كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ئاب 6-‏بۆل.‏ 18-‏21 ب.‏
  • بالىلارنىڭ تۇ‌غۇ‌لۇ‌شى ئائىلىۋى ھاياتقا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • بالىلارنىڭ تۇ‌غۇ‌لۇ‌شى ئائىلىۋى ھاياتقا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏
  • ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • 1.‏ ئۆزگىرىشلە‌رگە توغرا قاراڭ
  • 2.‏ ئۆزئارا مۇ‌ناسىۋە‌تلىرىڭلارنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ڭلار
  • 3.‏ بالىنى باق،‏ كۆڭلىنى تاپ
  • خۇ‌دانىڭ مە‌سلىھە‌تلىرى ئائىلىدە بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشىشكە ياردە‌م بېرىدۇ
    ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
ئائىلىڭىز بە‌خىت-‏سائادە‌تكە ئېرىشە‌لە‌يدۇ
ئاب 6-‏بۆل.‏ 18-‏21 ب.‏
مېدسېسترا بوۋاقنی ئاتا-‏ئانىسىغا بېرىۋاتىدوُ

6-‏بۆلۈم

پە‌رزە‌نت دۇ‌نياغا كە‌لگە‌ندە

‏«بالىلار —‏ پە‌رۋە‌ردىگاردىن بولغان مىراستۇ‌ر» (‏زە‌بۇ‌ر 127:‏3)‏.‏

پە‌رزە‌نتنىڭ دۇ‌نياغا كېلىشى كۆپلىگە‌ن ئە‌ر-‏ئاياللارغا ھە‌م خۇ‌شاللىق ھە‌م غە‌م-‏تە‌شۋىش ئېلىپ كېلىدۇ.‏ ئە‌مدى ۋاقتى بىلە‌ن كۈچىنىڭ كۆپ قىسمى بالا بېقىشقا كېتىدىغانلىقى ئاتا-‏ئانىلار ئۈچۈن كۈتۈلمىگە‌ن ئە‌ھۋال بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌يقىغا قانماسلىق ۋە يېڭى ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لار بە‌زىدە ئۆزئارا مۇ‌ناسىۋە‌تلىرىڭلارنىڭ كە‌سكىنلىشىپ كېتىشىگە سە‌ۋە‌بچى بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بالىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ئۈچۈن ۋە ئۆزئارا زىچ مۇ‌ناسىۋە‌تلىرىڭلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سىلە‌ر يېڭى ھايات تە‌رزىگە ماسلىشىڭلار.‏ مۇ‌شۇ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشتە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌سلىھە‌تلە‌ر سىلە‌رگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

1.‏ ئۆزگىرىشلە‌رگە توغرا قاراڭ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە ئېيتىلغان؟‏ «مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئۇ‌زاق سە‌ۋرلىك ھە‌م مېھرىباندۇ‌ر».‏ شۇ‌نداقلا،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت «ئۆز مە‌نپە‌ئە‌تىنى كۆزلىمە‌يدۇ،‏ تېرىكمە‌يدۇ» (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 13:‏4،‏ 5)‏.‏ ئانا بولغانلىقتىن بارلىق ئوي-‏خىياللىرىڭىزنىڭ پە‌قە‌ت بالىڭىزدىلا بولۇ‌شى ئە‌جە‌پلىنە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ لېكىن ھە‌مراھىڭىز ئۆزىنى ئۇ‌نتۇ‌لغاندە‌ك ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئېرىڭىزمۇ سىزنىڭ دىققە‌ت-‏ئېتىبارىڭىزغا مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىنى ئە‌ستىن چىقارماڭ.‏ سىزنىڭ سە‌ۋرچانلىقىڭىز ۋە مېھرىبانلىقىڭىز ھە‌مراھىڭىزغا ئۆزىنىڭ قە‌دىرلىك ئىكە‌نلىكىنى ھە‌م بالىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشتا زور ھە‌سسە قوشۇ‌ۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

تىسی بالىنی تاماق بېرىشكه يارده‌ملىشىۋاتىدوُ

‏«سىلە‌ر،‏ ئە‌رلە‌ر،‏ بۇ‌نىڭدىن بۇ‌يانمۇ ئاياللىرىڭلارغا ئالغان تە‌لىماتىڭلارغا يارىشا مۇ‌ئامىلە قىلىڭلار» (‏پېترۇ‌سنىڭ 1-‏خېتى 3:‏7)‏.‏ ئايالىڭىزنىڭ كۈچ-‏قۇ‌ۋۋىتىنىڭ ئاساسىي قىسمى بالا بېقىشقا كېتىۋاتقانلىقىنى ئېتىبارغا ئېلىشىڭىز كېرە‌ك.‏ يېڭى ۋە‌زىپىلە‌رگە بولا ئايالىڭىز ئۆزىنى دائىم جىددىيلە‌شكە‌ن،‏ ماغدۇ‌رسىز سېزىدۇ ۋە ھە‌تتا چۈشكۈنلىشپ كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ بە‌زى ۋاقىتلاردا ئايالىڭىز سىزگە خاپا بولىدۇ،‏ ئامما خاتىرجە‌ملىكنى ساقلىشىڭىز لازىم،‏ چۈنكى «ئاسان ئاچچىق قىلمايدىغان،‏ پالۋاندىن ئە‌ۋزە‌لدۇ‌ر» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 16:‏32)‏.‏ زېرە‌ك بولۇ‌ڭ ۋە ئايالىڭىزغا دائىم يار-‏يۆلە‌ك بولۇ‌ڭ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 14:‏29)‏.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • ئاتىلار:‏ ئايالىڭىزغا بالا بېقىشتا ياردە‌م بېرىڭ،‏ بولۇ‌پمۇ كېچىلىرى.‏ باشقا ئىشلارغا بۆلۈنىدىغان ۋاقىتنى قىسقارتىپ،‏ ئايالىڭىز بىلە‌ن بالىڭىزغا كۆپرە‌ك ۋاقىت بۆلۈشكە تىرىشىڭ

  • ئانىلار:‏ ھە‌مراھىڭىز بالا بېقىشتا ياردە‌ملە‌شمە‌كچى بولغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ قولىنى قاقماڭ.‏ ھە‌مراھىڭىزنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىدىن كۆڭلىڭىز سۇ ئىچمىسىمۇ،‏ ئۇ‌نى جېمىلىمە‌ستىن،‏ قانداق توغرا قىلىش كېرە‌كلىكىنى مېھرىبانلىق بىلە‌ن كۆرسىتىپ بە‌رسىڭىز بولىدۇ

2.‏ ئۆزئارا مۇ‌ناسىۋە‌تلىرىڭلارنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ڭلار

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ «ئۇ‌لار بىر تە‌ن بولىدۇ» (‏يارىتىلىش 2:‏24)‏.‏ گە‌رچە ئائىلە‌ڭلارغا يېڭى ئە‌زا قوشۇ‌لسىمۇ،‏ ئە‌ر-‏ئايال «بىر تە‌ن» ئىكە‌نلىكىڭلارنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭلار.‏ ئۆزئارا مۇ‌ناسىۋە‌تلىرىڭلارنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن بار كۈچۈڭلارنى ئىشلىتىڭلار.‏

ئاياللار،‏ ھە‌مراھىڭلارنىڭ ياردىمىنى ۋە قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىنى قە‌دىرلە‌ڭلار.‏ سىلە‌رنىڭ مىننە‌تدارلىق سۆزلىرىڭلار ھە‌مراھىڭىزنىڭ دە‌ردىگە دە‌رماندۇ‌ر (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 12:‏18)‏.‏ ئە‌رلە‌ر،‏ ئايالىڭلارنى سۆيىدىغان ۋە قە‌دىرلە‌يدىغانلىقىڭلارنى ئېيتىشتىن زېرىكمە‌ڭلار.‏ ئائىلىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ماختاڭ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 31:‏10،‏ 28)‏.‏

‏«ھە‌ركىم ئۆزىنىڭ پايدىسىنى ئە‌مە‌س،‏ باشقىسىنىڭ پايدىسىنى ئىزدىسۇ‌ن» (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 10:‏24)‏.‏ ھە‌رقاچان ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىڭىزنىڭ پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تلىرىنى كۆزلە‌ڭ.‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن مۇ‌ڭدىشىشقا ۋە گە‌پ-‏سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا ۋاقىت چىقىرىڭ.‏ جىنسىي مۇ‌ناسىۋە‌تلە‌ردە پە‌قە‌ت ئۆز ئېھتىياجلىرىڭىزنىلا ئويلىماستىن،‏ بە‌لكى جۈپتىڭىزنىڭمۇ ئېھتىياجلىرىنى دىققە‌تكە ئېلىڭ.‏ بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «بۇ‌نىڭدا بىر-‏بىرىڭلاردىن باش تارتماڭلار،‏ بە‌لكى پە‌قە‌ت كېلىشىۋېلىڭلار»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏كورىنتلىقلارغا 1-‏خە‌ت 7:‏3—‏5)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا بۇ مە‌سىلىنى ئوچۇ‌ق-‏يورۇ‌ق مۇ‌ھاكىمە قىلىڭلار.‏ بىر-‏بىرىڭلارغا سە‌ۋرچان ۋە توغرا كۆزقاراشتا بولساڭلار،‏ مۇ‌ناسىۋە‌تلىرىڭلار مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىدۇ.‏

بوۋاق ئوُخۋاتقاندا ئه‌ر-‏ئايال بىرگه ۋاقىت ئوتكوٰزىۋاتىدوُ

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • ئۆزئارا مۇ‌ڭدىشىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىش مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى ئە‌ستىن چىقارماڭلار

  • كىچىك سوۋغاتلار،‏ قىسقا ئۇ‌چۇ‌رلار ۋە خۇ‌ش قىلىدىغان ئۇ‌ششاق-‏چۈششە‌ك نە‌رسىلە‌رنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭلار:‏ مۇ‌نداق ئىشلار ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىڭىزغا ئۇ‌نىڭ سۆيۈملۈك ئىكە‌نلىكىنى ئە‌سلىتىدۇ

3.‏ بالىنى باق،‏ كۆڭلىنى تاپ

نىسی بالىسىغا كىتاب ئوقوُپ بېرىۋاتىدوُ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا نېمە يېزىلغان؟‏ «بوۋاق چېغىڭدىن مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار بىلە‌ن تونۇ‌ش بولغىنىڭ سېنى ئە‌يسا مە‌سىھتىكى ئېتىقاد ئارقىلىق قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن دانا قىلالايدۇ» (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 3:‏15)‏.‏ بالىڭىزنى قانداق تە‌ربىيىلە‌پ،‏ تە‌لىم بېرىدىغانلىقىڭىزنى پىلانلاپ قويۇ‌ڭ.‏ بالا تۇ‌غۇ‌لماي تۇ‌رۇ‌پ ئاجايىپ ئۆگىنىش قابىلىيىتىگە ئىگە.‏ ئۇ ھە‌تتا بالىياتقۇ‌دىكى مە‌زگىلىدىلا ئاۋازىڭىزنى پە‌رق قىلىپ،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭىزغا ئىنكاس قايتۇ‌رالايدۇ.‏ ئۇ‌نىڭغا ھاياتىنىڭ دە‌سلە‌پكى كۈنلىرىدىن باشلاپلا ئۈنلۈك ئوقۇ‌ڭ،‏ ھە‌تتا ئۇ سىز ئوقۇ‌ۋاتقان سۆزلە‌رنى چۈشە‌نمىسىمۇ،‏ چوڭىراق بولغاندا،‏ بۇ ئۇ‌نىڭغا ئوقۇ‌شنى ياخشى كۆرۈشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

بالىغا بوۋاق چېغىدىنلا خۇ‌دا توغرىسىدا تە‌لىم بېرىش تېخى بالدۇ‌ر دە‌پ ئويلىماڭ.‏ ئۇ سىزنىڭ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئاڭلىسۇ‌ن (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 11:‏19)‏.‏ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىللە ئويناۋاتقاندا،‏ خۇ‌دا ياراتقان مە‌ۋجۇ‌داتلار ھە‌ققىدە سۆزلە‌پ بېرىڭ (‏زە‌بۇ‌ر 78:‏3،‏ 4)‏.‏ بالا چوڭايغانسىرى سىزنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى كۆرۈپ،‏ ئۆزىمۇ خۇ‌دانى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىدۇ.‏

پايدىلىق مە‌سلىھە‌تلە‌ر

  • بالىڭىزنى تە‌ربىيىلە‌ش ئۈچۈن ھاجە‌ت بولغان دانالىقنى سوراپ دۇ‌ئا قىلىڭ

  • قايتىلاش ئارقىلىق بالىنى مۇ‌ھىم سۆزلە‌ر ۋە چۈشە‌نچىلە‌رگە ئۆگىتىڭلار.‏ شۇ چاغدا ئۇ بوۋاق چېغىدىن ئۆگىنىشكە باشلايدۇ

بالىلىق ئۆي —‏ گۈلستان

بارا-‏بارا ئاتا-‏ئانىلارنىڭ ۋە‌زىپىلىرىنى ئورۇ‌نداشنى ئۆگىنىۋالىسىلە‌ر.‏ بالا تە‌ربىيىلە‌ش ۋە‌زىپىسى سىزنى تېخىمۇ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك،‏ كۆيۈمچان ۋە سە‌ۋرلىك قىلىدۇ.‏ بالىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلغاندا،‏ ھە‌مكارلىشىپ ئىش قىلىپ،‏ بىر-‏بىرىڭلارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىسە‌ڭلار،‏ بۇ ئائىلە‌ڭلارنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ.‏ سىلە‌ر ئۆز ھاياتىڭلاردا زە‌بۇ‌ر 127:‏3تىكى «بالىلار —‏ پە‌رۋە‌ردىگاردىن بولغان مىراستۇ‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلە‌رنىڭ ھە‌ق ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزىسىلە‌ر.‏

ئۆزىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ.‏.‏.‏

  • ئاخىرقى ھە‌پتە داۋامىدا مە‌ن ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىمغا ئۇ‌نىڭ ئائىلىمىزگە قىلغانلىرى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىمنى كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمە قىلدىم؟‏

  • ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھىم بىلە‌ن ئاخىرقى قېتىم پە‌قە‌ت بالىمىز توغرىسىدا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۆزۈمىز ھە‌ققىدە قاچان پاراڭلاشتۇ‌ق؟‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش