7-دەرس
بىزنىڭ يىغىلىشلىرىمىز قانداق؟
يېڭى زېلاندىيە
ياپونىيە
ئۇگاندا
لىتۋانىيە
ئەيسانىڭ دەسلەپكى ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرى ئاساسلىقى مەدھىيە ئېيتىش، دۇئا قىلىش، مۇقەددەس كىتابنى ئۈنلۈك ئوقۇش ۋە ئايەتلەر ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان (1-كورىنتلىقلار 14:26). بۈگۈنكى كۈندىكى يىغىلىشلىرىمىز شۇ دەسلەپكى ئەگەشكۈچىلەرنىڭ يىغىلىشلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
تەلىملەر مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ۋە قوللىنىشچان. ھەپتە ئاخىرىدا، ھەربىر جامائەت 30 مىنۇتلۇق مۇقەددەس كىتاب نۇتىقى ئاڭلايدۇ. شۇ نۇتۇق مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۆز تۇرمۇشىمىز ۋە ياشاۋاتقان زامانىمىز بىلەن قانداق باغلىنىشى بارلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرىدۇ. مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغاندا، ھەممىمىز ئايەتلەرنى ئېچىپ كۆرىمىز. نۇتۇقتىن كېيىن، بىر سائەت «كۆزىتىش مۇنارى» تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. «كۆزىتىش مۇنارى» تەتقىق نەشرىدىكى ماقالە مۇلاھىزە قىلىنغاندا، يىغىلىشقا قاتناشقانلار پىكىر بايان قىلسا بولىدۇ. بۇ مۇلاھىزە مۇقەددەس كىتابنىڭ يولباشچىلىقىنى تۇرمۇشىمىزغا تەتبىقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى 118000 دىن ئارتۇق جامائەتچىلىك ئوخشاش بىر مەزمۇندىكى ماقالىنى تەتقىق قىلىمىز.
تەلىم بېرىش ماھارىتى ئۆستۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بىز يەنە ھەپتە ئارلىقىدىكى بىر كەچتە «ۋەز خىزمەت ۋە ھاياتىمىز» دېگەن تېمىدا ئۈچ بۆلەكتىن تەشكىل تاپقان يىغىلىشقا قاتنىشىمىز. يىغىلىش مەزمۇنى ھەر ئايلىق «ۋەز خىزمەت ۋە ھاياتىمىز —يىغىلىش قوللانمىسى» بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. يىغىلىشنىڭ بىرىنچى بۆلىكى، خۇدا سۆزىدىكى خەزىنلەر، جامائەت ئالدىن ئوقۇپ كەلگەن مۇقەددەس كىتابتىكى قىسقىچە مەزمۇننى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. كېيىنكى بۆلەك، ۋەز خىزمەتنى ئۈنۈملۈك قىلىش، قانداق قىلىپ باشقىلار بىلەن مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈلگىلىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر يېتەكچى قېرىنداش كۆزەتكىنى بويىچە، ئوقۇش ۋە سۆز قىلىش ماھارىتى ئۆستۈرۈشىمىز ئۈچۈن كېرەكلىك مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ (1-تىموتىي 4:13). ئاخىرقى بۆلەك، خۇدا يولىدىكى ھاياتىمىز، مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئەمەلىي ئىشلىتىش ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىدۇ. سوئال-جاۋاب شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇلاھىزىلەر مۇقەددەس كىتابقا بولغان چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
يىغىلىشلىرىمىزغا قاتناشسىڭىز، مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان تەلىم-تەربىيىلەرنىڭ سىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغانلىقى شەك-شۈبھىسىزدۇر. — يەشايا 54:13.
يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرى قانداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؟
پۇرسەت بولسا، قايسى يىغىلىشىمىزغا قاتنىشىشنى خالايسىز؟