كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 222-‏ب.‏-‏223-‏ب.‏
  • بايراملارغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • بايراملارغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • بارلىق تە‌برىكلە‌شلە‌ر ۋە بايراملار خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلامدۇ؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلمايدىغان ئېتىقاد،‏ ئۆرپ-‏ئادە‌ت ۋە تە‌برىكلە‌شلە‌ر
    خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 222-‏ب.‏-‏223-‏ب.‏

قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھات

بايراملارغا قانداق كۆز قاراشتا بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

بۈگۈنكى كۈندە،‏ دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى كىشىلە‌ر تە‌برىكلىشىدىغان نۇ‌رغۇ‌ن دىنىي بايراملارنىڭ ۋە بىدئە‌ت ئۆرپ-‏ئادە‌ت بايراملىرىنىڭ ئە‌مە‌لىيە‌تتە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىلە‌ن ھېچقانداق مۇ‌ناسىۋىتى يوق.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئاشۇ بايراملارنىڭ كېلىپ چىقىش مە‌نبە‌سى قانداق؟‏ ئە‌گە‌ر سىز كۇ‌تۇ‌پخانىدىكى شۇ‌نىڭغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ماتېرىياللارنى تە‌كشۈرۈپ كۆرسىڭىز،‏ بايراملارنىڭ كېلىپ چىقىش مە‌نبە‌سى توغرىسىدا بىلىمگە ئىگە بولالايسىز.‏ تۆۋە‌ندىكى بىر قانچە مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى.‏

ئانىلار بايرىمى.‏ «بۇ بايرام قە‌دىمكى يۇ‌ناندىكى ئانىغا چوقۇ‌نۇ‌ش ئۆرپ-‏ئادە‌تلىرىدىن كېلىپ چىققان.‏ ئانىغا چوقۇ‌نۇ‌ش بولسا ئىلاھلارنىڭ ئۇ‌لۇ‌غ ئانىسى سىبىلى ياكى رېئاغا چوقۇ‌نۇ‌ش مۇ‌راسىملىرى بولۇ‌پ،‏ كىچىك ئاسىيا رايونىنىڭ ھە‌ممە جايلىرىدا قە‌دىمكى رىم كالېندارى بويىچە 3-‏ئاينىڭ 15-‏كۈنى ئۆتكۈزۈلگە‌ن» دە‌پ «برىتانىكا قامۇ‌سى»دا (‏Encyclopædia Britannica 1959‏)‏ 15-‏قىسىم،‏ 849-‏بە‌تتە خاتىرىلە‌نگە‌ن.‏

يېڭى يىل بايرىمى.‏ يېڭى يىلنى تە‌برىكلە‌ش كۈنى ۋە قائىدە-‏يوسۇ‌نلىرى ھە‌رقايسى دۆلە‌تتە،‏ ھە‌رقايسى ئە‌ل خە‌لقى ئارىسىدا ئوخشاش ئە‌مە‌س.‏ يېڭى يىلنىڭ كېلىپ چىقىش مە‌نبە‌سى توغرىسىدا،‏ (‏The World Book Encyclopedia‏)‏ «دۇ‌نيا كىتاب قامۇ‌سى» مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مىلادىدىن ئىلگىرىكى 46-‏يىلى رىم ئىمپېراتورى يۇ‌لىيۇ‌س قە‌يسە‌ر،‏ 1-‏يانۋارنى يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى قىلىپ بېكىتكە‌ن.‏ رىملىقلار مۇ‌شۇ كۈننى ئىشىك،‏ دە‌رۋازا ھە‌مدە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تنىڭ باشلىنىش ئىلاھى يانۇ‌سقا بېغىشلىغان.‏ ئۇ‌نىڭ ئالدى-‏ئارقىغا قارايدىغان يۈزى بار ئىككى يۈزلۈك ئىلاھ،‏ يانۋار ئېيى دە‌ل ئىلاھ يانۇ‌سنىڭ ئىسمىدىن كېلىپ چىققان».‏ مۇ‌شۇ‌نىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ‌كى،‏ يېڭى يىلنى تە‌برىكلە‌ش غە‌يرى دىنىي ئۆرۈپ-‏ئادە‌تلە‌ردىن كېلىپ چىققان.‏

ئاشىق-‏مە‌شۇ‌قلار بايرىمى.‏ «ئاشىق-‏مە‌شۇ‌قلار بايرىمى كۈنى ۋە‌لېنتاين ئىسىملىك ئىككى شېھىت بولغان خرىستىئان مۇ‌رىتىنى خاتىرىلە‌ش كۈنىنى كېلىش مە‌نبە‌سى قىلغان.‏ بىراق،‏ ئاشۇ كۈننىڭ ئۆرپ-‏ئادە‌تلىرى .‏.‏.‏ بە‌لكىم ھە‌ريىلى 15-‏فېۋرالدا تە‌برىكلىنىدىغان لۇ‌پېركالىئا دە‌پ ئاتالغان قە‌دىمكى رىملىقلارنىڭ بايرام كۈنى بىلە‌ن باغلىنىشلىق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بۇ بايرامدا رىملىقلارنىڭ ئاياللار ۋە نىكاھ ئىلاھە‌سى يۇ‌نوغا ھە‌مدە تە‌بىئە‌ت ئىلاھى پانغا ھۆرمە‌ت-‏ئېھتىرام بىلدۈرۈلىدۇ» دە‌پ «دۇ‌نيا كىتاب قامۇ‌سى» (‏The World Book Encyclopedia 197‏)‏ 20-‏قىسىم،‏ 204-‏بە‌تتە خاتىرىلە‌نگە‌ن.‏

باشقا بايراملار.‏ دۇ‌نيادىكى بارلىق بايرام،‏ تە‌برىكلە‌ش مۇ‌راسىم كۈنلىرى توغرىسىدا بە‌س-‏مۇ‌نازىرە قىلىش مۇ‌مكىن بولمايدۇ.‏ ئە‌مما ھە‌رقانداق شە‌كىلدىكى،‏ ئىنساننى ياكى ئىنسانلار قۇ‌رغان تە‌شكىلاتلارنى مە‌دھىيىلە‌پ كۆككە كۆتۈرىدىغان بايراملارنى يە‌ھۋا خۇ‌دا ياقتۇ‌رمايدۇ (‏يە‌رە‌مىيا 17:‏5–‏7؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 10:‏25،‏ 26)‏.‏ شۇ‌نى ھە‌م ئە‌ستە ساقلاش كېرە‌ككى،‏ مە‌لۇ‌م بىر دىنىي بايرامنىڭ خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى ئاشۇ بايرامنىڭ كېلىپ چىقىش مە‌نبە‌سى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك (‏يە‌شايا 52:‏11؛‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 18:‏4)‏.‏ مۇ‌شۇ كىتابنىڭ 16-‏​بابىدا تىلغا ئېلىنغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏قانۇ‌نلىرى،‏ بىدئە‌ت بايراملارنى تە‌برىكلە‌ش پائالىيە‌تلىرىگە قاتنىشىشقا نىسپە‌تە‌ن يە‌ھۋانىڭ قانداق كۆز قاراشتا بولىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش