6-دەرس
ئېتىقادچى قېرىنداشلار ئارا باردى-كەلدى قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
ماداغاسقار
نورۋېگىيە
لىۋان
ئىتالىيە
مەيلى قويۇق ئورمانلارنى كېسىپ ئۆتەيلى ياكى ناچار ھاۋا شارائىتىغا دۇچ كېلەيلى، بىز دائىم ئېتىقادچىلار يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىمىز. كىشىلىك تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلار ۋە بىر كۈنلۈك خىزمەتتىن كېيىنكى چارچاشلارغا قارىماي، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئېتىقادچى قېرىنداشلار ئارا باردى-كەلدى قىلىشقا تىرىشىدۇ. نېمە ئۈچۈن ئۇلار شۇنداق قىلىدۇ؟
قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. جامائەتتە باردى-كەلدى قىلىش توغرىسىدا سۆز قىلغاندا، ئەلچى پاۋلۇس: «بىر-بىرىمىزنى قانداق رىغبەتلەندۈرۈشنى ئويلايلى»، دېگەنىدى (ئىبرانىيلار 10:24). شۇڭا، پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرى بىزنى باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئۇلارنى چۈشىنىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. جامائەتتىكى قېرىنداشلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن باردى-كەلدى قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ بىزگە ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا قانداق تاقابىل تۇرغانلىقنى بىلەلەيمىز. ئۇلار بىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ.
ئۈزۈلمەس دوستلۇق رىشتىنى كۈچەيتىدۇ. يىغىلىشلىرىمىزدا جەم بولىدىغانلار شۇنداقلا تونۇشۇپ قالغان كىشىلەر ئەمەس، بەلكى بىر توپ يېقىن دوستلارمىز. باشقا چاغلاردا ھەم بىرلىكتە ساغلام بولغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىمىز. شۇنداق باردى-كەلدى قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟ ئۆزئارا بىر-بىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلەلەيمىز، مېھىر-مۇھەببەت رىشتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. قېرىنداشلىرىمىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە تەييار تۇرىمىز، چۈنكى دوستلۇق رىشتىمىز كۈچلۈك باغلانغان (پەندى-نەسىھەت 17:17). جامائەتتىكى بارلىق ئېتىقادچىلار باردى-كەلدى قىلىش ئارقىلىق «ئەزالار بىر-بىرگە ئوخشاش ئېتىبار بەرسۇن»، دېگەن نەسىھەتكە قۇلاق سالغانلىقىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز. — 1-كورىنتلىقلار 12:25، 26.
بىز سىزنى يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتقانلارنى دوست تۇتۇشقا ئۈندەيمىز. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئارىسىدىن شۇنداق دوستلارنى تاپالايسىز. ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىشىڭىزغا توسالغۇ بولىدىغان ھەرقانداق توسقۇنلۇقلارغا يول قويماڭ.
يىغىلىشلاردا بىر-بىرىمىز بىلەن باردى-كەلدى قىلىش نېمە ئۈچۈن بەك پايدىلىق؟
قاچان جامائىتىمىز بىلەن تونۇشۇشنى خالايسىز؟