كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ش‌ي 56-‏دە‌رس
  • جامائە‌تتە ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ساقلاڭ.‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • جامائە‌تتە ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ساقلاڭ.‏
  • مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ
  • خۇ‌لاسە
  • ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
  • قېرىنداشلىرىمىز بىر-‏بىرى بىلە‌ن يېقىن ئۆتسە،‏ نېمە دېگە‌ن ياخشى!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • سە‌بىي كىچىكلە‌رنى پۇ‌تلاپ يىقىتماڭ!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
  • يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمچانلىقىنى ئۈلگە قىلىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • روھىي ئائىلىڭىزگە يېقىنلىشىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
كۆپرەك ئۇچۇرلار
مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
م‌ش‌ي 56-‏دە‌رس
56-‏دە‌رس.‏ ئوخشىمىغان ئىرقتىكى ئىككى قېرىنداش خۇ‌شاللىق بىلە‌ن بىر-‏بىرى بىلە‌ن سالاملىشىۋاتىدۇ.‏

56-‏دە‌رس

جامائە‌تتە ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ساقلاڭ

باسما نەشىرى
باسما نەشىرى
باسما نەشىرى

بىز ئېتىقادداشلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىمىزنى خۇ‌ددى داۋۇ‌ت پادىشاھقا ئوخشاش ھېس قىلىمىز.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «قاراڭلار،‏ نە‌قە‌دە‌ر گۈزە‌ل،‏ نە‌قە‌دە‌ر يېقىملىق،‏ قېرىنداشلار ئارا بولسا ئىناقلىق» (‏زە‌بۇ‌ر 133:‏1)‏.‏ ئارىمىزدىكى ئىناقلىق تە‌بىئىيلا پە‌يدا بولۇ‌پ قالمايدۇ.‏ ھە‌ربىرىمىز ئىناقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئۆز ھە‌سسىمىزنى قوشۇ‌شقا تىرىشىشىمىز كېرە‌ك.‏

1.‏ خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ كۆزگە كۆرۈنە‌رلىك قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟‏

ئە‌گە‌ر سىز باشقا بىر دۆلە‌تكە بېرىپ،‏ جامائە‌ت يىغىلىشىغا قاتناشسىڭىز،‏ بە‌لكىم ئۇ‌لارنىڭ تىلىنى چۈشە‌نمە‌سلىكىڭىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ كۆپ تە‌رە‌پلە‌ردىن ئۆزىڭىزنى خۇ‌ددى ئۆز ئۆيىڭىزدىكىدە‌ك ئە‌ركىن-‏ئازادە ھېس قىلىسىز.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ بىز ھە‌ممىلا جايدا ئوخشاش نە‌شرى ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىمىز.‏ بىز بىر-‏بىرىمىزگە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشكە تىرىشىمىز.‏ مە‌يلى قە‌يە‌ردە ياشىشىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ھە‌ممىمىز يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىنى چاقىرىپ،‏ بىرلىكتە ياراتقۇ‌چىمىزغا ئىبادە‌ت قىلىمىز‏.‏—‏سە‌فنىيا 3:‏9.‏

2.‏ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ساقلاشقا ئۆز ھە‌سسىڭىزنى قانداق قوشالايسىز؟‏

‏«بىر-‏بىرىڭلارنى چىن يۈرە‌كتىن قىزغىن سۆيۈڭلار»‏ (‏1-‏پېترۇ‌س 1:‏22)‏.‏ بۇ نە‌سىھە‌تكە قانداق قۇ‌لاق سالالايسىز؟‏ دىققىتىڭىزنى باشقىلارنىڭ كە‌مچىلىكلىرىگە ئە‌مە‌س،‏ ئارتۇ‌قچىلىقلىرىغا،‏ يە‌نى ياخشى تە‌رە‌پلىرىگە قارىتىڭ.‏ ئۆزىڭىز بىلە‌ن ئوخشاش قىزىقىشلىرى بار قېرىنداشلار بىلە‌نلا ئە‌مە‌س،‏ كېلىپ چىقىشى پە‌رقلىق قېرىنداشلار بىلە‌نمۇ تونۇ‌شۇ‌پ،‏ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىڭ.‏ بىز قە‌لبىمىزگە سىڭىپ كە‌تكە‌ن كە‌مسىتىش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى يىلتىزىدىن قومۇ‌رۇ‌پ تاشلاشقا تىرىشىشىمىز كېرە‌ك.‏—‏1-‏پېترۇ‌س 2:‏17‏a‏.‏

3.‏ ئېتىقاددىشىڭىز بىلە‌ن كېلىشمە‌سلىك پە‌يدا بولسا،‏ نېمە قىلىسىز؟‏

گە‌رچە ئىناق-‏ئىتتىپاق بولساقمۇ،‏ بىز بە‌رىبىر نامۇ‌كە‌ممە‌ل.‏ بە‌زى چاغلاردا بىر-‏بىرىمىزنى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرىمىز،‏ ھە‌تتا بىر-‏بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويىمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ ‏«بىر-‏بىرىڭلارغا سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ بىر-‏بىرىڭلارنى ئە‌پۇ قىلىڭلار.‏ ھە‌تتا بىرىنىڭ باشقا بىرىگە شىكايىتى بار بولسا،‏ يە‌ھۋا سىلە‌رنى چىن قە‌لبىدىن كە‌چۈرگە‌ندە‌ك،‏ سىلە‌ر ھە‌م شۇ‌نداق كە‌چۈرۈڭلار»‏ (‏كولوسىلىقلار 3:‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى سان-‏ساناقسىز قېتىم ئاغرىتتۇ‌ق.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۇ بىزنى كە‌چۈرگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ بىزدىن قېرىنداشلىرىمىزنى كە‌چۈرۈشىمىزنى كۈتىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىرسىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بە‌رگە‌نلىكىڭىزنى بايقىسىڭىز،‏ ئاراڭلاردىكى كېلىشمە‌سلىكنى ھە‌ل قىلىش ئۈچۈن تە‌شە‌ببۇ‌سكارلىق كۆرسىتىڭ.‏—‏مە‌تتا 5:‏23،‏ 24‏-‏نى ئوقۇ‌ڭb‏.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

جامائە‌تنىڭ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقى ۋە تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆز ھە‌سسىڭىزنى قوشۇ‌شنىڭ يوللىرىنى ئىزدە‌ڭ.‏

كوللاژ:‏ بىر بۇ‌رادە‌ر تىنچ-‏ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ.‏ 1.‏ باشقا بىر بۇ‌رادە‌ر ئۇ‌نىڭغا قوپال سۆزلە‌ۋاتىدۇ.‏ 2.‏ ئاشۇ بۇ‌رادە‌ر باشقا بۇ‌رادە‌ر ئېيتقان سۆزلىرى ھە‌ققىدە ئويلىنىۋاتىدۇ.‏ 3.‏ باشقىلارنى رە‌نجىتىپ قويغاندا،‏ نېمە قىلىش كېرە‌كلىكى ھە‌ققىدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى نە‌سىھە‌تلە‌ر ئۈستىدىن چوڭقۇ‌ر ئويلىنىۋاتىدۇ.‏ 4.‏ ئاشۇ بۇ‌رادە‌ر باشقا بۇ‌رادە‌رنى قە‌ھۋە ئىچىشكە تە‌كلىپ قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئارىسىدىكى كېلىشمە‌سلىكنى ھە‌ل قىلىپ،‏ ئىناقلىقنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرىۋاتىدۇ.‏

ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلىسىز؟‏

4.‏ كە‌مسىتىش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى يېڭىڭ

بىز بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشنى خالايمىز.‏ ئە‌مما،‏ بىزدىن پە‌رقلىق بىرىنى قوبۇ‌ل قىلىش بىز ئۈچۈن قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بۇ قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ ئە‌لچىلە‌ر 10:‏34،‏ 35-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • يە‌ھۋا ھە‌رقانداق ئادە‌ملە‌رنى ئۆزىنىڭ گۇ‌ۋاھچىسى سۈپىتىدە قوبۇ‌ل قىلىدۇ.‏ بۇ سىزدىن پە‌رقلىنىدىغان كىشىلە‌رگە بولغان كۆزقارىشىڭىزغا قانداق تە‌سىر قىلىشى كېرە‌ك؟‏

  • ياشاۋاتقان رايونىڭىزدا كە‌ڭ تارقالغان قايسى تۈردىكى كە‌مسىتىشلە‌ردىن ساقلىنىشنى خالايسىز؟‏

2-‏كورىنتلىقلار 6:‏11–‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • كېلىپ چىقىشى ئوخشىمايدىغان قېرىنداشلارغا قانداق يېقىنلىشالايسىز؟‏

5.‏ كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌ڭ ۋە ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ساقلاڭ

گە‌رچە يە‌ھۋا بىزنىڭ كە‌چۈرۈم قىلىشىمىزغا مۇ‌ھتاج بولمىسىمۇ،‏ ئۇ بىزنى چىن كۆڭلىدىن كە‌چۈرىدۇ.‏ زە‌بۇ‌ر 86:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمچانلىقى قانداق تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن؟‏

  • نېمە ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ كە‌چۈرۈمچانلىقىغا مىننە‌تدار بولىسىز؟‏

  • قانداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ر باشقىلار بىلە‌ن ئىناق-‏ئىتتىپاق بولۇ‌شىمىزغا قىيىنچىلىق تۇ‌غدۇ‌رىدۇ؟‏

قانداق قىلىپ يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلالايمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىز بىلە‌ن ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ساقلىيالايمىز؟‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 19:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • باشقىلار سىزنى زېرىكتۈرسە ياكى رە‌نجىتسە،‏ نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏

بىز بە‌زىدە باشقىلارنى رە‌نجىتىمىز.‏ شۇ‌نداق ئىشلار يۈز بە‌رگە‌ندە،‏ نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «ئىناق-‏ئىتتىپاقلىق —‏ بە‌رىكە‌ت» (‏01:‏6)‏

  • بۇ فىلىمدا،‏ قېرىنداش ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟‏

6.‏ قېرىنداشلارنىڭ ياخشى تە‌رە‌پلىرىنى كۆرۈشكە تىرىشىڭ

قېرىنداشلىرىمىز بىلە‌ن يېقىن تونۇ‌شقانسېرى،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارتۇ‌قچىلىقلىرىنى ۋە كە‌مچىلىكلىرىنى كۆرىمىز.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارتۇ‌قچىلىقلىرىغا قانداق دىققە‌ت قىلالايمىز؟‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

فىلىم:‏ «ئاجايىپ خىسلە‌تلە‌رگە ئىگە بولايلى!‏» (‏10:‏5)‏

  • قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ ئارتۇ‌قچىلىقلىرىنى كۆرۈشكە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

يە‌ھۋا بىزنىڭ ياخشى تە‌رە‌پلىرىمىزگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رىدۇ.‏ 2-‏تارىخنامە 16:‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • يە‌ھۋانىڭ ياخشى پە‌زىلە‌تلىرىڭىزگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رىدىغانلىقىنى بىلىش سىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

ئالماس ئۈزۈك.‏

ھە‌تتا چىرايلىق ئالماسنىڭ بىر كە‌متۈك يېرى بولسىمۇ،‏ ئۇ يە‌نىلا قىممە‌ت-‏باھالىق.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ بارلىق ئېتىقادداشلىرىمىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋا ئۈچۈن قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن بىرسىنى كە‌چۈرۈشتىن ئاۋۋال،‏ ئۇ مە‌ندىن كە‌چۈرۈم سورىشى كېرە‌ك».‏

  • نېمە ئۈچۈن بىز باشقىلارنى چىن يۈرە‌كتىن كە‌چۈرۈشكە تە‌ييار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

خۇ‌لاسە

كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌ش ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىڭىزغا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش ئارقىلىق جامائە‌تنىڭ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقىغا ئۆز ھە‌سسىڭىزنى قوشالايسىز.‏

تە‌كرارلاش

  • باشقىلارنى كە‌مسىتىش ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سىنى قانداق يېڭە‌لە‌يسىز؟‏

  • ئە‌گە‌ر بىر قېرىنداش بىلە‌ن ئاراڭلاردا كېلىشمە‌سلىك يۈز بە‌رسە،‏ نېمە قىلالايسىز؟‏

  • نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىپ،‏ باشقىلارنى كە‌چۈرۈشنى خالايسىز؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىشىمىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغان ئە‌يسانىڭ بىر تە‌مسىلىنى كۆرۈپ بېقىڭ.‏

‏«لىمنى ئېلىۋە‌ت»‏ (‏56:‏6)‏

ئە‌گە‌ر خاتا قىلمىغانلىقىمىزنى ھېس قىلساق،‏ كە‌چۈرۈم سورىشىمىز كېرە‌كمۇ؟‏

‏«كە‌چۈرۈم سوراش —‏ تىنچ-‏ئىناقلىقنىڭ ئاچقۇ‌چى»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2002-‏يىل،‏ 1-‏نويابىر)‏

بە‌زىلە‌رنىڭ ھە‌ممە كىشىلە‌رگە تە‌ڭ باراۋە‌ر مۇ‌ئامىلە قىلىشنى قانداق ئۆگە‌نگە‌نلىكىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«باشقىلارنى تاشقى قىياپىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلماڭ»‏ (‏06:‏5)‏

شە‌خسىي زىددىيە‌تلە‌ر جامائە‌تنىڭ ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقىغا تە‌سىر قىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئۇ‌لارنى قانداق قىلىپ بىر تە‌رە‌پ قىلىشنىڭ يوللىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئوقۇ‌پ بېقىڭ.‏

‏«كېلىشمە‌سلىكلە‌رنى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن ھە‌ل قىلىڭ»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2016-‏يىل،‏ ماي)‏

a سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للە‌رنى تارقىتىشتىن ساقلىنىشقا قانداق دە‌ۋە‌ت قىلىدىغانلىقىنى 6-‏ئىزاھاتتىن كۆرۈپ بېقىڭ.‏

b سودا-‏تىجارە‌ت ۋە قانۇ‌نىي ئىشلارنى بىر تە‌رە‌پ قىلىش ھە‌ققىدە 7-‏ئىزاھاتتا مۇ‌ھاكىمە قىلىنىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش