كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ي‌ئو 10-‏دە‌رس
  • ئائىلىۋى ئىبادە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئائىلىۋى ئىبادە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏
  • بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداۋاتىدۇ؟‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • بە‌خت-‏سائادە‌تلىك ئائىلە.‏ 2-‏قىسىم
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • ئائىلىڭىز بىلە‌ن يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىڭ
    ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
  • ئاتا-‏ئانىلار،‏ بالىلىرىڭلارغا يە‌ھۋانى سۆيۈشنى ئۆگىنىشكە ياردە‌م بېرىڭلار!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • ئائىلىلە‌ر ئۈچۈن ياردە‌م
    ئويغىنىش!‏—‏2018
كۆپرەك ئۇچۇرلار
بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداۋاتىدۇ؟‏
ي‌ئو 10-‏دە‌رس

10-‏دە‌رس

ئائىلىۋى ئىبادە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏

كورىيە

برازىلىيە

ئاۋسترالىيە

گۋىنىيە

قە‌دىمقى زاماندىن تارتىپ،‏ يە‌ھۋا ھە‌ربىر ئائىلىنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ بىرلىكتە ئۇ‌نىڭغا بولغان ئىمان-‏ئېتىقادنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شنى ۋە ئائىلە ئە‌زالىرى ئارىسىدىكى مۇ‌ناسىۋە‌تنى كۈچە‌يتىشنى تە‌لە‌پ قىلغان (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 6:‏6،‏ 7)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ھە‌ر ھە‌پتىسى مە‌لۇ‌م بىر ۋاقىتنى چىقىرىپ،‏ ئائىلە ئە‌زالىرى بىرلىكتە ئىبادە‌ت قىلىشقا جە‌م بولىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئائىلىنىڭ ئېھتىياجلىرىغا ياردە‌م بېرىدىغان روھىي ئىشلار ھە‌ققىدە ئە‌ركىن-‏ئازادە مۇ‌لاھىزە ئېلىپ بارىدۇ.‏ ھە‌تتا سىز يالغۇ‌ز تۇ‌رۇ‌ۋاتقان بولسىڭىزمۇ،‏ ۋاقىت چىقىرىپ بىر تېما ئاساسىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى كۈچە‌يتىدۇ.‏

يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشنىڭ پە‌يتىدۇ‌ر.‏ «خۇ‌داغا يېقىنلىشىڭلار،‏ خۇ‌دامۇ سىلە‌رگە يېقىنلىشىدۇ» (‏ياقۇ‌پ 4:‏8)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن يە‌ھۋانىڭ خاراكتېر-‏سۈپە‌تلىرى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى ھە‌ققىدە تە‌پسىلىي ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇ‌نى ياخشىراق تونۇ‌يالايمىز.‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌تنى باشلاشنىڭ ئاددىي بىر ئۇ‌سۇ‌لى،‏ بىرلىكتە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۈنلۈك ئوقۇ‌ش،‏ مە‌سىلە‌ن «ۋە‌ز خىزمە‌ت ۋە ھاياتىمىز —‏ يىغىلىش قوللانمىسى» ھە‌پتىلىك جە‌دۋىلىگە ئاساسە‌ن تە‌رتىپ بويىچە ھە‌ربىر كىشى بىر بۆلە‌ك مە‌زمۇ‌ننى ئوقۇ‌پ،‏ ئاندىن ئوقۇ‌لغان ئايە‌تلە‌ردىن نېمە ئۆگە‌نگە‌نلىكى ھە‌ققىدە بىرلىكتە مۇ‌لاھىزە قىلىش.‏

ئائىلە ئە‌زالىرى بىر-‏بىرىگە يېقىنلىشىشنىڭ پە‌يتىدۇ‌ر.‏ بىر ئائىلە كىشىلىرى جە‌م بولۇ‌پ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىش نىكاھ مۇ‌ناسىۋىتى ۋە ئاتا-‏ئانىلار بىلە‌ن پە‌رزە‌نتلە‌ر ئوتتۇ‌رىسىدىكى مۇ‌ناسىۋە‌تنى كۈچە‌يتىدۇ.‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌ت ھە‌ر ھە‌پتىسى ئائىلىدىكىلە‌ر خاتىرجە‌ملىك ۋە شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمىدىغان ھە‌مدە كېلىشىنى ھە‌ممە تە‌قە‌ززالىق بىلە‌ن كۈتىدىغان بىر پە‌يت بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ ئاتا-‏ئانىلار بالىلارنىڭ ياش پە‌رقىگە ئاساسە‌ن ئۆگىنىش ئۈچۈن مۇ‌ۋاپىق تېما تاللىسا بولىدۇ،‏ «كۆزىتىش مۇ‌نارى» ۋە «ئويغىنىش!‏» ژۇ‌رناللىرىدىكى ياكى jw.org تور بېتىمىزدىكى مە‌زمۇ‌نلار ياخشى تاللاش بولالايدۇ.‏ بالىلارنىڭ مە‌كتە‌پتە دۇ‌چ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىنى قانداق ھە‌ل قىلىش توغرۇ‌لۇ‌ق پاراڭلىشىشقا بولىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن (‏tv.jw.org‏) تېلۋىزىيە پروگراممىسىنى كۆرۈپ،‏ كېيىن بىرلىكتە مۇ‌لاھىزە قىلىپ باقمايسىلە‌ر؟‏ يىغىلىشلاردا ئېيتىلىدىغان مە‌دھىيە ناخشىلىرىنى مە‌شىق قىلىپ زوقلىنىش ۋە ئىبادە‌تتىن كېيىن تاتلىق تۈرمىلە‌رگە ئېغىز تېگىشكىمۇ بولىدۇ.‏

بىرلىكتە ھە‌ر ھە‌پتىسى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلغان بۇ ئالاھىدە ۋاقىت ئائىلىدىكى ھە‌ممىڭلارنىڭ خۇ‌دا سۆزىدىن خۇ‌شاللىق تېپىشىڭلارغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋا سىلە‌رنىڭ كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىڭلارنى بە‌رىكە‌تلە‌يدۇ.‏ —‏ زە‌بۇ‌ر 1:‏1–‏3.‏

  • نېمە ئۈچۈن ئائىلىۋى ئىبادە‌ت ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىمىز؟‏

  • مۇ‌شۇ پە‌يتتە ئائىلىدىكىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى خۇ‌شاللىق تېپىشى ئۈچۈن ئاتا-‏ئانىلار نېمە قىلسا بولىدۇ؟‏

كۆپرە‌ك ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

جامائە‌تچىلىكتىكىلە‌ردىن ئۇ‌لارنىڭ ئائىلىۋى ئىبادىتى قانداق مە‌زمۇ‌نلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى سوراپ بېقىڭ.‏ بە‌زى ياخشى تە‌كلىپ-‏پىكىرلە‌رگە ئېرىشە‌لە‌يسىز.‏ ھە‌مدە بالىلارغا يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق ئۆگىتىدىغان ماتېرىياللارنى ئىزدە‌پ كۆرۈڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش