كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م25 فېۋرال 8-‏13 ب.‏
  • يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمى بىز ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمى بىز ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يە‌ھۋا گۇ‌ناھنى يوق قىلىدۇ
  • يە‌ھۋا گۇ‌ناھنى يۇ‌يۇ‌پ ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ
  • يە‌ھۋا دوستلۇ‌قنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرىدۇ
  • يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمى ھاياتىمىزغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏
  • يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمى ئۈچۈن چە‌كسىز مىننە‌تدارمىز!‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • يە‌ھۋا رە‌ھىم-‏شە‌پقىتى مول،‏ كە‌چۈرۈمچان خۇ‌دادۇ‌ر
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە يول ئاچقان؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
  • يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمچانلىقىنى ئۈلگە قىلىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2025
ك‌م25 فېۋرال 8-‏13 ب.‏

7-‏تە‌تقىق ماقالىسى

5-‏ناخشا مە‌سىھ ئۈلگىمىز

يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمى بىز ئۈچۈن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

‏«سە‌ن ئىنساننى چىن دىلدىن كە‌چۈرۈم قىلىسە‌ن»‏‏.‏—‏زە‌بۇ‌ر 130:‏4.‏

مە‌ركىزى ئىدىيە

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بىرقانچە سېلىشتۇ‌رۇ‌شلار ئارقىلىق يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمچانلىقى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ شۇ‌لارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ كە‌چۈرۈمچانلىقىغا بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى ئاشۇ‌رۇ‌شقا نېمە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى ئۆگىنىمىز.‏

1.‏ بىرلىرى «مە‌ن سىزنى كە‌چۈردۈم» دېسە،‏ ئۇ‌نىڭ زادى نېمە دېمە‌كچى بولغانلىقىنى چۈشىنىش نېمىشقا قىيىن؟‏

گە‌پ-‏سۆز ياكى ئىش-‏ھە‌رىكىتىمىز كىمدۇ-‏بىرىنى رە‌نجىتىپ قويغاندا،‏ ئۇ كىشى بىزگە «مە‌ن سىزنى كە‌چۈردۈم» دېسە،‏ ئىنتايىن خۇ‌شال بولۇ‌پ،‏ ئۆزىمىزنى يە‌ڭگىللە‌پ قالغاندە‌ك ھېس قىلىمىز.‏ بىراق،‏ «مە‌ن سىزنى كە‌چۈردۈم» دېگە‌ن سۆز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ ئۇ بولغان ئىشنى كۆڭلىدىن چىقىرىۋېتىپ،‏ بۇ‌رۇ‌نقىدە‌كلا دوست بولۇ‌پ قالماقچىمۇ ياكى شۇ ئىشنى قايتا تىلغا ئېلىشنى خالىمىغاچقا،‏ ئېغىزىنىڭ ئۇ‌چىدىلا «كە‌چۈردۈم» دە‌پ قويدىمۇ؟‏ ھە‌ركىم «كە‌چۈردۈم» دېگە‌ن سۆزنى ھە‌ر خىل مە‌نىدە چۈشىنىشى مۇ‌مكىن.‏

2.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمى قانداق تە‌سۋىرلىنىدۇ؟‏ (‏ئىزاھاتقا ھە‌م قاراڭ)‏.‏

2 ئە‌مما،‏ يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمى ئىنسانلارنىڭكىدىن تامامە‌ن پە‌رقلىقتۇ‌ر.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا توغرىسىدا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئىنسان سە‌ندىن ئە‌يمىنسۇ‌ن دە‌پ،‏ سە‌ن ئىنساننى چىن دىلدىن كە‌چۈرۈم قىلىسە‌ن»‏a (‏زە‌بۇ‌ر 130:‏4)‏.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ يە‌ھۋا كە‌چۈرگە‌ندە،‏ چىن دىلىدىن كە‌چۈرىدۇ.‏ ھېچكىم ئۇ كە‌چۈرگە‌ندە‌ك كە‌چۈرە‌لمە‌يدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى قە‌لە‌مگە ئالغانلار ئارىسىدىكى بە‌زىلە‌ر يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمچانلىقىنى تە‌سۋىرلە‌ش ئۈچۈن ھە‌تتا ئالاھىدە بىر ئىبرانىيچە سۆزنى قوللانغان ۋە بۇ سۆزنى ھېچقاچان ئادە‌ملە‌رگە قارىتا ئىشلە‌تمىگە‌ن.‏

3.‏ يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمى بىزنىڭكىدىن قانداق پە‌رقلىنىدۇ؟‏ (‏يە‌شايا 55:‏6،‏ 7)‏

3 ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا بىر ئىنساننى كە‌چۈرسە،‏ ئۇ‌نىڭ گۇ‌ناھلىرى يۇ‌يۇ‌لۇ‌پ،‏ ئۆچۈرۈلۈپ تاشلىنىدۇ.‏ ئارىدىكى بۇ‌زۇ‌لغان مۇ‌ناسىۋە‌ت قايتا پۈتۈنلە‌ي ئە‌سلىگە كېلىدۇ.‏ يە‌ھۋا بىزنى قايتا-‏قايتا چىن دىلىدىن كە‌چۈرگىنى ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا ئىنتايىن مىننە‌تدارمىز.‏—‏يە‌شايا 55:‏6،‏ 7-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

4.‏ يە‌ھۋا چىن دىلدىن كە‌چۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

4 يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمى بىزنىڭكىدىن تامامە‌ن پە‌رقلىق.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان سۈپىتىدە،‏ چىن دىلدىن كە‌چۈرۈشنىڭ ھە‌قىقىي مە‌نىسىنى چۈشىنە‌لە‌يمىزمۇ؟‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ كە‌چۈرۈمىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن بە‌زى سېلىشتۇ‌رۇ‌شلارنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا يازدۇ‌رغان.‏ ئۇ‌لاردىن بە‌زىلىرىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىپ چىقايلى.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋانىڭ گۇ‌ناھلىرىمىزنى بىزدىن قانداق يىراقلاشتۇ‌رىدىغانلىقى ۋە بىزنى ئۆزى بىلە‌ن قانداق ياراشتۇ‌رىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ بۇ سېلىشتۇ‌رۇ‌شلار رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تلىك ۋە كۆيۈمچان ئاتىمىزغا بولغان مىننە‌تدارلىقىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇ‌رىدۇ.‏

يە‌ھۋا گۇ‌ناھنى يوق قىلىدۇ

5.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ناھلىرىمىزنى كە‌چۈرۈم قىلسا،‏ نېمە ئىش بولىدۇ؟‏

5 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا گۇ‌ناھلار ئېغىر يۈككە ئوخشىتىلغان.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ ئۆز گۇ‌ناھلىرىنى شۇ‌نداق تە‌سۋىرلىگە‌ن:‏ «بېشىمدىن ئېشىپ كە‌تتى گۇ‌ناھلىرىم؛‏ ئۇ‌لار خۇ‌ددى ئېغىر يۈكتە‌ك،‏ مە‌ن ئۇ‌لارنى كۆتۈرە‌لمىدىم» (‏زە‌بۇ‌ر 38:‏4)‏.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا توۋا قىلغان كىشىلە‌رنىڭ گۇ‌ناھلىرىنى كە‌چۈرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 25:‏18؛‏ 32:‏5)‏.‏ بۇ ئايە‌تلە‌ردىكى «كە‌چۈرۈش» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان ئىبرانىيچە سۆز «كۆتۈرمە‌ك» ياكى «ئېلىپ تاشلىماق» دېگە‌نلە‌رنى بىلدۈرىدۇ.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ناھلىرىمىزنى كە‌چۈرگە‌ندە،‏ يە‌لكىمىزدىكى ئېغىر يۈكنى ئېلىپ تاشلىۋە‌تكە‌ندە‌ك بولىدۇ.‏

بىر بۇ‌رادە‌رنىڭ يە‌لكىسىدىن ئېغىر يۈكنى ئېلىپ تاشلاۋاتقان قول.‏

‏«گۇ‌ناھىمنى قىلدىڭ كە‌چۈرۈم» (‏زە‌بۇ‌ر 32:‏5)‏


6.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ناھلىرىمىزنى قانچىلىك يىراققا ئېلىپ كېتىدۇ؟‏

6 يە‌نە بىر ئايە‌تتە،‏ يە‌ھۋانىڭ گۇ‌ناھلىرىمىزنى بىزدىن قانچىلىك يىراقلاشتۇ‌رىدىغانلىقى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ زە‌بۇ‌ر 103:‏12-‏ئايە‌تتە مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ ‏«كۈن چىقىش كۈن پېتىشتىن يىراق بولسا قانچىلىك،‏ ئۇ بىزنى گۇ‌ناھلىرىمىزدىن يىراقلاشتۇ‌رغان شۇ‌نچىلىك».‏ شە‌رق ۋە غە‌رب بىر-‏بىرىدىن ئە‌ڭ يىراق ئىككى نۇ‌قتا،‏ بۇ ئىككى نۇ‌قتا مە‌ڭگۈ بىر-‏بىرى بىلە‌ن ئۇ‌چراشمايدۇ.‏ باشقىچە ئېيتقاندا،‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ گۇ‌ناھلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ،‏ تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالمىغۇ‌دە‌ك يىراق يە‌رگە ئېلىپ كېتىدۇ.‏ بۇ سېلىشتۇ‌رۇ‌شتىن ناھايىتى ئېنىق كۆرە‌لە‌يمىزكى،‏ يە‌ھۋا بىزنى پۈتۈنلە‌ي كە‌چۈرىدۇ!‏

كۈن پېتىش.‏

‏«كۈن چىقىش كۈن پېتىشتىن يىراق بولسا قانچىلىك» (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏12)‏


7.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋا گۇ‌ناھلىرىمىزنى قانداق بىر تە‌رە‌پ قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە نېمىلە‌ر يېزىلغان؟‏ (‏مىكاھ 7:‏18،‏ 19)‏

7 يە‌ھۋا گۇ‌ناھلىرىمىزنى كۆچمە مە‌نىدە بىزدىن يىراققا ئېلىپ كە‌تكە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنى تاشلىۋە‌تمە‌ي ساقلاپ يۈرە‌مدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق!‏ پادىشاھ ھىزقىيا يە‌ھۋا توغرىسىدا مۇ‌نداق يازغان:‏ «سە‌ن بارچە گۇ‌ناھلىرىمنى ئارقاڭغا تاشلىۋە‌تتىڭ» (‏يە‌شايا 38:‏9،‏ 17)‏.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋا توۋا قىلغان گۇ‌ناھكارنىڭ گۇ‌ناھلىرىنى ئېلىپ تاشلىغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لارغا قايتا قارىمايدۇ.‏ ھىزقىيانىڭ سۆزلىرىنى باشقىچە مۇ‌نداق تە‌رجىمە قىلىشقا بولىدۇ:‏ «سە‌ن گۇ‌ناھلىرىمنى پۈتۈنلە‌ي يوق قىلدىڭكى،‏ گويا ھېچقاچان گۇ‌ناھ ئۆتكۈزمىگە‌ندە‌ك».‏ مىكاھ 7:‏18،‏ 19-‏ئايە‌تلە‌ردە (‏ئوقۇ‌ڭ)‏ بۇ ئوي-‏پىكىرنى تە‌كىتلە‌يدىغان يە‌نە بىر سېلىشتۇ‌رۇ‌ش تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋا بارچە گۇ‌ناھلىرىمىزنى چوڭقۇ‌ر دېڭىزنىڭ ئاستىغا تاشلايدىغانلىقى ئېيتىلغان.‏ قە‌دىمكى زامانلاردا،‏ دېڭىز ئاستىغا تاشلانغان بىر نە‌رسىنى قايتۇ‌رۇ‌پ ئېلىپ چىقىش ئە‌سلا مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س ئىدى.‏

كوللاژ:‏ 1.‏ يە‌ھۋا چوڭ ئېغىر تاغارنى ئۆز تە‌ختىنىڭ كە‌ينىگە تاشلىدى.‏ 2.‏ چوڭ ئېغىر تاغار دېڭىزنىڭ ئاستىغا چۆكۈپ كە‌تتى.‏

‏«سە‌ن بارچە گۇ‌ناھلىرىمنى ئارقاڭغا تاشلىۋە‌تتىڭ» (‏يە‌شايا 38:‏17)‏

‏«سە‌ن بارچە گۇ‌ناھلىرىنى چوڭقۇ‌ر دېڭىز ئاستىغا تاشلايسە‌ن» (‏مىكاھ 7:‏19)‏


8.‏ بۇ ماقالىدە ھازىرغىچە نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏

8 بۇ سېلىشتۇ‌رۇ‌شلار شۇ‌نى چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ‌كى،‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا بىزنى كە‌چۈرسە،‏ يە‌لكىمىزدىن بېسىپ تۇ‌رغان ئېغىر يۈك ئېلىپ تاشلىنىپ،‏ ئۆزىمىزنى يە‌ڭگىل ھېس قىلىمىز.‏ داۋۇ‌ت ئېيتقاندە‌ك،‏ «خاتا قىلمىشلىرى كە‌چۈرۈلگە‌ن ۋە گۇ‌ناھلىرى ئە‌پۇ قىلىنغانلار بە‌ختلىكتۇ‌ر،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ناھىنى ھېسابقا ئالمايدىغان كىشى بە‌ختلىكتۇ‌ر» (‏رىملىقلار 4:‏6–‏8)‏.‏ مانا بۇ ھە‌قىقىي كە‌چۈرۈم!‏

يە‌ھۋا گۇ‌ناھنى يۇ‌يۇ‌پ ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ

9.‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ پۈتۈنلە‌ي كە‌چۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈش قانداق سېلىشتۇ‌رۇ‌شنى ئىشلە‌تكە‌ن؟‏

9 تۆلە‌م ئارقىلىق يە‌ھۋا توۋا قىلغان ئىنسانلارنىڭ گۇ‌ناھلىرىنى يۇ‌يۇ‌پ،‏ ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ‌نى تە‌سۋىرلە‌يدىغان باشقا سېلىشتۇ‌رۇ‌شلار بار.‏ كۆچمە مە‌نىدە،‏ يە‌ھۋا ئىنساننىڭ گۇ‌ناھلىرىنى يۇ‌يۇ‌پ تازىلاپ‏،‏ گۇ‌ناھكارنى پاك قىلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 51:‏7؛‏ يە‌شايا 4:‏4؛‏ يە‌رە‌م.‏ 33:‏8)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆزى بۇ‌نى مۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرگە‌ن:‏ «ئە‌گە‌ر گۇ‌ناھلىرىڭلار قىپقىزىل بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار قاردە‌ك ئاپئاق بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر قىپقىزىل لاتىدە‌ك بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار ئاق يۇ‌ڭدە‌ك بولىدۇ» (‏يە‌شايا 1:‏18)‏.‏ ئادە‌تتە،‏ كىيىم-‏كېچە‌كلە‌ردىكى قىپقىزىل داغنى يۇ‌يۇ‌پ،‏ پاكىزە چىقىرىپ تاشلاش ئاسانغا چۈشمە‌يدۇ.‏ لېكىن،‏ بۇ سېلىشتۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق يە‌ھۋا بىزنى گۇ‌ناھلىرىمىزدىن پاكلاپ،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لارنىڭ ئىزناسى ھە‌م قالمايدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏

قېرىنداشنىڭ ئاپپاق كىيىمىگە قىزىل داغ چۈشكە‌ن.‏ كېيىن ئۇ داغ ئىزناسى قالمىغان شۇ ئاپئاق كىيىمىنى كىيگە‌ن.‏

‏«ئە‌گە‌ر گۇ‌ناھلىرىڭلار قىپقىزىل بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار قاردە‌ك ئاپئاق بولىدۇ» (‏يە‌شايا 1:‏18)‏


10.‏ يە‌ھۋا بىزنى پۈتۈنلە‌ي كە‌چۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى قايسى سېلىشتۇ‌رۇ‌شلار ئارقىلىق چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىدۇ؟‏

10 ئالدىنقى ماقالىدە تىلغا ئېلىنغاندە‌ك،‏ گۇ‌ناھنى قە‌رزگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ (‏مە‌تتا 6:‏12؛‏ لۇ‌قا 11:‏4)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ھە‌ر قېتىم گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌ندە،‏ قە‌رزنىڭ ئۈستىگە قە‌رز قوشۇ‌لۇ‌پ،‏ قە‌رزگە بوغۇ‌لۇ‌پ كېتىمىز.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا بىزنى كە‌چۈرگە‌ندە،‏ ئۇ شۇ قە‌رزىمىزنى پۈتۈنلە‌ي كە‌چۈرۈم قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لارنى تۆلە‌شنى قايتا تە‌لە‌پ قىلمايدۇ.‏ بۇ سېلىشتۇ‌رۇ‌ش يە‌ھۋا گۇ‌ناھلىرىمىزنى كە‌چۈرگە‌ندە،‏ ئېغىر يۈكتىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌پ،‏ ئۆزىمىزنى يە‌ڭگىل ۋە خۇ‌شال ھېس قىلىدىغانلىقىمىزنى تە‌سۋىرلە‌پ بېرىدۇ.‏

بىر بۇ‌رادە‌ر سۆزلە‌ۋاتقاندا،‏ بىرسى بىر پارچە قە‌غە‌زنى يىرتىۋاتىدۇ.‏

‏«گۇ‌ناھلىرىمىزنى كە‌چۈرگە‌يسە‌ن» (‏مە‌تتا 6:‏12‏)‏


11.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋا گۇ‌ناھلىرىمىزنى قايسى مە‌نىدە ئۆچۈرۈپ تاشلايدىغانلىقى يېزىلغان؟‏ (‏ئە‌لچىلە‌ر 3:‏19)‏

11 يە‌ھۋا قە‌رزىمىزنى ياكى گۇ‌ناھىمىزنى كە‌چۈرۈپلا قويماي،‏ ئۇ‌لارنى يۇ‌يۇ‌پ،‏ پۈتۈنلە‌ي ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ ‏(‏ئە‌لچىلە‌ر 3:‏19-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ ئادە‌تتە قە‌رز كە‌چۈرۈم قىلىنغاندا،‏ ئۇ‌نى سىزىۋېتىدۇ.‏ بىراق،‏ سىزىق ئاستىدا قانچىلىك قە‌رز بولغانلىقىڭىز يە‌نىلا كۆرۈنۈپ تۇ‌رىدۇ.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋانىڭ قە‌رزنى كە‌چۈرۈم قىلىشى تامامە‌ن پە‌رقلىق.‏ قە‌دىمكى زاماندا كۈل،‏ سېغىز ۋە سۇ‌نى ئارىلاشتۇ‌رۇ‌پ ياسىغان سىياھنى نە‌م لاتا بىلە‌ن ئېيتىپ ئۆچۈرۈۋېتىشكە بولاتتى.‏ قە‌رزنى شۇ‌نداق «ئۆچۈرگە‌ندە»،‏ ئۇ پۈتۈنلە‌ي ئۆچۈپ كېتىپ،‏ ئىزناسى يوقۇ‌لۇ‌پ،‏ كۆزگە كۆرۈنمىگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ قە‌رزدار ئادە‌م ھېچقاچان قە‌رزى بولمىغاندە‌ك بولغان ئىدى.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ناھلىرىمىزنى كە‌چۈرگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنى ئۆچۈرۈپ يوق قىلىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن ئىكە‌نمىز،‏ يە‌ھۋاغا چوڭقۇ‌ر مىننە‌تدارلىق بىلدۈرمە‌ي تۇ‌رالمايمىز!‏—‏زە‌بۇ‌ر 51:‏9.‏

بىر پارچە قە‌غە‌زدىن يېزىقنى نە‌م لاتا بىلە‌ن ئۆچۈرۈۋاتقان قول.‏

‏«گۇ‌ناھلىرىڭلار كە‌چۈرۈلۈشى [ياكى،‏ يۇ‌يۇ‌لۇ‌شى] ئۈچۈن» (‏ئە‌لچى.‏ 3:‏19)‏


12.‏ بۇ‌لۇ‌ت توغرىسىدىكى سېلىشتۇ‌رۇ‌شتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

12 يە‌ھۋا گۇ‌ناھلىرىمىزنى پۈتۈنلە‌ي كە‌چۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن يە‌نە بىر سېلىشتۇ‌رۇ‌شنى ئىشلە‌تكە‌ن:‏ «سېنىڭ گۇ‌ناھلىرىڭنى بۇ‌لۇ‌ت بىلە‌ن ياپىمە‌ن،‏ قويۇ‌ق بۇ‌لۇ‌ت بىلە‌ن گۇ‌ناھلىرىڭنى يېپىپ قويىمە‌ن‏»‏ (‏يە‌شايا 44:‏22)‏.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋا بىزنى كە‌چۈرگە‌ندە،‏ گۇ‌ناھلىرىمىزنى قويۇ‌ق بۇ‌لۇ‌ت بىلە‌ن يېپىلىپ،‏ كۆزگە كۆرۈنمە‌يدىغان بولىدۇ.‏

قويۇ‌ق بۇ‌لۇ‌تلار.‏

‏«سېنىڭ گۇ‌ناھلىرىڭنى بۇ‌لۇ‌ت بىلە‌ن ياپىمە‌ن» (‏يە‌شايا 44:‏22)‏


13.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ناھلىرىمىزنى كە‌چۈرگە‌ندە،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىمىز؟‏

13 بۇ سېلىشتۇ‌رۇ‌شلاردىن نېمىنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏ يە‌ھۋا گۇ‌ناھلىرىمىزنى كە‌چۈرگە‌ندە،‏ ئۆزىمىزنى يە‌نە داۋاملىق گۇ‌ناھكار ھېس قىلماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ يە‌نى،‏ ئۆتمۈشتە ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقىمىز ئۈچۈن ئۆمۈر بويى ۋىجدان ئازابى تارتىپ يۈرۈشنىڭ كېرىكى يوق.‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى گۇ‌ناھلىرىمىزنى،‏ يە‌نى خۇ‌دانىڭ ئالدىدىكى قە‌رزىمىزنى پۈتۈنلە‌ي يېپىپ قويىدۇ.‏ خۇ‌ددى ھېچقاچان گۇ‌ناھ ئۆتكۈزمىگە‌ندە‌ك بولىمىز.‏ ئە‌گە‌ر گۇ‌ناھلىرىمىزغا توۋا قىلساق،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى چىن دىلىدىن كە‌چۈرىدۇ.‏

يە‌ھۋا دوستلۇ‌قنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرىدۇ

قېرىنداش سىرتقا چىقىپ،‏ چوڭقۇ‌ر ئويلىنىۋاتىدۇ.‏

ئاسماندىكى ئاتىمىزنىڭ بىزنى كە‌چۈرگە‌نلىكى ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن دوست بولۇ‌شىمىزغا مۇ‌مكىنچىلىك بېرىدۇ (‏14-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏


14.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ بىزنى پۈتۈنلە‌ي كە‌چۈرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلالايمىز؟‏ (‏ ھە‌م قاراڭ)‏.‏

14 يە‌ھۋا بىزنى چىن دىلىدىن كە‌چۈرگە‌چكە،‏ بىز قايتا ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن دوست بولالايمىز.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ گۇ‌ناھلىرىمىز كە‌چۈرۈلسە،‏ ئۆزىمىزنى گۇ‌ناھكار ھېس قىلماسلىقىمىز لازىم.‏ يە‌ھۋا ئۆچ-‏ئاداۋە‌ت ساقلاپ،‏ بىزنى جازالاش ئۈچۈن پۇ‌رسە‌ت ئىزدە‌ۋاتىدۇ دە‌پ قورقۇ‌پ يۈرمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ ھە‌رگىز ئۇ‌نداق قىلمايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا بىزنى «كە‌چۈردۈم» دېسە،‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ سۆزىگە ئىشە‌نچ قىلالايمىز؟‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا ئاللىقاچان يە‌رە‌مىيا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق:‏ «مە‌ن ئۇ‌لارنىڭ خاتاسىنى كە‌چۈرىمە‌ن ۋە ئۇ‌لارنىڭ گۇ‌ناھىنى ئە‌سلا يادقا ئالماسمە‌ن»‏‏،‏—‏ دېگە‌ن (‏يە‌رە‌م.‏ 31:‏34)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س شۇ سۆزنى نە‌قىل كە‌لتۈرۈپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئۇ‌لارنىڭ گۇ‌ناھلىرىنى يە‌نە قايتا ئە‌سكە ئالمايمە‌ن» (‏ئىبرانىي.‏ 8:‏12)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ھۋا قايسى مە‌نىدە گۇ‌ناھلىرىمىزنى ئە‌سكە ئالمايدۇ؟‏

بۇ‌رادە‌ر ئاسمانغا قاراۋاتىدۇ.‏

‏«مە‌ن … ئۇ‌لارنىڭ گۇ‌ناھىنى ئە‌سلا يادقا ئالماسمە‌ن» (‏يە‌رە‌م.‏ 31:‏34)‏


15.‏ يە‌ھۋانىڭ گۇ‌ناھلىرىمىزنى ئە‌سكە ئالمايدىغانلىقى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

15 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ «يادقا ئېلىش» ياكى «ئە‌سكە ئېلىش» دېگە‌ن سۆز-‏ئىبارىلە‌ر پە‌قە‌تلا ئۆتمۈشتىكى بىرە‌ر ئىشنى ئە‌سلە‌ش ياكى شۇ توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاشنى بىلدۈرۈپ قالماي،‏ بە‌لكى يە‌نە ئە‌مە‌لىي ئىش-‏ھە‌رىكە‌تنىمۇ بىلدۈرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسانىڭ يېنىدا تۈۋرۈككە مىخلانغان جىنايە‌تچى:‏ «ئە‌يسا،‏ پادىشاھ بولغىنىڭدا مېنى ئە‌سلىگە‌يسە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن (‏لۇ‌قا 23:‏42،‏ 43)‏.‏ بۇ جىنايە‌تچى ئە‌يسادىن ئۇ‌نى ئە‌سلە‌شنىلا ئە‌مە‌س،‏ ھە‌رىكە‌ت قىلىشنى،‏ يە‌نى ئۇ‌نى تىرىلدۈرۈشنى سورىغان.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋانىڭ گۇ‌ناھىمىزنى ئە‌سكە ئالمايدىغانلىقى ئۇ‌نىڭ بىزگە قارشى ھە‌رىكە‌ت قىلمايدىغانلىقىنى،‏ يە‌نى گۇ‌ناھلىرىمىزنى كە‌چۈرگە‌ندىن كېيىن،‏ كېلە‌چە‌كتە جازالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.‏

16.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا گۇ‌ناھلىرىمىزنىڭ كە‌چۈرۈلۈشى نېمە بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌لغان؟‏

16 يە‌ھۋا بىزنى كە‌چۈرسە،‏ ئۆزىمىزنى ئە‌ركىن ھېس قىلىمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بۇ‌نى چۈشىنىشمىزگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن يە‌نە بىر سېلىشتۇ‌رۇ‌ش ئىشلىتىلگە‌ن.‏ بىز ھە‌ممىمىز گۇ‌ناھكار ۋە گۇ‌ناھ قىلىشقا مايىل تە‌بىئىتىمىز بولغاچقا،‏ بىزنى ‏«گۇ‌ناھنىڭ قۇ‌للىرى»‏ دە‌پ تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ يە‌ھۋا بىزنى كە‌چۈرگە‌چكە،‏ بىز ‏«گۇ‌ناھتىن ئازاد» قىلىندۇ‌ق (‏رىملىقلار 6:‏17،‏ 18؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 1:‏5)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ بىزنى كە‌چۈرگە‌ندە،‏ قۇ‌للۇ‌قتىن ئە‌ركىنلىككە ئېرىشكە‌ن كىشىگە ئوخشاش خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىققا چۆمىمىز.‏

بىر ئادە‌منىڭ قولىدىكى كىشە‌ن ئۈزۈلۈۋاتىدۇ.‏

‏«گۇ‌ناھتىن ئازاد [بولدۇ‌ڭلار]» (‏رىملىقلار 6:‏18)‏


17.‏ يە‌ھۋا بىزنى كە‌چۈرگە‌ندە،‏ قايسى مە‌نىدە ساقىيىپ كېتىمىز؟‏ (‏يە‌شايا 53:‏5)‏

17 يە‌شايا 53:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا گۇ‌ناھكارلار ساقايماس كېسە‌لگە گىرىپتار بولغان ئىنسانلار كە‌بى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ لېكىن،‏ ئۆز ئوغلىنى تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى سۈپىتىدە بېرىپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى ساقايتتى (‏1-‏پېتر.‏ 2:‏24)‏.‏ بىز گۇ‌ناھ قىلغاندا،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىز بۇ‌زۇ‌لىدۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ تۆلە‌م ئاساسىدا بىزنى كە‌چۈرگە‌ندە،‏ دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىمىز ئە‌سلىگە كېلىدۇ.‏ خۇ‌ددى ئېغىر كېسىلىدىن ساقىيىپ كە‌تكە‌ن ئادە‌مگە ئوخشاش،‏ بىزمۇ روھىي جە‌ھە‌تتىن ساقىيىپ،‏ قايتا يە‌ھۋا بىلە‌ن دوست بولغاندا،‏ ئىنتايىن خۇ‌شال بولىمىز.‏

كوللاژ:‏ ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈردى.‏ 1.‏ ئە‌يسا ئازاب تۈۋرۈكىدە.‏ 2.‏ بۇ‌رادە‌ر باغچىدا دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏

‏«ئۇ‌نىڭ يارىلىرى بىزنى شىپا تاپقۇ‌زدى» (‏يە‌شايا 53:‏5)‏


يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمى ھاياتىمىزغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

18.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى سېلىشتۇ‌رۇ‌شلاردىن يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمى توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏ (‏«يە‌ھۋا بىزنى قانداق كە‌چۈرىدۇ؟‏» ناملىق رامكىغا ھە‌م قاراڭ)‏.‏

18 يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمى توغرۇ‌لۇ‌ق بۇ ماقالىدە نېمىلە‌رنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏ ئۇ گۇ‌ناھلىرىمىزنى كە‌چۈرگە‌ندە،‏ پۈتۈنلە‌ي كە‌چۈرىدۇ ۋە كېلە‌چە‌كتە شۇ گۇ‌ناھلىرىمىز قايتا سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇ‌رمايدۇ ۋە بىزنى جازالىمايدۇ.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ بىز ئاسماندىكى ئاتىمىز بىلە‌ن يېقىن دوست بولالايمىز.‏ بىراق،‏ شۇ‌نى ئە‌ستىن چىقارمايلىكى،‏ يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمى —‏ ئۇ بىزگە بە‌رگە‌ن سوۋغات.‏ ئە‌سلىدە بىز بۇ سوۋغاتقا لايىق ئە‌مە‌س ئىدۇ‌ق،‏ لېكىن يە‌ھۋا بىزگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت كۆرسە‌تكە‌چكە،‏ ئۇ‌نىڭغا ئېرىشتۇ‌ق.‏—‏رىملىقلار 3:‏24.‏

ماقالىدە كۆرسىتىلگە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شلارنىڭ تە‌سۋىرى كۆرۈنۈشلىرى.‏ كوللاژ:‏ ئۇ گۇ‌ناھنى يوق قىلىدۇ.‏ 1.‏ «گۇ‌ناھىمنى قىلدىڭ كە‌چۈرۈم»:‏ بىر بۇ‌رادە‌رنىڭ يە‌لكىسىدىن ئېغىر يۈكنى ئېلىپ تاشلاۋاتقان قول.‏ 2.‏ «كۈن چىقىش كۈن پېتىشتىن يىراق بولسا قانچىلىك»:‏ كۈن پېتىش.‏ 3.‏ «سە‌ن بارچە گۇ‌ناھلىرىمنى ئارقاڭغا تاشلىۋە‌تتىڭ»:‏ يە‌ھۋا چوڭ ئېغىر تاغارنى ئۆز تە‌ختىنىڭ كە‌ينىگە تاشلىدى.‏ 4.‏ «سە‌ن بارچە گۇ‌ناھلىرىنى چوڭقۇ‌ر دېڭىز ئاستىغا تاشلايسە‌ن»:‏ چوڭ ئېغىر تاغار چوڭقۇ‌ر دېڭىزنىڭ ئاستىغا چۆكۈپ كە‌تتى.‏ كوللاژ:‏ ئۇ گۇ‌ناھلارنى يۇ‌يىدۇ.‏ 1.‏ «ئە‌گە‌ر گۇ‌ناھلىرىڭلار قىپقىزىل بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار قاردە‌ك ئاپئاق بولىدۇ»:‏ قېرىنداشنىڭ ئاپپاق كىيىمىگە قىزىل داغ چۈشكە‌ن.‏ كېيىن ئۇ داغ ئىزناسى قالمىغان شۇ ئاپئاق كىيىمىنى كىيگە‌ن.‏ 2.‏ «گۇ‌ناھلىرىمىزنى كە‌چۈرگە‌يسە‌ن»:‏ بىر بۇ‌رادە‌ر سۆزلە‌ۋاتقاندا،‏ بىرسى بىر پارچە قە‌غە‌زنى يىرتىۋاتىدۇ.‏ 3.‏ «گۇ‌ناھلىرىڭلارنىڭ كە‌چۈرۈلۈشى [ياكى،‏ يۇ‌يۇ‌لۇ‌شى] ئۈچۈن»:‏ بىر پارچە قە‌غە‌زدىن يېزىقنى نە‌م لاتا بىلە‌ن ئۆچۈرۈۋاتقان قول.‏ 4.‏ «سېنىڭ گۇ‌ناھلىرىڭنى بۇ‌لۇ‌ت بىلە‌ن ياپىمە‌ن»:‏ قويۇ‌ق بۇ‌لۇ‌تلار.‏ كوللاژ:‏ ئۇ ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌تنى ئە‌سلىگە كە‌لتۈرىدۇ.‏ 1.‏ «مە‌ن … ئۇ‌لارنىڭ گۇ‌ناھلىرىنى ئە‌سلا يادقا ئالماسمە‌ن» 2.‏ «گۇ‌ناھتىن ئازاد [بولدۇ‌ڭلار]»:‏ بىر ئادە‌منىڭ قولىدىكى كىشە‌ن ئۈزۈلۈۋاتىدۇ.‏ 3.‏ «ئۇ‌نىڭ يارىلىرى بىزنى شىپا تاپقۇ‌زدى»:‏ ئە‌يسا ئازاب تۈۋرۈكىدە.‏ باشقا رە‌سىمدە،‏ بۇ‌رادە‌ر باغدا دۇ‌ئا قىلىۋاتىدۇ.‏

19.‏ (‏1)‏ بىز يە‌ھۋاغا نېمە ئۈچۈن مىننە‌تدار؟‏ (‏رىملىقلار 4:‏8)‏ (‏2)‏ كېيىنكى ماقالىدە نېمە توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

19 رىملىقلار 4:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋانىڭ گۇ‌ناھلىرىمىزنى چىن دىلدىن كە‌چۈرگە‌نلىكى ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭغا چە‌كسىز مىننە‌تدارمىز!‏ (‏زە‌بۇ‌ر 130:‏4)‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمىگە ئېرىشىشنى خالىساق،‏ بىز مۇ‌ھىم بىر ئىشنى قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سىلە‌ر باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىنى كە‌چۈرمىسە‌ڭلار،‏ ئاسماندىكى ئاتاڭلارمۇ سىلە‌رنى كە‌چۈرمە‌يدۇ» (‏مە‌تتا 6:‏14،‏ 15‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ بىز خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىپ،‏ باشقىلارنى كە‌چۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ باشقىلارنى كە‌چۈرۈش ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلىشىمىز كېرە‌كلىكى توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  •  مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋانىڭ گۇ‌ناھلىرىمىزنى پۈتۈنلە‌ي ئېلىپ تاشلايدىغانلىقى قانداق تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن؟‏

  •  يە‌ھۋانىڭ گۇ‌ناھلىرىمىزنى پاكىزە ئۆچۈرۈپ يوق قىلىۋېتىدىغانلىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

  •  يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمى ھاياتىڭىزغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

2-‏ناخشا تە‌شە‌ككۈر يە‌ھۋا!‏

a  ئىبرانىيچە يازمىلارنىڭ ئە‌سلى نۇ‌سخىسىدا «ھە‌قىقىي كە‌چۈرۈم» دېگە‌ن سۆز-‏ئىبارە ئىشلىتىلگە‌ن.‏ بۇ ئايە‌تتە تىلغا ئېلىنغان كە‌چۈرۈم چىن دىلدىن كە‌چۈرۈشنى ئىشارە‌ت قىلغان بولۇ‌پ،‏ باشقا شە‌كلىدىكى كە‌چۈرۈشتىن پە‌رقلىق.‏ بە‌زى تە‌رجىمىلە‌ردە،‏ زە‌بۇ‌ر 130:‏4-‏ئايە‌تنىڭ تە‌رجىمىسىدە بۇ نۇ‌قتىغا سە‌ل قارالغان.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش