10-دەرس
توغرا ئىبادەتنى قانداق ئېنىقلىيالايسىز؟
1. خۇداغا ئىبادەت قىلىشنىڭ پەقەت بىرلا توغرا يولى بارمۇ؟
«ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھوشىيار بولۇڭلار» (مەتتا 7:15)
ئەيسا خۇدانى سۆيىدىغان كىشىلەرگە پەقەت بىرلا يول، يەنى توغرا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگەتكەن. ئۇ مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا يېتەكلەيدىغان يولدۇر. ئەيسا: ‹ئۇ يولنى ئىزدەپ تاپالايدىغانلار ئاز›، دېگەنىدى (مەتتا 7:14) خۇدا پەقەت ئۆزىنىڭ ھەقىقەت سۆزىگە ئاساسلانغان ئىبادەتنىلا قوبۇل قىلىدۇ. بارلىق ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان يولدا ماڭىدۇ.—يۇھاننا 4:23، 24؛ 14:6؛ ئەفەسلىكلەر 4:4، 5-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
«خۇدا ھەرقانداق ئىبادەتنى قوبۇل قىلامدۇ؟» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ
2. ئەيسا ساختا ئېتىقادچىلار ھەققىدە نېمە دېگەن؟
«ئۇلار خۇدانى تونۇيمىز دەپ داۋراڭ سالسىمۇ, لېكىن ئەمەلىياتىدا ئۇنى رەت قىلىدۇ» (تىتۇس 1:16)
ئەيسا بەزىلەرنىڭ يالغاننى ئۆگىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانىدى. قارىماققا، ئۇلار ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلاردەك كۆرۈنىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى، دەپ جاكارلىشىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش تەس ئەمەس. قانداق ئېنىقلىيالايسىز؟ پەقەت توغرا ئىبادەتلا ياخشى مىجەز-خۇلق ۋە خاراكتېر-سۈپەتكە ئىگە ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ چىقىدۇ. ئۇلارنى شۇ يېتىلدۈرگەن مېۋىلىرىدىن تونۇشقا بولىدۇ.— مەتتا 7:13–23-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
3. توغرا ئىبادەت قىلغۇچىلارنى قانداق تونۇيالايسىز؟
تۆۋەندە ئۇلارنى تونۇشنىڭ بەش بەلگىسىنى كۆرۈپ باقايلى:
ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار مۇقەددەس كىتابنى خۇدانىڭ سۆزى سۈپىتىدە ھۆرمەتلەيدۇ. ئۇلار مۇقەددەس كىتابتىكى قائىدە-پرىنسىپلارغا ئۇيغۇن ياشاش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. شۇڭا، توغرا ئىبادەت ھەرگىزمۇ ئىنساننىڭ ئوي-پىكىرىگە ئاساسلانمايدۇ (مەتتا 15:7–9). ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى بىردەك بولۇپ، باشقىلارغا ئۆگەتكەنلىرىگە ماس تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.— يۇھاننا 17:17؛ 2-تىموتىي 3:16، 17-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار خۇدانىڭ، يەھۋا، دېگەن ئىسمىنى ئۇلۇغلايدۇ. مۇسا ۋە داۋۇتقا ئوخشاش كۆپلىگەن پەيغەمبەرلەر شۇ ئىسىمنـى بىلـگـەن ۋە ئىشـلـەتـكـەن (چىقىش 3:15؛ زەبۇر 8:1). ئەيسا پەيغەمبەرمۇ شۇ ئىسىمنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئارقىلىق خۇدانىڭ ئىسمىنى ئۇلۇغلىغان. ئۇ كىشىلەرنىڭ خۇدانى تونۇشىغا ياردەم بەرگەن ۋە ئۇلارغا خۇدا ئىسمىنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن (مەتتا 6:9). سىز ياشاۋاتقان جايدا، كىملەر خۇدانىڭ ئىسمىنى باشقىلارغا بىلدۈرىدۇ؟ — زەبۇر 68:4؛ يۇھاننا 17:26-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە ۋەز ئېيتىدۇ. خۇدا ئۆز پادىشاھلىقى ھەققىدە خۇشخەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەيسانى ئەۋەتكەن. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى بولسا ئىنسانىيەتنىڭ بىردىن-بىر ئۈمىدىدۇر. ئەيسا ئۆلگىچە شۇ پادىشاھلىق ھەققىدە ۋەز ئېيتىشنى داۋاملاشتۇرغان (لۇقا 4:43؛ 8:1؛ 23:42، 43). ئۇ ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ خۇدا پادىشاھلىقى توغرىسىدا ۋەز ئېيتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. سىزنىڭچە كىملەر خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدە خۇشخەۋەر ئېيتماقتا؟!— مەتتا 24:14-ئايەتنى ئوقۇڭ.
ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار بۇ رەزىل دۇنياغا تەۋە ئەمەس. ئۇلارنى تونۇش ئاسان، چۈنكى ئۇلار سىياسىي ئىشلار ۋە جەمئىيەتتىكى زىددىيەت توقۇنۇشلارغا قاتناشمايدۇ (يۇھاننا 17:16؛ 18:36). ھەمدە ئۇلار بۇ دۇنيادا ئېقىپ يۈرگەن زىيانلىق ئىش-ھەرىكەتلەر ۋە ئوي-پىكىرلەرگە ئەگەشمەيدۇ.— ياقۇپ 4:4-ئايەتنى ئوقۇڭ.
خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار بىر-بىرىگە چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىدىن بارچە مىللەت كىشىلىرىنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىدۇ. گەرچە ساختا ئىبادەت قىلغۇچىلار دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىشىنى دائىم كۈچلۈك قوللاپ كەلگەن بولسىمۇ، ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار شۇنداق قىلىشنى رەت قىلىدۇ (مىخا 4:1–3). ئەمما، ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار ئۆز ۋاقتىنى ۋە مال-دۇنياسىنى باشقىلارغا ياردەم ۋە ئىلھام بېرىشكە سەرپ قىلىدۇ.— يۇھاننا 13:34، 35؛ 1-يۇھاننا 4:20-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
4. توغرا ئىبادەت يولىنى ئېنىقلىيالامسىز؟
كىملەر خۇداغا قىلغان بارچە ئىبادىتىدە مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلىنىدۇ ۋە خۇدانىڭ ئىسمىنى ئۇلۇغلايدۇ؟ ھەمدە ئىنسانىيەتنىڭ بىردىن-بىر ئۈمىدى خۇدا پادىشاھلىقى، دەپ جاكارلايدۇ؟ قايسى بىر توپ ئادەملەر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئۇرۇش قىلىشنى رەت قىلىدۇ؟ ئويلاپ كۆرۈڭ، ئۇلار كىملەر؟— 1-يۇھاننا 3:10–12-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.