8-تەتقىق ماقالىسى
35-ناخشا رەھمەت خۇدا سەۋرچانلىقىڭغا
يەھۋانىڭ كەچۈرۈمچانلىقىنى ئۈلگە قىلىڭ
«يەھۋا سىلەرنى چىن قەلبىدىن كەچۈرگەندەك، سىلەر ھەم شۇنداق كەچۈرۈڭلار». —كولوسى. 3:13.
مەركىزى ئىدىيە
بۇ ماقالىدە، بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى رەنجىتىپ قويغان كىشىنى كەچۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.
1، 2. (1) نېمە ئۈچۈن باشقىلارنى كەچۈرۈش قىيىن بولۇشى مۇمكىن؟ (2) دېنىز كەچۈرۈمچانلىقنى قانداق كۆرسەتكەن؟
باشقىلارنى كەچۈرۈش سىز ئۈچۈن قىيىنمۇ؟ كۆپىنچىمىز ئۈچۈن قىيىن. بولۇپمۇ، كىمدۇ-بىرى گەپ-سۆزى ياكى ئىش-ھەرىكىتى بىلەن كۆڭلىمىزنى ئاغرىتسا، ئۇنى كەچۈرۈش قىيىن بولىدۇ. لېكىن، قەلبىمىزدىكى ئازابلىق ھېس-تۇيغۇلارنى يېڭىپ، بىزنى رەنجىتكەن كۆڭلىمىزگە ئازار بەرگەن كىشىنى كەچۈرەلەيمىز. مەسىلەن، دېنىزa ئىسىملىك قېرىندىشىمىز ناھايىتى قىيىن ۋەزىيەتتە كەچۈرۈمچان بولغان ئىدى. 2017-يىلى، دېنىز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يېڭىدىن ئېچىلغان مەركىزى باش ئىدارىسىنى زىيارەت قىلىشقا بارغان. لېكىن، ئۆيىگە قايتار يولدا، كونتروللىقىنى يوقاتقان بىر ماشىنا كېلىپ ئۇلارنىڭ ماشىنىسىغا ئۇرۇلغان. شۇ چاغدا، دېنىز ھوشىدىن كەتكەن. ھوشىغا كەلگەندە، ئۇ بالىلىرى قاتتىق يارىلانغانلىقى ۋە يولدىشى برايىن قازا قىلغانلىقىنى بىلگەن. دېنىز شۇ ۋاقىتنى ئەسلەپ: «يۈرىكىم پارا-پارە بولۇپ، ئەس-ھوشۇمنى يوقىتىپ قويغان ئىدىم»،— دەيدۇ. كېيىنرەك، ئۇ ھېلىقى شوپۇرنىڭ ھاراق ئىچمىگەنلىكى، زەھەر چەكمىگەنلىكى، تېلېفون ياكى باشقا ئىشلار سەۋەبلىك دىققىتى چېچىلىپ كەتمىگەنلىكىنى بىلگەن. شۇلارنى بىلسىمۇ، بەرىبىر كۆڭلىدە ئاچچىقى بېسىلمىغان. شۇڭا، ئۇ يەھۋادىن دۇئا قىلىپ، كۆڭلىگە تىنچ-خاتىرجەملىك بېرىشنى ئۆتۈنۈپ سورىغان.
2 ئاشۇ شوپۇر غەرەزسىز ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان دەپ ئەيىبلىنىپ، قولغا ئېلىنغان. سوت مەھكىمىسى دېنىزنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزىڭىزگە ئاساسەن، شوپۇرغا ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. دېنىز مۇنداق دەيدۇ: «سوتتا شۇ قاتناش ھادىسىسىنى باشتىن-ئاخىرغىچە قايتا ئېيتىپ بېرىپ، ھاياتىمدا ئەڭ ئازابلىق ئىشنى باشتىن كەچۈردۈم. بۇ خۇددى يارا ئېغىزىنى تاتىلاپ ئېچىپ، ئۈستىگە يوغان بىر چېلەك تۇزنى سەپكەندەك بولدى». دېنىز بىرنەچچە ھەپتىدىن كېيىن سوتقا كېلىپ، ئۆز ئائىلىسىنى قايغۇ-ھەسرەتكە سېلىپ قويغان كىشىنى كۆرگەن. ئۇ سوتتا نېمە دېگەن؟ ئۇ سوتچىدىن شوپۇرغا كەڭچىلىك بىلەن ھۆكۈم قىلىشنى سورىغانb. دېنىز سۆزنى تۈگەتكەندىن كېيىن، سوتچى كۆزىگە ياش ئېلىپ: «سوتچى بولغىنىمغا 25 يىل بولدى. لېكىن، مەن ھېچقاچان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىنىڭ ئائىلىسى مەندىن ئەيىبكارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشنى سورىغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان. سوتتا تۇنجى قېتىم «سۆيگۈ-مۇھەببەت» ۋە «كەچۈرۈمچان» دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلاۋاتىمەن»،— دېگەن.
3. دېنىزنىڭ كەچۈرۈمچان بولۇشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟
3 دېنىزنىڭ كەچۈرۈمچان بولۇشىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟ ئۇ يەھۋانىڭ كەچۈرۈمچانلىقى ئۈستىدىن چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلغان (مىكاھ 7:18). خۇددى شۇنىڭدەك، بىزمۇ يەھۋانىڭ بىزنى كەچۈرگەنلىكى توغرۇلۇق ئويلىنىپ، ئۇنىڭغا مىننەتدار بولساق، بۇ بىزنى باشقىلارنى كەچۈرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ.
4. يەھۋا بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى خالايدۇ؟ (ئەفەسلىكلەر 4:32)
4 يەھۋا كەڭ قورساق بولۇپ، بىزنى چىن دىلدىن كەچۈرگەندەك، بىزنىڭمۇ بىر-بىرىمىزنى شۇنداق كەچۈرۈشىمىزنى خالايدۇ (ئەفەسلىكلەر 4:32-نى ئوقۇڭ). خۇدا بىزدىن كۆڭلىمىزنى ئاغرىتىپ قويغان كىشىنى كەچۈرۈشكە تەييار بولۇشىمىزنى كۈتىدۇ (زەبۇر 86:5؛ لۇقا 17:4). بۇ ماقالىدە، تېخىمۇ كەچۈرۈمچان بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان ئۈچ مەسلىھەتنى كۆرۈپ چىقىمىز.
ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزغا پەرۋاسىزلىق قىلماڭ
5. پەندى-نەسىھەت 12:18-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، كۆڭلىمىز ئازار يېگەندە قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىمىز؟
5 بەزىدە كىمدۇ-بىرىنىڭ گەپ-سۆزلىرى ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرى كۆڭلىمىزنى قاتتىق ئاغرىتىپ قويۇشى مۇمكىن. ئەگەر شۇ كىشى يېقىن دوستىمىز ياكى ئۇرۇق-تۇغقىنىمىز بولسا، بۇ تېخىمۇ ئېغىر كېلىدۇ (زەبۇر 55:12–14). شۇنداق ۋاقىتلاردا كۆڭلىمىز قاتتىق ئازار يەپ، يۈرىكىمىزگە خەنجەر سانجىلغاندەك بولىدۇ (پەندى-نەسىھەت 12:18-نى ئوقۇڭ). بەلكىم، زورمۇزور ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ، ھېس-تۇيغۇلىرىمىزغا پەرۋاسىز يۈرسەك، خۇددى سانجىلغان پىچاقنى تارتىپ چىقارماي يۈرگەندەك بولىدۇ. بىز ھەرگىزمۇ پەرۋاسىز يۈرۈۋەرسەك، كۆڭۈل ئاغرىقى ئۆزلىكىدىن ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دەپ ئويلىماسلىقىمىز لازىم.
6. كۆڭلىمىز ئازار يېگەندە، قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز مۇمكىن؟
6 بىرى كۆڭلىمىزگە ئازار بەرسە، دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ ئاچچىقلىنىشىمىز مۇمكىن. مۇقەددەس كىتاب ئاساسلانغاندا، بەزىدە ئاچچىقلىنىش تەبئىي ئەھۋال. ئەمما، مۇقەددەس كىتاب يەنە بىزنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرغانكى، غەزەپنىڭ بىزنى باشقۇرۇشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك (زەبۇر 4:4؛ ئەفەس. 4:26). نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، روھىي كەيپىياتىمىز بىزنى ئىش-ھەرىكەت قىلىشقا يېتەكلەيدۇ. ئاچچىقلانغان كەيپىياتتا ئىش قىلساق، ھەمىشە ياخشى ئاقىۋەتكە يېتەكلىمەيدۇ (ياقۇپ 1:20). ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئاچچىقلىنىش — دەرھال پەيدا بولىدىغان ئىنكاس، ھەمىشە ئۇنى تىزگىنلىيەلمەيسىز. ئەمما، ئاچچىقلىنىپ يۈرۈش — بۇ بىر تاللاش، بۇنى سىز قارار قىلالايسىز.
ئاچچىقلىنىش — دەرھال پەيدا بولىدىغان بىر ئىنكاس، ئەمما ئاچچىقلىنىپ يۈرۈش-يۈرمەسلىك بىر تاللاش
7. بىرسى كۆڭلىمىزنى ئاغرىتسا، يەنە قانداق ھېس-تۇيغۇلار پەيدا بولىدۇ؟
7 بىرى كۆڭلىمىزگە ئازار بەرسە، ئاچچىقلىنىشتىن باشقا، تۈرلۈك سەلبىي ھېس-تۇيغۇلاردا بولىمىز. مەسىلەن، ئاننى ئىسىملىك قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «بالىلىق چېغىمدا، دادام ئاپام بىلەن مېنى تاشلاپ كېتىپ، ماڭا قارايدىغان بالا باققۇچى بىلەن توي قىلغان. بۇ ماڭا ناھايىتى ئېغىر كەلدى. كېيىن، دادامنىڭ باشقا بالىلىرى تۇغۇلغاندا، ئەمدى مېنىڭ دادامغا كېرىكىم يوق دەپ ئويلىدىم. شۇڭا، مەن كىچىكىمدىن ئۆزۈمنى ھېچكىمگە كېرەك ئەمەس دېگەن ھېس-تۇيغۇلار بىلەن چوڭ بولدۇم». گېئورېيتى ئىسىملىك قېرىندىشىمىزغا ئېرى ۋاپاسىزلىق قىلغان. ئۇ ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «بىز بالىلىق چاغلىرىمىزدىن باشلاپ ياخشى دوستلار ئىدۇق، بىرلىكتە پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلدۇق. ئۇنىڭ ۋاپاسىزلىقى يۈرىكىمنى خەنجەر سانجىغاندەك ئاغرىتتى». قېرىندىشىمىز نائومى مۇنداق دەيدۇ: «ئېرىمنى كۆڭلۈمگە شۇنداق ئازار بېرىدۇ دەپ ھېچقاچان ئويلىماپتىمەن. ئۇ شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى يوشۇرۇنچە كۆرۈپ يۈرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغاندا، ئۆزۈمنى ئالدانغان ۋە ۋاپاسىزلىق قىلغاندەك ھېس قىلدىم».
8. (1) باشقىلارنى نېمە ئۈچۈن كەچۈرۈشىمىز كېرەك؟ (2) كەچۈرۈمچان بولساق قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز؟ («بىرى كۆڭلىمىزگە قاتتىق ئازار بەرگەندە …» ناملىق رامكىغا قاراڭ.)
8 بىز باشقىلارنىڭ گەپ-سۆزلىرى ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنى تىزگىنلىيەلمەيمىز. لېكىن، ئۆزىمىزنىڭ ئىنكاسىنى تىزگىنلىيەلەيمىز. كۆپىنچە ۋاقىتتا ئەڭ ياخشى ئىنكاس قايتۇرۇش — كەچۈرۈۋېتىش. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، بىز ياراتقۇچىمىز يەھۋانى سۆيىمىز ۋە ئۇ كەچۈرۈمچان بولۇشىمىزنى خالايدۇ. ئەگەر ئاچچىقلىنىپ، كەچۈرمەي يۈرۈۋەرسەك، ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويۇپ، ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ تەن-سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشىمىز مۇمكىن (پەند. نە 14:17، 29، 30). كرىستىنا ئىسىملىك قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاچچىقلانغاندا ياكى خاپا بولغاندا، كۈن بويى چىرايىم ئېچىلماي، كۈلمەي يۈرىمەن، ساغلام بولمىغان يېمەكلەرنى يەيمەن. ئاخشىمى ئۇيقۇم قېچىپ، قېنىپ ئۇخلىيالمايمەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىش قىيىن بولۇپ، نەتىجىدە بۇ يولدىشىم ۋە باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمگە يامان تەسىر قىلىدۇ».
9. نېمە ئۈچۈن ئۆچ-ئاداۋەتنى تاشلىشىمىز كېرەك؟
9 بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى ئاغرىتقان ئادەم ئۆز خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلماي، بىزدىن كەچۈرۈم سورىمىغان ھالەتتىمۇ، كۆڭۈل ئاغرىقىنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلالايمىز. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان گېئورېيتى مۇنداق دەيدۇ: «ئىلگىرىكى ئېرىمگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىمنى بېسىش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. ئاخىرىدا شۇ غەزەپ-نەپرەت بېسىلىپ، كۆڭلۈم تىنچ-خاتىرجەملىككە ئېرىشتى». ئەگەر بىز ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىمىساق، غەزەپنىڭ بىزنى تىزگىنلىشىگە يول قويمايمىز. نەتىجىدە، يۈرىكىمىزنى ئاغرىتقان ئىشلار توغرۇلۇق ئويلاشنى توختىتىپ، قايتا شاد-خۇرام ياشاشنى داۋاملاشتۇرىمىز (پەند. نە 11:17). لېكىن، كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئۆزىڭىزنى بەرىبىر كەچۈرۈشكە تەييار ئەمەستەك ھېس قىلسىڭىزچۇ؟
سەلبىي ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى يېڭىشقا تىرىشىڭ
10. قەلب يارىمىز ساقىيىشى ئۈچۈن نېمىشقا ۋاقىت بېرىشىمىز كېرەك؟ (رەسىملەرگە ھەم قاراڭ).
10 ئازابلىق ھېس-تۇيغۇلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ بۇنىڭ بىر ئۇسۇلى — قەلب يارىڭىز ساقايغۇچە ئۆزىڭىزگە ۋاقىت بېرىش. مەسىلەن، قاتتىق يارىلانغان ئادەم تىببىي داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تەن-ساغلاملىقى ئەسلىگە كەلگۈچە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، قەلب يارىسىنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈنمۇ مەلۇم بىر مەزگىل ۋاقىت كېرەك. ئاخىرىدا، كۆڭلىمىزگە ئازار بەرگەن كىشىنى چىن دىلىمىزدىن كەچۈرۈشكە تەييار بولىمىز.—ۋەز 3:3؛ 1-پېتر. 1:22.
قاتتىق يارىلانغان كىشى مۇۋاپىق داۋالانسا، بىر مەزگىلدىن كېيىن ساقىيىپ كېتىدۇ. كۆڭلى ئازار يېگەن ئادەممۇ شۇنداق (10-ئابزاسقا قاراڭ)
11. دۇئا قىلىش كەچۈرۈمچان بولۇشىڭىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
11 كەچۈرۈمچان بولۇش ئۈچۈن يەھۋاغا دۇئا قىلىپ ياردەم سوراڭc. دادىسى تاشلاپ كەتكەن قېرىندىشىمىز ئاننى دۇئانىڭ ياردىمى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، ئائىلىمىزدىكى ھەر كىشىنىڭ ئويلىماي ئېيتقان ناتوغرا گەپ-سۆزلىرى ياكى قىلغان خاتا ئىشلىرىنى كەچۈرۈشىنى ئۆتۈنۈپ سورىدىم. كېيىن، دادام بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا خەت يېزىپ، ئۇلارنى كەچۈرگەنلىكىمنى ئېيتتىم». بۇنداق قىلىش ئاننى ئۈچۈن ئاسان بولمىغانىدى. لېكىن، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ، دادام بىلەن ئايالىنى كەچۈردۈم. ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ، بىر كۈنى ئۇلارنىڭمۇ يەھۋا توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىم ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
12. نېمە ئۈچۈن ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىمىزغا ئەمەس، يەھۋاغا ئىشىنىشىمىز كېرەك؟ (پەندى-نەسىھەت 3:5، 6)
12 ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزغا ئەمەس، يەھۋا خۇداغا ئىشىنىڭ (پەندى-نەسىھەت 3:5، 6-نى ئوقۇڭ). يەھۋا بىز ئۈچۈن نېمىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ (يەشايا 55:8، 9). ئۇ ھەرگىز بىزدىن ئۆزىمىزگە زىيانلىق بىر ئىشنى قىلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئەگەر ئۇ بىزنى كەچۈرۈمچان بولۇشقا دەۋەت قىلسا، دېمەك شۇنداق قىلىش بىز ئۈچۈن پايدىلىق (زەبۇر 40:4؛ يەشايا 48:17، 18). ئەمما، ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىمىزغا ئىشەنسەك، بەلكىم ھەرگىزمۇ باشقىلارنى كەچۈرەلمەيمىز (پەند. نە 14:12؛ يەرەم. 17:9). ئېرى شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرگەن نائومى مۇنداق دەيدۇ: «دەسلەپتە ئۇنى كەچۈرمەسلىك ئۈچۈن ھوقۇقۇم بار دەپ ئويلىدىم. ئۇنى كەچۈرسەم، ئۇنىڭ قايتا كۆڭلۈمنى ئاغرىتىشىدىن قورقتۇم ۋە مېنى ناھايىتى قاتتىق رەنجىتكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم. كېيىن، يەھۋانىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىمنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئويلىدىم. بىراق، ئاستا-ئاستا شۇنى چۈشىنىپ يەتتىمكى: يەھۋانىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىمنى چۈشەنگەنلىكى، ئۇلارنى توغرا دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەلۋەتتە، خۇدايىم ئاچچىقىمنى بېسىش ئۈچۈن ۋاقىت كېرەكلىكىنى بىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئۇ كەچۈرۈمچان بولۇشۇمنى ھەم خالايدۇ»d.
ئىجابىي ھېس-تۇيغۇلارنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىڭ
13. رىملىقلار 12:18–21-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
13 كۆڭلىمىزنى قاتتىق رەنجىتكەن ئادەمنى كەچۈرسەك، بۇ ئۆتكەن ئىشلارنى تىلغا ئالماسلىقنى قارار قىلىش بىلەن تۈگىمەيدۇ، يەنە ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ كۆڭلىمىزنى ئاغرىتقان كىشى ئېتىقادچى قېرىندىشىمىز بولسا، مەقسىتىمىز ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىش بولۇشى كېرەك (مەتتا 5:23، 24). بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاچچىقلىنىشنىڭ ئورنىغا رەھىم-شەپقەتلىك بولۇشىمىز ۋە ئۆچ-ئاداۋەت ساقلاشنىڭ ئورنىغا كەچۈرۈم قىلىشىمىز لازىم (رىملىقلار 12:18–21-نى ئوقۇڭ؛ 1-پېتر. 3:9). بۇنى قانداق قىلالايمىز؟
14. بىز چوقۇم نېمە قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
14 بىز چوقۇم يەھۋا خۇدانىڭ بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە ئازار بەرگەن كىشىگە قانداق كۆز قاراشتا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىشىمىز لازىم. يەھۋا ھەمىشە كىشىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرىگە دىققەت ئاغدۇرىدۇ (2-تارىخ. 16:9؛ زەبۇر 130:3). ئادەتتە ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن، ئادەملەردىن نېمىنى ئىزدىسەك، شۇنى تاپىمىز. باشقىلارنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى كۆرۈشكە تىرىشساق، ئۇلارنى كەچۈرۈش ئاسانراق بولىدۇ. مەسىلەن، جاررود ئىسىملىك بۇرادىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: «مېنى بىرى رەنجىتىپ قويغان بولسا، ئۇنىڭ خاتالىقى توغرىلىق ئويلاپ ئولتۇرماي، ئۇنىڭ بىر قاتار ئارتۇقچىلىق تەرىپىنى ئەسلەشكە تىرىشىمەن. بۇ ئۇنى كەچۈرۈشۈمگە ياردەم بېرىدۇ».
15. سىزنى رەنجىتكەن كىشىگە ئۇنى كەچۈرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىش نېمە ئۈچۈن بەك مۇھىم؟
15 يەنە بىر مۇھىم نەرسە — ئۆزىڭىزنى رەنجىتكەن كىشىگە ئۇنى كەچۈرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىش. نائومى مۇنداق دېگەن: «ئېرىم: «سىز مېنى كەچۈردىڭىزمۇ؟»— دەپ سورىدى. «سىزنى كەچۈردۈم»،— دەي دېسەم، تىلىم تۇتۇلۇپ، شۇ گەپنى ئېغىزىمدىن چىقىرالمىدىم. شۇ چاغدا، ئۇنى چىن دىلىمدىن كەچۈرمىگەنلىكىمنى چۈشەندىم. ۋاقىت ئۆتۈپ، ئاخىرى «كەچۈردۈم» دېگەن بۇ كۈچلۈك سۆزنى ئېيتتالىدىم. ئېرىم بۇنى ئاڭلىغاندا، كۆزىگە ياش ئالدى. ئۇنىڭ قانچىلىك يەڭگىللەپ قالغانلىقىنى كۆرگەندە ھەيران قالدىم. مەنمۇ يەلكەمدىكى ئېغىر يۈك چۈشۈپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم. مەن قايتىدىن ئېرىمگە ئىشىنىشنى ئۆگىنىپ، ھازىر بىز يەنە يېقىن دوست بولۇپ كەتتۇق».
16. كەچۈرۈمچانلىق توغرىسىدا نېمىنى ئۆگەندىڭىز؟
16 يەھۋا بىزنىڭ كەچۈرۈمچان بولۇشىمىزنى خالايدۇ (كولوسى. 3:13). بۇنى بىلسەكمۇ، بەزىدە باشقىلارنى كەچۈرۈش ئاسانغا چۈشمەيدۇ. لېكىن، بىز ئۆز ھېس-تۇيغۇلىرىمىزغا پەرۋاسىزلىق قىلمىساق، غەزەپ-نەپرەتنى يېڭىش ئۈچۈن تىرىشساق ۋە سەلبىي ھېس-تۇيغۇلارنىڭ ئورنىغا ئىجابىي ھېس-تۇيغۇلارنى ئالماشتۇرساق، باشقىلارنى كەچۈرەلەيمىز («كەچۈرۈمچان بولۇشقا ياردەم بېرىدىغان ئۈچ قەدەم-باسقۇچ» ناملىق رامكىغا قاراڭ).
كەچۈرۈمچان بولۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى كۆپرەك ئويلاڭ
17. نېمە ئۈچۈن كەچۈرۈمچان بولۇشىمىز كېرەك؟
17 كەچۈرۈمچان بولۇشىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار. ئۇلاردىن بەزىلىرىنى ئاتاپ ئۆتەيلى. بىرىنچى، رەھىم-شەپقەتلىك ئاتىمىز يەھۋانى ئۈلگە قىلىمىز ۋە ئۇنى خۇشال قىلىمىز (لۇقا 6:36). ئىككىنچى، يەھۋانىڭ بىزنى كەچۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (مەتتا 6:12). ئۈچىنچى، تەن-سالامەتلىكىمىز ۋە باشقىلار بىلەن مۇناسىۋىتىمىز ياخشى بولىدۇ.
18، 19. كەچۈرۈمچان بولۇش قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرۈشى مۇمكىن؟
18 باشقىلارنى كەچۈرسەك، كۈتۈلمىگەن بەرىكەتلەرگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، ماقالىنىڭ بېشىدىكى قېرىندىشىمىز دېنىزنىڭ مىسالىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى. قاتناش ھادىسىسىگە سەۋەبچى بولغان ھېلىقى كىشى سوت ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغانىدى. دېنىز بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىدى. لېكىن، دېنىزنىڭ كەچۈرۈمچانلىقى شۇ كىشىنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتتى. ئۇ قاتتىق تەسىرلىنىپ، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشنى باشلىدى.
19 بەزىدە باشقىلارنى كەچۈرۈشنى قولىمىزدىن كەلمەيدىغان ئىنتايىن قىيىن ئىشتەك ھېس قىلىمىز. لېكىن، كەچۈرۈمچان بولۇش بىزنى ئاجايىپ بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ (مەتتا 5:7). شۇنداق ئىكەن، شۇ يەھۋانى ئۈلگە قىلىپ، كەچۈرۈمچان بولۇشقا تىرىشايلى!
21-ناخشا رەھىمدىل بولغانلار بەختلىك
a بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.
b بۇنداق ئەھۋالدا ھەربىر مەسىھ ئەگەشكۈچىسى نېمە قىلىشنى ئۆزى قارار قىلىشى كېرەك.
c jw.org تور بېكىتىدىكى «بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈڭلار» (باشقا تىلدا)، «چىن يۈرەكتىن كەچۈرۈڭ» (باشقا تىلدا) ۋە «قايتىدىن دوست بولايلى» (باشقا تىلدا) دېگەن ناخشا-مۇزىكىلىق فىلىمنى كۆرۈڭ.
d شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈش گۇناھلىق قىلمىش بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتسىمۇ، ئەمما بۇ مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان ئاجرىشىشنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ.