاھلىقىنىڭ بۇ يېڭى دۇ‌نيا ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تە‌لىم بېرىدۇ (‏2-‏پېترۇ‌س 3:‏9،‏ 13)‏.‏ كېلە‌چە‌كتىكى يېڭى دۇ‌نيا نېمە دېگە‌ن گۈزە‌ل،‏ ھە!‏ ئاشۇ ئادىل يېڭى جە‌مئىيە‌تتە پە‌قە‌ت بىرلا دىن ۋە خۇ‌دا ئىبادە‌ت قىلىشنىڭ بىرلا توغرا ئۇ‌سۇ‌لى بار بولىدۇ.‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھە‌رىكە‌تكە كېلىپ،‏ توغرا ئۇ‌سۇ‌لدا ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌ت قىلىشنى باشلاش سىزچە دانالىق ئە‌مە‌سمۇ؟‏

ھە‌ق خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار

  • ئۇ‌لارنىڭ تە‌لىملىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان

  • پە‌قە‌ت يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭ ئىسمىنى باشقىلارغا بىلدۈرىدۇ

  • بىر-‏بىرىگە ھە‌قىقىي مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدۇ

  • ئە‌يسا مە‌سىھنى خۇ‌دا ئە‌ۋە‌تكە‌ن قۇ‌تقۇ‌زغۇ‌چى دە‌پ قوبۇ‌ل قىلىدۇ

  • بۇ دۇ‌نياغا تە‌ۋە ئە‌مە‌س

  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئىنسانلارنىڭ بىردىن-‏بىر ئۈمىدى دە‌پ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر تارقىتىدۇ

a نېمە ئۈچۈن كاتتا بابىل بۇ دۇ‌نيادىكى بارلىق يالغان دىنلارنىڭ ئومۇ‌مىي ئاتىلىشى ئىكە‌نلىكى توغرىسىدا كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلار «‏‏«كاتتا بابىل»نى ئېنىقلاش‏» ناملىق قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھاتتا بېرىلدى.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى

  • پە‌قە‌ت بىرلا توغرا دىن بار.‏ —‏ مە‌تتا 7:‏13،‏ 14‏.‏

  • توغرا دىننى ئاشۇ دىننىڭ تە‌لىملىرى ۋە ئېتىقادچىلىرىنىڭ سۆز-‏ھە‌رىكە‌تلىرى ئارقىلىق پە‌رق ئە‌تكىلى بولىدۇ.‏ —‏ مە‌تتا 7:‏16،‏ 17‏.‏

  • يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى خۇ‌دا قوبۇ‌ل قىلىدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىدۇ.‏ —‏ يە‌شايا 43:‏10.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش