كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • خ‌خ 13-‏دە‌رس 1-‏4 سۇ‌ئال.‏
  • دىنىي-‏ئېتىقاد ھە‌ققىدە قانداق خۇ‌شخە‌ۋە‌ر بار؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • دىنىي-‏ئېتىقاد ھە‌ققىدە قانداق خۇ‌شخە‌ۋە‌ر بار؟‏
  • خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ساختا دىنلار ئىنسانلارنى خۇ‌دا ھە‌ققىدە خاتا چۈشە‌نچىگە كە‌لتۈرىدۇ
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • خۇ‌دا قوبۇ‌ل قىلىدىغان ئىبادە‌ت
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • توغرا ئىبادە‌تنى قانداق ئېنىقلىيالايسىز؟‏
    خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
خ‌خ 13-‏دە‌رس 1-‏4 سۇ‌ئال.‏

13-‏دە‌رس

دىنىي-‏ئېتىقاد ھە‌ققىدە قانداق خۇ‌شخە‌ۋە‌ر بار؟‏

1.‏ بارچە دىنىي-‏ئېتىقادلار ياخشىمۇ؟‏

موُقه‌دده‌س كىتابنی ئوقوُۋاتقان ئه‌ر كىشی

ھە‌رخىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئىخلاسمە‌ن كىشىلە‌ر بار.‏ خۇ‌شخە‌ۋە‌ر بولسا،‏ خۇ‌دا شۇ‌نداق كىشىلە‌رگە نە‌زە‌ر سالىدۇ ۋە ئۇ‌لارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ ئە‌مما ئە‌پسۇ‌سلىنارلىقى،‏ دىنىي-‏ئېتىقاد نىقابى ئارقىسىدا رە‌زىللىكلە‌ر كۆپىيىپ چېكىگە يە‌تتى (‏2-‏كورىنتلىقلار 4:‏3،‏ 4؛‏ 11:‏13–‏15)‏.‏ خە‌ۋە‌رلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ بە‌زى دىنلار ھە‌تتا تېررورلۇ‌ق،‏ ئىرقىي قىرغىنچىلىق،‏ ئۇ‌رۇ‌ش ۋە بالىلارنى خورلاش قاتارلىق ئىشلارغا ئارىلاشقان.‏ بۇ‌نداق ئىشلار دە‌رۋە‌قە خۇ‌داغا ئىخلاسمە‌ن كىشىلە‌رنى قايغۇ‌غا سالماقتا!‏​‏—‏ مە‌تتا 24:‏3–‏5،‏ 11،‏ 12‏-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

ساختا دىنىي-‏ئېتىقاد خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلمايدۇ،‏ ئە‌مما ھە‌قىقىي دىنىي-‏ئېتىقاد خۇ‌دانى ئۇ‌لۇ‌غلايدۇ.‏ ساختا دىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يوق ئىدىيە‌لە‌رنى ئۆگىتىدۇ،‏ شۇ‌لار ياراتقۇ‌چى خۇ‌دا ۋە ئۆلۈم ھە‌ققىدىكى ساختا تە‌لىماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا ئۆزى ھە‌ققىدە ئىنسانلارنىڭ ھە‌قىقە‌تنى بىلىشىنى خالايدۇ.‏​‏—‏ ھە‌زقىيال 18:‏4؛‏ 1-‏تىموتىي 2:‏3–‏5-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

2.‏ دىنىي-‏ئېتىقاد ھە‌ققىدە قانداق خۇ‌شخە‌ۋە‌ر بار؟‏

گە‌رچە بە‌زى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇ‌چىلار خۇ‌دانى سۆيمىز،‏ دە‌پ جاكارلىسىمۇ،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە شە‌يتاننىڭ دۇ‌نياسىغا تە‌ۋە بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانى ئالدىيالمايدۇ (‏ياقۇ‌پ 4:‏4)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بارچە ساختا دىنلارنى «كاتتا بابىل»،‏ دە‌پ تىلغا ئالغان.‏ قە‌دىمقى بابىل يە‌نى بابىلون شە‌ھىرى،‏ نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ زامانىدىكى كە‌لكۈن سۈيىدىن كېيىن ساختا دىن باشلانغان جاي ئىدى.‏ خۇ‌شاللىنارلىق يېرى،‏ پات-‏ئارىدا خۇ‌دا ئىنسانلارنى ئازدۇ‌رۇ‌پ،‏ زۇ‌لۇ‌م قىلىدىغان ساختا دىنلارنى تۇ‌يۇ‌قسىز ھالاك قىلىدۇ.‏​‏—‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 17:‏1،‏ 2،‏ 5،‏ 16،‏ 17؛‏ 18:‏8-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

كىشىنى خۇ‌شال قىلىدىغان يە‌نە بىر خە‌ۋە‌ر،‏ يە‌ھۋا دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى ساختا دىنغا ئېتىقاد قىلغان ئىخلاسمە‌ن كىشىلە‌رنى ئۇ‌نتۇ‌پ قالغىنى يوق.‏ ئۇ شۇ‌نداق كىشىلە‌رگە ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۇ‌لارنى ساختا دىندىن ئېلىپ چىقماقتا.‏​‏—‏ مىخا 4:‏2،‏ 5-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

3.‏ ئىخلاسمە‌ن كىشىلە‌ر نېمە قىلىشى لازىم؟‏

مه‌سىهىي ئوُچرىشىشتىن كېيىن سوزلىشىۋاتقان ئاده‌مله‌ر

ھە‌قىقىي دىن ئادە‌ملە‌رنى بىرلە‌شتۈرىدۇ

يە‌ھۋا ھە‌قىقە‌ت ۋە ياخشىلىقنى سۆيگۈچىلە‌رگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ ئۇ ئۇ‌لارنى ساختا دىندىن ئايرىلىپ چىقىشقا ئۈندە‌يدۇ.‏ خۇ‌دانى سۆيگۈچىلە‌ر ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن ھە‌رقانداق ئۆزگە‌رتىشنى قىلىشقا تە‌يياردۇ‌ر.‏​‏—‏​ۋە‌ھىيلە‌ر 18:‏4-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

بىرىنچى ئە‌سىردە،‏ ئىخلاسمە‌ن كىشىلە‌ر ئە‌يسانىڭ ئە‌لچىلىرىدىن خۇ‌شخە‌ۋە‌رنى ئاڭلىغاندا،‏ ئۇ‌لار خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قوبۇ‌ل قىلغان.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋادىن تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشنىڭ يېڭى يولى،‏ يە‌نى بىر مە‌قسە‌ت ۋە ئۈمىدكە تولغان بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شنىڭ يولىنى ئۆگە‌نگە‌ن.‏ بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈن ئۇ‌لار ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ،‏ چۈنكى ئۇ‌لار خۇ‌شخە‌ۋە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ يە‌ھۋانى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغان.‏​‏—‏ 1-‏سالونىكالىقلار 1:‏8،‏ 9؛‏ 2:‏13-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

ساختا دىندىن ئايرىلىپ چىققانلار يە‌ھۋانىڭ ئائىلىسىگە قوشۇ‌لۇ‌پ ئىبادە‌ت قىلسا،‏ ئۇ ئۇ‌لارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك يە‌ھۋانىڭ تە‌كلىپىنى قوبۇ‌ل قىلسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭ دوستلۇ‌قىدىن ۋە يېڭى بىر ئائىلە،‏ يە‌نى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىدىن بە‌ھرىمە‌ن بولىسىز.‏ ھە‌مدە كە‌لگۈسىدە مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىز.‏​‏—‏ ماركۇ‌س 10:‏29،‏ 30؛‏ 2-‏كورىنتلىقلار 6:‏17،‏ 18-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

4.‏ قانداق قىلىپ خۇ‌دا يە‌ر يۈزىگە شاد-‏خۇ‌راملىق ئېلىپ كېلىدۇ؟‏

ساختا دىن ئۈستىگە كېلىدىغان ھالاك قىلىنىش ھۆكۈمى چوڭ بىر خۇ‌شخە‌ۋە‌ر.‏ دۇ‌نيادىكى بارلىق زۇ‌لۇ‌م،‏ ئېزىشلە‌ر يوق قىلىنىدۇ.‏ ساختا دىن ھە‌رگىزمۇ ئىنسانلارنى قايتا ئازدۇ‌رالمايدۇ ۋە ئۇ‌لار ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك پە‌يدا قىلالمايدۇ.‏ بارچە ئە‌قىل ئىگىسى يالغۇ‌ز ھە‌ق خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىپ ئىناق-‏ئىتتىپاق ياشايدۇ.‏​‏—‏​ۋە‌ھىيلە‌ر 18:‏20،‏ 21؛‏ 21:‏3،‏ 4-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏ دېگە‌ن كىتابنىڭ 15 ۋە 16-‏بابلىرىغا قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش