5-دەرس
يىغىلىشلىرىمىزدىن نېمىگە ئېرىشەلەيسىز؟
ئارگېنتىنا
سېررالېئون
بېلگىيە
مالايسىيا
كۆپلىگەن ئادەملەر دىنىي يىغىلىشلارغا قاتنىشىشنى توختاتتى، چۈنكى ئۇلار شۇ يىغىلىشلاردا روھىي يولباشچىلىق ياكى تەسەللىي تاپالمىغان. ئۇنداقتا، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىپ باقامسىز؟ يىغىلىشلاردىن نېمىگە ئېرىشەلەيسىز؟
مېھىر-مۇھەببەتلىك ۋە كۆيۈمچان كىشىلەر ئارىسىدا شاد-خۇراملىقتىن بەھرىمەن بولۇش. بىرىنچى ئەسىردە، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائەتچىلىكلەرنى تەشكىللەپ، خۇداغا ئىبادەت قىلىش، مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگىنىش ۋە بىر-بىرىنى ئىلھاملاندۇرۇش مەقسىتىدە يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزگەن (ئىبرانىيلار 10:24، 25). مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان كەيپىيات ئىچىدە، ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەقىقىي دوستلىرى بولغان ئېتىقادچى قېرىنداشلىرى ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقانىدى (2-سالونىكالىقلار 1:3؛ 3-يۇھاننا 14، 15). بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار قالدۇرغان ئۈلگە بويىچە قىلىپ، بىزمۇ شۇ خىل شاد-خۇراملىقتىن بەھرىمەن بولىمىز.
مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرىنى تەتبىقلاشنى ئۆگىنىش. مۇقەددەس كىتاب زامانىدىكىگە ئوخشاش، بىزمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئەر-ئايال، بالا-چاقا ھەممىمىز يىغىلىپ جەم بولىمىز. ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن يېتەكچىلەر مۇقەددەس كىتابنى ئىشلىتىپ، ئۇنىڭدىكى قائىدە-پرىنسىپلارنى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا قانداق تەتبىقلاشنى ئۆگىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ (تەكرار قانۇن 31:12؛ نەھەمىيا 8:8). شۇ يىغىلىشلاردا پىكىر بايان قىلىش ۋە مەدھىيىلەر ئوقۇشقا قاتنىشىش، ھەممىمىزگە ئىمان-ئېتىقاد ئۈمىدىگە چىڭ باغلانغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشكە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. — ئىبرانىيلار 10:23.
خۇداغا بولغان ئىمان-ئېتىقادنى كۈچەيتىش. ئەلچى پاۋلۇس ئۆز زامانىدا بىر جامائەتكە: «سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن. دېمەك، مەن ئاراڭلاردا بولسام، بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىدىن ئۆزئارا ئىلھام ئالالايمىز»، دېگەنىدى (رىملىقلار 1:11، 12). يىغىلىشلاردا، دائىم ئېتىقادچى قېرىنداشلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىش ئىمان-ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىپ، مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرى بويىچە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىرادىمىزنى مۇستەھكەملەيدۇ.
جامائىتىمىزنىڭ كېيىنكى يىغىلىشىغا قاتنىشىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئىشلارنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ باقامسىز؟ سىز قىزغىن قارشى ئېلىنىسىز. بارچە يىغىلىشلار ھەقسىز، ھېچكىمدىن پۇل تەلەپ قىلىنمايدۇ.
جامائەت يىغىلىشلىرىمىز نېمىنى ئۈلگە قىلغان؟
جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىپ نېمىگە ئېرىشەلەيمىز؟