8-دەرس
نېمە ئۈچۈن يىغىلىشلىرىمىزغا رەتلىك كىيىنىپ بارىمىز؟
ئىسلاندىيە
مېكسىكا
گۋىنىيە بېسساۋ
فىلىپپىن
بۇ كىتابچىدىكى رەسىملەردە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ چىرايلىق كىيىنىپ يىغىلىشلارغا قاتناشقانلىقىغا دىققەت قىلدىڭىزمىكىن؟ نېمە ئۈچۈن بىز كىيىنىش ۋە ياسىنىشلىرىمىزغا شۇنچىلىك ئېتىبار بېرىمىز؟
خۇداغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن. ئەلۋەتتە خۇدا پەقەت تاشقى قىياپىتىمىزگىلا نەزەر سالمايدۇ (1-سامۇئىل 16:7). ئەمما، بىز خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن جەم بولغاندا، ئۇنىڭغا ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلارغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى ئىپادىلەشنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر بىز بىر پادىشاھ ياكى دۆلەت رەئىسى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولساق، ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسىتىش ئۈچۈن ئادەتتە تاشقى كۆرۈنىشىمىزگە ئېتىبار بېرىمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز يىغىلىشلارغا قاتناشقاندا ‹پۈتۈن ئالەمنىڭ سوراقچىسى› يەھۋاغا ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغان جايغا ھۆرمەت كۆرسىتىمىز. — يارىتىلىش 18:25.
ئەدەب-ئەخلاق ئۆلچىمىگە ماس ياشايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن. مۇقەددەس كىتاب: ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى «مۇۋاپىق ۋە ئەخلاقلىق كىيىنىشى كېرەك» دەيدۇ (1-تىموتىي 2:9، 10). ‹مۇۋاپىق ۋە ئەخلاقلىق كىيىنىش› — ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان، يېرىم يالىڭاچ، چاكىنا ياكى پەل-پەتىش كىيىنىشلەردىن خالىي بولۇپ، سالاپەتلىك ۋە يارىشىملىق كىيىنىش دېگەننى بىلدۈرىدۇ ۋە بىزنىڭ كىيىم-كېچەك تاللىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئاشۇ قائىدە-پرىنسىپلار ھەر خىل شەخسىي تاللاشلىرىمىزغا يەنىلا كۆپ ئەركىنلىك بەرگەن. بىزنىڭ سالاپەتلىك ۋە يارىشىملىق تاشقى كۆرۈنۈشىمىز، «قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ تەلىماتىغا ھەر جەھەتتىن زىننەت بولىدۇ» ۋە «خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ» (تىتۇس 2:10؛ 1-پېترۇس 2:12). يىغىلىشلار ئۈچۈن ياسىنىش ئارقىلىق، باشقىلارنىڭ يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشقا بولغان كۆزقارىشىغا تەسىر قىلالايمىز.
ئەگەر يىغىلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق كىيىم-كېچىكىڭىز بولمىسا، خىجىل بولماي يىغىلىشقا قاتنىشىۋېرىڭ. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى سىزنى قارشى ئالىدۇ. كىيىم-كېچەكلىرىمىزنىڭ قىممەت باھالىق ياكى ئېسىل بولۇشى ھاجەتسىز، پاكىزە، رەتلىك ۋە لايىقىدا بولسىلا كۇپايە.
خۇداغا ئىبادەت قىلغاندا ياسىنىشلىرىمىزنىڭ لايىقىدا بولۇشى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئۈچۈن كىيىم-كېچەك تاللىشىمىزغا قايسى قائىدە-پرىنسىپلار ياردەم بېرىدۇ؟